قەدىمقى كرورەن دولىتىدىكى ئادەملەرنىڭ سىرى

ۋاقتى: 2011-08-07 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 141 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

قەدىمقى كرورەن دولىتىدىكى ئادەملەرنىڭ سىرى

 

لوپنۇر كۇلى شىنجاڭنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇلۇپ ، ئىلگىرى مەملىكىتىمىزدىكى  ئىككىنچى چوڭ تۇزلۇق كول ئىدى 20 -ئەسىرنىڭ 20 -30 -يىللىرى جۇڭگو شىۋىتسىيە بىرلەشمە قېدىرىپ تەكشۇرۇش ئەترىتى بۇيەرگە كىلىپ بىپايان كوز يەتكۇسىز كەڭلىكتىكى سۇپ سۇزۇك كول سۇيىنى كۇرۇپ ،  قېيىق بىلەن كولنىڭ ئوتتۇرسىغا بېرىپ چوڭ -چوڭ بېلىقلار تۇتۇشقان ئىدى 50 – يىللارغا كەلگەندىمۇ كولنىڭ ھەجمى يەنىلا 2000 كىۋادىرات كىلومىتىردىن ئارتۇق ئىدى .. ئەمما بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە بولسا كولدىكى سۇ بىر تىمىىممۇ قالماي قۇرۇپ ، قاقاسلىشىپ يەر شارىدىكى ئەڭ قۇرغاق رايۇننىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى ئالا ھەزەل بۇنىڭ 2000 يىل ئىلگىرى مۇشۇ لوپنۇر كۇلىنىڭ بۇيىدىكى قەدىمى يىپەك يۇلدىكى قەدىمقى كرورەن دولىتى  ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىينىيىتىدە بىر مەھەل گوھەر دەك جۇلالىنىپ تۇرغان ،، كىيىن يىللارنىڭ ئۇتىشى بىلەن بۇ گوھەر دولەت بارا-  بارا  رەھىمسىز قۇم دېڭىزىغا غەرىق بۇلۇپ كەتكەن،،    بەلكىم لوپنۇر كۇلى جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە بولغاچقا  ئىنسانلار قۇم بوراننىڭ  ئۇچۇرتىشى ۋە يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدىكى  قۇياش نۇرىنىڭ كۇچلۇك قىزىتىشى  تۇپەيلى بۇ جايدا ياشاشقا ئامالسىز قېلىپ ياقايۇرۇتلارغا كۇچۇپ كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن نەتىجىدە 20 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر  كەڭلىكتىكى لوپنۇر رايۇنى ئادەمسىز  چوللۇككە ئايلىنىپ . چەكسىز كەتكەن قۇم ئېدىرلىرى بىلەن قەدىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

 بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئارخىلوگلار ئەنە شۇ چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتىن نۇرغۇنلىغان جەسەت ۋە خەت پۇتۇلگەن ياغاچ تاختىلارنى تاپتى گەرچە بۇ يادىكارلىقلار ئۇزۇن يىللىق بوران چاپقۇن، قار شىۋىرغانلارنى باشتىن كەچۇرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئىنتايىن مۇككەمەل ساقلىنىپ قالغان.1979 -يىلى شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن تەشكىللەنگەن قېدىرىپ تەكشۇرۇش ئەترىتى لوپنۇر كۇلىدىن شەرىققە قاراپ 70 مىتىر كىلىدىغان جايدىن شەكلى ئوزگىچە كەلگەن 42 قەدىمى قەبرە تاپقان بۇ قەبرىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئالتىسىنىڭ ئەتراپىغا ھالقا شەكلىدە رەتلىك تىزىلغان  ياغاچ قۇزۇقلار قېقىلغان .. قالغان 36 قەبرىنىڭ شەكلى ئاددىيراق بۇلۇپ ھىچقانداق ھالقا شەكلىدە تىزىلغان ياغاچ قۇزۇقلار يوق ئىكەن شەكلى ئادىيراق كەلگەن قەبرىلەرنىڭ بەزىللىرى ھالقا شەكىلدىكى ياغاچ قۇزۇقلىرى بار قەبرىنىڭ ئاستىغا ئۇستى-ئۇستىلەپ كۇمۇلگەن ،، ئارخىلوگلارنىڭ ئېيتىشىچە ھالقا شەكلىدىكى ياغاچ قۇزۇقلار تىزىلغان قەبرىنىڭ ياسالغان ۋاختى ئىككىنچى  بىر قەبرىلەرگە قارىغاندا خېلى بۇرۇنراقكەن،  قەبرىدىن قىزۋېلىنغان جەسسەتلەرمۇ تۇلۇق كىيىنگەن بېشىغا كىگىز قالپاق كەيدۇرۇپ قۇيۇلغان بۇلۇپ قالپاقنىڭ چوققىسىغا بىر نەچچە تال يىپ تىكىپ قۇيۇلغان ، ئارخىلوگلار بۇنداق غەلىتە يۇسۇندىكى كىيىم كېچەكلەرنى كۇرۇپ ئىنتايىن ھەيران قالغان ،  قەبرىدىكى مىللەتلەر ،، قايسى ئېرىققا مەنسۇپ كىشىلەر ؟ ئۇلارنىڭ قەبرىگە كۇمۇلگنىگە قانچە يىللار بولغان ؟  ئارخىلوگلار مانا مۇشۇنداق تۇرلۇك گۇمانى سۇئاللارنىڭ تۇرتكىسىدە  زامانىۋى پەن- تېخنىكا ۋاستىسى بىلەن قەبرىدىكى ياغاچلارنىڭ كاربون 14 ئىزوتوپلۇق يېشىغا ئاساسەن  جەسسەتلەرنىڭ بۇنىڭ 4400 يىل ئىلگىرى كۇمۇلگەنلىگىنى ئېنىقلاپ چىققان ،، جەسسەتلەرنىڭ قايسى دەۋىرگە تەۋە ئىكەنلىگى توغرىسىدا مۇتەخەسىسلەر قەبرىدىن بىرەرمۇ ساپال بۇيۇم ، پار پۇر ساپال قاچا ياكى قورال سايمانغا  ئوخشاش نەرسىلەر تېپىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ،، ھەر تەرەپلىمە ئانالىز قىلىش ئارقىللىق ئۇنىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويغان ،،

ئىككى ئايدىن كىيىن جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ  ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكىلەر 23 -نۇمۇر لۇق قەبرىدىن چىققان  ياغاچ بىلەن يۇڭ  رەخىتتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق  ھالقا شەكىللىك قۇزۇق تىزىلغان قەبرىنىڭ بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى كۇمۇلگەنلىگىنى ئىككىنچى بىر شەكلى ئاددىيرراق  كەلگەن قەبرىنىڭ 4000 يىل ئاۋال كۇمۇلگەنلىگىنى ،  ئىككى قەبرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى مىڭ يىللىق  پەرق بارلىغىنى ئېنىقلاپ چىققان ، ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئەھۋال ؟  بۇ ھەقتە بەزى مۇتەخەسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىغان ؛  ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەر جەسەت ساندۇقىنى ئوزىدىن  1000 يىل ئاۋالقى قەدىمىي ياغاچ ماتىر ياللاردىن ياسىغان،،  دىمەك بۇ ئەھۋاللار نەچچە مىڭ يىل ئىلگىركى لوپنۇر كۇلى ئەتراپىدا بۇك باراقسانلىق قەدىمىي ئورمانلىقنىڭ بارلىغىنى ئىسپاتلايدۇ؛  ئەمما ، بەزى تەتقىقاتچىلار جەسەتلەرنىڭ كىيىنىش دەۋرىگە ئاساسەن قەدىمقى قەبرىدىكى جەسەتلەرنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇمۇلگەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ ،، لىكىن شۇ چاغدا قەبرىدىن خەن سۇلالىسى مەدىنىيىتىگە ئائىت بىرەرمۇ يادىكارلىق تېپىلمىغان ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قەبرىدىن تېپىلغان دەپنە بۇيۇملىرى بىلەن قەبرىدىكى ياغاچنىڭ ئىزتوپلۇق يېشىغا ئاساسەن قەبرىنى بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىركى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ دەپ قارىساق ئۇنداقتا زادى قايسى ۋاقىت ؟  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىلغا ئېلىشقا  ئەرزىيدىغىنى لوپنۇردىكى قەدىمىي قەبرىدىن قىزۋېلىنغان جەسسەتلەرنىڭ باش سۇڭىگى ئىنسانشۇناسلارنى بەكرەك قىززىقتۇرۇپ  قويغان،، ئىنسانشۇناسلار باش سۇڭەكنى ئىنچىكە كۇزۇتۇپ ئانالىز قىلغاندىن كىيىن،،  جەسسەتلەرنىڭ «ئورا كوز قاڭشارلىق» قەدىمىي ياۋرۇپا ئىرقىغا مەنسۇپ بۇلۇپ ھازىرقى شىمالى ياۋرۇپالىقلاغا ئوخشايدىغانلىغىنى ئېنىقلاپ چىققان ،، باش سۇڭەكلەرنىڭ بەزىللىرنىڭ يۇز قىسمى  تار  ئۇزۇنچاق كەلگەن بەزىللىرنىڭ باش قىسمى كىچىكرەك كەلگەن ئالدىنقىسى ھالقا شەكىلىك قۇزۇقچىسى بار  قەبرىدىن قىزۋېلىنغان بۇلۇپ  جەنۇبى سىبىريە ۋە ئالتاي رايۇنى برونزا دەۋرىدىكى ئاندىروۋ مەدىنىيتىگە  يېقىن ئىكەن   ،  كىيىنكىسى بولسا ھىچ قانداق ياغاچ قۇزۇقچىسى بولمىغان قەبرىدىن قىزۋېلىنغان بۇلۇپ برونزا دەۋرىدىنمۇ بۇرۇنقى ئافاناسىيۇۋ مەدىنىيىتىگە يېقىن ئىكەن. دىمەك يۇقۇرقى ئەھۋاللار ئوخشاش بىر جايغا بەدەن شەكلى ئوخشىمىغان ئىككى خىل ياۋرۇپالىقنىڭ  كۇمۇلگەنلىگنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ ،، 

 شىۋىتسىيىلىك مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچى سىۋىن ھېدىن 1928 -يىلى ۋە 1934 -يىلى ئىككى قېتىم لوپنۇرغا كىلىپ بىر قىسىم باش سۇڭەكلەرنى قىزىپ كەتكەن كىيىن ئىنسانشۇناسلار  تەكشۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق باش سۇڭەكلەردە شىمالى ياۋرۇپالىقنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىگى بارلىغىنى ئىسپاتلىغان..  قەدىمقى قەبرىلەردىن تېپىلغان دەپنە بۇيۇملىرى ئىچىدە ئازساندىكى برونزا دەۋرىگە ئائىت زىننەت بۇيۇملىردىن باشقا ساپال بۇيۇملار ياكى تۇمۇر قوراللارغا ئائىت ھىچ قانداق نەرسە تېپىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ھازىر بار بولغان چەكلىك ئارخىلوگىيە ۋە ئىنسانشۇناسلىققا ئائىت ماتىرىياللارغا ئاساسلىنىپ قەدىمقى قەبرىگە دەپنە قىلىغانلارنىڭ جەنۇبى سىبىريە قازاقىستان ۋولگا دەرياسىنىڭ توۋەنكى ئېقىمىدىكى برونزا دەۋرىدە ياشىغان كىشىلەر بىلەن  مۇھىم ئالاقىسى بار  بۇلىش مۇمكىن  دىگەن خۇلاسىنلا چىقىرىشقا  توغرا كىلدۇ ،ئۇنداقتا بۇ كىشىلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى شىنجاڭنىڭ قايسى يىرىگە كۇچۇپ كەتكەن ؟  ئارخىلوگلار ئۇزۇن ئوتمەي يەنە كروران قەدىمىي دولىتى خارابىسىنىڭ شەرقى تەرپىدىكى  شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە قەدىمىي قەبرىدىن ياۋرۇپا ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان بەش جەسسەتنى قىزۋالغان ،، بەزىلەر كرورەن ئادىمىنىڭ چاچ تەركىۋىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ جەسسەتنىڭ شەرقى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى مىللەتلەر بىلەن باغلىنىشلىقى بۇلىشى مۇمكىن  دەپ قارىغان ،، دىمەك يۇقۇرقىلاردىن قەدىمىي كرورەن دولىتىدە  تەركىبى ئىنتايىن مۇررەككەپ بولغان ھەر مىللەت ئاھالىلىرنىڭ بىللە ياشىغانلىغى مەلۇم ئۇنداقتا بۇ قەدىمىي ياۋرۇ پالىقلار زادى قايسى مىللەتكە تەۋە؟ ئۇلار يەنە قانداق مەقسەت مۇددىئا بىلەن شۇنچە يىراقتىن قەدىمىي كرورەن دولىتىگە كەلگەن ؟  كىيىن يەنە قاياقلارغا  كەتكەندۇ  ؟

 

      مەنبەسى:تىل سىملىق  دۇنيا؛  ناملىق كىتاپتىن

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif