باي بىلەن خىزمەتكارنىڭ پەرقى

باي بىلەن خىزمەتكارنىڭ پەرقى

 

ھېكايە:

    ئامېرىكىنىڭ نېفىت شاھى روكفىللىر دائىم بىر كىچىك ئاشخانىدا تاماق يەيدىكەن. ھەر قېتىم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن،كۈتكۈچىگە بىر دوللار چاي پۇلى بېرىدىكەن.

 بىر كۈنى روكفېللىر يەنە شۇ ئاشخانىغا كېلىپ تاماق يەپتۇ، ھەمدە ئادىتى بويىچە كۈتكۈچىگە بىر دوللار چاي پۇلى بېرىپتۇ. كۈتكۈچى بىر خىل نارازى بولغان ھالدا: “ ئەگەر مەن سىزدەك باي بولغان بولسام، بۇنداق پىخسىقلىق قىلمىغان بولاتتىم“ دەپتۇ.

روكفېللىر : “ دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، سەن پەقەتلا بىر كۈتكۈچى بولالىدىڭ“ دەپتۇ.

 

ھېكمەت:

   نۇرغۇن كىشىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن باي بولالمايدۇكى، ئۇلار قالايمىقان پۇل خەجلەپ ئادەتلىنىپ قالغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى زۆرۈر بولمىغان چىقىملارنى ياخشى كونتىرول قىلالمايدۇ. بۇ دەل كىشىلەرنى نامراتلاشتۇردىغان ناچار ئادەت. ھەققىي باي كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى تېجەشلىك، ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلى كۆپ،خەجلىگەن پۇلى ئاز بولۇپ،تېجىگەن پۇللىرىنى باشقا ئىشلارغا مەبلەغ سالىدۇ.

 

مەنبە: ”قىسقا ھېكايە،ئۇلۇغ ھېكمەت“ ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلغۇچى لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=945

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-11-02
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تەرجىمىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: