ھاجەتمەن دېھقانلار ۋە نائىنساپ ئىشلەمچىلەر

ۋاقتى: 2011-08-16 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 216 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ھاجەتمەن دېھقانلار ۋە نائىنساپ ئىشلەمچىلەر

 

بىر ئىككى يىل بۇرۇن تەكلىماكان بىلوگىدا ”ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بولغان چوڭ تەسىرى”تېمىسىدىكى بىر ماقالىنى كۆرگەن ئىدىم. ماقالىدە ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادى كىرزىسىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىمىزنىڭ كىرىمىگە تەسىر كۆرسىتىش سەۋەپلىرى تەھلىل قىلىنىپ، ئاخىردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ شۇ يىللىق كىرىمىنىڭ ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى سۆزلىنىپتىكەن. مەن باشقا جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ بۇ بىر نەچچە يىللىق پاختا كىرىمىنىڭ قانچىلىك بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن بۇ يەردە ئۆزۈم تۇرۇشلۇق جايدىكى دېھقانلارنىڭ بۇ بىر ئىككى يىللىق پاختا كىرىمىنىڭ ئانچە يۇقىرى  بولماسلىقىدىكى بىرقىسىم ئىچكى سەۋەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. ئەلۋەتتە،بەلكىم بۇ بىر ئىككى يىل پاختا باھاسى بەك يۇقىرى بولدىغۇ،يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولمىدى دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مومكىن. 2008-يىلىدىن باشلاپ بايىنغۇلىنىدىكى ئاساسلىق پاختا بازىسى بولغان لوپنۇر ناھىيىسىدە پاختىنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنۈشتە ئۆسكەندەك قىلغان بىلەن ئەمىلىيەتتە يەنىلا ”ئاتام ئېيتقان بايىقى“بولدى. بۇنىڭدا باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن تاشقى ئامىل سەۋەپ بولۇش بىلەن بىرگە،يەنە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ پاختا تېرىش ھەققىنى زىيادە ئۆستۈرۋىلىشىدىن ئىبارەت بىر سەۋەب بار. لوپنۇر ناھىيىسىدە پاختا تېرىلىدىغان يەرلەر كۆپ،بۇنى يىغىۋىلىشقا كېتىدىغان ئەمگەك كۈچى ئاز. شۇڭىلاشقا بۇ يەردە ھەممە ئائىلە دېگۈدەك پاختا تېرىش مەزگىلىدە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.چۈنكى،ئېچىلغان پاختىنى ۋاقتىدا تېرىپ ساتمىغاندا، بىرىنچىدىن،ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە،پاختا زىيادە قۇرۇپ كىتىپ،ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىدۇ؛ئىككىنچىدىن،تاسادىبى يامغۇر،بوران دېگەندەك تەبىي ئاپەتلەر بولۇپ قالسا،پاختىنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۋىتىدۇ؛ئۈچىنچىدىن،ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلگەنسىرى پاختىنىڭ باھاسى چۈشۈشكە باشلايدۇ.دېھقان قوشلاپ زىيان تارتىدۇ. تۆتىنچىدىن،بېشىدىلا پاختىنى باشتىن ئاخىر مۇقىم باھادا تېرىشكە كېلىشىۋالمىسا،كىيىنكى تېرىملىرىنى تەرگۈزگەندە تېرىش ھەققى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ.شۇڭا دېھقانلار ئوڭايلىقچە سەييارە تېرىدىغانلارغا پاختا تەرگۈزمەيدۇ.

   دېمەك،كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،دېھقانلار بۇ مەزگىلدە ھەقىقەتەن بىر بىچارە ھاجەتمەنگە ئايلىنىدۇ. شۇڭىلاشقا پاختا ئېچىلىشىغىلا نۇرغۇن دېھقانلىرىمىز تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ پاختا تېرىدىغان ئىشلەمچىلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.ئەمىلىيەتتە بۇ يەردە پاختىنىڭ كۆپ تېرىلىشى،ئەمگەك كۈچىنىڭ كەم بولىشى سىرتتىن كېلىدىغان كىشىلەرنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغان،ھەر ئىككىلا تەرەپ ئورتاق مەنپەئەتلىندىغان ياخشى ئىش ئىدى. لىكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىشلەمچىلەرنىڭ دېھقانلارنىڭ ھاجەتمەن بولۇشتىن ئىبارەت ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ،ئۇلارنى نائىنساپلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىشى نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇردىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

   دېھقان يەرگە ئەتىيازدىن باشلاپ مەبلەغ سېلىشقا باشلايدۇ. كېچىنى كىچە،بوراننى بوران، ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي،تەر تۆكۈپ ئىشلەيدۇ.كۈز پەسلىگە كەلگەندە،ئىشلەمچىلەر ئۇلارنىڭ بىر ياز تارتقان جاپا،سالغان مەبلەغلىرىنى قىلچىمۇ ئويلاشماستىن تېرىش ھەققىنى يىلمۇ-يىل ئۆستۈرۈشكە تىرىشىدۇ. مەسىلەن: بۇ بىر نەچچە يىلدا پاختا باھاسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئوغۇت باھاسى،يالتىراق باھاسى،سۇ ھەققى،تېرىش ھەققى قاتارلىقلار ئۇدا ئۈچ يىل ئۆسۈپ ماڭدى. بۇنى بىلىپ تۇرغان ئىشلەمچىلەر دېھقانلىرىمىزغا قىلچىلىك رەھىم قىلماستىن باھانى ئۆستۈرۈپ ماڭىۋەردى. 2008-يىلى بىر كىلو پاختىنى 7-8مو ئەتىراپىدا تەرسە،2009-يىلى8مودىن بىر كويغىچەتەردى.2010-يىلى بولسا 1كوي 5مودىن 1كوي 8 موغىچە تەردى.ئۈچىنچى تېرىملىرىنى ھەتتا ئىككى كويدىن تەردى. بۇنىڭدىن نارازى بولغان بىر قىسىم دېھقانلىرىمىز ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بارغان بولسىمۇ، ئۇلارمۇ ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە ئامالسىز قالدى. ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى مىسالغا ئالسام،دادامنىڭ 50مو،ئاكامنىڭ 50مو پاختىسى بار ئىدى.دادامدىن سورىسام پاختا تەرگىدەك بولغىچە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر مو يەرگە 1300يۇەندىن چىقىم قىلىپ بوپتۇ. ئەمدىكى گەپ 1300 كويدىن ئاشقىنى ئاندىن دېھقاننىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ دېگەن گەپ. ئالدىراپ كەتمەڭ، مەن تېخى 100مو يەردىكى پاختىنى تېرىشقا كەتكەن خىراجەتنى دېمىدىم. بۇ يىل بىر كىلو پاختىنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 1.3يۇەندىن تەردى. 1توننا پاختا تەرسە 1300كوي دېگەن گەپ.بىر كۈندە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 70كىلو تەرگەن بولسا،91كويغا ئىشلىدى دېگەنگەن گەپ.ھازىر بىر كۈندە قانچىلىكىمىز بۇنچىلىك پۇلغا ئىشلىيەلەيمىز. ئاخىردا 45مىڭ يۇەنگە يېقىن پۇلنى يۈرەكنىڭ بېغىشى بىلەن قوشۇپلا سۇغۇرۇپ ئەكەتتى. ھېساپلاپ بېقىڭ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە يەنە قانچىلىك پۇل قالدى. پۇلنى ئەكەتسىغۇ مەيلى،لىكىن ئارلىقتا قىلغان قورساق كۆپىكلىرىچۇ تېخى. ئۇلارغا بىر نەچچە كۈندە بىر قېتىم ئۇن،ياغ،گۆش دېگەندەك لازىمەتلىكلەرنى ئەكىلىپ بېرىشىڭىز كېرەك.بولمىسا ”باشقا يەرگە كېتىمەن“ دەپ تەھدىت سالغىنى سالغان. بۇ قېتىم كەلگەنلەر بىر بولسا جىڭ سانىنى ئاشۇرىمىز دەپ ئېچىلمىغان غوزىنى يىرىپ ئالدى،بىر بولسا ئەخلەت-چاۋارلىرىنى ئارىماي سالىۋەردى،بىر بولسا شەبنەم چۈشكەندە تەرگەن پاختىنى تاغارغا چىڭدىۋىتىپ خاپا قىلدى. ئۆيدىكىلەر گەپ قىلسا،“خاپا بولساڭلار بىز باشقا يەرگە بېرىپ تېرەيلى“ دەپ گۆشىيىپ تۇرۋالدى.ئۇلارنىڭ تەرگىنى بىرىنچى قىتىملىق تالاسى ياخشى پاختىلار بولسىمۇ ھۆل،مەينەت تېرىۋەتكەچكە داداملار بىر قانچە پاختا زاۋۇتىغا ئاپىرىپمۇ ساتالماي،ئاخىرى بىرەيلەنگە 1000يۇەن پارا بېرىپ ئاران تەسلىكتە ساتتى. قارىمامسىز زىيان ئۈستىگە زىيان سالغىننى. يەنە تېخى11-ئاي كىرىشىگە ”توڭلاپ كەتتۇق، يۇرتقا كېتىمىز“ دەپ تۇرىۋالدى.پاختىنىڭ ئۈچىنچى تېرىمى تېخى تۈگىمىگەن. ئەگەر ئۇلار كىتىپ قالسا بۇ پاختىنى 2 يۇەندىن تەرگۈزۈشكە توغرا كېلەتتى.قۇڭىدىن سۆيگىدەك بولۇپ،يەيدىغىنىغا يەنە ئازراق نەرسە ئېلىپ بېرىپ ئاخىرىنى ئاران تەرگۈزۈپ بولدى. تېخى بەزى ئىشلەمچىلەر يەرنىڭ ئىگىسى يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ،تەرگەن بىر قانچە خالتا پاختىلىرىنى جاڭگالنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويۇپ،كىيىن باشقا يەرگە ئاپىرىپ سېتىپ پۇل قىلغانلىرىمۇ بولدى.

مانا مۇشۇنداق بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلى،بۇ يەردىكى دېھقانلىرىمىزنىڭ بىر ئىككى يىللىق كىرىمى،گەرچە پاختا باھاسى ئۆسسىمۇ يەنىلا ئانچە يۇقىرى بولمىدى. بۇ يىل ئامانەت قەرز كوپراتىپلىرىنىڭ ئالدىدا دۈگدىيىپ ئولتۇرۇپ،قەرز بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى. مۇشۇنداق بىر نەچچە يىل داۋاملاشسا نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنىڭ يېرىنى تاشلاپ ئىشلەمچىگە ئايلىنىپ كېتىشىدە گەپ يوق.

ئىشلەمچى قېرىنداشلىرىم، دېھقانلىرىمىزغا ئۆز ۋاقتىدا ئەسقاتقىنىڭلارغا مىڭ رەخمەت ئېيتىمەن. لىكىن ئىنساپ بىلەن بىر ئىش قىلساڭلار،دېھقاننىڭ ئالتۇن قازىدىغان كانى يوق.ئۇلار بانكىدىن ئالغان قەرزىنى يەرگە چاچىدۇ.سىلەر ئۇلارنىڭ بىر يىل تارتقان جاپاسىنى كۆرۈپ تۇرمايسىلەر،ئەمىلىيەتتە سىلەرمۇ دېھقان شۇنداققۇ؟دېھقان دېھقاننىڭ قاياشى بولىشى كېرەكتە! دېھقان دېھقاننى ئىزىدىغان، دېھقان دېھقاننىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان ئەھۋاللار يەنە داۋاملىشىۋەرمىسە. سىلەر دېھقاننىڭ  تۇزىنى يەپ،تۇزلۇقىنى چېقىۋاتىسىلەر.ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ھاجەتمەن بولمىسا،قانداق قىلاتتىڭلار؟قىلىدىغان ئىشىڭلار يوق،تام تۈۋىدا ئاپتاپ يەپ،غەيۋەت قىلىپ ئولتۇراتتىڭلار.دېھقانلار پاختا پۇلىدىن بانكا قەرزىنى،سۇ پۇلىنى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى تۆلەيدۇ.پاختا ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسىلا ئۇلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار.ئۇلارغا قىشتىن بىخەتەر چىقىۋالغۇدەك،كېلەر يىلى يېرىگە مەبلەغ سالغۇدەك ئىمكەنىيەت بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن.مەن بۇ يەردە پاختا تەرگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەكچى ئەمەس،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشنى توغرا يول بىلەن قىلىپ،پۇلنى ھەق ئالىدىغانلىرىمۇ بار.ئەمما مەيلى ياخشى ياكى ناچار ئىشلىسۇن.ئۇلارنىڭ باھانىنى ھەر يىلى ئۆستۈرۈپ نائىنساپلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەقىقەت. بۇ يازمىنىڭ ئاخىرىنى شائىر روزى سايىتنىڭ ”دېھقان بولماق تەس“دېگەن شېئىرىدىكى مۇنۇ مىسرالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

 

 

ئۇ ئۆكۈز توختىماي تارتىدۇ ساپان،

شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چاپان،

كۆيىدۇ چوققىسى كۆيىدۇ تاپان،

چاك-چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان،

ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتۈرمەس چوقان،

جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.

 

ئۇغۇتمۇ“پۇل“دەيدۇ،يالتىراقمۇ ھەم،

تۈگمەنمۇ پۇل دەيدۇ،جىنچىراغمۇ ھەم،

”پۇل“دەيدۇ تاغارمۇ توقۇناقمۇ ھەم،

”پۇل“دەيدۇ يولدىكى بوغۇناقمۇ ھەم،

پۇل قېنى؟پۇل نەدە؟غەم ئۈستىگە غەم،

دۇنيادا ھەمىدىن دېھقان بولماق تەس.

 

دېھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا،

دېھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا،

دېھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا،

كىم دېدى:دېھقاننىڭ قېنىنى شورا،

دېھقاننىڭ بېشىنى سىلا،ھال سورا،

دۇنيادا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.

 

دېھقانمۇ ياشىسۇن،كۈلسۇن ،يايرىسۇن،

دېھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن،

دېھقانمۇ كۆكلىسۇن،ئۆسسۇن ئاينىسۇن،

قازىنى ماي كۆرسۇن،شورپا قاينىسۇن،

”ئۇھ دېسۇن ھېيت-بايرام،مەشرەپ ئوينىسۇن،

جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.

 

2010-يىلى2-ئاينىڭ3-كۈنى

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ھونزادە
    2011/08/16 13:00:35

    بەك ياخشى يېزىپسىز،شۇ تاپتا بەللىرى مۈكچەيگەن،چاچ-ساقاللىرىنى قىرو باشقان،پۇت-قوللىرىدا كۈچ قالمىغان، چىرايىدىن غەم-قايغۇسى كۆرۈنۈپلا تۇرۋاتقان تالايلىغان دىھقان ئاتا-ئانىلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كىلىپ،ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى،بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ھەي. :???:

    • lopnuri
      2011/08/16 15:18:27

      شۇنى دېمەمسىز،ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە يېزىغا چىقىپ قالسام،ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئالدىدا تامنى يۆلەپ ئىشىككە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان دېھقانلارنى كۆرسەملا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ،تەگسىز خىياللارغا چۆكىمەن. توپا باسقان بولسىمۇ ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرغان كۆزلەر ئادەمگە نىمىلەرنى ئەسلەتمەيدۇ دەيسىز.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif