ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلىمدىن قىسقىچە خۇلاسە

ۋاقتى: 2012-01-08 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 187 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

 

ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلىمدىن قىسقىچە خۇلاسە

 

 

 

تەلمۈرۈپ تامادا ئاسمانغا قاراپ،

ئۆتەمسەن بەختنىڭ ئىشىكى ماراپ.

ئىلىم-پەن بېغىدىن ئىزدەمسەن يۇچۇق،

ياشلىقىڭ گۈللىرى بولغاندا خاراپ.

 

بۇ روبائىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يازغان ئىدىم. گەرچە روبائىدا ياشلىقنى قەدىرلەش، چىڭ تۇتۇش ھەققىدىكى ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپتىكى ئاشۇ گۈزەل چاغلىرىمنى بۇ روبائىنىڭ دەۋەتلىرىگە ماسلاشتۇرالمىغان ئىدىم. مانا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،خىزمەتكە چىققىلىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئون ئىككى يىل بوپتۇ. بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىممۇ ھەم يوقاتقانلىرىممۇ بوپتۇ. خىزمەتكە چىقىپ تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھاياتىمدا ئونتۇلغۇسىز يەنە بىر چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. ئىككىنچى قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى. بۇ ۋاقتىقا كەلگەندە مەن ھەقىقەتەن ئوقۇشنىڭ قەدىرىگە يەتكەن ئىدىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك دوستلار بىلەن ئۇچىراشتىم، نۇرغۇن ئىلمىي ئەنجۇمەنلەرگە ئىشتىراك قىلدىم، مەخسۇس پەنلەر بويىچە تەتقىقات ئىلىپ بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە مىتودلىرىنى ئۆگەندىم. بۇ جەرياندا كۆزۈم خېلى ئوبدانلا ئېچىلىپ قالدى دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلىق ھايات نېمە دېگەن گۈزەل ھە! خىزمەتنىڭ،ئۆينىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ ھەر خىل بېسىملىرىدىن خالى ھالدا خالىغان بىلىملەرنى،قىزىققان ئىلىملەرنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق ئوقۇش مەزگىللىرىنىمۇ تۈگىتىپ،يەنە خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم. بۇ بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئوقۇش جەريانىدا ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ھالاۋىتى ۋە بەرىكىتىنى كۆردۈم. خىزمەتتە نەتىجەم خېلى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. دېمەك، ئوقۇغاننىڭ، بىلىم ئاشۇرغاننىڭ پايدىسى بولدى. ئويلاپ باقسام خىزمەت ۋە ئوقۇش بىلەن بولۇپ تاكى ھازىرغا كەلگۈچە بىرەر قېتىممۇ شۇ يىلى ئېرىشكەن نەتىجە ۋە كەتكۈزۈپ قويغان كەمچىللىكلىرىمنى تۈزۈكرەك خۇلاسىلاپ باقماپتىمەن. ھەر يىلى يىل ئاخىردا ئىدارىدىن تارقىتىپ بېرىلگەن يىللىق خۇلاسە جەدىۋېلىگە شۇ يىللىق ئىدىۋىي تەرەققىيات ئەھۋاللىرىمىزنى، قىلغان ئىشلىرىمىزنى، خىزمەت نەتىجىلىرىنى خەنزۇچە تولدۇرۇپ تاپشۇرىمىز بولمىسا. لېكىن، ھەر يىلى يازىدىغىنىمىز ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش. ھەم بۇ خۇلاسىنى بىر خىل ئويلىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش، كەمچىللىكلىرىمىزنى بايقاش ۋە تۈزىتىش، كەلگۈسى پىلانلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇش نوقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى رەسىمىيەت يۈزسىدىنلا تولدۇرۇپ قويدىكەنمىز. بۇ بەلكىم بىزنىڭ كەسىپ ۋە خىزمەتلەردە بىر خىلدا توختاپ قېلىشىمىزنىڭ ياكى تەرەققىياتىمىزنىڭ بەك ئاستا بولۇشىنىڭ موھىم بىر سەۋەبى بولسا كېرەك.

       ئاتا-بوۋىلىرىمىز ”ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىر چۇرۇقىڭنى قۇرۇتما“ دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بىلەن بىزنى دائىم دېگۈدەك، ئۆتمۈشىمىزنى ئەسلەپ تۇرشىمىزغا ئاگاھلاندۇرغان. ئادەم بىر ئۆمۈرلۈك ھايات مۇساپىسىدە ئالدىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىنتىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىگىمۇ نەزەر تاشلاپ مېڭىشى كېرەك ئىكەن. كەلگۈسى بىزنى تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقباللارغا چاقىرسا، ئۆتمۈش بىزنى نۇرغۇن تەجىرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە قىلىدۇ. بۇنى مەن يەنە تۆۋەندىكى روبائىي ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتىمەن:

 

كەچمىشلەر ئىنسانغا بەرگەندە ئىبرەت،

ھاياتمۇ شۇ چاغدا تاپىدۇ قىممەت.

ھاياتى قەدىرىنى بىلمىسە ئىنسان،

ئۆمۈرنىڭ دەپتىرى بولىدۇ ئاق بەت.

 

شۇنداق، ھاياتنى قەدىرلەش،ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، چوقۇم تەجىرىبە-ساۋاقلىرىمىزنى يەكۈنلەپ مېڭىشقا، ئۆز-ئۆزىمىزنى ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلىپ تۇرشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل   يىل ئاخىرغا كەلگەندە، ئاتالمىش خۇلاسە جەۋىلىنى تولدۇرۇپ ئولتۇرۇپ،نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ چىقىپتىمەن. بۇ جەرياندا ئۆز-ئۆزۈمگە ”ھەر قانداق ئادەمنىڭ ياشاش پەلسەپىسى ۋە خىزمەت پەلسەپىسى بولىدۇ،مېنىڭ زادى نېمىدۇ؟“ دېگەن سۇئالنى قايتا-قايتا قويۇپ چىقتىم. بۇنىڭ جاۋابى ھەققىدە بىر-ئىككى ھەپتە ئويلاندىم. بىر كۈنى ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن قىزىرىپ چىقىۋاتقان قۇياشقا كۈزۈم چۈشتى. قۇياشقا قاراپ بۈگۈن يەنە بىر كۈن باشلاندى. بۈگۈن نېمە ئىشلارنى قىلسام بولار؟ دەپ تۇرۇپ قالدىم. مانا شۇ دەقىقىدە قىزىرىپ چىققان قۇياشنىڭ ئىلھامى بىلەن مۇنۇ سۆزلەر كاللامدىن چېقىپ ئۆتتى: ”ئەتىگەندە چىقىۋاتقان قۇياشقا قاراپ < بۈگۈن نېمە قىلىمەن؟> دېىيىشنى؛ كەچتە ئولتۇرۋاتقان قۇياشقا قاراپ<بۈگۈن نېمە قىلدىم؟> دېيىشنى ئۇنۇتما“. تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ سۆزلەر ئۈزۈمگىمۇ شۇنداق تەسىرلىك ھەم تۈرتكىلىك رولى باردەك بىلىندى.ھەمدە مۇشۇنى بۇندىن كېيىنكى ياشاش مىزانىمغا ئايلاندۇرۇشنى ئىرادە قىلدىم.

 

ئەي دوستۇم قەدىرلە گۈزەل ياشلىقنى،

ياشلىق ئۇ،خۇددى بىر يىتلگەن ياپراق.

بىر كۈنى ياپراقمۇ چۈشۈر شېخىدىن،

ۋاقىتلار ئۇنىڭغا بەتلىسە ساداق.

 

شۇنداق،دۇنيادا توزىمايدىغان گۈل يوق،بىر كۈنى ھەممىمىز توزۇيمىز. مۇزدەك تۇپراق قوينىغا چۆكۈپ يەر بىلەن بىر تەنگە ئايلىنىمىز. ۋاقىتنىڭ ساداقلىرى كۆكسىمىزگە كېلىپ تەگكىچە بىز يەنىلا ئىنسانلىق مۇساپىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؟ بۇ سۇئالىنىڭ جاۋابلىرى ئىنتايىن كۆپ.

ھايات دېگەن مۇرەككەپ جۈملە،

ئېنىق ئەمەس ئىگە، خەۋىرى.

ئۆمۈر بولسا بىر قۇتا ھەسەل،

ياشلىق ئۇنىڭ تەمى،جەۋھىرى.

 

مېنىڭچە،يۇقىرقى روبائىدا دېيىلگەندەك ياشلىقىمىزنى قەدىرلەپ، مەزمۇت قەدەملىرىمىز بىلەن يىللار قوينىغا ئىز قالدۇرشىمىز كېرەك. ياشلىقنىڭ تەمىنى سەزگۈر تىللىرىمىز بىلەن تېتىپ ياشىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ئاندىن ئۆمۈر مۇساپىمىزنى ئېسىل جەۋھەرلەر بىلەن بېزىيەلەيمىز. خوش، ئۇنداق بولسا، مەن بۇ بىر يىلدا قانداق ئىشلارنى قىلدىم. قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ باقاي.

بۇ بىر يىل جەريانىدا مەن ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

       1. بۇ بىر يىل جەريانىدا يازلىق ۋە قىشلىق تەتىلدە ئارام ئالماي،ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزلۈكسىز تەربىيەلەش كۇرسىغا دەرس ئۆتۈپتىمەن، سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئىشلەپتىمەن. بۇنىڭدىن باشقا يازلىق تەتىلدە يېڭىدىن باغچا ئوقۇتقۇچىلىقىغا قۇبۇل قىلىنغان  بالىلارغا سىنىپ مەسئۇلى بولدۇم ھەم ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتتۈم. بۇ تەربىيەلەش يازنىڭ پىژغىرىم ئىسىق كۈنلىرىدە توپتۇغرا 45 كۈن داۋام قىلدى.

   2. بۇ يىل 4-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنۋېرسىتىتىغا بېرىپ ئىككى ھەپتىلىك تەربىيەلەشكە قاتناشتىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم ھەم پىكىرلەشتىم. تىل ئوقۇتۇش مىتودى ھەققىدە خىلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاقسۇدىكى پاراكتىكا قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن بىر ئايلىق ئەۋەتىلدىم. مۇشۇ باھانىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەممە جايلىرىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقتىم. ئاقسۇ بالىلار باغچا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ساقلانغان مەسىلىلىرى ھەققىدە خېلى ئەتىراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئاقسۇدىكى بىر قانچە موھىم تارىخى جايلارنى زىيارەت قىلدىم.

    3. ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن ئۆزلۈكسىز شۇغۇللىنىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خېلى تىرىشتىم ھەم ئىزدەندىم. ئەمگىگىمگە يارىشا مەن باش بولۇپ تۈزىگەن ”باغچا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدىن ئېغىز تىلى دەرسلىكى (خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن)“ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە دەرسلىكلەر قاتارىدا بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى تاماملاپ،تۈر تۇغۇزۇلدى. ھازىر ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا، ناۋادا ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، بۇ ئەمگىگىمىز بۇ يىل يىل ئاخىرغىچە يورۇقلۇققا چىقىدۇ.

4. تىلشۇناسلىق مەن قىزىقىدىغان ھەم قىزىقىپ ئۆگىنىپ كېلىۋاتقان ساھەلەرنىڭ بىرى. بۇ جەرياندا يەنە بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈم قىزىقىدىغان ساھەلەر بويىچە ئانچە مۇنچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. بۇ بىر يىل ئىچىدە تىلشۇناسلىققا ئائىت تۆت پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپتىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى خېلى نوپۇزلۇق ژۇرنالدا ئېلان قىلىندى (بىرى ”تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى“نىڭ 4-سانىدا ، يەنە بىرى ”بۇلاق ژورنىلى“ نىڭ 6-سانىدا) . بۇ نەتىجەمدىنمۇ خىلى خۇش بولدۇم.

5.بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ،كونا خۇمارىم قوزغىلىپ يەنە بلوگ يېزىشقا باشلىدىم. نۇرغۇن ۋاقتىم مۇشۇ ئىشقا سەرىپ قىلىندى. شۇنىڭغا يارىشا، بۇ يىللىق ئون چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە بلوگىم ئومۇمىي نۇمۇردا 574 نۇمۇرغا ئېرىشىپ بىرىنچى قېتىملىق 20 نامزاتنىڭ 17-چىسى بولدى. بۇمۇ مەن كۈتمىگەن تاسادىبىي نەتىجە بولدى. بلوگقا قىلغان ئەجىرلىرىمدىن، سەرىپ قىلغان ۋاقتىمدىن ئانچە ئۆكۈنمىدىم. گەرچە ئەڭ ئاخىرقى باھالاشتا ئون چوڭ بلوگ قاتارىغا كىرەلمىگەن بولساممۇ، نامزاتلىققا تاللىنىشنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن يەنە بىر چوڭ نەتىجە بولدى دەپ قارايمەن.

6. بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن 50نەپەر ئوقۇغۇچىغا سىنىپ مەسئۇلى بولدۇم. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت-يېزا قىشلاقلىرىدىن بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن بۇ بالىلارنى قانداق قىلسام ياخشى ئۆگىنىش ئىرادىسىگە كەلتۈرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ياخشى نەتىجە بىلەن يۇرتلىرىغا قايتىشىغا ياردەم قىلالايمەن؟دېگەن مەقسەت بىلەن ئۇلار بىلەن ئۆتكەن ۋاقىتلىرىممۇ خېلى كۆپ بولدى.

7. بىر ئائىلە ئۈچۈن ئىقتىسادنىڭ ياخشى-يامان بولىشى ھالقىلىق مەسىلە. بۇ يىل ئايالىم ئىككىمىزنىڭ تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچانلىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە جۇغلىغان پۇللىرىمىزمۇ خېلى كۆپىيىپ قاپتىكەن. بانكىدىكى ئۆينىڭ قەرزىنى بىراقلا قايتۇرۋەتتۇق. قەرزنى قايتۇرۇپ بولغان كۈنى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئولتۇرغىلى بەش بولغان ئۆيىمىزگە ئىچىمىز كۆيگەن ھالدا قاراپ كېتىىپتىمىز. قەرزنى تۈگىتىۋېتىپ قۇشتەك يېنىكلەپلا قالدۇق. كاساپەت قەرزنىڭ ئۆسۈمىنىڭ يۇقىرلىقىنى بىر دېمەڭ.ھېساپلاپ باقساق 95مىڭ يۇەن قەرزنى بەش يىل قايتۇرساق، ئاران ئوتتۇز نەچچە مىڭ يۈەن قايتۇرۇپتىمىز. بۇ جەرياندا ئەمەلىي تۆلىگەن پۇلىمىز 60 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىكەن. قارىمامسىز،تەڭدە تەڭ نىسبەتتە ئۆسۈم ئالىدىكەن.

8. ئەڭ ئاخىردا مەن ئەڭ خۇشال بولىدىغان ۋە ھاياجانلىنىدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، بۇ يىل ئىككىنچى بالامغا دادا بولدۇم. ئاللاھنىڭ شەپقىتىگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. بۇمۇ ماڭا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.

 

شۇنداق يۇقىردا خۇشاللىنارلىق نەتىجە ۋە ئامەتلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتتۈم.ئەمدى كەمچىللىك ۋە يېتىشسىزلىكلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئۆتەي.

    1.بۇ بىر يىل جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر يامان ئەمەس بولسىمۇ، يەنىلا خىلى كۆپ كەمچىللىكلەر ساقلاندى. بۇنىڭدىكى ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، پىلان بىلەن ئىش ئېلىپ بارالمىدىم. يىل بېشىدا تۈزگەن پىلانلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئورۇنلانماي قالدى.

   2. كومپىيوتىر ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمغا چەك قويالمىدىم. بۇ خىل قىلمىشىم سالامەتلىكىمگىمۇ مەلۇم تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. بەزى كۈنلىرى كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقتىم ئون سائەتتىنمۇ ئېشىپ كەتتى. نەتىجىدە،كىتاپ ئوقۇشقا زېھنىمنى مەركەزلەشتۈرەلمىدىم. ئۆتكەن بىر يىل ئوقۇغان كىتابىم ئون پارچىگىمۇ يەتمىدى. ئوقۇغان كىتاپلىرىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش،تەسىرات يېزىپ كىتاپ مەزمۇنلىرىنى ۋە ئىدىيىلىرىنى ھەزىم قىلىشىم يىتەرلىك بولمىدى. پەقەت يۈزەكى چۈشەنچىلەر ۋە ئۇقۇملارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلەنلا بولدى قىلدىم.

   3. تەتقىقات خىزمەتلىرىمنى دېگەندەك چوڭقۇرلۇقتا ئېلىپ بارالمىدىم. يازغان ئىلمىي ماقالىلىرىم ھەجىمى كىچىك بولۇپ، سەۋىيە جەھەتتىن ئانچە يۇقىرى بولۇپ كېتەلمىدى.

   4 . تىل ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە نۇرغۇن قېتىم ئىرادىگە كەلگەن بولساممۇ،يەنىلا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇالمىدىم. ئۇ بۇ سەۋەبلەر بىلەن تاشلىنىپ قالدى. نەتىجىدە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئاز بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقتىم كونا بىلىملەرنى تەكرارلاش ۋە پىشىقلاش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.

   5.ئۆزۈم دەرس بېرىۋاتقان سىنىپتىكى بالىلارنىڭ دەرس مەزمۇنلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرىشى ۋە ئىلگىرلىشى دېگەندىكىدەك ياخشى بولمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئوبدان ئويلىنىپ ياخشىراق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالمىدىم. ئۆزۈم سىنىپ مەسئۇلى بولغان سىنىپتىكى بالىلارنىڭ تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىشى، دەرسلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرىشى، ئۆز يولىنى ۋاقتىدا تېپىۋىلىشى ئۈچۈن چىقارغان ۋاقتىم كۆپ بولسىمۇ،ئۇنىڭ نەتجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ كېتەلمىدى. دائىم چېچىلاڭغۇلۇق قىلىدىغان، كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە سۇسلۇق قىلىدىغان، ھەتتا دەرستىن قاچىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇردى.

6.يىل بېشىدىلا ”ساغلام تەندە،ساپ ئەقىل“دېگەن ماقالنىڭ ئىدىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئويلاپ، مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ چېنىقىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس، بۇ ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشۇم دائىم دېگۈدەك ئىگىز-پەس بولۇپ كەلدى. بەزىدە ئۇدا بىر ھەپتە توختىماي قىلسام، بەزىدە ئىككى ھەپتە توختاپ قالدى. بۇمۇ مېنىڭ ئىرادەمنىڭ سۇسلىقىدىن بولدى.

 

دېمەك، بۇ بىر يىلدا نەتىجە ۋە كەمچىللىكلەر تەڭ نىسبەتتە دېگۈدەك ساقلاندى. بۇ يىل خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەمەلىي پىلان بويىچە ئىش كۆرۈپ،كەمچىللىكلەرنى تۈگىتىپ ياكى كىچىكلىتىپ،ئەۋزەللىكلىرىمنى چاممامنىڭ يېتىشىچە جارى قىلدۇرۇپ باشتا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ياشاش پەلسەپەم بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىمەن. ئاللاھ،ھەممىمىزنى كېلەر يىلنى غەلبە-نۇسرەتلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ قىلسۇن.بۇ خۇلاسەمنى تۆۋەندىكى روبائىي بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

 

بۇ ھايات مەڭگۈ ئەمەس ساڭا باقى،

تۈگەر ئۆمرۈڭ چۆگلەۋەرسە ۋاقىتنىڭ چاقى.

ئۆتىۋەرسە كۈنلەر،ئايلار ۋە ياكى يىللار،

بىر كۈن شاراپ تەڭلەر ساڭا ئەزرائىل ساقى.

 

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى   كورلا شەھرىدە يېزىلدى.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. كروران
    2012/01/10 16:00:09

    ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم، كۈنلىرىڭىز ئىنتايىن مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتۈپتۇ، بۇندىن كېيىنمۇ ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك تېخىمۇ مەنىلىك ۋە بەختلىك ياشىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. ئائىلىڭىزگە بەرىكەت ، سالامەتلىك تىلەيمەن. «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىنىڭ 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان قايسى ماقالە سىزنىڭ؟ بىر كۆرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەن خىزمەتكە چىقىپ بولۇپمۇ سىزدەك تىرىشىدىغان ئىزدىنىدىغان كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەسقۇ دەيمەن. سىزنى ئۆزۈمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا ئۈلگە قىلسام دەيمەن.

    • lopnuri
      2012/01/10 18:55:54

      تىلىگەن تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!سىزنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن. بىز ئالىي مەكتەپ قوينىدىن ئايرلغىلى خىلى كۆپ يىللار بولدى. ئىلىم ساھەسىدىكى نۇرغۇن يېڭىلىقلاردىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپالمايمىز. ئۆگەنگەنلىرىمىزمۇ سەل كونىراپ قالدى. سىلەرنىڭ يەنىلا يېڭى بىلىملەرنى قۇبۇل قىلىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىڭلار كۆپ.بولسا شۇنداق يېڭىلىقلاردىن بىزنىمۇ خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىز.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif