مىللى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر موھىم يول

 

 

مىللى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر موھىم يول

 

ئۆمەرجان موسا

 

(مەزكۇر ماقالە تېخى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بەتلەرگە يۆتكىمەڭ)

 

 

قىسقىچە مەزمۇنى:مەزكۇر ماقالىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى تەجىرىبىلىرى ئاساسىدا شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتتا ئۆز كارخانىسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى قانداق تەربىيلەش ۋە يىتىشتۈرۈش يوللىرى قىسقىچە تەھلىل قىلىنىدۇ.

 

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئۇيغۇر كارخانىلىرى،ئۆزلۈكسىز تەربىيە،كەلگۈسى تەرەققىيات

 

1.مەسىلىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات

 

ئىسلاھات.ئېچىۋىتىش شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايۇننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە مىللىي كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ،شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش،كەڭ كۆلەمدە بازارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى.ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە،دىنىي ئېتىقادىغا ماس كېلىدىغان يىمەك-ئىچمەك سانائىتى،كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى،كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى سانائەتلىرى مىللىي ئىگىلىكنى ئاساس،زامانىۋى پەن-تېخنىكىنى قورال قىلىپ،ئۆزىدە بار بولغان يۇشۇرۇن بايلىقلارنى قېزىپ چىقىشقا باشلىدى.ئەسلىدىكى ئائىلە ئىگىلىكى شەكلىدىن كۆلىمى كېڭىيىپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز،ئىچكىرى ئۆلكە ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگىچە كېڭەيدى.شۇغۇللىندىغان كەسىپلەر يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار،يېمەك-ئىچمەك،كىيىم كېچەك ساھەلىرىدىن ساياھەتچىلىك،چىگىرا سودىسى،ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق ساھەلىرگىچە تەرەققىي قىلدى.ھەمدە يېزا-ئىگىلىك ،يۇقىرى پەن –تېخنىكا،مەدەنىيەت،سەھىيە قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرگە يۈزلىنىشكە باشلىدى.مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىپ،بىر قانچە ئون يىللىق شىركەتلەر گوروھلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرتاي ھاجىم باشچىلىقىدىكى“غەربىي نۇر گوروھى“بىلەن يېڭىلا گوروھلىشىش يولىغا قەدەم قويغان رادىل ئابلا باشچىلىقىدىكى“ئارمان گوروھى“نى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ.بۇلارنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىتتا مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشى ئۇلارنىڭ جامائەتچىلىك كۆڭلىدىكى ئىستىمال بويۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغانلىقى،خەلقنىڭمۇ ئۆز ئىچىدىن چىققان سەركەردىلەرنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋەتلەپ كەلگەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى.

رايۇنىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى خەلقىمىزگە بىلدۈرۈش،ئۇلاردا ئۆز مىللىتىدىن چىققان ئاۋانگىراتلارغا نىسبەتەن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىش،ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى ئاۋانگىراتلىق رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش،كەلگۈسىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىرىگە ئىلھام بېرىش ياخشى ۋە خەيىرلىك ئىش.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا مىللىي كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەيلى جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتىن بولسۇن،مەيلى كەلگۈسى تەرەققىيات كۈچى جەھەتتىن بولسۇن زور تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.شۇڭىلاشقا مىللىي كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئالاھىدە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش،ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش،شىنىجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمما بىر نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك،مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشمىز ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ موھىم.

شىنجاڭدا مىللىي ئىگىلىكنىڭ پەيدا بولىشى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى باشقا رايۇنلارغا قارىغاندا بىر قەدەر كىيىن،تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا.كىشىلەرنىڭ مىللىي كارجانىلارنى قوللاش ۋە قۇۋۋەتلەش ئېڭىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن.مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار تېخى بىخ ھالىتىدە تۇرۋاتماقتا.

بۇ ھەقتە ھەر قايسى مەتبۇئاتلىرىمىزدا ۋە تور مۇنبەرلىرىمىزدا خېلى كۆپ مۇلاھىزىلەر بولدى.مەسىلەن:ئابدۇغېنى ئاۋۇت ئەپەندىنىڭ“شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئانالىز(خەنزۇچە پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ژورنىلى،2007-يىللىق9-سان)“،تۇرغۇنجان رۇزىنىڭ“شىنىجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىش(خەنزۇچە،شىنىجاڭ مالىيە ئىقتىسادى ژورنىلى،2008-يىللىق 3-سان)“،ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ“مىللىي كارخانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟،“ مىللىي كارخانىلار نېمىگە مۇھتاج(تور ماقالىسى)“،ئابدۇۋەلى مەخپۇللا ئەپەندىنىڭ“كارخانىچىلىق تەرەققىياتىمىزدا ئىستىقبالى بار ئون كەسىپ ئۈستىدە تەھلىل(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى6-ئايدىكى سانى)“قاتارلىق ماقالىلىرى ئۇنىڭدىن باشقا“ئەل ئىچى كارخانىلىرىدىكى ئاجىزلىقلار(تور ماقالىسى)“، ”مىللىي كارخانىچىلار،قەدىمكى ئۇيغۇرلار قاشتېشى ۋە MADE IN UYGHUR“(تور ماقالىسى)دېگەنگە ئوخشاش ماقالىلەر ئوخشىمىغان نوقتىدىن چىقىپ مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە ئۆزگىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.بۇ مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن،كۆرسەتكۈچ خاراكتىرلىك ئاكتىپ ئامىل.مېنىڭچە،كارخانىچىلىرىمىز ئۆزىدىكى بار سودا تالانتىغا بىرلەشتۈرۈپ،ئەتىراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز كارخانىلىرىغا بولغان بۇ خىلدىكى دوستانە كۆيۈنۈشلىرىگە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولسا،بۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن پايدىسى ناھايىتى كۆپ دەپ قارايمەن.مىللىي كارخانىلار كارخانا باشقۇرغاندا ئۆز خاھىشى ۋە سەزگۈسىگە تايىنىپ ئىش قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىپ،نەزىريىۋى تەتقىقات نەتجىلىرىنى يىتەكچى قىلىشقا ئادەتلىنىشى كېرەك.

مەن كارخانا باشقۇرۇش ياكى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسىپلىرىدە ئوقۇمىغان.بەلكىم كارخانا تەرەققىياتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرگە پىكىر قاتناشتۇرۇشقا سالايىتىم توشماسلىقى مومكىن.لىكىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇلارنىڭ رايۇنىمىز ئۆزگىچە ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەرگە زىيادە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىم،بۇ ساھەگە قىزىققانلىقىم ئۈچۈن،بىلىمىمنىڭ چولتىلىقىغا قارىماي،ئۆزۈم ئويلىغاننى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە يەنىلا قەلەم تەۋرىتىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.

مىللىي كارخانىلار بارلىققا كېلىپ،يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە،ئۆزىگە خاس يۇشۇرۇن تەرەققىيات ئىستىقبالى بار،يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى؛ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ماس كېلىدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقاردى.بىر قىسىملىرى ئۆزى بېيىغاندىن كىيىن ساخاۋەتلىك قوللىرىنى خەلقىمىز ئىچىگە سۇنۇپ،بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلدى.ئۇلارنىڭ بۇ روھى ھەممىمىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى.شۇڭىلاشقا كارخانىلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق خەۋەر،ئۇچۇر ۋە ماقالىلەر ئۇچىرىسىلا كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈپ چىقتىم.بۇ ھەقتە ئاز تولا بىلىمگە ئېرىشىتىم.يۇقىرقى ماقالىلەردە كارخانا تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ، مىللىي كارخانىچىلىقىمىزدا يەنىلا سەل قارىلىۋاتقان مۇنداق بىر ساھەنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.ئۇ بولسىمۇ ئۆزلۈكسىز تەربىيە.ئۆزلۈكسىز تەربىيە كارخانىلاردا ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش،ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاش،ئىجادچانلىق روھىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،قىسقىسى شۇ ئارقىلىق كارخانا تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى موھىم ھالقىدۇر.بۇ يەردە بىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزلۈكسىز تەربىيە نۇقتىسىدى چىقىپ رايۇنىمىزدىكى مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە بىر نەزەر سېلىپ باقايلى.

 

2.مىللىي كارخانىلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى

 

بىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىش سۈرئىتى بىر قەدەر تىز،ئاساسىي بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا،سان جەھەتتە كۆپ بولسىمۇ،ئەمما رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىرى،ئۈزۈپ چىقالايدىغانلىرى ئۇنچە كۆپ ئەمەس.ھەتتا بارلىققا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي،رىقابەت سەھنىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغانلىرىمۇ خېلى بار.بۇنىڭ سەۋەپلىرى مەبلەغ،باشقۇرۇش،سودا تاكتىكىسى،رىقابەت ئېڭى،يېڭىلىق يارىتىش روھى قاتارلىقلارغا چېتىلىشى مومكىن.بۇ سەۋەبلەر ئىچىگە يەنە ئىقتىساسلىق كىشىلەرنىڭ شۇ كارخانىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىمۇ قوشۇپ قويساق ئارتۇقچە بولماس.ھەر قانداق بىر كوللىكتىپ شەخىسلەردىن تەركىپ تاپىدۇ.شەخىسلەرنىڭ ئايرىم-ئايرىم تۆھپىلىرى يىغىلىپ شۇ كوللىكتىپنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ.شەخسلەردە ئۆزىگە خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىك بولمايدىكەن كوللىكتىپنىڭ نەتىجىسىدىن ئېغىز ئېچىش مومكىن ئەمەس.ھەتتا بىر مىللەتمۇ دۇنياغا يۈزلىنىشتە ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ مىللەتتىن چىققان شەخسلەردىن باشلاپ تونۇلۇپ،بۇ شۆھرەت تاجى پۈتۈن مىللەتنىڭ بېشىغا قونىدۇ.يەھۇدىلار تىلغا ئېلىنسىلا نۇرغۇن كىشىلەر ماركىس،بىلەن فىروئىدنى ئېسىگە ئېلىشىدۇ.بۇ نوقتىدىن قارىغاندا شەخسلەرنىڭ مىللەت تەرەققىياتىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

ھازىرقى مىللىي كارخانىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ ئوقۇغان كەسىپ قاتلىمى،ئۆزى قىلىۋاتقان شۇ ئىشقا پىشىقلىق دەرىجىسى،ئەمەلىي تەجىربىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا بىر خىل مۇرەككەپ ھالەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.بىر كارخانىدا شۇ كەسىپنى پىششىق بىلىدىغان بىر نەچچە خادىم بىر نەچچە يۈز كىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.قالغانلار شۇ بىر نەچچە كىشى ئېچىپ بەرگەن يول،سىزىپ بەرگەن سىزىق بويىچە ماڭىدۇ.مەسىلەن،ئارمان بىلەن ئىخلاس شىركىتىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق،بۇ شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ،يىمەكلىك ۋە سودا كەسپىنى پۈتتۈرگەن خادىملار يوق دېيەرلىك.يالغۇز بۇ ئىككى شىركەتلا ئەمەس،مىللىلار ئاچقان كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان خادىملار ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ خىل ساپا قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ماركىلار چاپلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار تەرپىدىن ئىشلەنمىگەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ ماركىنى سېتىۋىلىپلا كەڭ ئىستىمالچىلارنى قايمۇقتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالدى.مېنىڭچە بۇ گەپلەرنىڭ چىقىشىنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار.بەزى كىشىلەر قولىدا ئازىراق مەبلەغ بولسىلا،كارخانىغا كېتىدىغان يۇمشاق دېتال بىلەن ئويلاشماي،مەبلەغنى قارىغۇلارچە سالدى.نەتىجىدە بۇ شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان خادىملار كەسىپ ئىگىسى بولمىغاچقا،تىزسۈرئەتتىلا زىيان تارتىش ۋە ۋەيران بولۇش يولىغا قەدەم قويدى.زىيان ھەممىگە ئاچچىق.زىيان تارتقان بۇنداق كارخانىلار بىز يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك بار دەسمىگە ماركىدىن بىر سېتىۋىلىپ،تېخنىكىسى بار شىركەتلەرگە يۆلىنىپ ياشاش يولىغا قەدەم قويغان بولىشى مومكىن.

كارخانىلىرىمىزدا خادىملارنىڭ ساپاسى ھەققىدە ئەنە ئاشۇنداق ۋەزىيەت مەۋجۈت بولغانلىقى ئۈچۈن،ئەسلىدە مىللىي كارخانىلار خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىشى كېرەك ئىدى.دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى شىركەتلەر كارخانىلارغا خادىم قۇبۇل قىلغاندا،كەسىپ ئەھلىنىڭ قۇبۇل قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش بىلەن بىرگە ئىككىنچى قەدەمدە خادىملارنى ئۆزلۈكسىز تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.شۇڭىلاشقا ئۇلارنىڭ مەۋجۈت بولۇش ۋاقتى،خەلقئارادىكى تەسىر دائىرسى ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى.لىكىن مېنىڭ مىللىي كارخانىلار ۋە شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان بەزى خادىملاردىن ئېگىلىشىمچە،خادىملارنى ئىش ئورنىدا تەربىيلەشكە مەبلەغ،ۋاقىت،خادىم ئاجىراتقان كارخانىلار ئاساسىي جەھەتتىن يوق دىيەرلىك ئىكەن.بۇ يەردە خەلقئارالىق شىركەتلەر ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئۆزلۈكسىز تەربىيە(ئۆزلۈكسىز مائارىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.

 

3.ئۆزلۈكسىز تەربىيەنىڭ خەلقئارادىكى يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى

 

ئۆزلۈكسىز مائارىپ يەنە ئۆمۈرلۈك مائارىپ،ئومۇملاشتۇرۇش مائارىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇ 20-ئەسىرنىڭ60-يىللىرىدىن باشلاپ خەلقئارادا بىر خىل مائارىپ ئېقىمى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن.بۇ خىل كۆز قاراشنى ياقلىغۇچى مۇتەخەسىسلەر“بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش ۋاقتى بارغانسىرى قىسقارماقتا،مائارىپ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلىشنى ئۆمۈرلۈك خاراكتىرگە ئىگە قىلىش بۇ خىل مائارىپ ئۇسۇلىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى،پەقەت <بىر قېتىملىق>خاراكتىرگە ئىگە مەكتەپ تەربىيىسى كىشىلەر ھاياتىنى ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە ئايرىۋېتىدۇ.بۇ خىل ئەندىزە ئاللىقاچان ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالماي قالدى“دەپ قارىدى.

فىرانسىيە بولسا دۇنيا بويىچە بىرىنچى قېتىم ئۆزلۈكسىز مائارىپ قانۇنىنى تۇرغۇزغان دۆلەت.1971-يىلى7-ئاينىڭ16-كۈنى فىرانسىيە دۆلەت مەجلىسى“تەربىيەلەش مۇددىتى“ھەققىدىكى تولۇقلىما قارارنى ماقۇللىغان.قاراردا“ئوندىن ئارتۇق خادىمنى ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق بىر خوجايىن ھەر يىلى زاۋۇتنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ1.1پىرسەنتىنى دۆلەت ئۆزلۈكسىز مائارىپ خىراجىتىگە ئاجىرتىشى كېرەك“دەپ بەلگىلەنگەن.تېخنىك خادىملارنىڭ تەربىيەلىنىش ۋاقتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،1978-يىلى7-ئاينىڭ17-كۈنى فىرانسىيە يەنە بىر تۈرلۈك پەرماننى ماقۇللاپ“تېخنىك خادىملارنىڭ خوجايىنغا تەربىيەلىنىش ۋاقتى بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھۇقۇقى بولىدىغانلىقىنى،ئوخشاش بىر كەسىپتە ئىككى يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغاندىن كىيىن،بۇ ئىككى يىلنىڭ يېرىم يىلىدا خادىملار مائاش ئېلىپ تۇرۇپ500سائەتلىك ئۆزلۈكسىز تەربىيەلنىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى“بەلگىلىگەن.فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز مائارىپقا ئاجىراتقان مەبلىغى پۈتۈن مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ25پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.نۆۋەتتە فرانسىيەدىكى نۇرغۇن كارخانىلار ھەر يىلى ئۆز كارخانىسىدىكى ئىنژىنېر ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى پۈتۈنلەي خىزمەتتىن ئايرىپ ياكى يېرىم خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇش شەكلى بىلەن ئۆزلۈكسىز تەربىيەگە قاتناشتۇرىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدىمۇ ئۆزلۈكسىز مائارىپقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سانائەت شېركەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزلۈكسىز تەربىيەلەش ئاپراتلىرى تەسىس قىلىنغان.ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرمۇ جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تەربىيە دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.ئامېرىكىدا يەنە پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئۆزلۈكسىز تەربىيە ئاپىراتلىرى بار.بۇ خىل تەربىيەلەش ئاپراتلىرىدا ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارلا بولۇپ،نۇرغۇنلىغان دەرسلەرنى ئالىي مەكتەپلەردىكى پروفىسورلار،شېركەتلەرنىڭ ئالىي ئىنژىنىرلىرى ياكى ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئۆتكۈزىدۇ.سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا،1996-يىلى يىل ئاخىرغىچە پۈتۈن ئامېرىكىدا 12050ئىنژىنېرلار بىرلەشمىسى ياكى پەن-تېخنىكا ئۇيۇشمىلىرى ھەر خىل تىپتىكى ئۆزلۈكسىز تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرىغان.نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ھەر يىلى ئۆزلۈكسىز تەربىيەنى قۇبۇل قىلىدىغان تېخنىك خادىملار پۈتۈن مەملىكەت تېخنىك خادىملىرىنىڭ15پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.تېخنىك خادىملارنىڭ مائارىپ خىراجىتى كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن3000دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

ياپۇنيەمۇ ئۆزلۈكسىز تەربىيەلەش جەھەتتە نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن.ياپۇنيەدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ كۆپچىللىكى مەخسۇس ئۆزلۈكسىز تەربىيە ئاپاراتلىرىنى تەسىس قىلغان.بەزى چوڭ كارخانىلار ھەر يىلى مائاشنىڭ10-15پىرسەنتىنى ئۆزلۈكسىز تەربىيە خىراجىتىگە ئاجىراتقان.ياپۇنيەنىڭ پولات-تۆمۈر ساھەسىدىكى گىگانىت“新日铁شىركىتى“ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى زاۋۇتقا كىرىپ ئۈچ يىل ئىچىدە“پولات-تۆمۈر ياساشتىن ئاساس“،ئۈچ يىلدىن سەككىز يىلغىچە بولغان ئارلىقتا“ئەمەلىي تېخنىكاشۇناسلىق“دەرسلىرىنى ئۆگىنىپ بولۇشنى،ئىمتىھانغا قاتنىشىپ مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەتنى ھازىرلاشنى بەلگىلىگەن.سەككىز يىلدىن ئون بەش يىلغىچە بۇ كەسپتىكى تېخىكىلارغا پىششىق بولۇشنى،ھەم شۇ ئاساستا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى كېڭەيتىش،شارائىت يار بەرسە چەتئەللەرگە چىقىپ تېخنىكا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىنى تەلەپ قىلغان.

كورىيەنىڭ داڭلىق كارخانىسى“سامسۇڭ گوروھى“نى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﮔﯘﺭﯗﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ“ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻻﺑﯩﻠﯩﺶ“ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔﮬﺎﻳﺎﺕ-ﻣﺎﻣﺎﺗﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﮔﯘﺭﯗﮬﯩﺪﺍ ”ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺧﺎﺩﯨﻢ 100 ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰﺑﺎﻗﺎﻻﻳﺪﯗ“ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ. ”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﮔوﺭﯗﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻻ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﺭﻧﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ”ﺳﺎﯕﺴﯘﯓ“ﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺧﺎﺩﯨﻢ“ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﻯﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﯩﭽﻪ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﮔﯘﺭﯗﮬﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺩﯨﻤﻨﻰﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﺎﺭ. ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﺧﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﺭﯗﻗﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻤﯘ ”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.

ﻳﺎﺩﺭﻭﻟﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ“-“ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﮔﯘﺭﯗﮬﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺳﯚﺯﻯ. 20- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 90-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺑﯧﺸﯩﺪﺍ“ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻨﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻪﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﭖ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦﺑﺎﺵ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﯘ ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ“ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ“ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 1957-ﻳﯩﻠﻰ“ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﮔﯘﺭﯗﮬﻰ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ”ﺳﺎﻣﺴﯘﯓ“ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔﺧﺎﺩﯨﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ. ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ، ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﭗﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺕﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺘﺎﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻳﯧﯖﻰ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﯜﺳﻜﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ.

 

4.ئۆزلۈكسىز تەربىيەنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئەھۋالى

 

مەملىكىتىمىزدىمۇ ئۆزلۈكسىز تەربىيە ھەققىدىكى خىزمەتلەر 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىشلىنىشكە باشلىغان.لىكىن مەملىكىتىمىزدىكى ئۆزلۈكسىز تەربىيە ئىشلىرى دەسلەپتە ئاساسىي جەھەتتىن مائارىپ ساھەسى بىلەن چەكلەنگەن.ئۆزلۈكسىز تەربىيەنىڭ كارخانا ساھەلىرىدە ھەقىقىي يولغا قويۇلىشى بىر قەدەر كىيىن.1981-يىلى مەركىزى خەلق كوممىتىتى ۋە گوۋۇيۇەن بىرلىكتە“پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيلەش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە“نى تارقىتىپ،پەن–تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيلىنىشى ھەققىدىكى قائىدە-نىزاملارنى بېكىتتى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمگەك مىنىستىرلىكى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۆزلۈكسىز تەربىيەنى ئۆز خىزمەتلىرى ئىچىدىكى موھىم كۈن تەرتىپكە كىرگۈزدى.1983-يىلى خۇلوگېڭ قاتارلىق ئالىملار مەملىكەتلىك6-نۆۋەتلىك سىياسى كېڭەش يىغىنىدا ھەر قايسى ساھەلەردە ئورتاق ھالدا ئۆزلۈكسىز تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش،تەربىيەلەش ئاپاراتىنى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.1985-يىلى چىڭخۇا ئۈنۋېرسىتىدا ئۆزلۈكسىز تەربىيە ئىنىستىتوتى تەسىس قىلىندى.1987-يىلى 10-ئايدا دۆلەت ئىقتىساد كومتىتى،پەن-تېخنىكا كومتىتى قاتارلىق ئورۇنلار“كارخانا پەن تېخنىكا خادىملىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيلىنىش ھەققىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى“نى تارقاتتى.شۇنىڭدىن كىيىن بىر قىسىم ئېچىۋىتىلگەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايۇنلىرى يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ،ئۆزلۈكسىز تەربىيە ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.1991- ،1993- ،1995- ۋە 1999-يىللىرى دۆلىتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارقا-ئارقىدىن بۇ ھەقتىكى ھەر خىل بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىپ،ھەر قايسى ساھەدىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ داۋاملىق تەربىيلىنىشىنى قانان-تۈزۈم ئاساسىي بىلەن تەمىنلىدى.چىڭخۇا ئۈنۋېرسىتى قاتارلىق داڭلىق ئالى مەكتەپلەر مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق تەربىيەلىنىپ،ئۆز ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بازىسىغا ئايلاندى.مەملىكىتىمىزدىكى چوڭ-ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ دۆلىتىمىز ئۆزلۈكسىز تەربىيە سېستىمىسىنى بارا-بارا مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندۈردى.كارخانا بىلەن ئالىي مەكتەپلەر بىرلىشىش،كۆپ خىل تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.نەتىجىدە ھازىر مەملىكىتىمىزدە خەلقئارالاشقان داڭلىق شېركەت ۋە كارخانىلار بارلىققا كېلىپ دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ناھايىتى موھىم رول ئوينىدى.دۆلىتىمىزدىكى دۆلەت ھالقىغان نۇرغۇن كارخانىلار ئىقتىساسلىق خادىملارنى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن تەربىيەلەشنى ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.

دېمەك،خەلقئارادىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ تەجىربىلىرىدىن شۇنى خۇلاسىلاشقا بولىدۇكى،ئىقتساسلىق خادىملار كارخانا مەۋجۈت بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ موھىم ئامىلى.

 

5.مىللىي كارخانىلار زادى قانداق قىلىشى كېرەك؟

 

بىز يۇقىرقى نوقتىدىن مىللىي كارخانىلىرىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۆزلۈكسىز تەربىيە خىزمىتىنىڭ تېخى بىخ ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.ئۆزلۈكسىز تەربىيە مەملىكىتىمز مىقياسىدا تەكىتلىنىشكە باشلانغىنىغا 20يىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالغان ،ئىچكىرى ئۆلكىلەر بۇ ساھەدە ئالىقاچان كەسىپلىشىش يولىغا قەدەم قويۇپ،مۇنتىزىم بىر تەربىيەلەش سېستىمىلىرىنى شەكىلللەندۈرگەن بولسىمۇ،شىنجاڭدىكى مىللى كارخانىلاردا بۇ تەربىيەنىڭ سايىلىرىنى كۆرۈشمۇ ئىنتايىن تەس.بىز دائىم كەلگۈسىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ياخشى ئىشلار بولسا،سەل ئالدىرىماي يولغا قويىدىغان،كېچىكىپ ئىش باشلاپ“بالدۇراق باشلىسام بوپتىكەن“دەيدىغان ئادەتنى تاشلىساق بولاتتى.ئۆزلۈكسىز تەربىيەنىڭ مىللىي كارخانىلاردىكى ھالىتى بىزدە يەنە يۇشۇرنۇپ ياتقان ئىستىقباللىق بىر كەسىپنىڭ يەنى ئۆزلۈكسىز تەربىيەلەش ئاپاراتلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇش شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش.ھەر ئىككى تەرەپنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشنى تەققازا قىلىدۇ.بىزدە كارخانىلاردا تەربىيەلەنمەي ئىشلەۋاتقان خادىملار ناھايىتى كۆپ.ئەگەر كارخانىلىرىمىزنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمەي مومكىن ئەمەس.مېنىڭچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دېققەت قىلىشى كېرەك:

1.ئىلمىي تەرەققىيات كۆز قارىشىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،ئەڭ ئالدى بىلەن كۆز قاراشنى توغرلاش،كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا ئەمەس،يىراققا نەزەر تاشلىيالايدىغان بولۇش.

2.باشقىلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت تەجىرىبىلىرىدىن ئىلمىي ھەم تەنقىدىي يۇسۇندا پايدىلىنالايدىغان بۇلۇش.بۇ تەجىرىبىلەر ئىچىدىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەنلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش.

3.دۆلەتنىڭ ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەش ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش بىلەن بىرگە ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ،ئىختىساسلىق خادىملارنى جەلىپ قىلىش،مۇۋاپىق ئىشلىتىش،مۇكاپاتلاش،جازالاش ۋە ھەر خىل ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ،ئۇنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلە ئىگە قىلىش.

4.ئامال بار ئۆز كارخانىسى قارمىقىدا تەربىيلەش مەخسۇس تەربىيەلەش ئاپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش،خادىملارنىڭ مەزگىللىك ھالدا تەربىيەلىنىشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەش.

5..ئىختىساسلىق خادىملارنى كىرگۈزگەندە،شۇ كەسىپ بۇيىچە مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىكىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش.كەسىپتىن تاشقىرى خادىملارنى كۆپ قۇبۇل قىلىۋىتىپ،تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىي تۆۋەن بولۇش،خىراجىتى كۆپ بولۇش،تەربىيلەش ۋاقىتى ئۇزۇن بۇلۇشقا ئوخشاش ئىشلاردىن ئامال بار ساقلىنىش لازىم.

6.ھەر قايسى كارخانىلار قانداق قىلغاندا ئەڭ ئۈنۈملۈك تەربىيەلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى چىڭ تۇتۇش. باشقىلارنىڭ تەييار تەجىرىبىلىرىنى قارغۇلارچە كۆچۈرۈپ كېلىشتىن ئامال بار ساقلىنىش.ئۆز تەتقىقات نەتىجىسىنى ئەمەلىيەت جەريانىغا تەدبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

7.مىللىي كارخانىلار ئۆز قارمىقىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ داۋاملىق تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە كارخانا باشقۇرغۇچىلارنى داۋاملىق تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ ۋە مەبلەغ چىقىرىشى،شۇ ئاساستا ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەيدىغان ئىقتىساسلىق خادىملارنىڭ تېخىمۇ ئىلغار تەربىيەلىنىش شارائىتىدىن بەھرىمان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىلىچە شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارداساقلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولىشى ئىكەن.

رايۇنىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار تەربىيەلەش شەكلى جەھەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

1 ،ئۆز كارخانىلىرىدا مەخسۇس تەربىيەلەش ئاپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە باشقۇردىغان مەخسۇس خادىملارنى تەيىنلەش.ئۆز رايۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە نەتىجە قازانغان كىشىلەرنى تەجىرىبە تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش.ھەر خىل تىپتىكى لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەربىيەلەش مەقسىتىگە يېتىش لازىم. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى“ئالامەت شىركىتى“ ئىگىلىك تىكلەشكە ئائىت مەركەزدىن بىرنى قورۇغانىدى.بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.مېنىڭچە،بىز ئالدى بىلەن ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغانلارنى ئەمەس،ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە ھەققىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان خادىملارنى كۆپلەپ تەربىيەلىگەن چېغىمىزدىلا كارخانىلىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە،كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز.

2.دۆلەت ئىچىدىكى مەخسۇس تەربىيەلەش ئاپاراتلىرىغا ۋاقىت بەلگىلەپ ئەۋەتىش. تەرەققىي قىلغان،چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ خادىملارنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا تېخنىكا ئىگەللەش،تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئاساسىدا ئۆزى ئىشلەۋاتقان كارخانىلارنىڭ خاسلىقىنى بايقاش ۋە ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم.

3. .ئىقتىسادى يار بەرگەن ئاساستا دۆلەت سىرتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانىلارغا ئەۋەتىش.بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى قېيىنچىلىقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.

6.خۇلاسە

دېمەك،ئىسلاھات ئېچىۋىتىلگەن20نەچچە يىلدىن بۇيان،پارتىيە مەركىزى كوممىتىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە چاقىرىقى ئاستىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاۋانگىراتلىرى ئۆزلىرىنىڭ كارخانىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە رايۇنىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار يوقلۇقتىن بارلىققا،كىچكلىكتىن زورىيىشقا قەدەم قويدى.بۇ جەريانىدا نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.ھەم نۇرغۇنلىغان نوقسانلار ساقلاندى.كارخانا تەرەققىياتىدا ئىتىپاقلاشقان ئىقتىساسلىق خادىملارنىڭ بولىشى كارخانا تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بېرىپ تاقىلىدىغان موھىم ھالقا. ئۇلارنى ئەمەلىيەت جەريانىدا چېنىقتۇرۇش،كەسپى ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش،ھەققىي مەنىدىكى ئىقتىساسلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئۆزلۈكسىز تەربىيە ھەرقانداق كارخانا جەزمەن چىڭ تۇتىشى زۆرۈر بولغان موھىم ھالقىدۇر.

پايدىلانغان ماتىرىياللار

1.زىجى قاتارلىقلار تۈزگەن،“داڭلىق بايلارنىڭ بېيىش تارىخى(خەنزۇچە)“،جۇڭگۇ توقۇمىچىلىق نەشرىياتى،2004-يىل11-ئاي نەشرى

2.ئابدۇغېنى ئاۋۇت،“شىنجاڭ مىللى كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەھلىل“،خەنزۇچە پەن –تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ژورنىلى“،2007-يىللىق9-سان

3.تۇرغۇنجان رۇزى،“شىنىقاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىش“،خەنزۇچە شىنجاڭ مالىيىسى ژورنىلى،2008-يىللىق3-سان

4.توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

 

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2249

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-06-22
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئۇنىۋېرسال
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: