پەسىل ناخشىسى

مەن ئەزەلدىن بالىلار شېئىرى يېزىپ باقمىغان. ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرى چوڭ ئوغلۇمنىڭ سىنىپ مەسئۇلى تۇيۇقسىز تېلېفۇن قىلىپ، يېقىندا قوش تىلدا شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسى بارلىقىنى، خەنزۇچە شېئىرنى ئاللىقاچان تاپقانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇرچە شېئىرنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە ماڭا تۆت پەسىل توغرلىق بىرىنچى يىللىقنىڭ بالىلىرىغا ماس كېلىدىغان بىر پارچە شېئىر يېزىشنى تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ۋەزىپىنى ئورۇندايمەن، دەپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يازدىم. كېيىن بالىلىرىمىز  خەنزۇچە شېئىر ( تاڭ دەۋرىدىكى شېئىركەن، مەنمۇ كۆرۈپ باقمىدىم، نېمە مەزمۇندا ئىكەنلىكىنى) بىلەن مۇنۇ شېئىرنى كىرىشتۈرۈپ دېكلىماتسىيە قىلىپ، سەككىز خەنزۇ سىنىپ ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ بىرىنچىلىكنى ئاپتۇ.  ئەلۋەتتە ، بۇ شېئىرنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق بولغان بولىشى ناتايىن. ئاساسلىق تۆھپە يەنىلا يېتەكلىگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈپ دېكلىماتسىيە قىلالىغان ئوماقلىرىمىزغا تەۋە.  بۇگۈن كومپىيوتىرىمدىكى ماتىرىياللارنى رەتلەۋىتىپ، بۇ شئىېرغا كۆزۈم چۈشتى. شۇڭا دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. قېنى، تەنقىدىي پىكىر بېرەرسىلەر.

پەسىل ناخشىسى

(بالىلار شېئىرى)

كەلدى باھار ئۆزگىچە،

ئەگىزلەرنى ئېقىتىپ.

كۈلدى مايسا خۇش بولۇپ،

چاپتى تايچاق قىيغىتىپ.

كەلدى يازمۇ باشقىچە،

يېشىل تونغا پۈركۈنۈپ.

پىشتى ھەر خىل مېۋىلەر،

ئىسسىق چاغقا ئۈلگۈرۈپ.

ئەنە كەلدى كۈز كۈلۈپ،

بەرىكەتلەر ياغدۇرۇپ.

دېھقان تاغام يايرىدى،

تەردىن ھەسەل تامدرۇپ.

قىش بوۋاممۇ كېپ قاپتۇ،

ئاپپاق توننى يېپىنىپ.

مەن ئوينىدىم قار توپى،

دوستلىرىمغا قېتىلىپ.

تۆت پەسلىمىز ئىناقكەن،

قالماس ئىكەن ئۇرۇشۇپ.

كېلىڭ بىزمۇ ئۇلاردەك.

دوست بولايلى تونۇشۇپ.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3623

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-02-02
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 1دانە
  1. بۇ شېئىرىنىمۇ ياقتۇردۇم

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: