”يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش“نى ئۆگىنىۋىلىڭ

 

”يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش“نى ئۆگىنىۋىلىڭ

 

ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۆزنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرى شۇنداقلا تۇرمۇش تەجىربىلىرىنى كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن،ئامال بار ئەڭ چۈشىنىشلىك،ئەڭ ئاددى ئۇسۇللار بىلەن بىزگە مىراس سۈپىتىدە قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن.خەلق ئىغىز ئەدەبىياتىمىزدا ئۆزگىچە ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان ماقال-تەمسىللەر نەق مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگەن بىر ئالاھىدە تۈر ھېساپلىنىدۇ.بىز ئەتىراپىمىزدا دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان،ئاغزاكى نۇتۇقلىرىمىزدا نەقىل قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان بۇ ماقال-تەمسىللەر قارىماققا ئىنتايىن قىسقا،ئىخچام بولىسىمۇ،ھەر بىرى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىبرەتلىك كەچۈرمىشلىرىنىڭ،تەجىرىبە تەتقىقات جەريانىلىرىنىڭ شاھىدىدۇر.شۇڭىلاشقا ھەر بىر ماقال-تەمسىلدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان پەلسەپىۋىي پىكىر ھەر بىرىمىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان بۇ شەكىل كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆز ئەجداتلىرىغا بولغان قايىللىق ھېسىياتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرىمىز خېلى ياخشى بولدى،ئارقا-ئارقىدىن بۇ ھەقتىكى كىتاپ ۋە لۇغەتلەر ئىشلىنىپ،بىزنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۇردانە پىكىرلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا“ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلىرى“دېگەن كىتاپ قولۇمغا چىقىپ قالدى.مەن بۇ كىتاپنى بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ بولغان بولساممۇ،يەنىلا بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە باشتىن ئاخىر كۆرۈشكە باشلىدىم.بۇرۇن بۇ كىتاپنى كۆرگەندە ھەر بىر ماقال-تەمسىلگە ئادەتتىكىچە نەزەر بىلەن قاراپ،پەقەت ئۇلارنىڭ نېمە مەنە بىلدۈردىغانلىقىغىلا دېققەت قىلىپ مېڭىپتىكەنمەن.بۇ قېتىم ھەر بىر ماقال-تەمسىلدە يۇشۇرۇنغان تەربىيىۋى پىكىر،پەلسەپىۋى چۈشەنچە،مىللىي ۋە يەرلىك خاراكتىر،تىل ئالاھىدىلىك قاتارلىق تەرەپلەرنى ئويلاشقان ئاساستا بىر كۆرۈپ چىقتىم.بۇ قېتىمقى تەسىراتىم باشقىچە بولدى،ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن خۇددى قىممەت باھالىق ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بىر خىل يېنىكلەپ،كۆڭلۈم كۆتۈرلۈپ قالدى.بۈگۈن بۇ يەردە پەقەت ئۆزۈمنىڭ“يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش“دېگەن تەمسىل ھەققىدىكى ئويلىرىمنى كۆپچىللىك بىلەن ئورتاقلىشىپ كۆرمەكچى. ”يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش“-ھەر ئادەم تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا،ماددى شارائىتىغا،كۈچ-مادارىغا يارىشا ئىش كۆرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.ئۇنىڭ يەنە“يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنماق“،“يوتقانغا بېقىپ پۇت ئۇزاتماق“دېگەنگە ئوخشاش شەكىللىرىمۇ بار.ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە يەنە“ھالىڭغا بېقىپ ھال تات،خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تات“دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەرمۇ مۇشۇ پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەمسىللەر جۈملىسىگە كىرىدۇ.بىز“يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش“دېگەن تەمسىلنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان پىكىرنى ئويلاشتىن ئاۋال،ئۇنىڭ تاشقى پوستىغا قاراپ باقايلى. يوتقان-كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناھايىتى موھىم رول ئوينايدىغان،ھەر كۈنى ئۇخلىغاندا يېپىنىش ئۈچۈن رەختنى ئەنلەپ،ئارىسىغا پاختا قويۇپ تىكىلگەن يېپىنچا.ئۇنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىدىكى ئاساسلىق رولى كىشىلەرنى ئوخشىمىغان ھاۋا شارائىتىغا قاراپ ئىسىقلىق بىلەن تەمىنلەش.ئۇلارنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى،ياخشى ئارام ئېلىپ،كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارتىپ بېرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر.ئەمەلىي شارائىتتىن يوتقاننىڭ رولىغا باھا بېرىدىغان بولساق،ئۇنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ ناھايىتى موھىم ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.يوتقان يالغۇز بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزنى قوغداپلا قالماستىن يەنە ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەلۇم نەسىھەت خاراكتىرلىق پىكىرلىرىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولغان.ئەجداتلىرىمىز ئۆزى كۈندە ئىشلىتىۋاتقان بۇ تۇرمۇش بويۇمىغا سەل قارىماستىن ئۇنىڭدىكى ئادەمگە مەنپەئەت ۋە پايدا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكنى چىڭ تۇتۇپ،ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىسپاتلاشتا ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان بۇ تۇرمۇش بويۇمىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان.مانا بۇ ئەجداتلىرىمىزدىكى شەيئىلەرنىڭ ئىنچىكە ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ،ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەتلەرنى بايقاش،ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ماھىر بولغانلىقىنىڭ نامايەندىسى. بەزىلەر بۇرۇنقى كىشىلەر ھازىرقى ئادەملەردەك ئەقىللىق ئەمەس دەپ قارايدۇ.مېنىڭچە بۇ پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمە قاراش.بۇرۇنقى ئادەملەرنىڭ ياشاش جەريانى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يېڭى ئىجادىيەت جەريانى،يەنى يوق نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش.ھازىرقى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ نۇرغۇن ئىجادىي نەرسىلەر بار،ئەمما كۆپىنچىلىرى بۇرۇنقىلارنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسىدا ئاندىن يېڭى نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ھېچبولمىغاندە قەدىمكىلەر ھازىرقى كىشىلەرنى مول تەسەۋۇر مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن.ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى غايىۋى تەسەۋۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رىئال نەرسىلەرگە ئايلىنىشى بىزگە بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەمدى“يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش“دېگەن تەمسىلدە ئىپادىلەنگەن مەنىۋى قاتلام ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ باقايلى.بىز يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك،بۇ تەمسىل ئەمەلىي شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەكلىكى،ئۆز ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ،قانائەتچان بولۇش،ئاچكۆزلۈك قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.ئەمدى بىز ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە دۇنياقاراشلىرى،ئەمەلىي ئەھۋالىي نوقتىسىدىن بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ جەمىيەتمۇ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدى.كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى.خەلقمىز ئاساسىي جەھەتتىن قورسىقى تويىدىغان،كىيمدىن غەم قىلمايدىغان بولدى.كىشىلىرىمىزنىڭ قولىدا ئېشىنچە بايلىقلارنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ،نۇرغۇن ئالدىن بېيىغان بايلار بارلىققا كەلدى. ئەمدىكى گەپ بۇ كىشىلەرنى ئۆز بايلىقلىرىنى قانداق سەرپ قىلىش مەسىلىسىدە قالدى.ئاتا-بوۋىلىرىمىز“پۇل تاپقىچە ئەقىل تاپ“دېگەن ماقال ئارقىلىق بىزنىڭ بايلىقلارنى سەرپ قىلىش،ئىشلىتىش يولىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلەرنىڭ بارلىقىدىن بىشارەت بەردى.زامان ياخشىلاندى،گەرچە بىزدە بەزى كىشىلەر ئالدىن بېيىغان بولسىمۇ،نۇرغۇنلىرى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرمەي،ئىلكىدىكى بايلىقلارنى تېزلا قولدىن چىقىرىپ قويدى.بەزىلىرى بايلىقلارنى ساقلاشتا ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىنى خالىغانچە كۆپەيتتى.مەسىلەن:ئېسىل ئولتۇراق ئۆيلەرنى سېتىۋىلىش،ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلارنى ئېلىش،ياخشى يىيىش،ياخشى كىيىش،جەمىيەتنىڭ ھەر قايسىي قاتلاملىردىكى يۇقىرى سەۋىيەنى قوغلىشىش قاتارلىقلار.ئەلۋەتتە قولىدا ئېشىنچە پۇلى بارلارنىڭ بۇخىل يۇقىرى ئىستىمالنى قوغلىشىشى تەبىئى ئەھۋال.لىكىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىدىكى بايلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ تۈپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر بارا-بارا جەمىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلىنىپ،كىيىنچە نۇرغۇن كىشىلەر يىتىشنى ئويلايدىغان ئالىي نىشانغا ئايلىنىپ قالدى.ئادەملەردىكى ئەسلىدە قاندا بار بولغان شۈكۈر قانائەت قىلماسلىق،ئابروي قوغلىشىشقا ئوخشاش پىسخىك كېسەللىكلەر نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ تېز بېيىش،تېز ئابرۇي تېپىش ئىستىگىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئەجداتلىرىمىز قالدۇرغان“يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش“دېگەن تەمسىل كىشىلىرىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىدىن ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ بېرىشقا باشلىدى.بۇ خىل سۇسلىشىنىڭ ھازىرقى كىشىلىرىمىزگە ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىنى نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە بولىدۇ. مەسىلەن:ھازىر ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن ئۆزىگە تەۋە بولغان موقىم تۇرالغۇ سېتىۋىلىش ۋە تۇرمۇشلۇق بولۇش ئۇلارنىڭ كىيىنكى ھايات مۇساپىسىدىكى تۇرمۇش يولىنى بەلگىلەيدىغان موھىم ئامىل بولۇپ قالدى.تۇرالغۇ باھاسىنىڭ ھەسىلەپ ئۆسىشى ھازىرقى ئىقتىسادى ئاساسىي دېگەندەك پۇختا بولمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بېلىنى مۈكچەيتسە،ياشلارنى“ئوي ئالايمۇ،ئۆيلىنەيمۇ،ئۆلىۋالايمۇ“دېگەندەك مۇدھىش خىياللارنى سۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە“ئۆلىمەن دېسە،مىنىۋالاي دەيدۇ“دېگەندەك تۇرمۇشلۇق بولۇش ئۈچۈن بېجىرىلدىغان رەسمىيەتلەر بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىپ،ئۆي غېمىدە قۇلىقى سالپىيىپ كەتكەن ياشلىرىمىزنىڭ بېشىنى تېخىمۇ ساڭگىلتىۋەتتى.بارلىق تاپقان تەرگىنىنى تۇرمۇشلۇق بولۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان،ھەتتا بۇ جەرياندا ئۇ يەر بۇ يەرگە بىر تالاي قەرز بولۇپ كەتكەن ياشلار تويدىن كىيىن“ئوي تۇتساڭ بالادا،تۇتمىساڭ تالاداقالىسەن“دېگەن خۇلاسىگە چىنپۈتۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى بىر نەچچە يىلنىڭياقى ھازىرقى زامانىۋى تەرەققىياتنىڭ موھىم بىر بەلگىسى بولغان قاتناش ۋاستىلىرىدىكى تەرەققىيات جەمىيىتىمىزدە ماشىنىغا قىزىقىش،تېخىمۇ كۆپ راھەت كۆرۈش ئارزۇسنى پەيدا قىلدى.شۇنىڭ بىلەن“قوڭۇمدا ئىشتان يوق ئېتىم ماجان بۈۋى“دېگەندەك بىر تالاي قەرزگە بوغۇلۇپ ماشىنا سېتىۋالدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى.يېقىندا بىر سۇرۇندا مەلۇم ناھىيىنىڭ مەملىكەت بويىچە نامرات يېزا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بىز يىزىسىدا بولىۋاتقان بىر ئىش ھەققىدە پاراڭ بولدى.بۇ يەر ناھىيە بازىرىغا يىراق بولغاچقا،بۇرۇن قاتناش قولايسىز ئىدى.بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر تاكى ھازىرغىچە ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش فوندىغا قاراشلىق.كىيىن ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن بۇ جايدا يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا ھەر قايسى جەھەتلەردىن خىلى كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى.بۇ يەردىكى كىشىلەر بۇرۇن ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى،كىيىن بارا-بارا موقىم ئولتۇراقلىشىپ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.قاتناش يوللىرى راۋان بولغاندىن كىيىن،ئالغان مەھسۇلاتلىرىنى ئاز-تولا سېتىپ قولى پۇلمۇ كۆردى.ئەزەلدىن قولى بۇنچە كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىچىسى پۇلنى قانداق خەجلەش ئۈستىدە قىلچە ئويلىنىپ كۆرمەستىنلا تىز سۈرەتتە باشقا جايدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە يىتىشنى قوغلىشىپ،ئەمدىلا تاپقان پۇللىرىنى زامانىۋى ئائىلە سايمانلىرى،موتۇسىكىلىت ئېلىش،بەسلىشىپ ئۆي سېتىۋىلىشقا ئىشلىتىتىشكە باشلىدى.نەتىجىدە نۇرغۇنلىرى بىر-ئىككى يىلدىلا قوللىردىكى پۇللىرىنى قورۇقداپ قويدى.ئەمدى قولىدا قالغىنى پەقەت ئۆزى ئېچىۋالغان يەرلا قالغانىدى.ئۇلار ئۆزىنى ئەمدى توختىتىپ تۇرىشىغا ماشىنا ئېلىش قىزغىنلىقىنىڭ شامىلى بۇ يەرگىمۇ يىتىپ كەلدى.“ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلقىنى كەس“دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى باشقىچە چۈشىنىدىغان بۇ كىشىلەر قولىدا پۇلنىڭ يوقلىقىغا قارىماي،بىر-بىرىگە قاراپ يەرلىرىنى گۆرۈگە قويۇش،جازانىخورلاردىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش يوللىرى بىلەن توپىلىق يولدا ئالى دەرىجىلىك ماشىنىلارنى ھەيدەپ يۈرىدىغان بولدى.ماشىنىلارنى بىر نەچچە يىل ھەيدەپ يۈرگەندىن كىيىن قەرزلەرنى قايتۇردىغان ۋاقىتمۇ توشۇپ قالدى.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟نۇرغۇنلىرى قۇڭىغا پوقى كەپلىشىپ كەلگەندىلا بۇ ھەقتە ئويلىنىشقا باشلىدى.بەزىلىرى ئامال يوق يەرلىرىنى قەرز ئىگىلىرىگە بېرىپ ئاران قۇتۇلدى.بەزىلىرىنىڭ يەرلىرىمۇ قەرزگە چىقىشماي قالدى.ماشىنا دېگەن بۇ نەرسە ئۆستەڭدىكى سۇنى قۇيسا ماڭىدىغان نەرسە ئەمەستە؟چاقى ھەر بىر قېتىم چۆگىلىگەندە پۇل دەپ چۆگلەيدۇ-دە.شۇنىڭ بىلەن ئازراق يەر ئېچىپ قولى ئەمدىلا پۇل كۆرگەن بۇ“بايلار“ئۇزۇن ئۆتمەيلا گادايغا ئايلىنىپ قالدى.بەزىلىرى باشقىلارغا ئىشلەيدىغان مالايلارغا ئايلىنىپمۇ ئۈلگۈردى.ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىگە ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزدىغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ پۇل خەجلەش ئوبىكتى بولسا بولاتتى.بۇ يەردە ھازىرغىچە توك موقىم ئەمەس،لىكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە تېلىۋىزۇرغا ئوخشاش ئائىلە سايمانلىرى بار.بۇ يەردە تېلىگىراف ئالاقىسى ئىشلىگىلىمۇ تېخى بىر يىلدىن ئاشتى.بەش-ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ يەردە يان تلېفۇننىڭ سىگىنالى يوق چاغ ئىدى. بىر ئىش بىلەن ئۇ يەرگە بارغان ئىدىم.قاراپ باقسام نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يانفۇنى بار ئىكەن“بۇ يەردە تېلىفۇن ئىشلىمىسە ،يانفۇننى نېمە قىلىسىلەر“ دەپ سورىدىم ھەيران بولۇپ.بۇ سۇئالىمغا بەزىلەر“ ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك بۇ نېمىسى بار ئىكەن بىزدە بولمىسا قانداق بولىدۇ؟بىز بۇنى كۆپىنچە بازارغا بارغاندا ئىشلىتىمىز،بولمىسا ئادەتتە سائەت ئورنىدا ئىشلىتىمىز“دەپ جاۋاپ بەردى.بۇ يېزا بىلەن ناھىيىنىڭ ئارلىقى 180كىلومىتىر ئەتىراپىدا بولۇپ كىشىلەرنىڭ ناھىيە بازىرىغا كىرى-چىقىش پۇرسىتى ئانچە كۆپ ئەمەس.شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا يانفۇننىڭ مەرىدىن كېچەلمەي،بىكاردىن بىكار مۇلازىمەت ھەققى تۆلەپ ياشايدىكەن.ئۇلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش ئېلىمىتلىرىنى ئۆز تۇرمۇشىغا ئەكىرىشكە تىرىشىشى ياخشى ئىش.ئەمما،ھەممە ئىش ئالدى بىلەن ئۆز ئېھتىياجىغا بېقىپ بولىشى كېرەكتە. دېمەك بىزنىڭ ئۆز تۇرمۇش سەۋىيىمىزدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن تۇرمۇش ئىستىمالىمىز بىزنى“ياشاشنىڭ ئۆزى جاپا-مۇشەقەت ۋە ئازاپ-ئوقۇبەت“دەيدىغان سوغۇق تەسىراتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالدى.نەتىجىدە ھاياتقا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان،تۇرمۇشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان كىشىلىرىمىز بارغانسىرى ئازىيىشقا باشلىدى.كىشىلەرنىڭ ياشاش ئىرادىسىگە بېرىلگەن بۇ زەربىلەر ئاغزىدا كۈلكە،ئىچىدە ئەلەم تۇشۇپ كەتكەن بىر بۆلۈك كىشىلىرىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپچى بولدى.مېنىڭچە بۇنى ئاكتىپ خاراكتىردىكى ئىلگىرلەش دېگەندىن كۆرە،“ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىش“دېگەن تۈزۈك. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆزۈم دەرس بېرىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى بىلەن ھازىرقى ئىقتىسادى كىرزىس توغىرلۇق قىسقىچە پاراڭلىشىپ قالدۇق.ئۇ گېپىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋىتىپ:ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئاچكۆزلىكى بۇ قېتىمقى كىرزىسنى پەيدا قىلدى.چۈنكى نۇرغۇن ئادەملەر ئۆز تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن ھالقىغان تۇرمۇشنى ھەدەپ قوغلاشتى.مەيلى ئۆي ئېلىش،ماشىنا ئېلىش جەھەتلەردە بولسۇن،ئۆزى تاپقان پۇلغا قاراپ ئىش قىلماي،ھەممىنى بانكىدىن قەرز ئېلىش يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلدى.ئۇلار ئۆزلىرى تېخى تاپمىغان پۇلنى ئالدىنئالا خەجلەپ بولدى.بانكىلارمۇ كىشىلەرگە قەرز بېرىشتە چەك قويمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىدا خىزمەت ئورنى بۇ يەردىكىگە ئوخشاش موقىم بولمىغاچقا،ئەگەر بىر ئادەم ئىشلەۋاتقان خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالسىلا،ئۇ بانكا قەرزىنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالاتتى.مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دۆلىتىمىز ھازىر ئىقتىسادى جەھەتتە ئېغىر كۈنگە قالدى“دېدى.ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى دۇنيا ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ كېلىپ چىقىشىنى“ئاچكۆزلۈك“تىن ئىبارەت بۇ نوقتىغا يىغىنچاقلىشى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.چوڭ جەھەتتە ئامېركىدىكى ئىقتىسادى كىرزىس بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش؛كىچىك جەھەتتە ئادەتتىكى بىر ئائىلىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى تۈپكى سەۋەپ بىر ئىكەن.يەنى،“يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمىغانلىق“تىن ئىكەن. بىز چوقۇم باشقىلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز،ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا بېقىپ ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز،ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىراس قالدۇرغان“ئارتۇق دۆلەت باشنى يارماس“،“ئاق تەڭگەم قارا كۈنۈمگە ئەس قاتار“،“ئاسقۇدا بىر جىڭ گۆش،يېمىسەممۇ ئەسقاتار“،“باداڭدا ئېشىڭ بولسا كۆڭلۈڭ توق“،“پۇرۇچ يىغساڭ،تون بولار“،“توقلۇقتا ئاچلىقنى ئۇنۇتما،بېيىغاندا مۇھتاجلىقنى“،“قۇشۇقلاپ يىغقىنىڭنى چۆمۈچلەپ تۆكمە“،“كېرەك نەرسەڭنى كۈندە يىغ،ھېچ كىشىگە زارلانما“،“ئۆتەڭگە يەتمەي ناننى تۈگەتمە،ئورما كەلمەي ئېشىڭنى“،“بايلىق تېجەشتىن،نامراتلىق چېچىشتىن“دېگەندەك قىممەتلىك نەسىھەتلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ؛“باردا پۇلدۇرۇڭ،پۇلدۇرۇڭ،يوق ۋاقىتتا قاراپ ئولتۇرۇڭ“،“بار چاغدا توق يەپتۇ،يوق چاغدا پوق يەپتۇ“،“قورساق تويسا غەم يوق،قورساق ئاچسا نان يوق“دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقشىغا يول قويماسلىقىمىز.“چىنە بولسا دەزى بولمىسا،يىگىت بولسا قەرزى بولمىسا“دېگەن ئۇدۇمنى ئۇنۇتماي“بار دەپ يەۋىرىپتىمەن،تۈگەرىنى بىلمەپتىمەن“دەپ پۇشايمان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.چوڭلاردا يەنە“بىر چوڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا،بىر كىچىكنىڭ“دېگەن ھېكمەتمۇ بار،مەن ھازىر تېخى چوڭلار قاتارىدىن ئورۇن ئالمىدىم،كىچىك بولساممۇ،ئۆزۈمچە بىر نەرسىلەرنى جۆيلۈپ باقتىم.ئەگەر پايدىلىق دەپ قارىساڭلار ئاڭلاپ قويارسىلەر.

 

2009-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنى -لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=235

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-08-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: