ھۆكۈمدارلار دەستۇرىدىن ھېكمەتلەر

 

ھۆكۈمدارلار دەستۇرىدىن ھېكمەتلەر

 

 

كىتاپ ئوقۇسام ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،ئۆزۈم ياقتۇرغان يەرلىرىنى خاتىرلىۋالىدىغان ئادىتىم بار ئىدى،بۈگۈن ماتىرىياللىرىمنى رەتلەۋىتىپ قولومغا تۇيۇقسىز بىر خاتىرە دەپتىرىم چىقىپ قالدى.بۇ خاتىرە دەپتىرىمگە نىككولو ماكياۋىللىنىڭ“ھۆكۈمدارلار دەستۇرى“دېگەن كىتابىدىن ئېلىنغان نۇرغۇن ئۈزۈندىلەرنى خاتىرلەرپ قويۇپتىكەنمەن.ئۇنى بىر باشتىن ئوقۇپ چىقتىم.خۇددى يېڭى بىر كىتاپ ئوقۇغاندەك يېنىكلەپلا قالدىم.كۆڭلۈمدە ئۆزۈم جاۋاپ تاپالمايۋاتقان نۇرغۇن مەسىلەرگە جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم.شۇڭىلاشقا مۇشۇ خاتىرەمدىكى ئۈزۈندىلەرنى بۇ يەرگە يوللاپ ئوقۇپ بولغان دوستلار بولسا بۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى ئەسلىۋىلىشى،ئوقۇمىغان دوستلار بولسا ئوقۇپ ئۇزۇق ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلدىم.قېنى دۇنيادىكى داڭلىق ئىمپىراتورلار،مەشھۇر سىياسىيۇنلارغا ئەڭگۈشتەر بولغان بۇ كىتاپنىڭ نادىر ئۈزۈندىلىرىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر:

1.سىياسى ساھەدە ياخشى ياماننى تاللاش يوق ھېساپتا بولىدۇ.

2.بۆلۈپ باشقۇرغىن.

3.ئىنساننىڭ دائىملىق كەمچىللىكى شۇكى،ئۇ ھاۋا ئۇچۇق كۈنلەردە بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ.

4.ئىنسان ھاجەتمەن بولغاچقىلا ياخشىلىق قىلىدۇ.

5.سىياسەت دېگەن ئىپلاس،ياۋۇز،زۇلمەتلىك نەرسە.ھۆۈمدارلارنىڭ ئالى نىشانى ھوقۇققا ئېرىشىش ۋە ئۇنى قوغداش،بۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن،ئۇلار ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ.تاللانغان ۋاستە ئەخلاققا زىت كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق.

6.ئادەم ھەر قانداق ئىشتا پاك-دىيانەتلىك بولىمەن دېسە،ئۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياشاش جەريانىدا ھالاك بولماي قالمايدۇ.

7.پىشقان ھۆكۈمدار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشتا،ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغاەن شارائىتتا ھەرگىزمۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىقى كېرەك.ۋەدىسىدە تۇرۇشنىڭ شەرت-شارائىتى يوقالغان چاغدا ئۇ ۋەدىدە تۇرۇشتىن گەپ ئاچماسلىقى كېرەك.ئاقكۆڭۈللۈك،سېخىيلىق،ۋاپادارلىق خىسلەتلىرى بىر ھۆۈمدار ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ كېتىشى ناتايىن.ئەمما ھۆكۈمدار باشقىلارغا ئەنە شۇ خىسلەتلەرنىڭ ئىگىسىدەك كۆرۈنىشى كېرەك.شۇنىڭدەك ھۆكۈمدار ئۆزىنىڭ ياۋۇز تەبىئىتىنى قانداق نىقاپلاشنى بىلىشى كېرەك ۋە ئۇلۇغ ساختىپەز،ئۇلۇغ مەككارغا ئايلىنىشى كېرەك.

8.ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە دۆلەتتىن ئىبارەت ھۆكۈمراننىڭ قورالى پەيدا بولغاندىن كىيىن ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ تىپلىرى پەقەتلە ئىككى خىل بولۇپ كەلدى.يەنى جۇمھۇرىيەت ياكى پادىشاھلىق.پادىشاھلىق مىراسخورلۇقتىن كەلگەن پادىشاھلىق ۋە يېڭىۋاشتىن قۇرۇلغان پادىشاھلىق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلدى.

9.بىر ئىسلاھات يەنە بىر ئىسلاھاتنىڭ ئۇرىقىدۇ،

10.ئىستىلا قىلغان رايۇن خەلىقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك.ئەگەر بۇمۇ كار قىلمىسا،تۈپ يىلتىزىدىن قۇرىتىۋىتىش كېرەك.چۈنكى بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچىرىسا،ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يىتىدۇ.ئەگەر بىر ئادەمگە بېرىلگەن زەربە ئېغىر بولسا،ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۈ ئاجىز كېلىدۇ.

11.ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق بىر پىرىنسىپ بار:كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.

12.مەيلى كىم بولسۇن ئىگەللىگەن زىمىننى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن.مۇنداق ئىككى ئىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك:بىرى،ئىستىلا قىلىنىغان رايۇننىڭ ئەسلى ھۆكۈمدارىنىڭ ئەۋلادىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش؛يەنە بىرى،ئىستىلا قىلىنغان رايۇن خەلقلىرىنىڭ ئۇزۇن دەۋىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇن-تۈزۈملىرىنى ۋە باج-ئالۋاڭ تۈزۈملىرىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك.مۇشۇنداق قىلغاندا،ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىستىلاچىلا بىلەن ئىستىلا قىلىنغۇچىلار بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ،ئۇيۇلدەك بىر دۆلەت مەيدانغا چىقىدۇ.

13.تارىختىن بۇيانقى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق ئىككى خىل بولغان:بىرى پادىشاھ ۋە ئۇلارنىڭ مالايلىرىنىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىشى؛يەنە بىرى،پادىشاھ ۋە بەگلەر بىرلىشىپ ئىدارە قىلىش.

14.ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت-شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دۇچ كەلسىمۇ،بەرىبىر ھۆر خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ.

15.نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلار ماڭغان يولنى تەكرارلايدۇ،باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى دورايدۇ.بۇلار باشقىلارنىڭ يولىدا ئەينەن ماڭالمايدۇ ياكى ماڭغان ئەھۋالدىمۇ بۇرۇنقىلار ئېرىشكەن نەتىجىنىڭ ئەينەن ئۆزىگە ئېرىشەلمەيدۇ.ئەمما قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر غايىلىك ئادەم ئۇلۇغلارنىڭ ئىزىنى قوغلىشىدۇ.ئاشۇ ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ.شۇنداق قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇلۇغلارنىڭ پەللىسىگە يەتكۈزەلمىسىمۇ،ھاياتىغا ئاز-تولا جۇلا قوشىدۇ.چوڭ ئىشلارنى قىلىمەن دېگەن ئادەم مەرگەندەك ھەرىكەت قىلمىقى لازىم.ئۇ نىشاننىڭ قانچىلىك يىراقلىقىنى ۋە قولىدىكى ئوقيا كېرىچىنىڭ قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى بىلىشى لازىم.بۇ ئوقنى ئاشۇ ئىگىز نوقتىغا تەككۈزۈش ئەمەس،بەلكى ئاشۇ پەرىق ئارقىلىق ئەسلىدىكى نىشانغا تەككۈزۈشنى راستىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن.

16تەجىربىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى جەمىيەتتە ھېچقانداق بىر ئىش يېڭى قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈش كەبى قىيىن ئەمەس،ھېچقانداق ئىشنىڭ ئاقىۋىتى بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدەك مۆلچەرلىگۈسىز ۋە نوقتىسىز ئەمەس.ئىجىرا قىلىشتا ھېچقانداق بىر ئىش مۇشۇ ئىشتەك خەۋپلىك ئەمەس.چۈنكى،يېڭى تۈزۈمنىڭ پەرپاچىسى كونا تۈزۈمدە ياشاپ نەپ ئالغان كىشىلەرنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالىدۇ،ھەتتا يېڭى تۈزۈمدىن نەپ كۆرگەنلەرمۇ ئۇنى تولۇق ھېمايە قىلمايدۇ.

17.ياخشى نىيەت ۋە تەلەي ئۇقىلى بولمايدىغان موقىمسىز نەرسىلەردۇر.باشقىلارنىڭ كۈچىگە ۋە تەلىيىگە تايىنىپ تەختكە ئولتۇرغان ئادەم،ئۆزىنىڭ ئورنىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىشنى چۈشەنمەيدۇ.ئەمىلىيەتتىمۇ ئۆزىنىڭ نئورنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى ئاددى:ئۇ كېلىپ چىقىشىدىلا تالانتلىق بولىشى لازىم.بولمىسا ئۇنىڭ ئاددى پۇقرالىقتىنبىر ئەمىرگە ئايلىنىشىدا ھېچبىر يول يوق بولىدۇ.ئۇلار ئكزىنىڭ دۆلىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.چنكى،ئۇلار ئۆزىگە ھەقىقىي مەنسۈپ،گېپىنى ئاڭلايدىغان قوراللىق كۈچكە ئىگە ئەمەس.تەبىئەت دۇنياسىدىمۇ ئىتتىك ئۆسىدىغان گىياھلارنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر بولمايدۇ.بىر قېتىملىق بوران ئۇنى ئوڭايلا بۇزۇپ تاشلىغاندەك،تاسادبى قۇرۇلغان يېڭى دۆلەتمۇ ئاشۇنداق پېشكەلچىلىككە ئۇچىرايدۇ.ھۆكۈمران ئۇلۇغ تالانت ئىگىسى بولسىلا،تەقدىرنىڭ بۇ قىممەتلىك سوۋغىسىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ.ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقىش بىلەنلا دۆلىتىنى قوغداشنىڭ پۇختا ئاساسىنى دەرھال قۇرۇپ چىقىدۇ.

18.يېڭى دۆلەتنى دۈشمەننىڭ قەستىدىن ساقلاش ئۈچۈن،شۇنداق تەدبىر قوللانماق كېرەك:خەلقنى يېڭى ھۆكۈمراننى سۈيىدىغان ھەم ئۇنىڭدىن قورقىدىغان قىلىش كېرەك.قورال ۋە ھېيلە-مىكىر ئىشلىتىپ غەلبە قىلىش كېرەك.ئارمىيەنى قۇماندانغا بويسۇنىدىغان ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان قىلىش كېرەك.خەۋپلىك ئادەملەرنى چوقۇم يوقىتىش كېرەك.كونا تۈزۈمنىڭ ئورنىغا يېڭى تۈزۈمنى دەسىتىش كېرەك.پادىشاھ خەلىققە قاتتىق ھەم يۇمشاق بولىشى كېرەك.كەڭ قورساق ۋە ساخاۋەتلىك بولىشى ساداقەتسىز ئارمىيەنى تارقىتىۋىتىپ،ساداقەتلىك ئارمىيەنى قۇرۇپ چىقىش لازىم.باشقا خانلىق ۋە بەگلىكلەر بىلەن دوستانە ئۈتۈپ،ئۇلارغا ھالقىلىق پەيىتتە ياردەم بېرىدىغان ياكى ھېچبولمىغاندا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان قىلىش كېرەك.

19.پۇقرالىرىنى قىرىدىغان،دوستلىرىغا خىيانەت قىلىدىغان،رەھىمسىز،دىنى ئېتىقادى يوق ئادەمنى ھەقىقىي قابىيلىيەتلىك دېگىلى بولمايدۇ.بۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق بەلكىم ھوقۇققا ئېرىشكىلى بولار،ئەمما ئۇنىڭ يۈزى بولمايدۇ.

20.تېنچ مەزگىللەردە پۇقرالار دۆلەتكە باغلانغان بولىدۇ.ھەممە ئادەم دۆلەت ئۈچۈن كەتمەن چاپىدۇ.ئۈلۈم خەۋپى نەھايىتى يىراقتا بولىدۇ.كىشىلەر ”دۆلەتتىن جېنىمىزنى ئايىمايمىز“دەپ بىمالال قەسەم ئىچىشىدۇ.بىراق خەتەر يىتىپ كېلىپ،دۆلەت پۇقراغا مۇھتاج بولغاندا،قەسىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلار بارماقتا سانىغىدەكلا قالىدۇ.بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال.چۈنكى بۇ ئەڭ ناچار ئاقىۋەت.دۆلەت بۇنداق ئەھۋالدا پۈتۈنلەي تۈگىشىپ،قۇتۇلۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.شۇڭىلاشقا ئەقىللىق ھۆكۈمدار پۇقرالارغا ھەربىر دەقىقىدە دۆلەتتىن ئايرىلالمايدىغان ھالەتتە تۇتۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدىشى كېرەك.شۇ چاغدىلا پۇقرالار ھۆكۈمرانغا سادىق بولىدۇ.

21.ئەگەر ئەركىنلىك بىلەن غالىبىيەتنى ياخشى كۆرمىسەڭ،چەتئەلنى ياردەمچى قوشۇنلىرىنى خاتىرجەم تەكلىپ قىلىۋەرگىن.

22.ئۆزگىلەرنىڭ ھەربىي كىيمى ساڭا چوڭ كېلىپ قالىدۇ ياكى كىچىك كېلىپ بىئارام قىلىدۇ.

23.ئادەتتە مۇنداق ئۈچ خىل كاللا مەۋجۈت:بىر،باشقىلارنىڭ ياردىمىگگ تايانماي ئۆزى بىۋاستە چۈشىنەلەيدىغان كاللا؛يەنە بىرى،باشقىلار كۆرسىتىپ بەرگەن نەرسىلەرنى چۈشىنەلەيدىغان كاللا؛يەنە بىر بولسا،ئۆز ئالدىغا چۈشىنەلمەيدىغان،باشقىلار چۈشەندۈرۈپ قويسىمۇ چۈشىنەلمەيدىغان كاللا.

24.ئادەتتە ئامما“ھۆكۈمدار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ ھېيلە-مىكىر ئىشلەتمىسە،ئادالەت بىلەن ئىش قىلسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى“دەپ ئويلىشىدۇ.بىراق زامانىمىزدىكى تەجىرىبە ساۋاقلار شۇنى ئۇقتۇردىكى،ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلغان ھۆكۈمدار ۋەدىسىدە ئانچە تۇرۇپ كەتمىگەن.بەلكى،ئۇلار ھېيلە-مىكىرنى ئۇستىلىق بىلەن ئىشقا سېلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى مۇجىمەللەشتۈرىدۇ،كىشىلەرنى نىېمە قىلىشنى بىلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ،گاڭگىرتىپ تاشلايدۇ.شۇ ئارقىلىق سەمىمىي-ساداقەتمەنلىكنى تۇرمۇش مىزانى قىلغان كىشىلەرنى بوي سۇندۇرىدۇ.

25.ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۆز ئارمىيىسى بولمىسا موقىم بولالمايدۇ.ئەكسىچە ھەر قانداق بىر پادىشاھ قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا،ئىشەنچلىك مۇداپىيەسى بولمىسا تەلىيىگە تايىنىشى كېرەك بولىدۇ.ئاقىللار ھەمىشە مۇنداق دەيدۇ:“ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئاساسىغا كەلمىگەن ھوقۇق ۋە شان-شەرەپ ئەڭ ئاجىزدۇر ۋە بەختسىزدۇر“.ئۆزىنىڭ ئارمىيىسى دېگىنىمىز،ئۆز پۇقرالىرىدىن تۈزۈلگەن قوشۇننى كۆرسىتىدۇ.

26.كىشىلەر ئۆزىنىڭ قورقۇنچاقلىقى ياكى نەپرەتلىنىش تەبىئىتى تۈپەيلى ساڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.

27.ئەگەر ياردەمچى قوشۇن مەغلۇپ بولسا،سەن تەكلىپ قىلغۇچى سۈپىتىڭ بىلەن تۈگىشىسەن.ئەكسىچە ئۇلار غەلبە قىلسا،سەن مۇققەرەر ھالدا ئۇلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالىسەن.

27.پادىشاھ مەسئۇلىيەتلىك ئىشلارنى باشقىلارغا قىلغۇزۇپ،شاپائەت ۋە دىيانەت ئىشلىرىنى بىۋاستە ئۆز قولى بىلەن يەتكۈزىشى لازىم.

28.ئۇزۇن يىللاردىن بېرى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان دۆلىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان زامانىمىز ھۆكۈمدارلىرى تەقدىرنى ئادالەتسىز دەپ ئەيىبلىمەي،بەلكى ئۆزىنىڭ قابىيلىيەتسىزلىكىنى ئەيبلىشى لازىم.ئۇلار تېنچ مەزگىللەردە بولغۇسى ئۆزگىرىشلەرنى ىىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ.ئېغىر كۈنلەر يىتىپ كەلگەندە،ئۇلار قانداق قوغدىنىشنى ئويلىماستىن پېشىنى قېقىپ قېچىشنىلا ئويلايدۇ.ھەتتا ئۇلار تەپ تارتماستىن ئىستىلاچىلار تەرپىدىن ئاياغ-ئاستى قىلىنغان خەلق“ مېنىڭ قايتىپ بېرىپ ھككۈمدار بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىدۇ“ دەپ ئويلىشىدۇ.ھېچقانداق ئامال بولمىغاندا شۇنداق ئويلاشنىڭ ئۆزى ئەقىلگە سىغار،بىراق شۇنىڭغىلا تايىنىۋىلىپ ساۋاق ئېلىش بولمىسا،تولىمۇ قاملاشمىغانلىق بولىدۇ.چۈنكى،ھەرقانداق بىر ئادەم كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىرىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇكى،ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن تەختنى بىكار قىلىپ بەرمەيدۇ.تەخىتنى بىكارلاپ بېرىشمۇ ساڭا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلمەيدۇ.چۈنكى،بۇ باشقىلارغا تايىنىشتەك ئاجىزانە يول.پەقەت ئكز كۈچۈڭەە تايانغاندىلا سېنىڭ قوغدىنىشىڭ ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

29.ئۇرۇش زۆرۈر بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئادالەتلىك بولىدۇ.ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا چارە قالمىغاندا قورال مۇققەدەستۇر.

30.ئۇلۇغۋار ئىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش ھۆكۈمدارنى تېخىمۇ زور ھكرمەتكە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ.

31.ئاقىل پادىشاھ پۇرسەت تاپقان ھامان مەخپىي ھالدا ئۆزىگە دۈشمەن تەييارلايدۇ ۋە ئۇلارنى يەكسان قىلىپ ئكزىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

32.خەلقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچىرىماسلىق ھۆكۈمدارنىڭ سۈيقەستنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئالدىنقى ئۇسۇلى.چۈنكى،مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ ھككۈمدارنى قەستلەپ ئۆلتۈرىشى پۇقرانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ.

33.ھۆكۈمدار ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشى كېرەككى،بەش خىل پەزىلەت(رەھىمدىللىك،ۋاپادارلىق،ئىنسانپەرۋەرلىك،سەمىمىيلىك،تەقۋادارلىق)كە زىت كېلىدىغان ئىبارىلەرنى ھەرگىز ئاغزىدىن چىقارماسلىقى كېرەك.بەلكى،ھۆكۈمدارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئاڭلاپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئۇنى رەھىمدىل،ۋاپادار،ئىنسانپەرۋەر،سەمىمىي ۋە تەقۋادار ئىكەن دېگەن تەسىراتقا كېلىشى كېرەك.ھككۈمدارغا بىسبەتەن تەقۋادارلىقتىنمۇ زۆرۈر پەزىلەت بولمايدۇ.چۈنكى،كىشىلەر كۆپ ھاللاردا قولى ئارقىلىق ئەمەس،بەلكى كۆزى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىدۇ.كۆرەلەيدىغانلار كۆپ بولىدۇ.چۈشىنەلەيدىغانلار ئاز بولىدۇ.ئىپادەڭگە قارايدىغانلار بولسىمۇ،تېگى-تەكتىنى چۈشىنىدىغانلار ئاز.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاز ساندىكىلەر كۆپ ساندىكىلەرنىڭ پىكرىگە قارشى تۇرۇشقا پېتىنالمايدۇ.چۈنكى،بۇ كۆپ ساندىكىلەر دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئىمتىيازىدىن بەھرىمان بولغانلاردۇر.كىشىلەرنىڭ قىلمىشىغا بولۇپمۇ ھۆكۈمدارنىڭ قىلمىشىغا سوتقا ئەرز سۇنغىلى بولمايدۇ.چۈنكى،ئۇنىڭدىكى مەقسەت ۋاستىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت.دېمەك،بىرەر ئەلنى بويسۇندۇرۇش ۋە ساقلاپ قېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھۆكۈمدار قانداق ۋاستە قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر مەزكۇر ھۆكۈمدارنىڭ شان-شەرىپى سۈپىتىدە مەدىھلىنىدۇ.گۆل خەلقلەر ھەمىشە تاشقى ھالەت ۋە ئاقىۋەتكە جەلىپ بولىدۇ.بۇ جاھاننىڭ ئادەملىرى ئومۇمەن نادان ھەم گالۋاڭ بولىدۇ،گالۋاڭ كىشىلەر ھۆكۈمدارنىڭ يېنىدا كېرىلىپ كەتكەندە،ئاز ساندىكى سەگەك كىشىلەر ئۇلاردىن ئۆزىنى تارتىدۇ.

 

رەتلەپ يوللىغۇچى:لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=354

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-08-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: