ئۇستازلار، ئەمدى بىلىمىمىزنى يېڭىلامدۇق؟

ۋاقتى: 2011-07-21 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 179 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئۇستازلار، ئەمدى بىلىمىمىزنى يېڭىلامدۇق؟

 

ھازىرقى دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئېيتقاندا،بىلىم ۋە ھەر خىل ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز.باللىرىمىز ناۋادا كەلگۈسىدىكى كۈچلۈك رىقابەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈمىز دەيدىكەن چوقۇم ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى يېڭىلىشى،توختىماي قاسراق تاشلاپ ئىدىيىسىنى زامانغا ماسلاشتۇرىشى كېرەك ئەلۋەتتە.بۇ بىز كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت.ئەمدىكى مەسىلە كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بىلىمىنى قانداق يېڭىلىشى،قايسى يول ۋە ۋاستە بىلەن يېڭىلىشىدا قالدى.باللىرىمىز ئاساسلىق بىلىمنى مەكتەپتىن ئالىدۇ.ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلاردىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ.ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.لىكىن 21-ئەسىرنىڭ ئۇستازلىرى بولغان بىزلەر باللىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ كېتەلەمدۇق؟بىز ھازىر ئۆزىمىزدە مۇشۇ دەۋىرگە ماسلاشقان ئىقتىدارلارنى ھازىرلىدۇقمۇ-يوق؟بۇ بىز بۇ يەردە نوقتىلىق توختىلىدىغان موھىم بىر مەسىلە.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بەزى ئۇستازلارنىڭ كونسىپىك دەپتىرىنىڭ قەدىمكى ئاسارە-ئەتىقىلەردەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى،ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تولا ئىشلىتىۋىرىپ پروفىسورلار كۆزەينىكىنى تاقىمىسا خېتىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن بۇ كونسىپىك دەپتەرنىڭ 20-30يىللىق تارىخى بارلىقىنى كىيىن بىرەر جايغا كۆمۈپ قويسا موھىم بىر تارىخى ماتىرىيال سۈپىتىدە كىيىنكى ئەۋلاتلار تەرپىدىن ئەتىۋارلىنىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم.بۇ مەسىلىنى ئىككى نوقتىدىن كۈزەتسەك،بىرى ھەقىقەتەن بۇ كونسىپىكلارنىڭ شۇ ئۇستازلارغا 20-30يىلدىن بېرى نام-شۆھرەت،ئاش-نان بېرىپ كەلگەنلىكىدەك زور تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا،كونا ئىدىيە ۋە مەزمۇنلار بىلەن تولغان،مۇتەسسىپلىكنى ئۆزىگە ئۇدۇم قىلغان بۇ كونسىپىكلارنىڭ نۇرغۇن ياش ئەۋلاتلارنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىنى يوققا چىقىرۋەتكەنلىكىنىمۇ ئىتىبارغا ئالمىساق بولمايدۇ.ئالدىنقىسى شەخىسكە مەنپەئەت يەتكۈزگىنى بىلەن،كىينكى تارتقان زىياننى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدىكى بىلىمنىڭ قىممىتى نوقتىسىدىن قارىغاندا مۆلچەرلىمەك بەك قىيىن.دېمەك،ئالىي بىلىم يۇرتلىرىمىزدىكى بەزى قالپىقى يوغانراق ئۇستازلىرىمىزنىڭ دەرس ئۆتۈش ۋە بىلىم بېرىش ئەندىزىسىگە كۆنۈپ قالغان نۇرغۇنلىرىمىز ھېلھەم ئاشۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ھازىرقى زاماندىكى يېڭى شەكلى دەپتەر ئالماشتۇرۇش،مەزمۇن ئالماشماسلىق شەكلىنى ئىجاد قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.ئۆزىمىزنى يېڭىلاش ئاساسىدا باللىرىمىزغا يېڭىچە ئىدىيىلەرنى تەقدىم قىلىشتىن باش تارتىپ،ئۇنى ئۆزىمىزگە كەلگەن بىر يۈك ھېسابىدا سانىدۇق.ھۆكۈمىتىمىز نۇرغۇن خىراجەت ئاجىرىتىپ،يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئۆزلۈكسىز تەربىيە پۇرسەتلىرىنى ئۆز-ئارا غەيۋەت قىلىدىغان،ئۆيدىن ئايرىلىپ ئەركىن ئازادە يايرىۋالىدىغان،ئۇخلاپ ھاردۇقىمىزنى چىقىرۋالىدىغان ياكى ئۈنۋان ئېلىش ئۈچۈن كەلمىسەك بولمايدىغان بىر ئالۋاڭ قاتارىغا ئىتتىرىپ كىرگۈزىۋەتتۇق.10يىلغا يېقىن ئۆزلۈكسىز تەربىيەگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر ئايلىق ئۆگىنىش جەريانىدا سادىر قىلغان ئەخلاقى مەسىلىلىرى مېنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇردى ھەم چۆچۈتتتى.بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ھاياتىمىز بىز ئالىي مەكتەپ ياكى ئوتتۇرا تېخنىكۇمنى پۈتتۈرۈپ دېپلۇم ئالغان چاغدىن باشلاپ ئاخىرلاشتى،“جاپا تارتىپ نېمە قىلاتتىم؟ئەمدى مۇشۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى بىر ئۆمۈر كۆشەپ ياتسام يېتىدۇ“دەيدىغان كۆز قاراش بىلەن ھاياتىمىزنى ئوقۇش،خىزمەت قىلىش،پېنسىيىگە چىقىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ياشاشقا كۆنۈپ كەتتۇق تەرەققىي قىلغان ئەللەردە 20-ئەسىرنىڭ 70-80يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن ساپا مارىپى ۋە ئۆمۈرلۈك مائارىپ دېگەندەك ھەققىي تەربىيەلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىغان مائارىپ سېستىمىلىرى بىزدە ھازىرغا كەلگۈچە ئۆز مەنىسى بىلەن قۇبۇل قىلىنماي،لوغەتلىرىمىزدە ئىزاھلاپ قويۇلغان پېتى تۇرۋاتماقتا.2003-يىلىدىن باشلاپ مائارىپتا يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ،ھەققى مەنىدىكى ساپا مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدۇق.ئەمما ئويلاپ باقايلى،بىزدە يېڭى دەرس شارائىتىغا ماسلاشقۇدەك مادار بارمۇ؟بولمىسا دەرس ئىسلاھاتى ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولماقچى؟ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ماھارەتلىرى توختىماي ئۆزگىرىپ قايسىغا ئىشىنىشنى بىلەلمەي قېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا،باللىرىمىز يەنە قاچانغىچە تەجىرىبە ئوبىكتى بولۇپ ياشار؟.بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى توردا“ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلار“دېگەن بىر تېمىنى كۆرۈپ قالدىم.تېمىدا دېيىلىشچە ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى كېرەككەن:

1.ئوقۇش-يېزىش ئىقتىدارى

2.پەننىي بىلىملەرنى ئىگەللەش ئىقتىدارى

3.ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىقتىدارى

4.چەتئەل تىلى ئىقتىدارى

5.تەتقىقات ئىقتىدارى

6.ئۆزىنى چەكلەش ئىقتىدارى

7.ئالاقە ئىقتىدارى

8.مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى

9.ئىش-ھەركىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولۇش ئىقتىدارى

 

بۇ نوقتىدىن قارىغاندا بۇنىڭدىن كىيىنكى ئوقۇغۇچىلىرىمىز يۇقارقى ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ماڭالايدۇ.باللىرىمىزغا بۇ ئىقتىدارلارنى ھازىرلىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟بۇ ھازىر مۇنبەرگە چىقىۋاتقان ھەر بىر ئۇستاز ياخشى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.باللىرىمىزنىڭ ئۇچىسىدا،ئاغزىدا ئىپادىلەنگەن زامانىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى دەپ تونىۋالماستىن،ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەم بولۇش،ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇش،ئۆگىنىدىغان ئادەم بولۇش،رىقابەت دولقۇنلىرىدا ئىلگىرلىيەلەيدىغان ئادەم بولۇشىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىشىمىز كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا شۇ گەپ بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى يېڭىلىشىمىز كېرەك.

  ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يوققا چىقارماقچى ئەمەس.بۇرۇنقىلارنىڭ تۆھپىسىنى قەدىرلىشىمىز كېرەك،لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ دەۋىر تەلىپىگە ماسلىشالماي قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.شۇنداق قىلغان ۋاقتىمىزدىلا،ئاندىن بارغانسىرى چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتقان پاتقاقتىن پۇتىمىزنى بالدۇر چىقىرالايمىز.بۇ مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلسا،بەزىلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يۈكىنىڭ قانداقلىقى،قىيىنچىلىقىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ھەققىدە قاقشاپ چىقىشىمىز مومكىن.لىكىن مائارىپنىڭ كەلگۈسىدە باللىرىمىزغا ئېلىپ كېلىدىغان  پايدا-مەنپەئەت نوقتىسىدىن قارىغاندا يەنىلا كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ شەرتلىرى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بېسىپ چۈشىدۇ.شۇڭىلاشقا ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنى مەڭگۈ ئۆگەنگۈچىلەر سېپىگە قوشۇپ قويىشىمىز.ھازىرقى بارلىق ئۇسۇل ۋە ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى قانداق يېڭىلاشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم.

ھەر بىرىمىز دەرس ئۆتىۋاتقان باللىرىمىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغان،سورىغان سۇئاللىرىغا  قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرەلمىگەن،بالىلارىمىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ بىزدىن چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بايقىغان،ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دوئىلغا چىقىدىغان چەۋەندازلار ئىكەنلىكىنى ئويلىغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئۆزىمىزنى يېڭىلاشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.قەدىمىمىزنى باللىرىمىزدىن تىزرەك ئېلىش،كەلگۈسىدە ئۇلاردىن پەخىرلىنەلىشىمىزنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغۇسى.نۇغۇن كىشىلەر ”بىز شان-شەرەپ ئۈچۈن ياشىمايمىز“دەيدۇ.بۇ ئاجىزلارنىڭ،ھورۇنلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى يازغان تەسەللىي دورىسى.ئىسىمىزدە بولسۇن،بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس،ئوقۇتقان باللىرىمىزنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تەر تۆكىشىمىز كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا،ھەقىقىي شان-شەرەپ ئىگىسى بولالايمىز.

 

2009-يىلى5-ئاينىڭ8-كۈنى

 

بۇ يازما لوپنۇرى بلوگىغا تەۋە،باشقا جايلارغا كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. بورتالا دىن
    2011/10/20 14:09:42

    ياخشى! ماڭا بەك ياقتى! دىمىسىمۇ بىزنىڭ بۇ يەردە بۇخىل ئەھۋال بەك ئېغىر!

    • lopnuri
      2011/10/20 15:37:39

      بۇرادەر كەلگەن قەدىمىڭلىگە مۇبارەك بولسۇن،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif