”لوپنۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“ئېچىلىدىكەن

 

 

 

”لوپنۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“ئېچىلىدىكەن

 

     چاقىلىق ناھىيەلىك پوچتا تېلىگىراف ئىدارىسىدىكى غالىپ بارات ئەرك ئاكىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پات يېقىندا لوپنۇر ناھىيەسىدە ”لوپنۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“ ئېچىلىدىكەن. ھازىر تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددي ئىشلىنىۋىتىپتۇ. ناۋادا مۇشۇ ساھەگە قىزىققۇچىلار بولسا، لوپنۇرنىڭ تارىخ ۋە مەدەبىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنى يېزىپ قاتناشتۇرسا بولىدىكەن. ھازىر ماقالە قۇبۇل قىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى چەك 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىكەن. ماقالىلار قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىن مۇتەخەسىسلەر تەرپىدىن تاللىنىپ قالسا، بىر توپلام قىلىپ نەشىر قىلىنىدىكەن. ھەمدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلىدىكەن. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يېزىۋاتقان، ماتىرىيال توپلاپ يېزىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقان ماقالەڭلار بولسا، ئۆزۈڭلارنى سىناپ كۆرۈڭلار. يازغان ماقالەڭلارنى غالىپ بارات ئەرك ئاكا ئارقىلىق تاپشۇرساڭلارمۇ ياكى شىنىجاڭ سەنئىتىنىڭ مۇھەرىرى ئۆمەرجان ئىمىن ئاكىنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلەشسەڭلارمۇ بولىدىكەن. غالىپ بارات ئاكىنىڭ چ چ نۇمۇرى: 1041907316


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2306

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-08-07
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: بىلدۈرگىلەر
ئىنكاس: 4دانە
  1. ئۇيغۇر بىلوگ

    ئاڭلىسام ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرىنى يەنى ئۇيغۇر بىلوگگىر مۇنبىرى ئېچىلىتپ تىىزملىتىپ كىرىپ باشقا بىلوگگېرلار بىلەن بىللە پىكىرلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن http://bbs.uyblog.cn

    • بولىدۇ، مەن چوقۇم كىرىپ تىزىملىتىمەن. تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! مېنىڭمۇ لوپنۇر مەدەنىيتىگە ئائىت بىر پارچە ئىلمىي ماقالەم بار ئىدى قاتشاشتۇرسام بولارمۇ؟

    • ئەلۋەتتە بولىدۇ. مۇمكىن بولسا ئەتىدىن قالمىسۇن. ئەتە ماقالە تاپشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى. بۇ(1245878423) چ چ نۇمۇرىنى قوشىۋېلىپ بىۋاستە شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىدىكى ئۆمەرجان ئىمىن ئاكىغا ئەۋەتىڭ.بۇ كىشىنىڭ چ چ دىكى ئىسمى «تارىم» قوشقاندا ماقالە تاپشۇردىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىڭ. ياكى بىۋاستە بۇ نۇمۇرغا تېلېفۇن قىلىڭ:13999271353

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: