گرونۋېدىل ۋە قەدىمكى كۇچا ناملىق ئەسەر(سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-11-29 / تۈرى: تارىخ-مەدەنىيەت / كۆرۈلۈشى: 202 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

گرونۋېدىل ۋە قەدىمكى كۇچا ناملىق ئەسەر

 

ئالبېرت گرونۋېدېل(1856-1935)گىرمانىيىلىك ئارخىلوگ،گۈزەل-سەنئەت ئارخىپچىسى.ئۇ 1856-يىلى ماخېيدا دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ دادىسى رەسسام ئىدى.ئۇ19يېشىدا ماخېيدىكى گۈزەل-سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ.ياندۇرقى يىلى شەرقشۇناسلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ماخېي داشۆسىگە يۆتكىلىدۇ.1881-يىلى بېرلىن ئېتنوگىرافىيە مۇزىيىدا ياردەمچى مۇزىي خادىمۇ بولىدۇ.1891-يىلى پروفىسور بولىدۇ.گورۇندېۋېل بۇ مەزگىلدە مەخسۇس ھىندىستان بۇددا دىن گۈزەل سەنئىتىنى،بولۇپمۇ سۆرەتشۇناسلىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخىلوگىيىسىنى تەتقىق قىلىدۇ.1893-يىلى“ھىندىستان بۇددا دىن سەنئىتى توغرىسىدا“نى ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىنى تىكلەيدۇ.

   1902-يىلى گروندېۋېل13-قېتىملىق خەلقئارا شەرقشۇناسلار يىغىنىدا“ئوتتۇرا ئاسىيا يىراق شەرق تارىخىي،ئارخىلوگىيىسى،تىللىرى،ئېتنوگىرافىيە تەتقىقاتى بويىچە خەقئارا ئىلمىي جەمىيەت“قۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ.ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىشلىرى گېرمانىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى  ئەۋەتىشتىن ئىبارەت بولدى.گروندېۋېل ئۆزى بىۋاستە ئادەم تاللايدۇ ھەمدە“گېرمانىيە تۇرپان ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى“دەپ رەسمىي نام بېرىدۇ.شۇنداقلا ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيەتلىرىگە بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

گروندېۋېل ئەنگىلىيىلىك سىتەيىننىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى قېدىرىش،تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى  ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇش نىيتىدە نىشاننى تارىم ئويمانلىقىنى شىمالىي قىسمىدىكى تەڭرىتاغ جەنۇبىي ئېتەكلىرىگە قويۇپ،ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولماقچى بولىدۇ.ئۇ گېرمانىيىنىڭ تۆت قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيىسىنىڭ سەركەردىسى،ئۇ بۇ قېتىمقى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىدە ئەتىرەت باشلىقى بولغاندىن تاشقىرى ئەتىرەت يەنە بۇددا دىن ئالىمى خود،مۇزىي تېخنىكى باردوستىن تەشكىللەنگەن ئىدى.

1902-يىلى11-ئايدىن1903-يىلى5-ئايغىچە تۇرپاندا مەركەزلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن قەدىمىي پۈتۈكلەر ۋە گۈزەل-سەنئەت بويۇملىرىنى تاپىدۇ.بۇ قېتىمقى نەتىجىلەر تۈپەيلى گېرمانىيە لېكوكنى 2-قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيىگە قاتناشتۇرىدۇ.ئۇ گروندېۋېلدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىدۇ.لىكوك بىلەن گروندېۋېل تۇرپاندا ئۇچىراشقاندىن كىيىن3-قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنى قايتىدىن تەشكىللەيدۇ.1905-يىلى12-ئايدا كۇچا،قاراشەھەر،تۇرپان،قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە كۇچانىڭ قىزىل مىڭ ئۆيىدىكى نەتىجىلىرى كۆزگە كۆرىنەرلىك بولىدۇ.گروندېۋېل بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك قۇماندانلىق قىلىدۇ.تام رەسىملىرىنى ئۆزى بىۋاستە سىزىپ كۆچىرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ رەڭلىرى ئارقىلىق ئۆز ئەسىرىنى پەردازلايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوكىلاتى يازىدۇ.ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە ىارابىلىكلەرنى بېكىتىشىدە ئاساسىي جەھەتتىن گروندېۋېل ھۆكۈم چىقىرىدۇ.3-قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە1907-يىلى4-ئايغىچە داۋام قىلىدۇ.بىر رايۇندا مەركەزلىك،ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇنداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش،گېرمانىيەنىڭ ئىلمىي ئىستىلىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

گروندېۋېل گېرمانىيەگە قايتىپ بېرىپ،ئۇزۇن ئۆتمەي،1912-يىلى“گرىتسىيە،تۈركىستاندىكى قەدىمكى بۇددا دىن ئىبادەتخانىلىرى“دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىدۇ.1920-يىلى“قەدىمكى كۇچا“نى ئېلان قىلىدۇ.  ئۇنىڭ يەنە“جۇڭگۇ تۈركىستاندىكى قەدىمكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى“،“1902-1903-يىلى قىشتا ئېدىقۇتتىكى ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىن دوكىلات“قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1923-يىلى ئۇ يۇرتى باينۇنىڭ نىگولىس دېگەن يېرىگە قايتىپ بېرىپ،ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددا دىن سۆرەتشۇناسلىق تەتقىقاتى توغرسىدا ئەسەر يازىدۇ.1935-يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولىدۇ.

 

تۆۋەندە گروندېۋېلنىڭ“قەدىمكى كۇچا“دېگەن ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن سۈرەتلەردىن كۆرۈپ باقايلى.

 

كىتاپنىڭ  مۇقاۋىسى

كۇچادىكى قىزىل مىڭ ئۆي

 

 

 

 

 

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. چەۋەندازلار
    2011/11/29 19:13:40

    بۇ قىممەتلىك رەسىملەرنى ساقلىۋېلىپ چىكىتەي. قىممەتلىك يازمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم.

    • lopnuri
      2011/11/30 19:43:53

      سىزنىڭ كەلگەن قەدىمىڭىزگىمۇ تەشەككۈر!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif