”لوپ“ ۋە ”لوپنۇر كۆلى“ دىگەن يەر ناملىرى ھەققىدە
”لوپ“ ۋە ”لوپنۇر كۆلى“ دىگەن يەر ناملىرى ھەققىدە
ئاپتۇرى :نىياز كېرىمى
لوپنۇر كۆلى تارىم ئويمانلىغىنىڭ شەرقىگە،چارقىلىق نەھىيىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.ئۇنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 90 گىرادۇس بىر مىنۇت47سېكۇنت بىلەن 90 گىرادۇس 27 مىنۇت 45 سېكۇنت ئارىقىغا،شىمالىي كەڭلىك 40 گىرادۇس 2 مىنۇت 43 سېكۇنت بىلەن 43 گىرادۇس 43 مىنۇت 38 سېكۇنت ئارىلىغىدا توغرا كىلىدۇ.كۆلنىڭ سۇ يۇزى دىڭىز يۇزىدىن 766 مېتىر ئېگىز. لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى تارىم ئويمانلىغىنىڭ ئەڭ تۆۋەن جايى بولۇپ،تارىم دەرياسى،كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەن دەريالىرى مۇشۇ جايدا قوشۇلۇپ چوڭ كۆل ھاسىل قىلغان.روس ئالىمى پىرژىۋلىسكىينىڭ -1876,-1877يىللىرى لوپنۇر كۆلىنى تەكشۇرۇپ يازغان ماتىرېياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە،لوپنۇر كۆلىنىڭ ئۇزۇنلىغى 100 چاقىرىم (106.7 كىلومېتىر)،كەڭلىگى 20 چاقىرىم(21.34 كىلومېتىر)كېلىدىغان غايەت زور تەبىئى كۆل ئىكەن.يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ كۆلگە قۇيۇلىدىغان دەريا سۇلىرى يوقىرى ئېقىندىلا تىزگىنلىنىپ كەتكەچكە،60-يىللاردىن كېيىن،كۆل سۇيى تەدرىجى قۇرۇپ،كۆل ئورنى ھازىر قۇرۇق قاقاس شورلۇققا ئايلاندى.
لوپنۇر كۆلى ”خەننامە“ دە (پۇچاڭخەي) دەپ خاتىرلەنگەن.يۇ ۋىيچىڭ (”شىنجاڭ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىش خاتىرسى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى“ ناملىق كىتاپ،57-بېتىگە قارالسۇن) يۇۋىيچىڭ ئەپەندى يەنە:“ بىز ئەلۋەتتە پۇچاڭ…نى ئەسلى; پىچان نىڭ ئاھاڭ ئۆزگۇرىشى دېيىشىمىز كىرەك“ دەپ كۆرسەتكەن(شۇ كىتاپ 31-بە ۋە ”ئۆرۇمچى كەچلىك گېزىتى“1993-يىل 21-ئاپرىل سانى). دېمەك ”پۇچاڭخەي“ ئەسلى ئۇيغۇرچە ”پىچانكۆل“نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر. پىچان دېگەن سۆزنىڭ لوغەت مەنىسى توغرىسىدا ”غەربىي يۇرتنىڭ دەريا -ئېقىنلىرى ھەققىدە خاتىرە“ دىگەن كىتاپتا ”پىچان قەدىمىي تۇركىي تىل بولۇپ،ئوت-چۆپ نامىنى كۆرسىتىدۇ“(لوپنۇر شېۋىسىدىمۇ ئوخشاش ئاتايدۇ-lopnur دىن) دەپ يېزىلغان. ئىمىن تۇرسۇن يازغان يازغان“ تارىمدىن تامچە“ ناملىق كىتاپتا“ پىچان قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بولۇپ،مەنىسى يېكەن دېگەنلىك بولىدۇ“ دەپ كۆرسەتكەن.(لىكىن لوپنۇردا پىچان ۋە يېكەن ئىككىسى ئىككى خىل ئوت -چۆپنىڭ نامى بولىدۇ-lopnur دىن) لوپنۇر كۆلى ”تارىخىي خاتىرىلەر پەرغانە تەزكىرىسى“دە شوركۆل دەپ خاتىرلەنگەن. (”تارىخىي خاتىرىلەر“490-بەت) يەنە شۇ كىتاپنىڭ ئىزاھات قىسمىدا:“بۇ كۆلنىڭ سۇيى شورلۇق بولغاچقا،شور كۆل دەپ ئاتالغان“ دەپ كۆرسىتىلگەن.بۇ كۆل تارىختا يەنە ”لوپ كۆلى“ دەپ ئاتالغان. يەرلىك پىشقەدەملەر ھازىرمۇ ”لوپ كۆلى“ دەپ ئاتايدۇ.
تارىختا يەنە لوپ رايۇنىدا ،يەنە ”لوپ شەھىرى“ دىگەن ئاۋات شەھەرمۇ بولغان.كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئېقىنىمۇ ”لوپ دەرياسى“ دەپ ئاتالغان.ئۇنىڭدىن باشقا لوپ لەڭگەر(لوپ چاڭزا)، لوپ ناھىيىسى(خوتەندە) دېگەن جايلار بولغان. ئۇنداقتا لوپ كۆلى دېگەن ئىسىم قاچان پەيدا بولغان؟ بۇ ھەقتە ئوچۇق يازما ھۆججەت تېپىلمىغان بولسىمۇ،لوپ كۆلى دىگەن ئىسىمنىڭ ”لوپ شەھىرى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى بار ئىكەنلىگىنى موقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. چۇنكى شەھەر تەبىئى كۆل،دەريالاردىن بۇرۇن پەيدا بولمايدۇ. مىلادى 1276-يىلى لوپ ئويمانلىغىدىن ئۆتكەن ساياھەتچى ماركو پولۇ ئۆزىنىڭ ”ساياھەت خاتىرسى“دە“چەرچەندىن چىقىپ،بەش كۇنلۇك يولنى بىسىپ ئۆتكەندىن كېيىن،چۆللىكنىڭ چېتىدىكى رابات لوپقا بارغىلى بولىدۇ،لوپ چۆللىگىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان.ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ….“دەپ يازغان.بۇنىڭدىن لوپ رايۇنىدا تارىختا يەنە لوپ دەيدىغان ئاۋات شەھەر بولغانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.شۇنداقلا ”لوپ كۆلى“ دىگەن نامنىڭ 1000يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
“لوپ“نىڭ تىل تەۋەلىگى توغرىسىدا:“غەربىي ئەللەر سۇ ئېقىنلىرى ھەققىدە“ ناملىق ئەسەردە“تارىم دەرياسى“يەنە شەرققە قاراپ ئېقىپ،لوپنۇر كۆلىگە قۇيىلىدۇ.مۇسۇلمان (ئۇيغۇر) تىلىدا لوپ سۇ يىغىلىپ قالىدىغان جاي دېگەننى بىلدۇرىدۇ“ دېيىلگەن،(”تارىمدىن تامچە“428-بەت). 1893 -يىلى تۇنجى قېتىم ئاسىيانى ئېكىسپىدىتسىيە قىلغان شۋېتسىيىلىك سۋىن .ھىدىن : ”ئاخىرقى كۆل،قارا كۆل،تايىق كۆل ۋە ئارچا كۆل قاتارلىق 4 كۆلنىڭ تۇتاشقان جايى جۇڭگۇنىڭ جۇغراپىيە كىتاپلىرىدا بايان قىلىنغان لوپنۇر كۆلى بىلەن ماس كىلىدۇ“ دەيدۇ.(”يىپەك يولىدىكى 99 سىر“ 49-بەت).بۇنىڭدىن ”لوپ“ سۆزى تارىختا تەبىئى كۆللەرنىڭ قوشۇلغان جايى دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ نام شۇ كۆل جايلاشقان يۇرتنىڭ نامى ئورنىدا قوللۇنۇپ كەلگەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى ”تارىخى ھەمىدىيە“دە ”ئالتە شەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇپ بۇرجىگىنىڭ ئارىلىغىدا،لوپ دېگەن مەشھۇر زېمىن بار. لوپنىڭ شەرقىي چېگرىسى لەنجۇ تەۋەسىدىكى سۇجۇ،(ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇ چۋەن ۋىلايىتى). ساجۇ(دوخان) شەھەرلىرىگە ئۇلىنىدۇ.شىمالىي چېگرىسى بولسا ،قۇمۇل،تۇرپان، كورلا قاتارلىق جايلارغا چېگرىداش.غەربىي تەرىپى بولسا شاھيار(شايار)،چەرچەن،خوتەن،لاسا،چابە دېگەن ۋىلايەتلەرگە تۇتىشىدۇ. بۇ زىمىن ناھايىتى كەڭرى بىر جايدۇر.بۇ زىمىندىن خۇتەن،يەكەن،ئاقسۇ،كورلا دەريالىرى(كۆنچى) ئۆتىدۇ. ”دەپ يازىدۇ.(”تارىخىي ھەمىدىيە“703-،704-بەتلەرگە قارالسۇن). ”تارىخىي رەشىدىيە“نىڭ مۇئەللىپى مىرزا ھەيدەر ”لوپ“ دېگەن جايدا،17 چوڭ شەھەر بولغان.شەھەرى كېتىك،شەھەرى تەرمەك،شەھەرى تەركەن،شەھەرى چەرمەن ۋە ۋاششەرى دىگەن شەھەرلەر بولسا،ئەنە شۇلارنىڭ جۇملىسىدىندۇر.“ دەپ يازىدۇ. ماركو پولۇ نىڭ ساياھەت خاتىرسىدىن قارىغاندا، ۋاششەھەرى لوپ شەھەرى بولىشى مۇمكىن.(”ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى“ 1994-يىلى2-مارىتتىكى سانىغا قارالسۇن). ھازىر لوپنۇر ئويمانلىغىدا ،لوپنۇر كۆلى،لوپنۇر ناھىيىسى،لوپ لەڭگەر ،“لوپ مەھەللىسى“ دىگەن جايلار بار.خوتەندە لوپ ناھىيىسى بار.(قۇمۇلدا لاپچۇق ،كورلىدا لوپ ئېرىق دىگەن جايلارمۇ بار-lopnur دىن). لوپنۇر كۆلى _لوپقا جايلاشقانلىغى ئۇچۇن،ئەسلىدە لوپ كۆلى دەپ ئاتالغان.
لوپنۇر دىگەن بۇ نام 1772-يىلى مۇڭغۇللارنىڭ تۇرغۇت قەبىلىسى رۇسىيىدىن بۇ يەرگە كۆچۇپ كەلگەندىن كىيىن پەيدا بولغان.(بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ قوياي.مۇڭغۇللارنىڭ تۇرغۇت قەبىلىسى كۆچكەندە،1773-يىلى ئوباشنىڭ چەنلۇڭ خانغا ئىلتىماس قىلىشى بىلەن،يۇلتۇز ئويمانلىغىغا ئورۇنلاشقان.لوپنۇر رايونىغا كەلگەنلىگى توغرىسىدا مەلۇمات يوق.كەلدى دىگەندىمۇ بەك تەسىر قىلىپ لوپنى لوپنۇرغا ئايلاندۇرىشى مومكىن ئەمەسمىكىن.مىنىڭچە لوپنۇر شېۋىسىدە ”لوپ“دىگەن سۆز _جاڭگال،جاڭگاللىق دېگەن مەنىدە.نۇر بولسا قۇياش نۇرى،چۇنكى لوپنۇرلۇقلار كۈننى ناھايىتى ئۇلۇغ ھىساپلايدۇ.
خۇلاسە قىلساق،لوپنۇر دېگەن نامنىڭ يەرلىكتىكى مەنىسى قۇياش نۇرىغا چۆمگەن بوستانلىق جاڭگاللىق دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ-lopnur دىن). لوپنۇر ناھىيىسى دىگەن نامغا كەلسەك،يەرلىكلەر لوپنۇرنىڭ ھازىرقى بازىرىنى ”كۆنچى“دەپ ئاتايدۇ.1898-يىلى قارا قۇم;ھازىرقى ناھىيە بازىرىدىن 5 كىلومىتىر شىمالىدا ناھىيە مەركىزى قىلىپ،“شىنپىڭ شەن“ دەپ نام بىرىلگەن.مەنىسى يىڭى تىنچلاندۇرۇلغان ناھىيە“دىگەنلىك بولىد ۇ.(بۇرۇنقى لوپنۇرلۇقلار تارقاق ھالدا كۆللەرنى بىرلىك قىلىپ ھايات كەچۇرگەن ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرى كەلسە،كېمىسىنى ھەيداپ كۆللەرگە قىچىپ غايىپ بولۇپ كەتكەن.ئۇلارنى باشقۇرالمىغان- lopnur دىن). مىنگونىڭ-3يىلى (مىلادى 1914-يىلى)ھازىرقى ئورنىغا (كۆنچى)گە كۆچۇرۇپ كەلگەن.يەنە شۇ يىلى ”شىڭپىڭ شەن“دېگەن ئىسىم يۇننەن ئۆلكىسىنىڭ شىڭپىڭ شەن ناھىيىسى بىلەن ئوخشاش نامدا بولۇپ قالغاچقا،تارىختىكى ”يۇلى ”دۆلىتىنىڭ نامىدا ”يۇلى شەن“گە ئۆزگەرتكەن.ئۇيغۇرچە لوپنۇر ناھىيىسى دەپ ئاتالغان.يەنە يەرلىكلەر ”كۆنچى“دەپمۇ ئاتاۋەرگەن. لوپ چاڭزا دىگەن ئىسىمغا كەلسەك ،بۇ جاي قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ موھىم ئۆتەڭلىرىدىن بىرى بولۇپ،لوپلەڭگەر دەپ ئاتىلىدۇ.لوپچاڭزا بولسا لوپلەڭگەرنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر.
مەنبە:بۇلاق ژورنىلىدىن ئېلىندى
توردىكى مەنبەسى:لوپنۇر لېنىيىسى تورى