ئىككى پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى

دائىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالغاندا ئۇرۇق-تۇغقان ، دوست-بۇرادەرلەر نەلەردىندۇ شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالىنىڭ ماقالە تېمىسى ھەققىدە پەرەز قىلىنغان تېمىلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ، ماقالە يېزىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىشىدۇ. بۇ يىلمۇ يەنىلا بۇ ئىشتىن خالى بولالمىدىم.  بۇ يىل يەنە ئىككى پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يازغان ئىدىم، گەرچە بەك ياخشى بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا  ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئىنى سىڭىللىرىمىزغا ياردىمى بولار دېگەن مەقسەتتە بۇ يەردە ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم. ماقالىنى يەنىلا ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئۆزى يازسا ئەڭ  ياخشى. بۇ ماقالىلەر چوقۇم ئىمتىھانغا چۈشىدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس. بۇ بەلكى ، باشقىلارنىڭ پەرىزى خالاس. شۇڭا ، تەنقىدىي مۇئامىلىدە تۇرۇپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.  تۆۋەندە ئىككى پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

 

 

 

كۆز قورققاق قول باتۇر

(مۇھاكىمە ماقالىسى)

  جەمىيەت تەرەققىيات تارىخىدىن مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا ئەڭ ئاۋۋال ئۇنى قىلىش ئويى، مەقسىتى شۇ مەقسەت ئاساسىدىكى ئېنىق بىر پىلان بولىشى كېرەك. بىر ئېنىق پىلان ياكى مەقسەتنىڭ بولىشى شۇ ئىشنىڭ باشلىنىشىدىكى ئەڭ ئالدىنقى شەرت. شۇڭا بىز مەلۇم بىر ئىشلارنى غەلبىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋال كاللىمىزدا تەخمىنەن ھالدا بىر پىلان تۈزۈۋالىمىز. خۇددى ئاتا بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك ”پىلانسىز ئىش- قېلىپسىز خىش“ تۇر.قېلىپسىز خىش مايماق-سايماق بولىشى ياكى ئۆلچەمسىز بولىشى مۇمكىن، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىمارەت سېلىشقا يارىمايدۇ. ئىمارەت سېلىشقا يارىمىغان خىش ئەخلەت بىلەن باراۋەردۇر.  بۇنداق دېگەنلىك يالغۇز بىر پىلان بولسىلا ھەر قانداق ئىشنى غەلبىلىك ھالدا قىلغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئاشۇ پىلاننى ئەمەلىلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىزدە بەزى روھى ۋە ماددىي جەھەتتىكى تەييارلىق بولىشى كېرەك. بۇ مەسىلىدە كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ تۇتقان يولى ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن ئالايلى:

     بىر قىسىم كىشىلەر مەلۇم بىر ئىشلانى قىلغاندا، ئەڭ ئاۋۋال ئۇ ھەققىدىكى پىلان ۋە لايىھەنى تۈزىۋالىدۇ ھەم شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مەيلى قانچىلىك توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىققا يولۇقىشىدىن قەتئىينەزەر بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەردە غەيرەت-شىجائەت، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، ئالدىن كۆرەرلىك، جۈرئەت ۋە تەۋەككۈلچىلىك ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. بۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە ئۇلارنى ھامان مۇۋاپىقىيەت يولىغا باشلايدۇ. ئۇلار ئىشلارنى كۆز مۆلچەرى باسقۇچىدا توختىتىپ قويماستىن ئەڭ ئاخىرغىچە ئېلىپ چىقىشنى نىشان قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر “ كۆز قورققاق، قول باتۇر“ دېگەن ھېكمەتكە تولۇق ئىشىنىدۇ. پەقەت ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەملا، غەلبە قىلاللايمەن دەپ قارايدۇ.

     يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، پىلان ۋە تەسەۋۇرنى ئوخشاشلا ياخشى تۈزىۋالىدۇ ھەم شۇ بويىچە ئىشنى باشلاشقا كىرىشىدۇ، ئەمما سەللا قىينچىلىق ۋە توسالغۇغا يولۇققاندا، ئوڭايلا بەل قويۋىتىدۇ،  ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە ياكى پىلانىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماستىن بىردەم قاتتىق غەيرەتكە كېلىپ ئىشىغا كىرىشسە، تۇرۇپلا بوشاپ كېتىدۇ. بىر ئىشنى قايتا-قايتا باشتىن باشلاپ يەنە قايتا-قايتا ئوتتۇرغا ئەكىلىپ قويۇپ بەل قويۋىتىدۇ. مەسىلەن: بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چەتئەل تىلى ئۆگىنىشكە شۇنداق قىزىقىدۇ، دەرستىن سىرتقى نۇرغۇن ۋاقتىنى بۇ ئىشقا سەرپ قىلىدۇ. لېكىن، ئەڭ ئاخىردا بۇ تىلنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرالايدىغانلىرى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. دېمەك، بۇ تۈردىكى كىشىلەر “ كۆز قورققاق، قول باتۇر“ دېگەن ھېكمەتكە تولۇق ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇنى ئەمەلىيىتىدە تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ. بۇنداق كىشىلەردە ئىشەنچ،جۈرئەت، غەيرەت شىجائەتلەر مۇقىم ۋە تۇراقلىق بولماستىن، بەلكى ۋاقىتلىق پەيدا بولۇپ، ۋاقىتلىق يوقاپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، پىلان ۋە تەسەۋۇرغا باي كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئالدىدا “ مەن مۇنداق ئىش قىلماقچى“، “ مەن كەلگۈسىدە مۇنداق پۇل تاپماقچى“ دېگەندەك پىلانلارنى داۋراڭ سېلىپ يۈرۈيدۇ. ئەمما ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ پىلانلىرى خام- خىيال باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغان بولىدۇ. “ ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش“ دەيدىغان قاراش بۇلار تايىنىدىغان ئاساسلىق پەلسەپە ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزى ھامان قورققاقلىق ھالىتىدە تۇرىدۇ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ جۈرئەت قىلىپ قولىنى شۇ ئىش ئۈچۈن تەۋرىتىپ بېقىشقا پېتىنالمايدۇ. قىلماقچى بولغان ئىشىدىن گۇمانلىنىپ ۋە تەشۋىشلىنىپلا يۈرۈيدۇ. تاتلىق خام خىيال ئىچىدە ئەللەيلىنىپ، شىرىن چۈشىدە غەلبە مىۋىلىرىدىن قانغىچە ھۇزۇرلىنىپ ئۆتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈشىدىن ۋە خام خىيالىدىن ئويغانغاندا بولسا، ئازابلىنىپ، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا تېخىمۇ بەكرەك پېتىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ مىزانىدا قوي-كالا باقسا بولىدۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ قېلىش ئىھتىماللىقى چوڭ؛ زىرائەت ياكى كۆكتات تېرىسا بولىدۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ قۇرۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ. بۇنداق ياشاش مىزانى ئۇلارنى ھەقىقىي غەلبە مېۋىسىنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ.

    دېمەك، بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن بىزدە ئەڭ ئاۋۋال ئېنىق بىر نىشان ۋە پىلان بولىشى لازىم. ئاندىن ئاشۇ پىلاننى ئىجىرا قىلىش ئۈچۈن بىزدە ئىشەنچ ۋە جۈرئەت بولىشى تېخىمۇ مۇھىم. بۇ يەردىكى جۈرئەت ھەرگىز قارغۇلارچە قاراملىق قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىگەن ئاساستا دادىل ھەرىكەتكە ئۆتۈش دېگەنلىكتۇر. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، دۇنيادىكى ۋە كۆز ئالدىمىزدىكى كەسپىدە نەتىجە قازانغان ئالىملار بولسۇن، كارخانىچىلار بولسۇن ۋە ياكى باشقا ساھەدىكى كىشلەر بولسۇن، ئۇلار دائىم چىدام، غەيرەت، جۈرئەت، تەۋەككۇلچىلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان. قىينچىلىق ئىچىدىن يول تاپقان، مەغلۇبىيەت ئىچىدىن تەجىرىبە-ساۋاققا ئېرىشكەن. شۇڭىلاشقا، دادىللىق بىلەن ئىشقا كىرىشىش، ئارىسالدىلىقتىن ، ئىككىلىنىشتىن يىراق تۇرۇش كۆزىمىزدىكى قورقۇنچنى يوقىتىش بىلەن بىرگە ئەڭ موھىم كۆڭلىمىزدىكى تەشۋىشلىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىر جۈپ باتۇر بىلىكىمىزنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرىشىمىز لازىم.

يېڭىلىقتىن قورقۇش بېقىنىۋىلىش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

(مۇھاكىمە ماقالىسى)

     جەمىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، يېڭى شەيئىلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان، مەۋجۈتلۇق رىقابىتى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ياشاش يولى ھەققىدە ئويلىنىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، بەلكى تەييارلىقى بارلارغا مەنسۈپتۇر. ”باشقا كەلگەندە باتۇر“ دېگەن ئاتالمىش تەۋەككۈلچىلىك سەپسەتىسىنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭدىن كېيىنكى جەمىيەت زادى قانداق كىشىلەرگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق؟ ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ۋە ماھارىتىنى قانداق قىلغاندا ھەقىقىي تۈردە جارىي قىلدۇرالايمىز؟ كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىمىز ئۈستىدىن قانداق قىلغاندا غالىپ كېلەلەيمىز؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددي. ئۇ بولسىمۇ، پوزىتسىيىمىزنى توغرلاپ مېڭىمىزنى يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇشتۇر. مانا بۇ بىز ماقالىمىزدە يورۇتماقچى بولغان يېڭىلىقنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنىدۇر.

يېڭىلىق دېگىنىمىز نېمە؟ يېڭىلىق- ئەڭ ئالدى بىلەن يېڭىدىن پەيدا بولغان، جەمىيەت ۋە شەخىسنىڭ ئىدىيە ۋە ماددىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ياردىمى بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر. يېڭىلىقنىڭ تەبىرىنى ئېىنىق بىلىش ياكى ئۇنىڭ نېگىزلىك روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. شۇڭىلاشقا، يېڭىلىقنىڭ ئۆلچەملىرىگە دېققەت قىلىش كېرەك. مېنىڭچە، يېڭىلىقنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئۆلچىمى بولىشى زۆرۈر.

(1) يېڭىلىق- مەيلى قايسى ساھەدە بولىشىدىن قەتئىنەزەز ئىجادچانلىققا ئىگە بولىشى، ئەسلىدىكى بار نەرسىلەردىن ماھىيەت جەھەتتە پەرقلىنىشى لازىم.

(2) يېڭىلىق ئەسلىدىكى ئەنئەنە بىلەن زىت بولۇپ قالماسلىقى، ئۇ ئەنئەنىنى تولۇقلايدىغان ۋە بېيىتىدىغان بولىشى زۆرۈر.

(3) يېڭىلىق جەمىيەت ۋە شەخسنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن بولىشى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرەلەيدىغان بولىشى لازىم.

يېڭىلىقنىڭ ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىن كېيىن، ئەمدى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئەندىزە ۋە ئەنئەنە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئەسلىدىكى ئەندىزە ۋە ئەنئەنىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش، بىز يېڭىلىق دەپ قارىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ قارغۇلارچە قۇبۇل قىلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر. جەمىيەتتە بۇ ھەقتە كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيىسى ئوخشاش ئەمەس.

بىر قىسىم كىشىلەر يېڭىلىقتىن ئۆلگىدەك قورقىدۇ، ھەر قانداق بىر يېڭىلىققا نىسبەتەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. يېڭىلىق پەيدا بولغان ھامان ئۆز ئەتىراپىدىكى ئەسلىدىكى ئەندىزە ياكى ئەنئەنىنىڭ خىرىسقا ئۇچىراپ يوقاپ كېتىشىدىن خەۋىپسىرەيدۇ. مەسىلەن: بىر قىسىم دېھقانلار دېھقانچىلىق ساھەسىدىكى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ھەمدە قالاق بولسىمۇ، يەنىلا ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋىي دېھقانچىلىق قىلىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرىۋالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى،يېڭىچە مائارىپ ئىدىيىلىرى، يېڭىچە ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى دەرس ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ.لېكىن، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار كونا مائارىپ ئىدىيىلىرىنىڭ قامالىدىن ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايدۇ، ئەنئەنىۋىي دەرس ئۆتۈش مىتودلىرى ۋە ۋاستىلىرىدىن يېڭى ۋاستىلەرگە ئۆتۈشكە كۆزى قىيمايدۇ. نەتىجىدە ئۆزى مېڭىۋاتقان ئاشۇ ۋاقتى ئۆتكەن ۋە ئۈنۈمى تۆۋەن ۋاستىلەرگە يېپىشىۋىلىش ۋە بېقىنىۋىلىش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كونىلىققا چىڭ يېپىشىۋىلىش جەمىيەت ۋە شەخسنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان ھەرقانداق نەرسىنى يېڭىلىق دەپ قارغۇلارچە قۇبۇل قىلىدۇ. ئۇلار ئەسلىدىكى يېڭىلىق بىلەن زىتلاشماستىن ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان ئەنئەنىلەرنىمۇ بىراقلا چەتكە قاقىدۇ. مەسىلەن: مىللىي كىيىم-كېچەك ۋە يېمە ئىچمەك جەھەتتىكى ئېسىل ئەنئەنىلەرنى بولسا، پۈتۈنلەي كونىلىق ،زاماننىڭ ۋە دەۋىرنىڭ كەينىدە قالغان دەپ سىرتتىن كىرگەن بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي نەرسىلەرگە قارغۇلارچە ئەگىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە يېڭىلىققا قارغۇلارچە بېقىنىۋىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل بېقىنىۋىلىشمۇ ئوخشاشلا جەمىيەت ۋە شەخسنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئەمەس.

مېنىڭچە، باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك يېڭىلىقنى ئۆلچەملىرى بويچە قۇبۇل قىلىشىمىز، يېڭىلىق بىلەن ئەنئەنە ۋە ئەسلىدىكى ئەندىزىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم. بۇ جەھەتتە “ مېغىزىنى قۇبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىۋىتىش“ پىرىنسىپى بويچە ئىش كۆرۈش تولىمۇ مۇھىم. قارغۇلارچە بىر تەرەپكە بېقىنىۋىلىش ياكى بىر تەرەپكە زىيادە ئېغىپ كېتىش ئوخشاشلا زىيانلىق.

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3808

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-06-05
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: