تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر – كىتىك

تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەركىتىك

غالىب بارات ئەرك

ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك تەزكىرىلەردە تەكلىماكان ۋە تەكلىماكان يۇتۇپ كەتكەن قەدىمكى شەھەرلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەر سۆزلەنگەن بۇلۇپ شۇ شەھەرلەردىن ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى ”شەھرى كىتىك“ تۇر.

”شەھرى كىتىك“ ھەققىدىكى رىۋايەتلەر تەكلىماكان ھەققىدىكى رىۋايەت بىلەن بىرىكىپ كەتكەچكە تولىمۇ مەشھۇر ھەم تارقىلىش دائىرىسىمۇ كەڭ. شۇڭا شەھرى كىتىكنىڭ كونكىرىت ئورنى ھەققىدىكى قاراشلارمۇ ھەرخىل، تۆۋەندە بىز چەكلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقىرىشقا تىرىشىمىز.

شەھرى كىتىكنىڭ كونكىرىت ئورنى ھەققىدىكى قاراشلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە  خىلغا يىغىنچاقلاش مۈمكىن .

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسەدە(1)

خوتەن بىلەن چەرچەن ئارىسىدا يىپەك يولى بويىدا

چەرچەن ناھىيىسىنىڭ خادىلىق دىگەن يېرىدە (2)

چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئاقتاز دىگەن يېرىدە

چەرچەن ناھىيىسىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئاقتار ئەتراپىدا(3)

چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تەۋەسىدىكى لوپ كۆلى بۇيىدا

چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە، تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى  ”ئېتەك تېرىم“ دىگەن جايدا(4)

لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئاقتارما مەھەللىسىگە يېقىن (دېھقانچىلىق 2-دېۋىزىيىسى31-پولك ئەتراپىغا يېقىن) (5)

پىچان ناھىيىسى تەۋەسىدىكى قۇمتاغ دىگەن جايدا (6)

بۈگۈر  ناھىيىسى تەۋەسىدە

شەھرى كىتىكنىڭ ئورنى ھەققىدىكى قاراشلار ھەرخىل بۇلۇپلا قالماستىن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرمۇ خېلى كۆپ، تۆۋەندە بىز شەھرى كىتىككە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ باقايلى:

1.چاروسىيەلىك          ئېكىسپىدىتسىيەچى پېرژىۋالىسكى (- 1888 1839) ”لوپ كۆلىگە سەپەر“ ناملىق كىتابىدا خەلقتىن ئاڭلىغان مۇنداق بىر رىۋايەتنى خاتىرلىگەن: ”سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە شەھرى كىتىككە ئائىت رىۋايەتنىمۇ سۆزلەپ ئۆتەي، شۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قەدىمكى شەھەر تارىم دەرياسى بويىدىكى ئاقتارما مەھەللىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى قۇملۇقتا ئىكەن. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە بۇ شەھەرنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بۇلۇپ خەلقى باي – پاراۋان ئىكەن. بۇ جاينىڭ قەدىمكى ئاھالىسى بۇددا دىنىدىمۇ قانداق باشقا بىر دىنغا ئېتىقات قىلىدىكەن، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى بار ئىكەن. ئسلام دىنىنىڭ تەسىرى شىنجاڭدا كېڭەيگەندىن كېيىن، بىر دىن تارقاتقۇچى شەھرى كىتىككە كەپتۇ ھەمدە بەگ ۋە پۇخرالارنى دىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپتۇ، ئەمما پۈتۈن شەھەر ئاھالىلىرى ئۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرۇپتۇ. بۇ دىن تارقاتقۇچى خۇداغا نالە قىلىپ بۇ دىنى ئىسلامغا كىرمىگەن ئاھالىلەرنى ھەم شەھرىنى قۇمغا باسرۇق قىلىشنى ئىلتىجا قىلغاچقا تىلىگى ئىجابەت بۇلۇپ بوران چىقىپ شەھەر قۇم تېگىدە قاپتۇ. ئەمما ئاھالىلەر ئۆلمىگەن بۇلۇپ رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە ئۇلار چىگە (لوپ كەندىرى)نىڭ يىلتىزىنى يەپ ھايات كەچۈرۈدىكەن، ئۇلارنىڭ توخۇلىرىمۇ ئۆلمىگەن بۇلۇپ بەزىدە قۇم تېگىدىن توخۇلارنىڭ چىللاشلىرى ئاڭلىنىدىكەن.“  (7)

ئىلاۋە:ئاقتارما مەھەللىسى لوپنۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى دېھقانچىلىق2-دېۋىزىيىسى31-پولك ئەتراپىدا.

2.پىچان ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى كومتېتى تۈزگەن ”پىچان تارىخى ماتېرىياللىرى“ (8-قىسىم)دا «ئامانشاھ ۋە شەھرى كىتەك›› ناملىق بىر ماقالە بۇلۇپ ئۇنىڭدا  ”لۈكچۈن دائىرىسىدىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە بۇنىڭدىن تەخمىنەن 700 يىللار ئىلگىرى لۈكچۈن شەھرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى قۇمتاغنىڭ ئورنىدا  ’كۈتەك شەھرى‘ دەپ ئاتىلىدىغان كاتتا شەھەر بولغان ئىكەن (لۈكچۈندە يەرلىك تىلدا كۆتەك شەھرى دەپ ئاتايدۇ). بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى كۆپ بۇلۇپ ، كىشىلەر دېھقانچىلىق ، سودا- سېتىق، قول – ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن  ….. كىشىلەر بۇ شەھەردە باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كۈنلەردە، ئۇشتۇمتۇت بىر كۈنى قاتتىق قارا بوران كېلىپ ، جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ ، ئاسماندىن قۇم يېغىشقا باشلاپتۇ ….. قارا بوران، قۇم  يېغىش ئۈچ كېچە – كۈندۈز داۋام قىلىپ ، بۇ شەھەردىكى ئۆي – ئىمارەت، ئادەملەر، جانلىق – جانسىز مەۋجۇداتلار قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كېتىپ شەھەر ئورنىدا قۇمتاغ پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ. مانا شۇ كۆتەك شەھرىدە بالىلارنى ئوقۇتىدىغان بىر ئەقىللىق موللا بار بۇلۇپ ، بۇ موللام ئاپەتنىڭ ئېغىرلىغىنى ھېس قىلىپ، 30 -  40تالىبى بىلەن بىر- بىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ، موما ياغاچنى تۇتۇپ ئايلىنىشقا باشلاپتۇ …. ئۈچ كۈندىن كېيىن بوران بىرئاز پەسىيىپ كۆز ئېچىشقا مۈمكىن بولغاندا ، موللام ئۇقۇغۇچىلارنى ئەگەشتۈرۈپ شىمالغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار بىر يەرگە كەلگەندە بورانمۇ توختاپ قۇممۇ ياغماپتۇ، ئۇلار شۇ يەردە توختاپ ھاردۇق ئېلىپتۇ، ئاندىن موللام ئۇقۇغۇچىلارغا مۇشۇ يەر  ’ئامانلىق يەر‘  ئىكەن دەپتۇ …  مىسكىن مۇپتى ئاخۇنۇم دىگەن ئادەم ئۆزىنىڭ نەۋرىسى ئامانشاھلىق مەمۇر بەگ دىگەن ئادەمگە بىر دانە كىتاپنى ھەدىيە قىلىپ:  ’بۇ كىتاپ مۇندىن  600يىللار ئىلگىرى قۇم ئاستىدا كإمۈلۈپ كەتكەن كىتەك شەھرىنىڭ تارىخى، بۇنى ئوقۇپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ ‘ دىگەن ئىكەن. بۇ كىتاپ مەمۇر بەگنىڭ قۇلىدا ئۇزۇن يىللار ساقلىنىپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يۇقالغان(8)

ئىلاۋە: مۇشۇ ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە  ”ئامانشاھ“ دىگەن جاي نامى ئەنە شۇ  ”ئامانلىق يەر“ رىۋايىتىدىن كەلگەن ئىكەن، بۇ رىۋايەت بىزگە كىتىك ئاھالىلىرىدىن بىر قىسمىنىڭ پىچان ناھىيىگە كإچۈپ بارغانلىغىنى كۆرسىتىپ بەردى.

3.شىنجاڭ ئۇنۋېرستتىتىنىڭ پىروفىسسورى ئابدۇكېرىم راھمان تۈزگەن ”يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە – رىۋايەتلەر“ناملىق كىتاپقا 1983 – يىل ئالما – ئاتادا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى››  دىگەن كىتاپتىن مۇنداق بىر رىۋايەتنى كىرگۈزگەن: ”قاچاندۇر بىر مەزگىلدە كەتەك شەھرىدە جالالىدىن دىگەن كىشى ياشىغان ئىكەن. ئۇ بۇخاراغا بېرىپ ئسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ – دە ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ مەزگىلدە كەتەك ئاھالىسى بۇتپەرەس بولغاچقا، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا زادى كۆنمەپتۇ،  بۇنىڭدىن دىلى رەنجىگەن جالالىدىن موللا بىر كۈنى يۇرتداشلىرىنى راسا قاغاپتۇ. ئۇ تىلى ئۆتكۈر ئەۋلىيا كىشى بولغاچقا شۇ زامان ئۇنىڭغا خۇدادىن ئەي، كەتەكلىك موللا، دۇئايىڭنى ئىجاۋەت قىلدىم، سەن بۈگۈن كېچە شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇنارنىڭ قېشىغا بېرىپ ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا تاڭ ئاتقۇچە چۆگىلىگىن، ئەتە مېنىڭ كارامىتىمنى كۆرىسەن‘ دىگەن ۋەھى كەپتۇ. جالالىدىن كەتەكى شۇ كېچىسى مۇنارنى چۆگىلەپ چىققانمىش، ئەتىگەنلىگى ئۇ ئۆزى كېچىچە ئايلىنىپ چىققان مۇناردىن باشقا پۈتكۈل شەھەرنىڭ قۇم ئاستىدا قالغانلىغىنى كۆرۈپتۇ. شەھەرنىڭ خەلقى ھالاك بۇلۇپ پەقەت ئۆزىلا ھايات قالغانمىش. شۇنىڭدىن كېيىن جالالىدىن موللا ئاقسۇغا بېرىپ، ئۇيەردىكى ئاھالىگە ئىسلام دىنىنى ئاسانلا قوبۇل قىلغۇزغانمىش(9).

ئىلاۋە:كىتاپنىڭ ئىزاھىدا كەتەك – كېتەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى مارالۋېشىغا توغرا كېلىدۇ، دىيىلگەن.

4.  شىريار ئىسىملىك مۇئەللىپ يازغان“ مەۋلانا ئەرشىدىن تەزكىرىسى“ دىمۇ خېلى كۆپ مەلۇماتلار بۇلۇپ  ”خوجا ھاپىز كەبىرىنىڭ ئوغلى … مەۋلانە جامالىدىن بىلەن شەيىخ شاھابىدىن بەلخى بۇخارا شەھرىدىن چىقىپ …. نەچچە ئايدىن كېيىن  ’كېتك‘  شەھرىگە كەپتۇ …. مۇسۇلمان دىسە ناماز ئوقۇمايدۇ، نەزىر – چىراق، خەيىر – ئېھسان قىلمايدۇ، شاراپ ئىچىدۇ. كۇپپار دىسە ئىمان ئېيتىدۇ. مۇسۇلمانچە كىيىم كىيىدۇ ، مۇسۇلمانچە سۆزلەيدۇ …. كېتك شەھرى قىرىق بىر شەھەردىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ بۇ شەھەرگە پەقەت زىيۇر شاھلا پادىشاھلىق قىلاتتى  ….. (ئۇ ئاللاھقا بۇ شەھەرنى قۇمغا كۆمۈشنى ئىلتىجا قىلدى) … قۇم يېغىشقا باشلىدى … بۇ ئون بەش كىشى تاغ تېرىكىگە باغلانغان كالىنى تاڭ يورۇغىچە ھەيدىدى. تاڭنىڭ يورىشى ، قۇمنىڭ توختىشى ، تاغ تېرىكىنىڭ كۆمۈلىشىگە باراۋەر كەلدى. بۇ شەھەر پۈتۈنلەي قۇم ئاستىدا قالدى …. ئۇلار تاغ – دەريالاردىن ئېشىپ ، چۆل-جەزىرىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ ، ئەردەۋىل شەھرىگە كېلىپ ئايكۆل دىگەن جايدا تەكياگاھ بىنا قىلدى …. يار بېشىدىكى  ’كېتكلەر كەنتى‘ دىگەن ئەنە شۇنىڭدىن قالغان …. رىۋايەتلەردە ئېيتىشىچە، بۇ چاغدا تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇغۇلىستانغا پادىشاھ ئىدى. خان ئوردىسى بالغاسۇندا ئىدى“(10).

 5.“جالالىدىن بۇخارى ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخان ھەققىدە قىسسە“دە ئېيتىلغان رىۋايەت يۇقارقى رىۋايەت بىلەن ئوخشىشىدۇ.(11)

6.“مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى“دە ”(مەۋلانا جامالىدىن ۋە شاھابىدىن) بۇخارا شەھرىدىن چىقىپ غەرپكە قاراپ يول ئېلىپ چۆل- باياۋانلارنى كېزىپ بىر قانچە مۇددەتتىن كېيىن قەشقەر زېمىنى بىلەن ئۆتۈپ شەھرى كىتىككە يېتىپ كەلدىلەر…. مۇسۇلمانمىكىن دىسە ناماز ئوقۇمايدۇ، نەزىر – چىراغ قىلمايدۇ، رۇزى تۇتمايدۇ ……. مۇسۇلمانچە كىيىم كىيىدۇ،  مۇسۇلمانچە سۆزلەيدۇ ….. شەھرى كىتىك41 شەھەر ئىدى. چۆل-باياۋانلارنى كىزىپ ئەردەۋىلغا يېتىپ كېلىپ ئايكۆلدە ماكانلاشتى، ئۇلار بېرىپ يار بېشىغا ئورۇنلاشتى،  بۇ جاينى ھازىر كىتىك ئايمىقى دەپ ئاتايدۇ. (بۇ ۋاقىتتا ) تۇغلۇق تۆمۈر موغىلىستانغا تۆرە ئىدى“.(12)

ئىلاۋە:بۇ تەزكىرە چوڭراق بۇلۇپ مەزمۇنى ھەم كەڭ ئىدى، ئەمما مەزمۇنى ئالدىنقى مەزمۇنلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.

7.تاتار تارىخچىسى قۇربان غالى خالىدى «تارىخى خەمىسەئى شەرقى ›› ناملىق كىتابىدا: ” خوتەن شەھرى بىلەن لوپ كۆلىنىڭ ئارىلىغىدا بىر قۇملۇق باياۋان بۇلۇپ تېز يۈرۈشتە 15 كۈنلۈك مۇساپە ئىكەن. ئالتە شەھەر ئاھالىسى بۇنىڭغا دەكادەكا سەھراسى دىيىشىدۇ. بۇ سەھرا قەدىمقى زاماندا ئاۋات يەر بۇلۇپ بىرنەچچىلىغان كاتتا شەھەر بار ئىكەن .بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭى كىتىك ناملىق شەھەر بۇلۇپ ھەممىسىنىڭ توپلىنىدىغان مەركىزى بۇ شەھەر ئىكەن“ (13)دەپ يازىدۇ.

8.ياپۇن ئالىمى خانىدا تورۇ «ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيەسىدىن خاتىرە ›› ناملىق ئەسىرىدە: ”تارىم دەرياسى لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىغان يەرگە يېقىن جايدا كىتىك شەھرى دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەر بار ئىكەن …“ دەپ يازىدۇ . باشقا مەزمۇنلار ئاساسەن يۇقارقى رىۋايەتلەر بىلەن ئوخشىشىدۇ.(14)

9.موللا مۇسا سايرامى « تارىخى ھەمىدى ›› ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە خېلى كەڭرى مەلۇمات قالدۇرغان.  ”…. موغۇلىستان تەۋەلىگىدىكى ئالتە شەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇپ بۇرچىنىڭ ئارىلىغىدا لوپ دىگەن بىر چوڭ ۋە مەشھۇر زېمىن بار. ”تارىخى رەشىدى“نىڭ مۇئەللىپى مەرھۇم مىرزا ھەيدەر كوراگانى بۇرۇنقى تارىخچىلارنىڭ كىتاپلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ يازغان كىتاۋىنىڭ ئىچىدە لوپ دىگەن جايدا ئون يەتتە چوڭ شەھەرنىڭ بولغانلىغىنى كۆرسەتكەن ۋە شەھەرنىڭ ناملىرى ، تەكتى ئەھۋاللىرىنى بىر- بىرلەپ بايان قىلغان ئىدى ھەم ئادەملىرىنىڭ كۆپلۈگى ، زېمىنىنىڭ ئاۋاتلىغىنى يازغان ئىدى. شەھرى كىتىك، شەھرى تەركەن، شەھرى چەمەن ۋە شەھرى لوپ دىگەن شەھەرلەر بولسا ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەھرى كىتىك ۋە شەھرى لوپ ھازىرمۇ مەشھۇر…..لوپنىڭ شەرقى چېگرىسى لەنجۇسېڭ تەۋەسىدىكى سۇجۇ ، ساجۇ دىگەن خىتاي شەھەرلىرىگە ئۇلىنىدۇ . شىمالى چېگرىسى بولسا قامۇل،  تۇرپان، كورلا قاتارلىق جايلارغا چېگرىداش، غەربى تەرىپى بولسا شەھيار، چەرچەن، خوتەن،  ئۆسا، چابە دىگەن ۋىلايەتلەرگە تۇتىشىدۇ …. “ (15)

10. مۇھەممەت تۆمۈر قاراقاشى1818 – يىلى يازغان «تەزكىرەتۇل ئېرشات ››تا: ” … توشقان يىلىدا شەھرى كىتىكنى قۇم باستى، قۇم تۈن بويى ھامان توختىماي يېغىپ تۇراتتى، ھايات قالغانلار كۆردىكى تامام كىتىك شەھرى قۇم ئاستىدا قېلىپتۇر. شەھەرنىڭ شۇنداق ئىگىز سېپىل – قەلئەلىرى ۋە بىنالارنىڭ ئىزى ۋە خالايىقلاردىن ھىچ ئەسەر قالماپتۇ. ئامان قالغان خالايىقلار بۇ يەردىن تارقاپ كەتتى، كۆچۈپ يۈرۈپ ئەردەۋىل(ئاقسۇ) ئايكۆل ياربېشى،  كۈسەن (كۇچار) تەرەپلەرگە بېرىپ روزىغار  ئۆتكۈزدى …. “  دىيىلگەن.(16)

11.شائىر موللا شاكىر(1802-؟) «زەفەرنامە›› داستانىدا:

بار  ئەرمىش بۇ ماچىندا شەھرى كېتەك،

قىرىق  شەھرىدى  بەزىلەر  قىرىق  يەك.

دۇئا  بىرلە  ئەيلەڭ  ئۇلارنى  ھالاك،

ھەممە  قەۋمى بەد  قاغۇسى زىرى  خاك.

دەپ يازىدۇ.(17)

12.“ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى“گە كىرگۈزۈلگەن بىر رىۋايەتتە (بۇ رىۋايەت ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىن تېپىلغان قوليازمادىن ئېلىنغان)  ” … بىر چاغلاردا تەكلىماكان بويىدىكى كېتىك شەھرىدە جالالىدىن دىگەن بىر كىشى ياشىغان ئىكەن …. بۇ چاغدا كېتىك شەھرىدىكى كىشىلەر بۇتقا چوقۇنىدىغان بولغاچقا ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر قوبۇل قىلىشقا زادى ئۇنىماپتۇ … كېتىك شەھرى قۇم ئاستىدا قالغاندىن كېيىن ، جالالىدىن كېتىك ئامان قالغان كىشىلەرنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈپ كۈسەنگە كەپتۇ. كۈسەن خەلقىمۇ بۇتپەرەس ئىكەن …. جالالىدىن كېتىكىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىگىز چاقىلىق ئىككى يۈز ھارۋا بىلەن خوتۇن – بالىلىرى ۋە مال-دۇنياسىنى ئېلىپ ئەردەۋىلگە يېتىپ كەپتۇ. بۇرۇن كىشىلەر ھارۋىنى  ’تۇخرى‘ دەيدىكەن. شۇڭا ھارۋىدا كەلگەن كىشىلەرنى  ’تۇخرىلار‘  دەپ ئاتاپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە ’تۇخرىلار‘ دىگەن سۆز  ’توخۇلا‘  غا ئۆزگىرىپ شۇلار ماكانلاشقان يەرنىڭ ئىسمى بۇلۇپ قاپتۇ ….. “ (18)

13. موللا مۇھەممەدنىياز ئىبىن ئەبدۇلغەفۇر تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە «تارىخى رەشىدى››دە: ”مەۋلانە شۇجائىددىن مەھمۇد بولسا مەۋلانە ھافىزىددىن كەبىرى بۇخارى  ھەزرەتلىرىنىڭ ئىنىسى ئىدى. مەۋلانە ھافىزىددىن بولسا مۇجتەھىدلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىلىرىدىن بۇلۇپ ئۇلاردىن كېيىن مۇجتەھىد پەيدا بولماپتۇ. چىڭگىزخاننىڭ تالاپىتىدە بۇخارا ئۇلۇغلىرىنى يىغىپتۇ. چۈنكى چىڭگىزخاننىڭ ئادىتى شۇنداق ئىدى. شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار مەۋلانە ھافىزىددىننى شېھىت قىپتۇ. مەۋلانە شۇجائىددىن مەھمۇدنى ئۆي- ۋاقىلىرى بىلەن قوشۇپ كۆچۈرۈپ ، قارا قۇرۇمغا ئېلىپ بېرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ. مەۋلانە شۇجائىددىن مەھمۇد قارا قۇرۇمدا ۋاپات بولۇپتۇ. ئاندىن كېيىن قارا قۇرۇم خاراپ بولغاندا ، مەۋلانە شۇجائىددىننىڭ ئوغلى خوتەن بىلەن تۇرپان ئارىلىغىدىكى بىر ئۇلۇغ شەھەر – كىتىك شەھرىگە كۆچۈپ بېرىپتۇ ….. شەھرى كىتىكتە تۇرىۋاتقان ئىكەن …. شۇنچە ئۇلۇغ كىتىك شەھرى قۇمنىڭ تېگىدە قاپتۇ ….“

14. خىۋە خانى ئەبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ «شەجەرەئى تۈرك›› ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارمۇ يۇقارقىلارغا مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشىشىدۇ.

يۇقارقى مەلۇماتلاردىن بىز تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەرگە ئېرىشەلەيمىز:

1. شەھرى كىتىك ناھايىتى چوڭ ھەم مەشھۇر شەھەر بۇلۇپ ئۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر تارىم ئويمانلىغىدىكى ھەممە يەرگە دىگۈدەك تارقالغان، شەھرى كىتىكنى مەركەز قىلغان ھالدا شەھرى مەردەك، لوپ قاتارلىق بىرقانچە (رىۋايەتلەردە 41شەھەر دىيىلگەن) شەھەر بولغان ھەمدە شەھرى كىتىك ھۆكۈمدارىنىڭ ھۆكۈمىدە بولغان.

2. شەھرى كىتىك ۋەيران بولغان ۋاقىتتا  ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپى بۇددا ياكى باشقا دىندا بۇلۇپ ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى مۇسۇلمان ئىكەن.

3. شەھرى كىتىك ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئاھالىنىڭ بىر قىسمى ئاقسۇ ، كۇچار تەرەپلەرگە كۆچۈپ كەتكەن، يەنە بىر قىسمى پىچان – تۇرپان تەرەپلەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقان.

4.شەھەرنىڭ ۋەيران بولغان ۋاقتى تارىخى شەخسلەردىن تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە جالالىددىن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.

5.“ئۇلار مۇسۇلمانچە كىيىم كىيىدۇ، مۇسۇلمانچە سۆزلەيدۇ“  دىيىش ئارقىلىق شەھرى كىتىك ئاھالىلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بۇ پاكىتلار بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمىزنى ناھايىتى قىممەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئەتتى.

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ2 – ئوغلى چاغاتايخاننىڭ ئوغلى دۇۋاخاننىڭ ئوغلى ئېمىل خوجىنىڭ پەرزەندى بۇلۇپ ئېسەن بۇقاخان قازا تاپقاندىن كېيىن  ئېسەن بۇقاخاننىڭ پەرزەنتى بولمىغاچقا دوغلات ئەمىرى ئەمىر بولاجى ئادەم ئىبەرتىپ ئۇنى تاپتۇرۇپ كېلىدۇ. مىلادى1345- يىلى تاشتۆمۈر ئىسىملىك كىشى تۇغلۇق تۆمۈرخاننى تېپىپ ئاقسۇغا ئەمىر بولاجى ھوزۇرىغا ئېلىپ كېلىدۇ. مىلادى 1347- يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئالمىلىق شەھرىگە بېرىپ تەختتە ئولتۇرۇپ شەرقى چاغاتاي خانلىغىنىڭ خانى بولىدۇ، 1354-يىلى جالالىدىن كىتىكىنىڭ ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ دەۋىتىدە مۇسۇلمان بولىدۇ ھەمدە  160مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنى مۇسۇلمان قىلىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان 1330- يىلى تۇغۇلۇپ1363 – يىلى قازا تاپىدۇ. جالالىدىن كىتىكى باشچىلىغىدىكى كىتىكلىكلەر جالالىددىنىڭ باشچىلىغىدا كۆچۈپ يۈرۈپ تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئاقسۇدىكى ۋاقتىدا بارىدۇ  ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ دىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ . تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىپ رەسمى خانلىققا كۆتۈرۈلگەندە بېرىشنى ئاندىن شۇچاغدا مۇسۇلمان بولىدىغانلىغىنى ئېيتىدۇ، جالالىددىن كىتىكى قازا قىلغاندىن كېيىن ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىن ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئىلىغا ئىزدەپ بارىدۇ، تۇغلۇق تۆمۈرخانمۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمانچىلىققا مۇشەررەپ بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئېدىلوگىيە جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشىگە تارىخى تۆھپە قوشىدۇ.

يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە مەلۇماتلارمۇ بار بۇلۇپ مەسىلىنى ئېنىقلاشتا خېلى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇلۇپ تۆۋەندە مۇلاھىزىلىمىزگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن كۆرۈپ ئۆتۈمىز.

پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا جالالىددىن كىتىكى باشچىلىغىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئاقسۇغا كەلگەن ۋاقتى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئاقسۇدىكى ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بۇلۇپ 1345- يىلىدىن 1347- يىلىغىچە بولغان ۋاقىت بولىدۇ. «تەزكىرەتۇل ئېرشات ››تىكى  ”توشقان يىلى“ نى مىلادىيە قانچىنچى يىلىغا توغرا كېلىدىغانلىغىنى تەكشۈرىدىغان بولساق مىلادى 1339- يىلى(«تۈركى تىللار دىۋانى››، ئۇيغۇر خېرىستىيان يادىكارلىقلىرى، «جامىئۇت تاۋارىخ››، دۇخان ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى، خەنزۇ مۆچىلى)1335 ياكى 1336- يىلى («تارىخى رەشىدى››)، 1337- يىلى (”قىسسەسۇل غەرايىپ“) ، 1334- يىلى («تارىخى ھەمىدى››)، 1335- يىلى (قازاقىستاندا قوللىنىلىدىغان تۈركى مۆچەل) بۇلۇپ چىقىدۇ. يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك مۆچەلنى مىلادىيەگە ئايلاندۇرساق پەرق كېلىپ چىقىدۇ، بۇ پەرقلەر ئەينى تارىخى دەۋر ھۆكۈمدارلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن يىل ھېساپلاشتىكى ئوخشىماسلىقلارمۇ ، مىلادىيە ھىجىرىيە پەرقلىرىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىز ئەگەر 1339- يىلىنى قوبۇل قىلىدىغان بولساق بۇ يىلنى پەقەت جالالىدىن كىتىكى قاتارلىقلارنىڭ شەھرى كىتىكنى تاشلاپ چىققان يىلى دەپ قوبۇل قىلىش مۈمكىن. شۇنداقتىمۇ بىز شەھرى كىتىكنى قۇم باسقاندىن كېيىن ئاقسۇغا كەلگۈچە مەلۇم ۋاقىتلار كېتىدىغانلىغىنى ئويلاشساق شەھرى كىتىك 1335- يىلىدىن1342 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋەيران بولغان بۇلىشى مۈمكىن دەپ قارايمىز، شۇنداق بولغاندا جالالىدىن باشچىلىغىدىكى كۆچمەنلەر بىرقانچە يىللىق كۆچمەنلىك ھاياتىنى باشتىن كۆچۈرۈپ تەخمىنەن 1345- يىللىرى ئەتراپىدا ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەن بۇلىدۇ.

بىز ئەنە شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ شەھرى كىتىكنىڭ  ”مارالۋېشى“  ۋە  ”خوتەن بىلەن چەرچەن ئارىسىدا“  بولىشى مۈمكىنچىلىگى يوق دەپ قارايمىز، چۈنكى مارالۋېشى ۋە خوتەن، چەرچەن قاتارلىق جايلار خاقانىيە تېرىتورىيەسى بۇلۇپ ئسلام دىنى شۇ دەۋىردىلا ئومۇملاشقان ئىدى، بۇنى ھېچكىشى ئىنكار قىلمىسا كېرەك. ئەلۋەتتە چەرچەننىڭ شەرقى تەرەپلىرىنى ئايرىم مۇلاھىزە قىلىمىز.

بىز تارىخى ماتېرىياللارغا داۋاملىق تۈردە مۇراجەت قىلىدىغان بولساق مەنپەئەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز.

ياڭ مىڭنىڭ «تاڭ دەۋرىدە تۆبۈتلەرنىڭ چەرچەنگە ھۆكۈمرانلىغى ھەققىدە بىرقانچە مەسىلە ›› ناملىق ماقالىسىدە يېزىشىچە مىرەن خارابىسىدىن تېپىلغان101- نومۇرلۇق پۈتۈكتە  Kadag)) دىگەن جاي نامى ئۇچرايدۇ.(19)

مىلادى983-يىلى يېزىلغان « ھۇدۇدۇل ئالەم ›› ناملىق پارىسچە ئەسەردە ”KADHAKH  چىنىستان چېگرىسى ئىچىدە، ھۆكۈمدارى تۆبۈتكە  قارايدۇ“ (20) دىيىلگەن.

مىلادى925- يىلى خوتەن پادىشاھى ۋىسا سامپاتا تەرىپىدىن شاجۇغا ئىبەرتىلگەن ئەلچىلەر ئۆمىگى تەرىپىدىن خوتەن ساك يېزىغىدا يېزىلغان «تاڭغۇت يولىغا ساياھەت خاتىرىسى ›› ناملىق يازما يادىكارلىقتا ” كاداكا“ (21)دىگەن نام كۆرۈلىدۇ.

مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانى يازغان «تارىخى رەشىدى – ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇللىرىنىڭ تارىخى››دا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك بايانلار بار. تۆۋەندە ئۇنىڭدىن پاكىتلار كۆرۈپ باقايلى:

-1 قىسىم3-باپ «تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى ›› دە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان جالالىددىننىڭ كېيىنكى ئەۋلادى خوجا ئەھمەدتىن ئاڭلىشىچە (خوجا ئەھمەد ئەجداتلىرىدىن ئاڭلىغان ۋە جەمەت تەزكىرىسىدىن كۆرگەن) بۇخارادىن سۈرگۈن قىلىنىپ موڭغۇللارنىڭ پايتەختىگە ئېلىپ بېرىلغان ئەجداتلىرى  ”قاراقۇرۇمدا ئاپەت بولغاندا، ئۇلار لوپ.كاتاك دىگەن يەرگە كەلگەن، بۇ يەر تۇرپان بىلەن خوتەن ئارىسىدىكى بىر شەھەر ئىكەن …. جامالىددىن شەھرى كىتىكتە تۇرۇپ قالغان ئىكەن …… (ئارىلىقتىكى مەلۇماتلار يۇقۇرىدا بىز كۆرگەن رىۋايەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش- ئاپتۇر) جامالىددىن قاتارلىقلار كۆچۈپ يۈرۈپ  ”ئاخىرى بۈگۈرگە كەپتۇ، بۇ جاي ئاقسۇغا يېقىن بۇلۇپ شۇۋاقىتتا تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدا ئىكەن“ (22)دىيىلگەن. بىز بۇ مەلۇماتنىڭ كېلىش مەنبەئىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىگىگە ئىشىنىمىز. چۈنكى مىرزا ھەيدەرنى خوجا ئەھمەت جەمەت تەزكىرىسى ۋە ئاتا – بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغان ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەن، دىمەك بۇ ماتېرىيال شەكسىزكى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر ئەسىرىنى يېزىشتىن بۇرۇنقى ماتېرىياللار ئاساسىدا يېزىلغان. شۇڭا بىز يۇقارقى ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ بۈگۈرنىڭ شەھرى كىتىك  بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق دەپ قارايمىز, ھەمدە  ”تۇرپان بىلەن خوتەن ئارىسىدا“  دىگەن يەكۈنىنى قوبۇل قىلىمىز.

”تارىخى رەشىدى“نىڭ1-قىسىم 26-بابىدا يەنە ”ئۇلار ھەيدەر خوجىنى بەدەخشان بىلەن قەشقەر ئارىسىدىكى تاغلارغا ئېلىپ قاچتى. ئەمما قەمەرىددىننىڭ مەخپى تۇتقۇچىلىرى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى بايقاپ قالغانلىقتىن ئامالسىز خوتەننىڭ تاغلىرىغا قاچتى. كېيىنچە يەنە ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن قورقۇپ بۇ يەردىن سارىغ ئۇيغۇر، چەرچەن ۋە لوپ.كاتاك قاتارلىق جايلارغا قاچتى.“ (23)

”تارىخى رەشىدى ”نىڭ 1- قىسىم 32- باپ «ئۇۋەيىسخاننىڭ ئىش-ئىزلىرى ››دە:  ”ئۇ ھەر يىلى تۇرپان، تارىم،  لوپ، كىتىك قاتارلىق جايلارنىڭ ئەتراپىغا بېرىپ ياۋا تۆگە ئوۋلايتتى – دىيىلگەن“ (24).

”تارىخى رەشىدى“نىڭ 2 – قىسىم42  – باپتا : (تەكلىماكاندا)  ”قەدىمدە كۆپ شەھەرلەر بولغان بۇلۇپ،  ئۇلاردىن لوپ ۋە كىتىك ھازىرمۇ مەشھۇر. لوپ ۋە كىتىك قاتارلىق بۇ شەھەرلەر ئاللىقاچان قۇم تېگىدە قالغان بۇلۇپ كىشىلەر بىلمەيدىغان بۇلۇپ كەتتى. ئۇ يەرگە بېرىپ ياۋا تۆگە ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە بەزىدە شەھەرلەرنىڭ قەلئەلىرى ئېچىلىپ قالىدىكەن.“ (25)

”تارىخى رەشىدى ”نىڭ2 – قىسىم 89- بابىدا ”تۆبۈتنىڭ شىمالى ۋە شەرقى تەرەپلىرىدە ياركەند، خوتەن، چەرچەن، لوپ، كىتىك، سارىغ ئۇيغۇرلاردۇر، باشقا جايلار قۇملۇقتۇر“ (26)دىيىلگەن.

”يۈەن سۇلالىسى تارىخى “ 14- جىلدتا: (1286-يىلى )  ”لوپ، كىتىك، چەرچەن، خوتەنلەردە رابات قۇرۇلدى“ دىيىلگەن. ”تارىخى رەشىدى“ نى ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار ئەسلى كىتاپتا لوپ ۋە كىتىك ناملىرى  ”لوپ.كىتىك“ شەكلىدە يېزىلىپ بىر رايۇننى كۆرسىتىدۇ – دەيدۇ ھەمدە كىتىك نامىنىڭ كۆپ ھاللاردا شەھەر نامى بۇلۇپ كېلىدىغانلىغىنى ئېيتىدۇ. بۇ مەلۇماتلار بىزگە لوپ ۋە كىتىكتىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنىڭ قوشماق شەھەر ئىكەنلىگىنى ھەمدە  ”تۇرپان بىلەن خوتەن ئارىسىدا“  ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ، ئۇ ھالدا بىز ئسلام دىنىنىڭ تارقىلىش دائىرىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تۇرپان بىلەن چەرچەن ئارىسىدا دىگەن يەكۈنگە ئېرىشىمىز. بىز ماتېرىياللاردا غەرپتىن شەرققە  ”ياركەند، خوتەن، چەرچەن، لوپ, كىتىك،  سارىغ ئۇيغۇر“  دەپ تىزىلغىنىغا قاراپ كىتىك شەھرى لوپ شەھرىنىڭ شەرقىدە بولىشى مۈمكىن، دەپ قارايمىز. ئۇنداقتا لوپ شەھرى قايەردە؟

لوپ شەھرىنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە قاراشلار كۆپرەك بولسىمۇ ئارخېئولوگىيە بىزگە بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاشتا ياردەمدە بولىدۇ، قاراشلاردا  ”لوپ شەھرى ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى، مىرەن كونا شەھرى، لوپ كۆلى ئەتراپى، ۋاششەھرى كونا شەھرى“  دىيىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا چاقىلىق ناھىيە بازىرى ۋە مىرەن كونا شەھرىنىڭ گۈللەنگەن دەۋىرى 11- ئەسىردىن بالدۇر. لوپ كۆلى ئەتراپىدىن ئوتتۇرا ئەسىر ئىزلىرى بايقالمىدى. ئۇنداقتا ۋاششەھرى كونا شەھرىدىن ئىبارەت ئېھتىماللىقلا قالىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئېھتىماللىقنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، بار.

ۋېنىتسىيەلىك سەيياھ ماركوپولونىڭ ”ساياھەت خاتىرىسى ”دە: ”چەرچەندىن چىقىپ،  شارائىتى بەكمۇ ناچار بىر چۆللۈكنى بەش كۈن يول مېڭىپ بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما ھەممە يەرنىڭ سۈيى ئىچكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاچچىق بولىۋەرمەيدۇ. بۇ يەردە بۇلاردىن باشقا ئەھمىيەت بەرگۈدەك ھېچبىر ئشمۇ يوق. بەشىنچى كۈنلۈك يولنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، چۆللىكنىڭ چېتىدىكى رابات – لوپقا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

لوپ (LOP) راباتى شەرقى شىمال تەرەپتە، لوپ چۆللۈكىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان. ئۇ ئۇلۇغ خاننىڭ زېمىنىغا تەۋە بۇلۇپ، ئاھالىسى ئسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. بۇ قۇملۇقتىن ئۆتكەنلىكى كارۋانلار ئومۇمەن مۇشۇ لوپ راباتىدا بىر مەزگىل يېتىپ دەم ئالىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە بىر ئاز ۋاقىت دەم ئالغاچ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ ھەم بۇ يەردە كەلگۈسى سەپەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسە – كېرەكلىرىنى تەييارلىۋالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇق- تۈلۈگى ۋە ماللىرىنى كۈچلۈك ئېشەك ياكى تۆگە ياللاپ توشۇيدۇ ….. بۇ چوڭ چۆللۈكتىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن ساپساق بىر ئايلىق ئوزۇق تەييارلىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ ئەڭ قىسقا چۆللۈكتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەملىك ۋاقىت ….. بۇ 30 كۈنلۈك يولدا پۈتۈنلەي قۇملۇق چۆل ۋە قىلچە ئوت-گىياھ ئۈنمەيدىغان تاغلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ …. “ (27). بىز بۇ مەلۇماتتىن لوپتىن چىقسا 30 كۈنگىچە  ”رابات“ يوقلىغىنى پەھىم قىلالايمىز ھەمدە  ”لوپ راباتى“ نىڭ كىچىك بىر  ”رابات“  ئەمەسلىگىنى بىلەلەيمىز. بىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك يەنە بىر ئۇچۇر شۇكى ماركوپولو لوپ شەھرىدىن ئۆتكەن 1275- يىلى لوپ ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغان، دىمەك مەھمۇت قەشقىرى دەۋرىدە ئىسلام دىنى چەرچەنگىچە تارقالغان بولسا ئۇندىن كېيىن شەرققە لوپ شەھرىگىچە تارقالغان. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە ۋاششەھرى كونا شەھەر خارابىسىدىن خاقانىيەنىڭ پۇلى قاتارلىق بىر قىسىم يادىكارلىقلار تېپىلغان، خاقانىيە دەۋرىدىن كېيىنكى دەۋىرگە – موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىغى دەۋرىگە مەنسۇپ يازما يادىكارلىقلارمۇ بايقالدى، ئارخېئولوگلار بۇ شەھەر خارابىسىنى مىلادى 4- ئەسىردىن 14- ئەسىرگىچە گۈللەنگەن دەپ قارايدۇ. بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ كۆلۈمى ئىككى كۇۋادىرات كېلومېتىردىن ئاشىدۇ.  ئەمدى ماركوپولو ئېيتقان چەرچەندىن چىقىپ بەش كۈنلۈك مۇساپىگە كەلسەك بۇ ۋاششەھرى بىلەن چەرچەن ئارىسىغا توغرا كېلىشىگە ئىشەنچ قىلىشقا بولىدۇ. ئەنگىلىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى ستەيىن « چەرچەندىن چاقىلىققىچە ›› ناملىق ئەسىرىدە  ”چەرچەندىن ۋاششەھرىگىچە قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان قۇم – شېغىللىق بىر يول بار. بۇ ئوتتۇرا يول بىز ئەمىلى تەكشۈرگەن ئىككى يولنىڭ ھەر قاندىغىدىن كۆپ قىسقا …. قىش كۈنلىرى بۇ يول بىلەن ماڭسا ھىچقانداق خەتەرلىك ئىش يوق …. بۇ يولنى بويلاپ ماڭغان يولۇچىلار ئادەتتىكى مېڭىشىدىمۇ بەش كۈندە ۋاششەھرىگە يېتىپ بارالايدۇ، بەلكى بۇ يولۇچىلار ئۇچرىتىدىغان  ’تۇنجى تاتلىق سۇ بار ئورۇن‘  بولىشى مۈمكىن.“ (28)

بىز بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن مەيلى مۇساپە ياكى گۈللەنگەن يىل دەۋرى جەھەتتىن بولسۇن چاقىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ 70نەچچە كىلومېتىر غەربىدىكى يېزىسى ۋاششەھرىنىڭ 7 كىلومېتىر غەربى جەنۇبىدىكى شەھەر خارابىسى بولۇش مۈمكىنچىلىگىنى ئوتتۇرىغا قۇيىمىز.

لوپ شەھرى مىلادىنىڭ بېشىدىلا گۈللەنگەن بۇلۇپ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش بىلەن يىپەك يولى كارۋانلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان. دەسلەپكى ماتېرىياللاردا 弩支城 دەپ يېزىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە سەردار كاڭ يەندەن باشچىلىغىدا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قايتا گۈللەندۈرۈلگەچكە  ”يېڭى كەنت“ دەپمۇ ئاتالغان، لوپ دىگەن بۇ نام كەڭ مەنىدە پۈتكۈل چاقىلىقنىڭ نامى بولغان. بۇ شەھەر  مىلادىنىڭ باشلىرىدىلا مەۋجۇت ئىدى، تۆبۈتچە يادىكارلىقلاردا  ”نوپ“  دەپ يېزىلغان. راھىپ شۇەن زاڭ (600-664) «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەرپكە ساياھەت خاتىرىسى›› دە يازغان 纳缚波故国 نى 10- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ  ”نوپ“  (29) دەپ تەرجىمە قىلغان ، شۇنزاڭنىڭ تەرجىمىسىگە كەلسەك ئۇ ئەلۋەتتە ھىند تىلىدىكى ئىسىمنى خاتىرىلىگىنىنى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن بۇلۇپ ،  ” نوپ ياكى لوپ “  يەرلىك ئاھالىنىڭ تىلىدىكى جاي نامىدىن ئىبارەت. يەرلىك ئاھالە ئانا تۇپرىغىنى لوپ دەپ ئاتىغان بۇلۇپ خەنزۇچە مەنبەلەردە  纳职  دەپ خاتىرلىگەن بۇلۇپ يەرلىك ئاھالە قۇمۇل رايۇنىغا كۆچكەندىن كېيىنمۇ مۇشۇ نامنى قوللانغان ، بەزى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا  ”لاپچۇق“  ئەنە شۇ نامنىڭ يالدامىسى ئىكەن. كرورانلىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى دەپ قارىلىۋاتقان بىر قىسىم قەدىمىي ئاھالە ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى  ”لوپتۇق“  دوپ ئاتىسا باشقىلار ئۇلارنى  ”لوپلۇق“ دەپ ئاتايدۇ.  ”لوپ“ كەڭ مەنىدە چاقىلىق دائىرىسىنى كۆرسەتسە تار مەنىدە ۋاششەھرى كونا شەھرىنىڭ (ھىچ بولمىغاندىمۇ خاقانىيە ۋە موڭغۇللار دەۋرىدە) نامى بولغان.

بىز لوپ شەھرىنى ۋاششەھرى كونا شەھرى خارابىسى دەپ قارىساق ئۇ چاغدا كىتىكنىڭ ئورنى قايەردە؟ بىز ماركوپولونىڭ «ساياھەت خاتىرىسى›› گە قارايدىغان بولساق خوتەندىن تاكى لوپ شەھرىگىچە بولغان ئارىلىقتا كىتىك شەھرى كۆرۈلمەيدۇ، ناۋادا بۇ شەھەر چەرچەن بىلەن لوپ (ۋاششەھرى ) ئارىسىدا بولسا كارۋانلار نىمە ئۈچۈن بۇ شۇنچە چوڭ ھەم تەكلىماكاندىكى  ”شەھەرلەرنىڭ مەركىزى“  بولغان كىتىكتىن ئۆتمەيدۇ؟ ماركوپولو نىمە ئۈچۈن بۇنچە چوڭ مەركىزى شەھەرنى تىلغا ئالمايدۇ؟ تارىخى ئەسەرلەرنىڭ ھىچ بىرىدە كىتىك ھەققىدە مەلۇمات بولمايدۇ؟ ئەجابا شەرقتىكى  ”لوپ“  (ۋاششەھرى)گە تارقالغان ئىسلام دىنى بۇ ئارىلىققا يەنى شەھرى كىتىككە تارقالمايدۇ؟ جاۋابى شۇكى شەھرى كىتىك چەرچەن بىلەن ۋاششەھرى ئارىسىدا بولىشى مۈمكىن ئەمەس.

كىتىكنى لوپ شەھرى بولغان ۋاششەھرى خارابىسىنىڭ شەرقىدە دەيدىغان بولساق ئۇ ھالدا كىتىك قايەرە؟  ساياھەت خاتىرىلىرى بولسۇن ياكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر بولسۇن تاكى شاجۇ (دۇنخۇاڭ)غىچە ئوتتۇرا ئەسىرگە جۈملىدىن 13 -  14- ئەسىرگە مەنسۇپ شەھەر بايقالمىدى، لوپ كۆلى ئەتراپىدىن بولسا تېخىمۇ شۇنداق. ئۇنداقتا بۇ شەھەر قەيەردە بۇلىشى مۈمكىن؟ ئەلۋەتتە ھازىرچە ئىككى ئېھتىماللىق بار، بىرى بىز يۇقۇرىدا كۆرۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك چاقىلىق تەۋەسىدىكى  ”ئېتەك تېرىم“  ۋە لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى  ”ئاقتاما مەھەللىسى“ نىڭ غەربىدىكى قۇملۇق، بۇلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشنى كۈتىدۇ ( ئەنگىلىيە تەۋەلىگىدىكى ئونغۇرىيىلىك يەھۇدى ئاتاقلىق ئارخىولوگ ئاۋرال سىتەيىن ئۆزىنىڭ شەھرى كىتىكنى ئارخىولوگىيىلىك تەكشۈرگەنلىگىنى «غەربى دىيار ئارخىولوگىيىسىدىن سۈرەتلىك خاتىرە ›› ناملىق كىتابىدا يازغان بۇلۇپ تەپسىلاتىدىن بىز ھازىرچە خەۋەرسىز، ئۇنىڭ يېزىشىچە روبروۋىسكىمۇ شەھرى كىتىكنى تەكشۈرگەن ئىكەن). شۇنداقتىمۇ جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا  ”ئېتەك تېرىم“ بۇلىشى ئېھتىمال، چۈنكى تارىخ كىتاپلاردا  ”لوپ.كىتىك“  شەكلىدە يېزىلىپ قوشماق شەھەر سۈپۈتىدە بىر رايۇننىڭ نامى بۇلۇپ كەلگەن، ناۋادا ئۇ  ”ئاقتاما“ ئەتراپىدا بولسا مۇساپە بەكلا يىراقلاپ كېتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا كىتىك شەھرى تەبىئى ئاپەت تۈپەيلى ۋەيران بولغان، ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشى بۇنىڭ دەلىلى. ئۇنداقتا بۇ قانداق ئاپەت؟ شەكسىزكى شەھرى كىتىككە بارىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ تارامى ئۈزۈلگەن، سۇنىڭ ئۈزۈلىشى تۇپراقنىڭ قۇرغاقلىشى، يېپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇشى، قۇم – بوراننىڭ كۆپۈيۈشى ئاخىرقى ھىساپتا تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارنى قوغلاپ چىقىرىشى نەتىجىسىدە  ”شەھرى كىتىك“  ۋەيران بولغان، مۇسۇلمان ئاھالىلەر جالالىددىن كىتىكى باشچىلىغىدا تارىم دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا قاراپ كۆچۈپ ئاخىرى ئاقسۇغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنمىغان ، مۇسۇلمان ئەمەس ئاھالىچۇ؟  ئۇلارمۇ خۇددى مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن جاي ۋە مەلۇماتلارنى يازمىغىنىغا ئوخشاش چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخ – تەزكىرە كىتاپلاردا مەلۇمات بېرىلمەي ئۆلگەن – قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن دىيىلگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار رايونىغا كۆچۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا تۇرپان، قۇمۇل تەرەپلەرگە كۆچۈش بىلەن بىرگە بىر قىسمى شاجۇ (دۇخان)غا كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردىكى بۇرۇندىن بار بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ھايات كەچۈرگەن ھەمدە ھازىرقى  ”سېرىغ ئۇيغۇرلار “ (يۇگۇ مىللىتى)نىڭ ئەجداتلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.  ”سېرىغ ئۇيغۇر“ دىگەن نامى «تارىخى رەشىدى ›› قاتارلىق كىتاپلاردا تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ ئۇلار ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى  ”سارەغ يۇغۇر“ ،  ”شارا يۇغۇر“  دەپ ئاتايدۇ.  ”يۇغۇر“ بولسا  ”ئۇيغۇر“  نامىنىڭ تېخىمۇ ئىپتىدائى شەكلى ياكى دىئالىكتىك پەرقتىن ئىبارەت.  ”يۇگۇ مىللىتى“  بىلەن كىتىك شەھرى ئاھالىلىرىنىڭ زادى مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟

بۇ ھەقتە گەرچە كەسكىن بىر ئىسپات ماتېرىيالى بولمىسىمۇ ۋاستىلىق ھالدا  بۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. كۆپلىگەن تارىخى مەنبەلەردە تاڭ سۇلالىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن شۇنداقلا تاڭ سۇلالىسى ھاكىميىتىنى ساقلاپ قېلىشتا زور تۆھپە قوشقان شەرقى ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنىپ ئەزەلدىن تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا ياشاپ كەلگەن غەربى ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنمىغان، كۆپ ھاللاردا شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى ئاساسى دەسمايە قىلىنىپ قەدىمدىن بېرى بۇ زىمىندا ياشىغان ئۇيغۇرلارغا ئېتىبار بېرىلمىگەن ، تۈبۈتچە يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندىمۇ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا جۈملىدىن چاقىلىق رايونىدا دۇرگۇ(تۈرك) ، خور(ئۇيغۇر) قاتارلىق ئاھالىلەر خېلى كۆپ ساننى ئىگەللىگەن. مەسىلەن بىز  ”سارىغ ئۇيغۇر“لارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىغا بولۇپمۇ تارىخى داستانى «يۇغۇرلار كەلگەن سىجى خاجىدىن›› (30)غا قارايدىغان بولساق ئۇنىڭدا ئۇلارنىڭ بۇ تارىخى رىۋايىتىنى ئەجداتلىرىدىن ئاڭلىغانلىغىنى، يۇغۇرلارنىڭ قەدىمدە ناھايىتى يىراقتىكى شىجى خاجىدا ياشايدىغانلىغى ، تۈمەن ئائىلە ئاھالىگە ئىگە ئىكەنلىگى، يۇرتىنى تەبىئى ئاپەت (قاتتىق بوران دىيىلگەن) ۋەيران قىلغاندا دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىغى، نۇرغۇن چىقىملار تارتىپ ئامالسىز شەرققە كوچۈپ ئۈچ ئايدا توختىغانلىغى ئېيتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخىرى 1368- يىللىرى ئەتراپىدا سۇجۇغا كەلگەن دىيىلگەن، بۇ ۋاقىت كىتىك شەھرى ۋەيران بولغان 1340- يىللاردىن 20نەچچە يىللا پەرقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇغۇرلار ئۆزلىرىنى  ”سارىغ ئۇيغۇر“  دەپ ئاتىغىنىدەك كىتىك، لوپ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىمۇ مەنبەلەردە  ”سارىغ ئۇيغۇر“  دەپ ئاتالغان. تارىخچى چەن بوچۇەن «سېرىغ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىكىسى، ئولتۇراقلاشقان جايلىرى ۋە نامى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق ماقالىسىدا «تارىخى رەشىدى››نىڭ 1898- يىلى نەشىر قىلىنغان ئېنگىلىزچە لوندۇن نەشرىدە: ”… خوتەن تاغلىرىغا قاچتى، يەنە پاش بۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ بۇ يەردىن چەرچەن ( (Jurjan ۋە  لوپ كاتاك ((Lop katak قاتارلىق سېرىغ ئۇيغۇرلار رايونىغا قېچىپ باردى“ (31) دىگەن جۈملىلەر بارلىغى يازىدۇ.  ئۇيغۇرچە «تارىخى رەشىدى››دە بۇ جۈملە ”خىزىر خوجە خاننى مەزكۇر 12 كىشى ئۇ تاغلاردىن ئېلىپ قېچىپ ، خوتەن تاغلىرىغا باردى. ئۇ يەردىن سېرىق ئۇيغۇر چەرچەن ، لوپ، كىتىك تەرەپلەرگە باردى“ (32) دىيىلگەن. بۇ جۈملە يەنە موللا مىر سالىھ كاشغەرى «چىڭگىزنامە›› كىتابىدا :  ”قەمەرىددىن خەبەر ئالىپ كىشى بۇيرۇدى ، خىزىر خاجە خاننى خوتەن تاغىغا ئالىپ قاچتىلەر. قەمرىددىندىن قورقۇپ چۇرچەن،  سارىخ ئۇيغۇر،  لوپ ۋە كىتىك سارى ئالىپ قاچتى“ (33) دەپ يېزىلىدۇ.  باشقا تارىخى مەنبەلەردىمۇ  بۇ جايدا قەدىمدىن  سېرىغ ئۇيغۇرلار ياشايدىغانلىغىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلار بار.

دىمەك لوپ شەھرى مۇسۇلمان سېرىغ ئۇيغۇرلارنىڭ، كىتىك بولسا ئازراق بىر قىسمى مۇسۇلمان ئەمما كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولمىغان سېرىغ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھرىدۇر. بۇ شەھەرلەر تەبىئى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان بۇلۇپ، ئاھالىلەر دىنى ئېتىقادىنى ئاساس قىلىپ كۆچكەن، ئاز بىر قىسمىلا يۇرتىدا قالغان بۇلۇپ ئۇلار ئۆزلىرىنى مىللەت نامىدا ئەمەس ياشىغان جايىنىڭ تارىخى نامىنى قوللۇنۇپ  ”لوپتۇق- لوپلۇق“  نامىدا ئاتاپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە شۇ چاغدىكى مۇسۇلمان سېرىغ ئۇيغۇرلار تارىم دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇغىچە كۆچۈپ بارغان بولسا،  يىپەك يولىنى بويلاپ خوتەن رايونىغىچە بارغان. مۇسۇلمان بولمىغان سېرىغ ئۇيغۇرلار تۇرپان – قۇمۇل رايۇنلىرىغا ھەتتا دۇخانلارغىچە كۆچكەن، دۇخانغا كۆچكەنلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى  ”سېرىغ ئۇيغۇر“  دەپ ئاتايدۇ، ئۇلار كىتىكتىن كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن شۇ يەردىكى گەنجۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ  ”يۇگۇ – يۇغۇر – سېرىغ ئۇيغۇر“لارنىڭ  ئەجدادىغا ئايلانغان.

كىتىك شەھرىنىڭ نامى كىتاپ ماتېرىياللاردا ھەرخىل خاتىرلەنگەن. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى تەزكىرە كىتاپلىرىدا  ”كىتىك ، كېتىك، كىتەك، كەتەك، كاتاك“  دىگەندەك خاتىرلەنسە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا “كۆتۆك، كېتەك، كۆتەك“ دىگەندەك تىلغا ئېلىنىدۇ. «يۇەن سۇلالىسى تارىخى›› قاتارلىق خەنزۇچە كىتاپلاردا怯台 دەپ يېزىلغان. خوتەن ساك يېزىغىدىكى ۋەسىقىدە  ”كاداكا“ ، تۆبۈتچە يادىكارلىقلاردا ”كاداگ“ دەپ يېزىلسا، 982 – يىلى يېزىلغان پارىسچە «ھۇدۇدۇل ئالەم›› دە KADHAKH دەپ يېزىلغان. «تارىخى رەشىدى››نى ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار ئەسلى قوليازمىدا  ”كاتاك“  دەپ يېزىلغانلىغىنى ئەمما باشقا بەزى قوليازمىلاردا  ”كاناك“  دەپمۇ يېزىلغانلىغىنى يازىدۇ.

شەھرى كىتىك تارىختا ھەقىقەتەن مەۋجۇت شەھەر بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر تەكلىماكانغا ھەم ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى زور ۋەقە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ناھايىتى كەڭ دائىرىگە تارقالغان،  ھەتتا تەكلىماكان يۇتۇپ كەتكەن ھەر بىر شەھەرنىڭ ، تەكلىماكاننىڭ رىۋايىتىگە ئايلانغان. شۇڭىمۇ تەكلىماكان بويىغا جايلاشقان ھەممە جايدىكىلەر  ”شەھرى كىتىك“ نىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىكەنلىگىنى ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە چەكلىك ئەشۇ تارىخ ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ كۆرىدىغان بولساق بۇ شەھەر يىپەك يولى بويىدا بولماستىن يىپەك يولىدىن چەترەك ، ئەمما تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى بولغان  ”ئېتەك تېرىم“ دا (چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسى بۇلۇپ ناھىيە بازىرىدىن 100كېلومېتىر يىراقتىكى توقۇم دىگەن جايدىن غەرپكە ئىشەكلىك يېرىم كۈنلۈك يول)، شۇڭىمۇ كۆپلىگەن تارىخ كىتاپلىرى ، ساياھەتنامىلەردە بۇ شەھەر زىكرى قىلىنمىغان. تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا- تۆۋەن ئېقىملىرى تارىختىن بۇيان  ”سېرىغ ئۇيغۇر“ لارنىڭ ماكانى بۇلۇپ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى بولغان لوپلۇقلار خۇددى باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەت نامىنى قوللىنىشتىن كۆرە يۇرت ناملىرى بىلەن بىلەن ئۆزلىرىنى”لوپتۇق“ دەپ ئاتىغان. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل بېكىك ھايات كەچۈرگەچكە تىل ، ئۆرپ-ئادەت ۋەباشقا جەھەتلەردىن ئۆزگىچە بىر ئۇيغۇر توپىنى شەكىللەندۈرگەن. لوپ ۋە كىتىك ، مەردەك قاتارلىق سېرىغ ئۇيغۇر شەھەرلىرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئاھالىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى(كۆچمەن چارۋىچى ، بېلىقچى ئاھالە) ئۆز يۇرتىدا قېلىپ (بۇلار ھازىرقى لوپلۇقلارنىڭ ئەجدادى) كۆللەر ۋە ئېقىنلارنى ئىزلەپ تېپىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا كۆپ سانلىق ئاھالە دىنى ئېتىقادىنى ئاساس قىلىپ ئاقسۇ ، كۇچا، بۈگۈر،  پىچان،  خوتەنلەرگىچە كۆچكەن بولسا مۇسۇلمان بولمىغان ئاھالە شەرققە – دۇخان تەرەپكە كۆچكەن، ئۇلار ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى سېرىغ ئۇيغۇر(سارەغ يۇغۇر ، شارە يۇغۇر) دەپ ئاتايدۇ. ئازاتلىقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىن دىنى ئېتىقات ۋە باشقا جەھەتلەردىن پەرقلىنىدىغانلىغى كۆزدە تۇتۇلۇپ ھەمدە ئۇلارنى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن  ”يۇگۇ“  دىگەن نام بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا چۆل- باياۋان، تەبىئى ئاپەت، قۇم بوران ئۆز ئىزىنى قالدۇرغان ، ئۇلار ھازىرمۇ ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىن كۆچۈپ بارغانلىغىنى ئېيتىدۇ.

ئىزاھاتلار:

(1)(9)ئا.راھمان: «يىپەك يولىدىكى ئەپسانە- رىۋايەتلەر›› شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 1985- يىل ئۇيغۇرچە، 75- بەت

(2)ۋېي لاڭتاۋ: «يەكەن خانلىغىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمى بايان›› شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 1999- يىل،ئۇيغۇرچە نەشرى، خەرىتە

(3)قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى: «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى›› شىنجاڭ خەلق نەشرياتى، 2000-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 365- بەت

(5)(14)«تاچىبانا زۇيچۇنىڭ غەرپكە ساياھەت خاتىرىسى›› شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 1999- يىل خەنزۇچە  نەشرى 174- بەت

(6),(7)  پېرژىۋالىسكى «لوپ كۆلىگە سەپەر›› شىنجاڭ خەلق نەشرياتى  1999- تىل خەنزۇچە نەشرى 172-بەت

(7)(8)«پىچان تارىخ ماتېرىياللىرى›› 8- قىسىم 219 – بەت

(10) «مەۋلانا ئەرشىدىن تەزكىرىسى›› ش ئۇ ئا ر قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى، 1994- يىل ئۇيغۇرچە،11- بەت

(11)« شىنجاڭ ئىسلام تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار›› 1- توپلام ، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى دىن تەتقىقات ئورنى،1988- يىل

(12)(16)«ئاقسۇ قەدىمكى كىتاپلار تەتقىقاتى›› 1986- يىل 2- سان 93-، 94- بەتلەر

(13)ق.غ.خالىدى «تاۋارىخ خەمىسەئى شەرقى›› 1- توم 110- بەت ، ش.ظذ.ظا.ر مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى باستۇرغان

(15)موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ھەمىدى›› 1986- يىل مىللەتلەر نەشرياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى 703-، 704- بەت

(17) بۇلاق ژورنىلى 1980-يىلى 2-سان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە

(18)“ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى“ ، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى،1998-يىلى، ئۇيغۇرچە

(19)“شىنجاڭ تارىخ تەتقىقاتى“، خەنزۇچە، 1986-يىلى 2-سان 21-بەت

(20)“ھۇدۇدۇل ئالەم“، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكىدىمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى، 1983-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 60-بەت

(21)“ئىبراھىم مۇتئىي ئىلمىي ماقالىلىرى“، مىللەتلەر نەشرىياتى،1990-يىلى، ئۇيغۇرچە، 272-بەت

(22)“تارىخى رەشىدى-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇڭغۇللىرىنىڭ تارىخى“ ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 1-قىسىم 3-،26-،32-باب

(23) ”تارىخى رەشىدى-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇڭغۇللىرىنىڭ تارىخى“ ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 1-قىسىم 3-،26-،32-باب

(24) ”تارىخى رەشىدى-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇڭغۇللىرىنىڭ تارىخى“ ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 1-قىسىم 3-،26-،32-باب

(25) ”تارىخى رەشىدى-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇڭغۇللىرىنىڭ تارىخى“ ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 1-قىسىم 207-374-بەت

(26) ”ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 90-، 91-بەتلەر

(27) ”شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژورنىلى“، خەنزۇچە، 1990-يىلى، 4-سان، 85-بەت

(28) ئىبراھىم مۇتئىي، ”تەكلىماكان ئەتىراپىدىكى قەدىمكى شەھەرلەر“، ”شىنجاڭ تەزكىرىسى ژورنىلى، ئۇيغۇرچە، 1996-يىلى 1-سان 108-بەت

(29)“ يۇغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن تاللانما“، 1984-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى، خەنزۇچە نەشرى

(30) ”غەربىي دىيار تارىخىغا ئائىت ماقالىلەردىن توپلام“ ، (3-قىسىم)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990-يىلى، خەنزۇچە نەشرى

(31) ”بۇلاق ژورنىلى“، ئۇيغۇرچە، 2000-يىلى 5-سان 7-بەت

(32) (33)موللا مىرسالىھ قەشقىرى ، “ چىڭگىزنامە“، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1985-يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 76-بەت

مەنبە: غالىب بارات ئەركنىڭ ”كروراننىڭ سىرى“ ناملىق كىتابىنىڭ 242-بەتتىن 265-بەتكىچە


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3356

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-08-28
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: