لوپنۇر مۇزىيى بىلەن تونۇشۇش

 

 

لوپنور مۇزىيى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنور ناھىيىسىدىكى لوپنورلۇقلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخى مەركەزلىك نامايەن قىلىنغان كۆرگەزمىخانا بولۇپ، ئومۇمىي ئېگىلىگەن كۆلىمى 830 كۇۋادرات مېتىر.

 

    لوپنۇر مۇزىيىنىڭ ئالدى كۆرۈنىشى

 مۇزىي ئىچى تۆت بۆلەككە ئايرىلغان، يەنى لوپنورلۇقلار مىللىي ئۆر- ئادەت زالى، ئېكولوگىيىلىك تەرەققىيات زالى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلار زاللىرىغا ئايرىلغان. مۇزىيگە قۇيۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سانى 200دىن ئاشىدۇ. مىللىي ئۆرپ- ئادەت زالىغا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي مودىللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى قۇيۇلغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلار زالىغا بىر قىسم ئاسارە- ئەتىقىلەر، قەدىمى قەۋرىلەر، قەدىمى شەھەر خارابىلىرى ۋە لوپنورلۇقلار ياشاۋاتقان ئورۇنلارنىڭ تەبئىي مەنزىرە سۈرەتلىرى قۇيۇلغاندىن سىرت، 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قۇرۇپ قالغان جەسسەتلەر قۇيۇلغان. كۆرگەزمىگە قۇيۇلغان ئىككى جەسسەتنىڭ بىرى ئايال، يەنە بىرى بالا بولۇپ، جەسسەت بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغاچقا، تۇرقىغا قاراپ نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى ئادەمنىڭ جەسسىدى ئىكەنلىكىنى، جەسسەتنىڭ جىنسى ئايرىمىسى، كېپەنلەنگەن بۇيۇملار، بىرگە دەپنە قىلىنغان بۇيۇملار ۋە جەسسەت قۇيۇلغان تاختاي قاتارلىقلارنى روشەن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.

      مۇزىيغا كىرگەن چاغدىكى كۆرىنىش

مۇزىي ئىچىدىكى بىر قىسىم يادىكارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى

مىللىي ئۆرپ- ئادەت زالىدىكى لوپنورلۇقلارنىڭ تۇرالغۇ مودىللىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. تۇرالغۇ ئۆيلەر توغراق ياغىچى ۋە قۇمۇشتىن ياسالغان. ئۆي ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ئۆيلەرگە ئايرىلغان. ئىچكىرى ئۆينىڭ يۇقىرىسىغا توغراق ياغىچى ۋە قۇمۇشتىن 70 – 80 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە سۇپا چىقىرىلغان، سۇپا ئۈستىگە رەڭلىك شىرداق سېلىنغان، سۇپىنىڭ ئوڭ تەرەپ يېنىدىكى ياغاچ تۆۋرۈككە لوپنورلۇقلار كىيگەن كونا پىرىنجە ئېسىپ قويۇلغان، ئۆيگە پەنجىرە ئېلىنغان. تاشقىرى ئۆينىڭ ئوچاق بېشى ئەتراپىغا توغراق ياغىچىدىن ياسالغان قاچىلار، ياغاچ تۇۋاق، ياغاچ كۈپلەر، قاپاق، كونا ساپاللار قۇيۇلغان. ئۆينىڭ تېشىغا ياغاچتىن ياسالغان كونا ھارۋا چاقى، يىپ ئىگىرىش چاقپىلىكى، ياغاچ ئارا، ياغاچ ئىگەر، كىگىز بېسىشتا ئىشلىتىدىغان يۇڭ تىتقۇچ، ياغاچ ئوتىغۇچ قاتارلىق ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قويۇلغان. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى زالىغا ”قۇياش قەبرىسى“ دەپ ئاتالغان كونا خارابىلىقتىكى ئۆزگىچە قەبرىنىڭ سۈرىتى تامغا ئېسىپ قۇيۇلغان.

ئۆرپ -ئادەت زالىدىن بىر كۆرۈنۈش

لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كۆرۈنۈش

     ئومۇمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى لوپنورلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرى بولۇپ، بۇلار كرورەن، مىرەن، يىڭپەن قاتارلىق قەدىمى خارابە ئورۇنلىرىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدۇر. گەرچە، كۆرگەزمىگە قويۇلغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇلاردىن قەدىمى كرورەن، مىرەن شەھەرلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش، قۇم ئاستىدا قالغان تارىخى ئىزلىرى، قەدىمىي لوپنۇرلۇقلارنىڭ  ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، كرورەن قەدىمى شەھىرىنىڭ بايقىلىش تارىخى، لوپنورلۇقلارنىڭ قەدىمى دەپنە قىلىش ئادەتلىرى، شۇنداقلا لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ تارىخىغا ئائىت خېلى كۆپ ماتېرىيال ۋە ماددى ئىسپاتلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

لوپنۇر يىڭپەندىن (قاقشاللىقتىن) چىققان ئەرنىڭ جەسىتى

      بۇ مۇزىي لوپنور ناھىيىسىنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ لوپنور ناھىيىسى، چاقلىق ناھىيىسى ۋە لوپنور كۆلى رايونى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان تارقاق قەدىمى كرورەن ئاھالىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان لوپنورلۇقلارنى چۈشىنىش، ئۇلارنىڭ تارىخى ۋە كرورەن قەدىمى شەھىرىنىڭ تارىخىنى بىلىشتە قىممەتلىك، ئاز ئۇچرايدىغان ماتېرىيال ئامبىرى ھېساپلىنىدۇ.

ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى تورى ۋە لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3305

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-07-31
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: