زېرىكىشلىك كۆلچەكتىن قۇتۇلۇش

زېرىكىشلىك كۆلچەكتىن قۇتۇلۇش

 

ھېكايە:

    بىر كىچىك پاقا ئۇزۇن يىل ياشىغان كىچىك كۆلچەكتىن قاتتىق زېرىكىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆلچەكتىكى سۇ بارغانسىرى ئازلاپ، بىرەر نەرسە تېپىپ يېيىشمۇ تەسكە چۈشۈپتۇ. كىچىك پاقا ھەر كۈنى توختىماستىن سەكرەپ، بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەكچى بوپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھەمراھى بۇلغىنىپ كەتكەن سۇ ئازگىلى ئىچىدە ھورۇنلۇق قىلىپ سوزۇلۇپ يېتىۋىرىپتۇ. ھەمدە: ”ھازىر تېخى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمىدۇققۇ؟ نېمىگە ئالدىرايسەن؟“ دەپتۇ سەكرىگەن دوستىغا. بىر كۈنى كىچىك پاقا كۈچەپ بىر سەكرەپلا ئاخىرى يان تەرەپتىكى دەريا قېنىغا سەكرەپ چىقىۋاپتۇ. ئۇ يەردە نۇرغۇن ياخشى يېمەكلىكلەر بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دەريادا خالىغانچە ئۈزۈپ ئوينىيالايدىكەن. كىچىك پاقا كۇرۇلدىغىنىچە دوستىغا: “ چاپسان بۇياققا كەلگىن، بۇيەر خۇددى جەننەتتەك گۈزەل ئىكەن“ دەپتۇ. ئەمما،ھەمراھى ئۇنىڭغا: ”مەن كىچىكىمدىن بۇ يەردە ياشاپ كۆنۈپ قالدىم،ماڭا ھازىر مىدىراشمۇ خوشياقمايدۇ“ دەپتۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي كۆلچەكتىكى سۇ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپتۇ،كىچىك پاقىنىڭ دوستى تىرىك تۇرۇپمۇ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىپتۇ.

ھېكمەت:

    پەقەت موقىملىشىپ قالغان ياشاش چەمبىرىكىدىن ھالقىپ چىققاندىلا، ئاندىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. كونا ئادەتكە جاھىللىق بىلەن ئېسىلىۋالدىغان،ئەسلىدىكى ياشاش ئوربىتىسىدىن ئاز-تولا بولسىمۇ قوزغىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر بۇ ھاياتىدا ھەرگىزمۇ بىرەر بۆسۈش ھاسىل قىلالمايدۇ.

 

مەنبە:“ كىچىك ھېكايە،ئۇلۇغ ھېكمەت“ ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلغۇچى لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=875

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-26
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تەرجىمىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: