ئەسلەش خاتىرەمدىكى ئوتلۇق تىلەكلەر
ئەسلەش خاتىرەمدىكى ئوتلۇق تىلەكلەر
بىر تىزىق مارجان بىر دەستە گۈلدەك،
ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ.
ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق،
جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ.
ھىجران ياشلىرى تۆكۈلدى بۈگۈن،
ئايرىلىشقا چىدالماي ئەجەپ.
ئۆكسۈپ-ئۆكۈنۈپ گاھى يىغلىشىپ،
خوشلاشماقتىمىز ئاق يوللار تىلەپ.
قالدى ئەسلىمە ياتاق سىنىپتا،
قالدى رىشتە باغلانغان ماكان.
كەتسەكمۇ يىراق-يىراق جايلارغا،
بىزلەر ساۋاەغداش،ساۋاغداش ھامان.
قەدىرلىك ساۋاغداشلىرىم،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا،يۇقارقى ناخشىنى ئەسەبىيلەرچە توۋلاپ،قايتا-قايتا توۋلىساقمۇ يەنىلا قانماي توۋلاپ مەكتەپ ئىچىنى چاڭ كەلتۈرگىنىمىز؛ئايرىلىش دەقىقىلىرى يېقىنلاپ،يولغا چىقىش پەيتلىرى يىتىپ كەلگەندە،ئۆزىمىزنى چەكسىز قىيالماسلىق دولقۇنلىرىغا تاشلاپ،ئۆز-ئارا ئاھ ئۇرغانلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ئاپتۇبۇس چاقى قوزغالغان ۋاقىتلاردا ئىشىق ئوتىدا ئۆزىنى يوقاتقان ئەسەبىي دەرۋىشتەك ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆزىمىزنى ئېتىپ،ھۆڭۈرەپ يىغلىغانلىرىمىزچۇ؟“ئايرىلغاندا ھەرگىز يىغلىمايمەن“دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ بايانات ئېلان قىلغان ئەركەكلىرىمىزنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن،شەرتنامىنى يىرتىپ تاشلىغانلىرىچۇ؟ھەي،ياشلىق بەڭۋاشلىق!شۇنداق ئەمەسمۇ؟
”تاسادىبى يىغىلىش-مۇققەرەر ئايرىلىش،بۇ بىر قىسمەت“ئالى مەكتەپكە ھەر يەرلەردىن ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن توپلىنىپ،گاھىدا دىلكەش دوستلاردەك،گاھىدا چۈجە-خۇرازلاردەك ئۆتكەن گۈزەل چاغلىرىمىز ئاخىرلىشىپ،ئايرىلىش دەقىقىلىرى بىزنىڭ شىرىن ئازاپ،كۆڭۈللۈك پاراڭلارغا تولغان ئوقۇش ھاياتىمىزغا سايە تاشلىغاندا،ئۆزىمىزمۇ تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان تۇيغۇلارغا چۆمگەنلىرىكىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە.شۇ ۋاقىتلاردا قايناق كۈنلىرىمىز،لىرىك تۈنلىرىمىز ھەسرەت كەلكۈنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچىراپ،ياڭراق ناخشىلىرىمىز،غەمسىز كۈلكىلىرىمىز،مۇڭداشقان،سىرداشقان،پىنھان ياش تۆككەن چاغلىرىمىز تەقدىر تۈگنمىنىدە يانجىلىشقا باشلىغان ئىدى.شۈبىھسىزكى،ھايات مۇرەككەپ بىر قاينام.گەرچە بىز چاپچىپ تۇرغان بىر تايچاق بولساقمۇ،ئەپسۇسكى جەمىيەتنىڭ سوزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەسلىكىنى شۇ ۋاقىتلاردىلا ئاز-تولا ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدۇق.بىزنى ھاياتنىڭ تۈگىمەس سوقماقلىرى بىلەن تەقدىرنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنىڭ پايلاپ تۇرغانلىقىنى بىلگىنىمىز ئۈچۈن،ماي تارتىشقان دوستلار،بىر قىز ئۈچۈن دوئىلغا چۈشكەن رەقىبلەر،قان قىزىقىدا مۇشت ئېتىشقان ئەركەكلەر بىر خىل پۇشايمان ئىلكىدە تىڭىرقاپ قالغان ئىدۇق.ھەمدە ساۋاغداشلىق مىھرىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى تونۇپ يەتكىنىمىز ئۈچۈن،خوشاللىق ياشلىرىغا قوشۇپ،پۇشايمان ياشلىرىمىزنىمۇ تۆكۈۋىلىشقان ئىدۇق.
مانا ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپتۇ.ھەمىمىمىز دادىلىق ۋە ئانىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بوپتۇق.ئەينى ۋاقىتتىكى نازۇك،شوخ قىزلىرىمىز؛يۇمۇرلۇق،قىزىققان،مەرد ئوغۇللىرىمىز ئېغىر بېسىق،تەمكىن ئادەملەرگە ئايلىنىپتۇ.خىزمەت ۋە باشقا ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر بىلەن بەزىلىرىمىز بىر-ئىككى قېتىم دىدارلىشىپ،ھال-مۇڭ بولۇشقان بولساقمۇ،كۆپىنچىلىرىمىز تۇرمۇش ۋە خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقماپتۇق.بىزگە ئىزچىل ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتقىنى قولىمىزدىكى ئەسلەش خاتىرسى بولۇپ قاپتۇ.بۇ خاتىرنى ھەر بىر ۋاراقلىغاندا ھەر بىرمىزنىڭ قانداق تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ،قاچانقى ئەسلىمىلەر قوينىغا قايتىپ باردىغانلىقىمىز ھەممىمىزگە ئايان.قولۇمدىكى ئەسلەش خاتىرسىنى ھازىرغىچە قانچە قېتىم كۆرۈپ چىققانلىقىمنى ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيمەن.ئۇنى ھەر بىر قېتىم ۋاراقلىغىنىمدا،ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن ئېسىل تىلەكلەرنى بىرمۇ-بىر ئوقۇغىنىمدا ھاياجانلىق ھېسلىرىمنى باسالماي قالىمەن.بۈگۈن بۇ خاتىرىنى يەنە قولۇمغا ئالدىم.خاتىردىكى ھەر بىر يازمىنى خۇددى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم.ئۆزۈمنى ئون يىل بۇرۇنقى مەكتەپ ئىچىگە تاشلاپ،ئىزلىرىمنى خىيالى سەزگۈلىرىم بىلەن ئىدىتلاپ چىقتىم.ھەمدە تۆۋەندىكى تىلەكلەرنى مەن بىلەن ئوخشاش ھېسىياتتىكى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ،ئۇلارنىڭمۇ،بىردەملىك خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىملىرىدىن ھالقىپ چىقىپ،ئىجتىمائى يېشىنى كەينىگە ياندۇرۇپ بېقىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلدىم.قېنى ماڭا بولغان تىلەكلەر مەن بىلەن قەلبداش بولغان قېرىنداشلىرىمغىمۇ ئورتاق بولسۇن.
1.ئاڭلىسام كىروران خانلىقىنىڭ ئەرلىرى ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ،جەڭدە ئۆلگەچكە ئالتۇن چاچلىق قىزلىرى بۇ ئەلەمگە چىدىماي قۇم ئاستىغا شەھەر سالغانمىش.كىيىنچە ئۇلارنىڭ ئەلىمىگە چىدىمىغان تەڭرى“كروران گۈزىلى“نى ۋەكىل قىلىپ يەر ئۈستىگە ئەۋەتكەنمىش.ئەگەر بۇ رىۋايەت راست بولسا،سېنىڭ بالدۇراق بېرىپ تۇنجى بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئۇچىرىشىڭنى ھەم ھون تەڭرىقۇتقا ئوخشاش شاھلىق تەختىدە ئولتۇرىشىڭنى تىلەيمەن.لوپنۇرنىڭ ئابىھايات سۇلىرى يۈرىكىڭنى مەڭگۈ ياشارتقاي.
2.ھون شاھزادىسى كىروران ئوغلىغا:
ھۆرمەتلىك شاھزادە،سىلەرنىڭ مەھەللىدە ھازىرمۇ توخۇ بوغۇزلاپ،نەزىر قىلىدىغان ئىش بارمۇ؟بار بولسا توخو بوغۇزلايدىغان پىچاقنى كۆرگەندىكى ۋەھشىلىكلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالما.ھازىر بىز بوغۇزلىنىش ئالدىدىكى توخودەك تىپىرلاۋاتقىنىزدا بۇلۇتلار تارقاپ،كۈن بىزنى مازاق قىلىۋاتىدۇ.ھەر قانداق جايدا ئاجىزلار ئۆلۈمگە مەھكۇم.بىزنىڭ شۇنداق كۈنلىرىمىز كېلىپ قولىمىزنى كۆتۈرگىنىمىزدە قۇياش نۇرى ئۆزىنى بۇلۇت كەينىگە ئېلىپ،بۇلۇتلار خىجىللىق يېشىنى ئېقىتقاي!بىز ھەسەن-ھۈسەننىڭ يەتتە خىل رېڭىگە ئايلىنىپ ساما كۆۋرۈكىگە ئايلىنايلى.پۈتۈن دۇنيا ئاستىمىزدا ئاچچىق ئىڭىراپ مىجىلىپ كەتسۇن.
3.دوستۇم:
تەڭرىم سېنىڭ تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىپ ساڭا كونتادەك قەيسەر،سۈن ۋۇڭۇڭدەك چاققان،جۇباجىدەك بودۇرۇق،كاۋلىدەك زېرەك،ئەزمەتخاندەك كەسكىن،باخشۇدەك مۇلايىم،ژىگودەك ئاقكۆڭۈل،مۇھانگادەك سەۋىرچان ؛شەكىلەدەك لاتاپەتلىك،ئىزورادەك نازاكەتلىك،خىمەندەك كۈچلۈك،رامبودەك نەسىللىك….دەك پەرزەنت ئاتا قىلغاي.ئاخىردا سېنىڭ تۇرمۇشۇڭغا بەخت،تېنىڭگە ئامانلىق تىلەپ:…………….
4.گۈزەل كروران ئانىمىزنىڭ 94-ئەۋلادى،تەكلىماكاننىڭ ئەركە ئوغلى……سەن بىلەن بەش يىللىق ساۋاغداش،ياتاقداش،سىنىپداش بولدۇم،ياخشى ئۆتتۈق.تالاي ئاچچىق-چۈچۈك كەچۈرمۈشلەرنى بىرگە ئۆتكۈزدۇق.ئۆيۈڭگىمۇ باردىم.گۈزەل لوپنۇرنىڭ قەدىمىي سەھرالىرىنى قانغۇچە ئايلانغىنىمىز ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ،ياتاقتىكى قىلىقلىرىمىزچۇ تېخى!دوستۇم ھازىر ئاشۇ كۈنلەرنى سەنمۇ ئەسلەۋاتقانسەن؟خىزمىتىڭنى ياخشى ئىشلە!ئۈرۈمچىدە سېنى كۈتىمەن(ئەلۋەتتە ئۇ چاغدا يېنىڭدا چىرايلىق بىر ئايالىڭ ۋە ئوماق بىر بالاڭمۇ بولىدۇ.) خەير دوستۇم،مەن نەدە بولماي،سېنى ۋە سېنى ئۆستۈرگەن لوپنۇر دىيارىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن!
5.قەدىرلىك دوستۇم،گۈزەل ئەسلىمىلەر تولغان بۇ خاتىرەڭگە بۇ بىر كوپلىت شېئىر بىلەن ئىز قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم:
ھەقىقەتنى دېسەم كۈن چىقمىسا دەيمەن،
تەڭسىزلىكنى دېسەم تاڭ ئاتمىسا دەيمەن.
خۇدايىم تارازاڭنى پەقەت ئۆزۈڭ تۇتقىن،
ئىلاھىم شەيتانلىرىڭ تۇتمىسا دەيمەن.
خەيىر ساڭا بەخت تىلەيمەن!
6.ھەي ھون ئەۋلادى!سەن بىلەن ئايرىلىشقا پەقەت قىيالمايۋاتىمەن.مۇھەممەت ئىمىن مۇئەللىم سېنى ئالىكساندىر ماكادونىسكى دېسە پەخىرلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىڭ؟دەرس ۋاقىتلىرىدا مۇئەللىملەر بىلەن بىر نەرسىلەرنى تالىشىپ خورازنى تاجىسىدەك بولۇپ كېتەتتىڭ؟قىلغان قوپال چاقچاقلىرىڭ ئادەمنى بىردە يىغلاتسا بىردە كۈلدىرەتتى.مېنىڭ دائىم ئىسمىمنى چاقىرماي“سەتەڭ“دەپلا چاقىراتتىڭ.بۇ بەلكىم سېنىڭ سەتەڭلارگە ئامراقلىغىڭدىن بولسا كېرەك.سەنمۇ بەك قاملاشقان يىگىت كەلگۈسىدە چوقۇم ئۆزۈڭ ئويلىغاندەك بىر ”سەتەڭ“گە ئۇچىرايسەن.شۇ چاغدا مېنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن!
خەير!ساڭا ئامەت تىلەيمەن.
7.سالام قەدىرلىك ساۋاقدىشىم!يەنە شۇنداق قاملاشمىغان چۈشلەرنى كۆرۈپ يۈرەمسىز؟لوپنۇرنىڭ تىنىق كۆللىرىدە،چەكسىز قۇم بارخانلىرى ئارسىدا،توغراق قاپلىغان ئورمانلىقلاردا سۈپۈرگە دەرۋىشنى ئىزى ئۇچىراپ قالامۇ دەپ تەمتىلەپ يۈرەمسىز؟ياكى باتۇر بارۇمتاي يىگىتنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئايقۇتقا ئوخشاش گۈزەللەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پايپاسلاپ يۈرەمسىز؟مەن سىزنىڭ ئاشۇ تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.شۇنداقلا كۆڭلىڭىزدىكىدەك خىزمەت ۋە ئارزۇيىڭىزدىكىدەك ھەمرادىن بىرنى تېپىپ بەخىتلىك ئائىلە قورۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
8.ئەي كروران ئوغلى،بارلىق بەخت ۋە ئالىيجاناپ خىسلەتلەر ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا يار بولسۇن!مەردۇ-مەردانىلىق،باتۇرلىق كرورانلىقلارنىڭ ئۇدۇمى.كروران ئەينى ۋاقىتتىكى ئەركىنلىك مەشئىلى يالقۇنجاپ تۇرغان جاي.سەنمۇ شۇ ۋەتەننىڭ ئوغلىغا مۇناسىپ كەلگۈسى يارتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
9.بەختلىك بول ئاداش،ئالدى بىلەن كەرەملىك ئاللاھدىنساڭا سالامەتلىك،خىزمىتىڭگە ئۇتۇق،تۇرمۇشۇڭغا بەخت تىلەيمەن.ھەمدە سېنىڭ شائىرلىق تالانتىڭغا تايىنىپ ئابدۇل تېرىگە ئوخشاش بىر توقام شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلدۇرۇپ،سىنىپىمىزغا ۋاكالىتەن زور ئۇتۇق قازىنىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن.چوقۇم ياز دوستۇم،كروراندا كۈيلەيدىغان گۈزەللىكلەر كۆپ.ھەم سەندىمۇ شۇنى ئىپادىلەپ بەرگۈدەك قۇدىرەت بار.ئەگەر قەغەز يىتىشمىسە ماڭا خەۋەر قىلىۋەت،ئۇنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن.
خەير دوستلار ئەسلەش خاتىرەمدىكى تىلەكلەرنى مۇشۇ يەرگىچە يازاي.مۇشۇنىڭدەك ئېسىل تىلەكلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ ھېس قىلىپ يىتەلەيسىلەر،بەلكىم بۇ ئون يىل ئىچىدە ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى تولۇق ئاقلىيالمىغان،تىلىگەن تىلەكلەرنى ئەمەلگە تولۇق ئاشۇرالمىغان بولساممۇ،يەنىلا تىرىشى-تىرمىشىپ كىتىۋاتىمەن.خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇلارنىڭ گۈزەل تىلەكلىرى بىر كۈنلەردە ئەمەلگە ئاشقۇسى.ئۇلارنىڭ بۇ تىلەكلىرى ھايات سەپىرىمگە داۋاملىق نۇرلۇق ماياك بولغۇسى.ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمىزگە ئون يىل توشقان بۇ يىلدا ئاللاھ بىزنى بىر قېتىملىق جەم بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەي!
2009-يىل3-ئاينىڭ20-كۈنى
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=148
15 يىل ئاېالقى كۈنلەر كۈزۈمگە كۈرۈنۈپ كەتتى ، مېنى ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ ساۋاقدىشىم ؟