بىر قىز بىلەن مۇشائىرىگە چۈشتۈم(داۋامىنىڭ داۋامى)

ۋاقتى: 2011-10-26 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 291 قېتىم / 4 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(14)

 

شامال يىغلاپ قۇيۇن بولغان دەم،

يامغۇر بولدۇم تىم-تىم تامچىلاپ.

قىزىل گۈلنىڭ بەرگىنى ئەگىپ ،

ئۈتۈپ كەتتىم شامالنى ھىدلاپ.

 

شامال،شامال دېدىدىم يوللارغا،

قىزىل ياپراق تىترەر غەم بىلەن.

يىغلاپ سىڭىپ كەتتىم تۇپراققا،

توسىۋالغىن  ئالدىڭدىكى   مەن.

 

 مەكتۇبىڭنى ئۇقۇدۇم ئاخشام،

ياپراقلارغا  زىناقلار  سىزىپ.

جاۋاپ خەتنى بەردىم سۇلارغا،

قۇياش بىلەن ئالسۇن دەپ سۆيۈپ.

 

 ئاسمان جىمجىت تۇرغان دەقىقە،

بۇلۇت باغرى مەن ئۈچۈن قاتتىق.

يامغۇر بولغۇم كىلەر  سىم-سىم،

پىنھان چۈشتەك سۆيۈملۈك تاتلىق.

 

مېنىڭ ئون بەشىنچى مۇشائىرەم

 

ئۆتۈپ كەتتىڭ نىچۈن تۇيدۇرماي،

تىم-تىمىڭنىڭ گۈللەرگە بېرىپ.

سەن يوللاردىن ئىزدىمە مېنى،

مەن چۆللەردە سەرسانە غېرىب.

 

قۇيۇن ماڭماس يوللارنى بويلاپ،

قاقاس يەرلا يامغۇرغا تەشنا.

سىڭمە مۇنبەت تۇپراققا ئەركەم،

چۆلنى بوستان قىلىشنى ئويلا.

 

كەتكىنىڭنى بىلسەملا ھەرۋاق،

چۈمۈلىمەن بەك سوغۇق تەرگە.

ئوخشار ساڭا ئاشىق يۈرىكىم،

ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىغان يەرگە.

 

 

چۈمۈلىلەر كولىدى نەۋاق،

لەۋلىرىمگە ساناقسىز لەخمە.

ئالغان بولساڭ مېنىڭ ھىدىمنى،

بىردەم توختا ئالدىراپ كەتمە.

 

مەكتۇبىمنى ئوقۇپسەن نىگار،

جاۋاب خەتنى بېرىپسەن سۇغا.

قۇياش مېنى كۆيدۈردى دەھشەت،

بىلەلمىدىم بۇ قانداق سوۋغا؟

 

كۆيمەكتىمەن لاۋۇلداپ مانا،

سەن قارىغان ئاينىڭ نۇرىدا.

كەلگىن قېنى دېيىشكەن يەرگە،

تۇرىۋەرمەي بۇلۇت تۇرىدا.

 

ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(15)

 

يوللارغا تاشلىدىم بارچە كەچمىشنى،

سۇۋادان ئاسمانغا تۇرار ئىنتىلىپ.

ھىجراننىڭ توكۇلداپ باغرىنى تېشىپ ،

توختۇدۇم يەنىلا شامالنى كۈتۈپ.

 

كۆرۈندى يىراقتىن غۇۋا بىر سىما،

بىلمەيمەن ئۆزۈمنى ئوخشاتتىم كىمگە.

يىنىمغا كىلىشنى ئويلىغان بىر رەت،

بەلكىم ئۇ ياكى… ھەممىسى ئەتە.

 

ياسايمەن يوللارنى خىيالىم بىلەن،

شامال ھەم يامغۇرغا شاھىد سۇۋادان.

يوللاردا پارلىدى شامالنىڭ سۈرى ،

ۋىلىقلاپ كۈلمەكتە يامغۇر شادىمان.

 

مېنىڭ ئون ئالتىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

بىلمىدىم قەيەردە توختىدىڭ يامغۇر،

تاغلارنىڭ لەۋلىرى يەنىلا يېرىق.

دۈپۈلدەپ يۈرىكىم پاتماي قەپەسكە،

چاپىدۇ توختىماي چۆللەرگە ئېرىق.

 

 

تىلىمنى تەككۈزدۈم كۆلچەك بويىغا،

ۋە لېكىن ئۇنىڭمۇ يۈزلىرى چاك-چاك.

ئىزىڭنى قالدۇرۇپ تاشنىڭ يۈزىدە،

ئەيلىدىڭ كۆڭلۈمنى ۋاقىتسىز غەمناك.

 

يېنىڭغا بېرىشنى ئويلىغاچ ھەرۋاق،

بۇلۇتقا ئەگىشىپ تېشىلدى تاپان.

سورىدىم قەيەرگە كەتكەنلىكىڭنى،

ۋەلىكىن ئۈندىمەي تۇردى سۇۋادان.

 

يولۇڭنى ياسىغاچ خىيالىڭ بىلەن،

مەن كەلسەم ھەممىسى كېتىپتۇ ئۆچۈپ،

بۇلۇتنى كۆرپە قىپ سالدىم يۈرەككە،

كەلمەمسەن ۋىلىقلاپ باغرىمغا كۆچۈپ؟

 

ھىجراننىڭ باغرىنى تېشىپ تۇرۇقلۇق،

نە ئۈچۈن يەنىلا يۈرىيمىز تەنھا؟

كۆرۈنۈپ تۇرۇپمۇ كۆزۈڭگە كۆزۈم،

نە ئۈچۈن كېتىسەن بىلمىدىم توۋا؟

 

 ئايزىت ئارىلىقتا تۆت-بەش كۈن يوقاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى غىدىقلاپ مۇشائىرىگە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىپ تۆۋەندىكى مۇشائىرىنى يازدىم.

 

مېنىڭ ئون يەتتىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

سېغىنىشنى يېپىنچا قىلىپ،

بۇ تۈننىمۇ ئۆتكۈزدۈم بىدار.

بىلەلمىدىم قالدىڭمۇ رەنجىپ،

مەن كۆڭلۈڭگە بەردىممۇ ئازار.

 

ھېچ بولمىسا خېتىڭ كېلەتتى،

ھەسرىتىمگە مەلھەم بەرگىلى.

چىقار ئىدىم ئۈمىدلەر بىلەن،

ئېتىزىڭغا باشاق تەرگىلى.

 

ئۇخلاش ئۈچۈن كەتتى قۇياشمۇ،

كۆكتە پارلاپ چىققاندا قەمەر.

بۈگۈن يەنە ياندىم پەرىشان،

ئالالماستىن سېنىڭدىن خەۋەر.

 

يۈزلىرىمنى چىمدىدى گۈگۈم،

باسمىسۇن دەپ يۈرەكنى غەپلەت.

تاڭ ئاتقىچە كىرپىك قاقمىدى،

يۇلتۇزلارمۇ تىلەپ سائادەت.

 

ئاستا-ئاستا سۈزۈلدى تاڭمۇ،

چىقتى قۇياش ياسىنىپ ئوماق.

ماڭدىم بۈگۈن يەنە ئالدىراپ،

ئېسىش ئۈچۈن ساڭا كۆزمونچاق.

 

ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(16)

 

بىلىندۈرمەي بۇلۇتنى سۈرۈپ،

مەغرىپ تامان كەتتى شوخ شامال.

قولى يېرىق ئىگىز تاغ ئارا،

قارىغاي بولاي دېمەكتە خىيال.

 

قۇمۇشلارمۇ ئېيتمىدى ناخشا،

  مەغرىپ كوچا تورىدۇ غەمكىن.

 ناخشا ئېيتتىم مەشرىق كوچىدا.

تاپالماستىن كۈتۈشتىن تەسكىن.

  

ئۇقۇپ بەردىم قارا بۇلۇتقا،

ھىجران دېگەن كونا ناخشىنى.

غىچىرلىغان كىمنىڭ ئېشىكى،

بىلمەي قالدىم كەلگەن يولۇمنى.

 

ئۆز-ئۆزەمگە ئاستا پىچىرلاپ،

ئۈنچە تېزىپ ئولتۇردۇم  سەھەر.

يامغۇر بىلەن شامالدىن قېچىپ ،

چوقۇم سۇغۇق قالدى تاش شەھەر.

 

مېنىڭ ئون سەككىزىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

”ھىجران“دېگەن كونا ناخشىنى،

ئالماشتۇرغىن ۋىسال كۈيىگە.

چىلاپ باقاي مەنمۇ ئۆزۈمنى،

سەھەردىكى يامغۇر سۈيىگە.

 

ئارىسىدىن سېنى تاپاي دەپ،

سۈرگەن ئىدىم بۇلۇتنى ئاستا.

باش چايقىدى ھەممە ھەممىسى،

يامغۇر زادى كەتتىڭ قاياققا؟

 

ئىزدەپ يۈرۈپ سىمالىرىمنى،

ئېزىپ قاپسەن ماڭغان يولۇڭدىن.

كىرىپ قالساڭ ھىجران چۆلىگە،

ئېلىپ كېتەي ئەكەل قولۇڭدىن.

 

شوخلۇق ماڭا بولمىدى نىسىپ،

ئىچەلمىگەچ ۋىسال شارابى.

تاش شەھەردە ئاشتى ھەسسىلەپ،

غېرىبلىقنىڭ تاتلىق ئازابى.

 

مەغرىپتىن تاپالماي سېنى،

مەشرىققە تىۋىشسىز كەلدىم.

غىچىرلىغان مېنىڭ ئىشىكىم،

كۈتۈشلەرگە چىدالماي بەلكىم.

 

ئۆز-ئۆزۈمگە ۋاقىردىم قاتتىق،

تۈن بېتىنى يىرتتىم پارچىلاپ.

چاقماقلارغا قىلدىم تەئەددى،

گۈلدۈرماما كەتتى چىرقىراپ.

 

ئۇنتۇپ قالدىم ئۆزۈمنى شۇندا،

خىيالىمدا بولغاچ سەن پەقەت.

تۇرمىساڭمۇ يېنىمدا ئۇزاق،

بىر تامچىلا ئاندىن ئۇچۇپ كەت.

 

ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(17)

 

ئالالماستىن مېنىڭدىن خەۋەر،

يوللىرىڭدىن يېنىپسەن غەمدە.

باردىم كىچە كۆڭۈل بېغىڭغا،

پىنھان سىرنى تۆكۈپ كۆزۈمدە.

 

قۇياش بىلەن قاتتىق ئۇخلاپسەن،

قاراپ باقتىم ئۇپۇققا ئاستا.

يېگانە ئاي ھەسرەت يۈتكەندە،

ئوخشاپ قالدى كۆزۈم بۇلاققا.

 

كەلگىن يۇمشاق قۇملارنى دەسسەپ،

ئېتىزىمغا باشاق تەرگىلى.

چۆچەك ئېيتتىم بۇغدايغا پىنھان،

شامال بىلەن خامان ئالغىلى.

 

مېنىڭ ئون تۇققۇزىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

كۆزلىرڭدە تۆككەن سىرىڭنى،

تىكىپ قويدۇم كۆڭۈل بېغىمغا.

چېچەكلىدى، كۆكلىدى بەك ئۇز،

ئوتلۇق ھەۋەس سېلىپ دىلىمغا.

 

خىيالىمدا چۈكتۈم بەك ئۇزاق،

كۆزۈڭدىكى تەگسىز بۇلاققا.

چۈشلىرىمدىن ئويغاندىم چۆچۈپ،

تىۋىشلىرىڭ كىرىپ قۇلاققا.

 

ئەتىراپقا قارىدىم تېز-تېز،

ئاي تۇرۇپتۇ ھەسرەتكە چۆكۈپ.

قاپتۇ پەقەت بىر تامچە يېشىڭ،

يىغلاپ كەتتىم مەنمۇ بەك ئۆكسۈپ.

 

بارار ئىدىم باشاق تەرگىلى،

يوللىرىڭدا بولسىمۇ تىكەن.

چۆچىكىڭنى ئېيتقىن توختىماي،

خامىنىڭنى تەپكىنىم تەپكەن.

 

كۈلۈمسىرەپ تۇرغىن بىر چەتتە،

سامان بىلەن داننى ئايرىسام.

نېمە بولۇپ كىتەرمەن شۇ چاغ،

قېن-قېنىمغا پاتماي يايرىسام.

 

 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە يېزىلغان مۇشائىرلەر

4نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. رىسالەت
    2012/02/11 10:45:54

    ياخشى يېزىپسىز، ماڭا بەك يارىدى. ئەمما مەن شېئىر يازالمىغىلى بەك ئۇزاق بوپ كەتتى. ئوقۇپ ھوزۇرلىنىدىغان بوپ قالدىم.

    • lopnuri
      2012/02/11 11:31:42

      قارىسام ھازىر ماقالە بىلەن نەسىرى ئەسەرلەرگە بەكىرەك دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرغاندەك قىلىسىز. بىلىشىمچە، نۇرغۇن داڭلىق پروزا ئەسەر يازغۇچىلىرى دەسلەپكى ئىجادىيىتىنى شېئىرىيەتتىن باشلاپ ئاندىن پروزا ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن ئىكەن. ھەمدە ئىنتايىن زور ئۇتۇق قازانغان ئىكەن. بەلكىم بۇمۇ سىزنىڭ ئىجادىيەت سەپىرىڭىزدىكى چوڭ سەكرەش بولىشى مۇمكىن.

  2. رىسالەت
    2012/02/10 10:56:04

    ۋاھ قىززىق مۇشائىرە بوپتىغۇ، قايسى مۇنبەردىكى مۇشائىرە بۇ ؟ بىزمۇ مۇشائىرە قىلىپ باقامدۇق؟

    • lopnuri
      2012/02/10 13:18:56

      بۇ يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى مۇشائىرە ئىدى. مەن مەلىكە مۇھەممەد ئايزىتنىڭ «ئەسلىدە سەن شامال،مەن ئىدىم يامغۇر»دېگەن شېئىرىغا بىر مۇشائىرە يېزىپ قويغان ئىدىم. كېيىن ئىككىمىز خېلى ئۇزۇنغىچە مۇشائىرە قىلىپ 30 پارچىغا يېقىن شېئىر يازدۇق. سىزگە ئەرزىگەن بولسا،مەن بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif