ئازاب خاتىرسى

ۋاقتى: 2011-11-19 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 447 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

ئازاب خاتىرسى

 

(1)

 

ماڭىمەن دەريانىڭ لىۋىنى بويلاپ،

سۇلارغا دەردىمنى ئەيلىگەچ بايان.

سەل بولۇپ يامرىغان يېشىمغا شۇ تاپ،

لېۋىمنى چىڭ چىشلەپ سالىمەن تۇغان.

 

تەسەللىي بەرمەكچى بولىدۇ ماڭا،

كەچكۈزنىڭ شامىلى مەڭزىمگە سۆيۈپ،

ۋە لىكىن قىزىتىپ بارار يۈرەكنى،

ھەسرەتنىڭ ئوتلىرى لاۋۇلداپ كۆيۈپ.

 

سەزگۈمنى كۆيدۈرۈپ تۇرسىمۇ يالقۇن،

يالمايمەن چىققاندا يۇقىرى پەللىگە.

ھېسياتسىز نىگاھتا قويىمەن قاراپ،

كۆزۈمگە چېلىققان بارچە نەرسىگە.

 

چارچاشنى ئۇنۇتقان بەڭباش قانلىرىم،

تۇمۇرۇمغا ئۇرۇلۇپ ئاقار كۈۋەجەپ.

غورۇرۇم تۇتالماي ئۆزىنى تەمكىن،

ئۆزىگە چېچىلىپ بولار دەرغەزەپ.

 

بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئەگىشىپ،

كېلىدۇ قىستىلىپ،ئىتتىرشىپ سۇئال.

تاپالماي جاۋابنى قالىدۇ قېيداپ،

ئازابنىڭ تەمىدىن سەسكەنگەن خىيال.

 

مۇرەسسە قىلماقچى بولىدۇ تۇرۇپ،

يىلتىزى پۇلاڭلاپ قالغان ئىرادەم.

ۋەلىكىن يول قويماس زىنھار ۋە زىنھار،

ئىچىمدە بىخسىغان سۈيۈملۈك ئەلەم.

 

بىلمەيمەن توختايدۇ قايسى دوقمۇشتا،

جاھىللىق توپىسى چاپلاشقان قەدەم.

قايتىدىن جەم بولۇپ خۇشال كۈلكىلەر،

سىقاركىن بەختنىڭ قولىدىن مەھكەم.

 

 

2011-يىلى11-ئاينىڭ 16-كۈنى

 

 

(2)

 

سىڭمەكتە قېنىمغا ئاجايىپ مۇڭلۇق،

تەمبۇردىن تۆكۈلگەن شۇ لەزىز كۈيلەر.

سەرگەردان خىياللار تىرىگەچ ئىڭەك،

قەلبىمنى توختىماي سۈكۈتكە ئۈندەر.

 

تاپىنىم ئەگىشىپ زەخمەك ئۇرۇشقا،

چېكىدۇ تېنىمسىز مۇزلىغان يەرنى.

تۇرۇپلا تۇيۇقسىز توختايدۇ چۆچۈپ،

ئېسىگە ئالغاندەك بىر شۇم خەۋەرنى.

 

ئۆتىدۇ كۆزۈمدىن سانسىز سۈرەتلەر،

قايغۇ ۋە خۇشاللىق ئارلىشىپ كەتكەن.

بىلىمەن بۇ دۇنيا چەكسىز،پايانسىز،

شۇ دەقىق نەقەدەر تارلىشىپ كەتكەن.

 

ناز قىلدى رىئاللىق قايسى رەڭ بىلەن،

تەقدىرنى ئوينىتىپ ھىجىران دەشتىدە.

ئىشەنگەن ئادىمىم يارامنى تاتلاپ،

چۈشتىمۇ يۈرەكنى داغلاش قەستىگە.

 

بىۋاپا دېيىشكە بارمايدۇ رايىم،

بەختىمگە قوشېزەك سۈزۈك ئازاپنى.

كۈتىمەن پەقەتلا سېغىنىش بىلەن،

روھىمنى ئويغۇتار چۈرۈك جاۋاپنى.

 

2011-يىلى11-ئاينىڭ 17-كۈنى

 

 

(3)

 

قەلبىمدۇر كۆز يەتمەس ئازاپ دېڭىزى،

روھىمدۇر دېڭىزدا نىشانسىز كېمە.

كۆزۈمدە بەختنىڭ مەۋھۇم سۈرىتى،

ئۆلۈمگە چىللايدۇ ۋىجدان، ئەقىدە.

 

ئۈمىدلەر ئېسىلغان قىسمەت دارىغا،

تەشۋىشلەر دەرتلەرگە يازىدۇ نوتا.

سۈكۈتنىڭ كەينىدە ھەسرەتنىڭ تىغى،

تەپەككۇر ئېتىمنى قىلماقتا ئاختا.

 

ئەسەبىي سېغىنىش،ئەسەبىي كۈتۈش،

ئەسەبىي قۇچاقلاش،ئەسەبىي سۆيۈش.

قالماپتۇ جىسمىمدا روھىمدا پەقەت،

قالغىنى ئازاپقا مەڭگۈ چىلىنىش.

 

2011-يىلى11-ئاينىڭ 18-كۈنى

 

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. lopnuri
    2011/11/19 16:37:41

    ھەممە ئادەمنىڭ خۇشال بولىدىغان ھەم ئازابلىندىغان كۈنلىرى بولىدۇ. ئازابلانغان چاغلىرىڭىزدا بۇ ئازابلىرىڭىزنى مەلۇم بىر خىل ئۇسۇللار بىلەن چىقىرۋالسىڭىز يېنىكلەپ قالغاندەك بولىسىز. ھەممىمىز خۇشال يۈرۈشنى ئازۇ قىلىمىز،لىكىن،تەقدىر دائىم بىزگە كۈلۈپ بېقىشى ناتايىن. بۇ شېئىرلارمۇ ئەنە شۇنداق بىر كەچۈرمۈشلەرنىڭ يالدامىسى خالاس.

  2. كۆنچى
    2011/11/19 16:16:52

    يا ئاللا .ئىچىڭىز دېڭىز ئىكەن ھە. تەمبۇر كۈيلىرىدىن مۇڭلىنىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا يازغان ئازاپ خاتىرسىكەن دە، بىر ئاغىنەم مۇشۇنداق شىئىرلارنى ئىزدەپ يۇرەتتى.، تونۇشتۇرۇپ قۇيايمۇ ؟ ئەتە ئۆگۈن ئەسەرلىرىڭىز ناخشا بوپ چىقامدۇ تېخى :razz: :razz:

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif