ئاھلىرىمدا ئاھۇنىڭ كۆزى(ئىككى كىشلىك مۇشائىرە)

مەزكۇر مۇشائىرە يېشىل ئارال مۇنبىرىدىكى تورداش ئايزىت بىلەن قىلىنغان ئىدى، دوستلار بىلەن بۇ يەردە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.

ئاھلىرىمدا ئاھۇنىڭ كۆزى

ئايزىتنىڭ بىرىنچى مۇشائىرىسى

سىرغىيدۇسېغىنىش قاراڭغۇ،

ئۆرلىمەكتە ھىجراب بولۇتى.

تۇنۇش كوچا ،ناتۇنۇش يوللار،

ئاھلىرىمدا ئاھۇنىڭ كۆزى.

چىقپ كەتكۇم كەلدى قىسىلىپ،

قىيدىغۇم يوق ھەممە،ھەممىگە.

ئورالغىنىم ئىزى ئاق ھىجران،

ئۇزارماقتا ئاي تولغان كېچە.

سەھەردە شامالغا قوشۇلدۇم.

سۇقۇلاي دەپ يۈرەك تىمىڭغا،

تىلەپ يۈرمە يامغۇرنى جېنىم.

سەۋدايىم ھۆللەنمىسۇن نامىڭدا.

لوپنۇرىنىڭ بىرىنچى مۇشائىرىسى

تونۇش كوچا، تونۇش سىمالار،

كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى ھەرگىز.

يامغۇر تىلەپ چىققان كۈنۈمدە،

ئۇچىراپ قالدى يىگانە نەرگىز.

يۈرىكىمگە سوقۇلدى بىردىن،

تۇلۇن ئايدىن ھېيىققان شامال.

سەۋدالىرىم كۈچەيدى مەيۈس،

خۇشلۇقىمنى كەستى ئېھتىمال.

ئاھۇ كۆزى چۆككەن ئاھىڭغا،

كىرگۈم كەلدى ئاستا سىغدىلىپ.

قېيدىغۇم يوق ھەممە ھەممىگە،

چۈنكى ساڭا قالدىم باغلىنىپ.

ياغدى سىم-سىم ۋىسال يامغۇرى،

قوشۇلغاندا شامالغا ئۈنۈڭ.

كەتتى رەنجىپ ھىجران بۇلۇتى،

سىرغىغاندا سېغىنىش كۈيۈڭ.

تەنھالىقىم پۆرەكلەپ قات-قات،

قاراڭغۇغا كەتتىم چىلىنىپ.

ئۇزىرغاندا ئاي مۆككەن كېچە،

ئاھ،يوقلۇقۇڭ كەتتى بىلىنىپ.

ئايزىتنىڭ ئىككىنچى مۇشائىرىسى

ھىدلىرىمدا ھىدلىرىڭ نازۇك.

پورەكلىگەن تەنھالىقىڭدا،

توۋلىغىنىم سېنىڭلا نامىڭ،

سىلاپ باققىن لىۋىڭنى ئاستا.

بولۇت ئارا مۆكۈنگەندە ئاي،

ئاسمان ساڭا قالدى ئايلىنىپ.

سامان يولى ئۆيىمىز بولدى،

ئۇخلاپ قالدىم ساڭا يۆلىنىپ.

پادىشاھ ،شەھرىزاد رىۋايەت،

مىڭبىر كېچە گۈزەل ھېكايە،

ئاياق كىيىپ قالدىم چۈشۈمدە.

تەبىرىنى بىلگىن ئىچىڭدە.

لوپنۇرىنىڭ ئىككىنچى مۇشائىرىسى

بۇلۇت ئارا مۆكۈ-مۆكۈلەڭ،

ئوينىغاندا يۇلتۇز بىلەن ئاي .

يەتكىنىدە ھىجران سۆڭەككە،

ئۆمەللىدىم لېۋىمنى تىنماي.

قاراڭغۇنى لىقلاپ تولدۇرۇپ،

ئەسلىمەمنى ئىچتىم گۈپۈلدەپ.

ئۇخلاپ قالدىم كۆزۈم ياش يۇقى،

چۈشلىرىمدىن تەسەللىي ئىزدەپ.

كۆزلىرىمنى ئاچسام تاڭ سەھەر،

كىرپىكىمگە چۈشۈپتۇ شەبنەم.

ئاي، يۇلتۇزلار كېتىپتۇ باتناپ،

ئاھلىرىمغا تاپالماي مەلھەم.

ئەسلەپ باقسام كۆرگەنلىرىمنى،

كېتىپ قاپسەن ئاستا ئۈنچىقماي.

تەتۈر بولسا چۈشنىڭ تەبىرى،

كېلەر ئىدىڭ يارىم كۈن چىقماي.

ئايزىتنىڭ ئۈچىنچى مۇشائىرىسى

ھىجران يەتكەن سۆڭىكىڭ ئاقار،

قاناپ كەتكەن كۆز ئۇچلىرىمدىن.

ئۆمەللىگەن مىھىرلىك لىۋىڭ،

پارتىلاتتى تاغنى ئۆزىدىن .

قاراڭغۇنى لىقلىغان قەدەھ،

قۇيۇلماقتا كەچمىش گۈلىگە .

يېڭى بىختۇر چۈشتىكى شەبنەم،

يىراق بولسۇن قەسەم لەۋلەرگە .

ئاھلىرىڭنى ئاھىمدا يۇيدۇم.

ئوخشاش چۈشلەر پەرلەنگەن كېچە،

تەتۇر بولماس پىنھان چۈشىمىز،

مەن سېنى چۈشۈمگە باشلىدىم يەنە.

لوپنۇرىنىڭ ئۈچىنچى مۇشائىرىسى

لەۋلەرنىڭ ئىچكىنى ئەمەستۇر قەسەم،

ئىشىقنىڭ بۇلىقى كەلتۈرگەن شەربەت.

چۈشۈڭگە باشلىماي باشلا ئوڭۇڭغا،

ھىجراننىڭ سىرتمىقى ئۈزۈلسۈن ئەبەت.

كەچمىشنىڭ گۈلىگە تىكىلمەي ئۇزاق،

كەلگۈسى غۇنچىنى قىلغىن تەسەۋۇر.

ئۈمىدكە ياندىساڭ ھەممە ھەممىنى،

ۋىسالنىڭ خەتلىرى كېلەر ئەيتاۋۇر.

ئاھىڭنى ئاھىمدا يۇمىغىن زىنھار،

روھىڭنى سۆيگۈمنىڭ ئوتىغا قاقلا.

يۈرىكىڭ سەزگۈڭنى سىلىغان چاغدا،

تۇنجى رەت ئۇچراشقان دوقمۇشتا ساقلا.

ئايزىتنىڭ تۆتىنچى مۇشائىرىسى

بىلىمەن لەۋلىرىڭ قەسەمدىن يىراق،

سەن بىر باھادىر ئەر، سۆزلىرىڭ قەسەم.

يىراق ئەمەس چۈش سەپىرى يالغۇزۇم،

ئەگمە كوچا بەلگە بولسۇن ئەزىزەم.

كەچمىش گۈلى ئۆزگىلەرگە ئىسىمسىز،

سەن بىلىسەن قات-قات غۇنچە سىرىنى.

تىمتاس گۈللىرىڭنىڭ ھىدلىرى چوقان،

تالمىغان يۇلتۇزدۇر كۆڭلۈمنىڭ شېخى.

روھىڭغا قاقلىغان روھىم شىرنىسى،

باغرىمدىن باغرىڭغا سىرغىشى پىنھان.

يوقلاپ قوي ئۇچراشقان ھېلقى دوقمۇشنى،

ئۇ يەنە نېمىنى قىلدىكىن ئارمان.

لوپنۇرىنىڭ تۆتىنچى مۇشائىرىسى

يالقۇنلۇق نىگاھتا بېقىشسا كۆزلەر،

دوقمۇشمۇ ئارمانغا يېتىدۇ شەكسىز.

جۈپ گەۋدە يانمۇ يان ئولتۇرغان كېچە،

كۆكتىكى يۇلتۇزنىڭ خۇشلۇقى چەكسىز.

يۈرەكتىن يۇرەككە سىرغىيدۇ سۆيگۈ،

گۈللەرنىڭ بەرگىنى سۆيىدۇ شەبنەم.

شاماللار ئازىدۇ ماڭغان يولىدىن،

ئاي كۆلۈپ ھەۋەستە باقىدۇ شۇ دەم.

ھىجراننىڭ قالمايدۇ باشقا ئامالى،

دۇنيادىن كېتىدۇ ئاھ ئۇرۇپ،دادلاپ.

باشلايدۇ شەھرىزاد يېڭى ھېكايە،

كېچىلەر مىڭبىردىن ئۆتىدۇ ئاتلاپ.

كۆڭۈللەر تىنىدۇ ھاياجان ئىچىرە،

ھېچكىممۇ چەكمەيدۇ ھەسرەت،ئىزتىراپ.

ئازابلىق كەچمىشمۇ ئۇزايدۇ جىمجىت،

ۋىسالنىڭ قۇياشى چىققاندا پارلاپ.

ئايزىتنىڭ بەشىنچى مۇشائىرىسى

يالقۇنلۇق نىگاھتىن رەڭلەنگەن قىياق،

شوڭغۇدى قەدىردان دوقمۇش قوينىغا.

ھەسەتكە چىلاشتى يۇلتۇز ئۇھسىنىپ،

جۈپ گەۋدە ئۇخلىسا يۈرەك ئۆيىدە.

يۈرەكتىن سىرغىغان يۈرەك سوۋغىسى،

شەبنەم سۆيگەن گۈلنى ھىدلايدۇ پىنھان.

مىڭبىردىن ئۆتكەن كېچە قىسقا   يۇرۇق،

توڭلۈك مارلاپ ھىلال كەتتىكىن قايان.

شەھرىزاد ھېكايسى مىڭ بىر كېچە،

مەن باشلىدىم مىڭ ئىككىنچى رىۋايەت .

سەن،مەن ،مەن ،سەن يانساق تۈگىمەس كۈندۈز،

ۋىسالنىڭ قۇياشى شېرىن مۇھەببەت.

لوپنۇرىنىڭ بەشىنچى مۇشائىرىسى

كۆيىمەكتە ۋۇجۇدۇم،كۆيمەكتە تېنىم،

ھەرنەپەس ”ئاھ!“ دېسەم،ئىچىمگە تىنسام.

كۈۋەجەر سەزگۈمدە ئىسسىق ھاياجان،

جىگدىلەر پۇرىغان كۈننى سېغىنسام.

چۈشمىدى ئۇدارغا يۈرەك سوقۇشۇم،

تۇيغۇمدا نىگارنىڭ كۆزىگە باقسام.

نە ئارمان تاسادىپ پۇرسەتلەر بولۇپ،

بېغىغا تۇتاشقان ئۆستەڭدە ئاقسام.

سېغىنىش سىرلىرى تولغان كىتابنى،

بىر-بىرلەپ ھەممىنى يادلاپ چىقسام.

ھىجراننىڭ دەشتىدە چاڭقىساڭ ئەگەر،

ۋىسالنىڭ جامىدىن شەربەتلەر تۇتسام.

ئايزىتنىڭ ئالتىنچى مۇشائىرىسى

كۆيگەن ۋۇجۇدۇڭ ئوت كەتكەن دېڭىز.

ئىشقىمنىڭ قولۋىقى ئۈزىدۇ لەرزان،

قارشى قىرغاقتا جىگدىنىڭ ھىددى.

سېغىنىش كومپىسى سەن تەرەپ ھامان،

ھەر نەپەس ئاھ…!دېگەن تىنىقلىرىڭدا.

چاراسلاپ  كۆيمەكتە كۆڭلۈمنىڭ شېخى.

سېغىنىش رېڭىدە سارغايدى ياپراق،

ئۇرۇلسۇن يۈرەككە  ۋىسال زەخمىكى.

ئۇدارغا چۈشمىگەن يۈرەك سوقۇشۇڭ،

كۈلىدۇ شامالدا قىزىل يەلكەندەك.

لەيلىگەن كېمىلەر ئەمەس كۈتكىنىم،

دولقۇن بوپ سەن مېنى ئۆزۈڭ ئىلىپ كەت.

لوپنۇرىنىڭ ئالتىنچى مۇشائىرىسى

سېغىنىش رەڭگىگە كىرگىنى بىلسەڭ،
ساماندەك چىرايدۇر،ئەمەستۇر ياپراق.
يۇرەكنىڭ تارىغا ئۇرۇلغىنى ھەم،
ۋىسالنىڭ زەخمىكى ئەمەستۇر بىراق.

كۆڭلۈمنىڭ پەردىسى خىرەلەشمەكتە،
قولۇمدا قالغىنى بۇزۇلغان كومپاس.
ئادەملەر دېڭىزى ئىچىدە يالغۇز،
پەقەتلا بىر ساڭا باغلىدىم ئىخلاس.

تۇمۇرۇمدا چايقىلىپ تىنىمسىز دولقۇن،
ئۆرلەيدۇ،پەسلەيدۇ ھەرخىل رېتمدا.
ئەسلىنەر،يادلىنار ئىسمىڭ،رۇخسارىڭ،
ۋىسال دەپ تالجىققان يۇرەك قېتىمدا.

مەڭزىڭدەك قىزارغان يىراق ئۇپۇققا،
تىكىلدىم لېۋىمنى چىشلىگەن پېتى.
ئاي بىلەن يۇلتۇزغا دەردىمنى تۆككەچ،
چاپماقتا ئىشقىمنىڭ يۈگەنسىز ئېتى.

ئايزىتنىڭ يەتتىنچى مۇشائىرىسى

كۆڭلىڭنىڭ پەردىسى خىرەلەشمىسۇن،
قەلبىڭنىڭ پايانى تاللىشىم مېنىڭ .
بۇزۇلغان كۇمپاسنىڭ ساقلاپ قېپىنى ،
يەتتە تال يۇلتۇزنى ئىزلىسۇن كۆزۈڭ.

بىلىمەن ئىخلاسمەن قەلبىڭ دېڭىزى،
ئۆزگىلەر كۆزىدە كۆپكۆك شاۋقۇنسىز .
ئالدىمدىن ئادەملەر ئۆتۈپ تۇرسىمۇ ،
ئۆتمەيدۇ دەقىقەم جېنىم سېنىڭسىز.

«ئايسىز ئايدىڭ»چىچەكلىدى ھۆپپىدە،
ئايغا تۆككەن ھەسرىتىڭنىڭ  رەڭگىدە.
ۋىسال دەپ تالجىققان يۈرەك تىۋىشى،
ئوۋلايدۇ كۆڭلۈمنى كۈندە مىڭ مەرتتە.

لوپنۇرىنىڭ يەتتىنچى مۇشائىرىسى

خىياللار قۇتقۇزۇپ تۇرماقتا مېنى،
قاقشالدەك چاراسلاپ كۆيۈپ كېتىشتىن.
قورقىمەن تاھىردەك قىسمەتكە قېلىپ،
ۋىسالغا يىتەلمەي ئۆلۈپ كېتىشتىن.

مۇھەببەت دەشتىدە لەۋلىرىم چاك-چاك،
يۈرىمەن مەجنۇندەك سەرگەردان سىياق.
كۆزۈمگە ئالۋۇندەك كۆرۈنەر ھەممە،
چېكىمەن پەرھاتتەك ئازاب ۋە پىراق.

ھىجراننىڭ كۈلپىتى ھەسسىلەپ ئاشار،
چۆللەرگە پالانغان غېرىبنى ئەسلەپ.
سېغىنىش دەرياسى كۆۋەجەپ ئاقار،
دولقۇنى ھەر زامان قالماستىن پەسلەپ.

ئىسمىڭدىن باشقا سۆز كەلمەس ئاغزىمغا،
ۋامۇقتەك ئۇزرانى يۈرىمەن چۈشەپ.
بىر خىلۋەت ئورماننى كېزىمەن تەنھا،
غۇنچەم ۋە نۇرۇمغا بەختلەر تىلەپ.

ئايزىتنىڭ سەككىزىنچى مۇشائىرىسى

سەن سۈرگەن خىيالغا ئۇلىدىم خىيال،
تاھىر ھەم زۆھرەجان كەلدى ئېسىمگە.
ئاشىقلار چۆلىدە توۋلىسام ناخشا ،
مۇرادسىز مۇزىكا پاتتى يۈرەككە.

لەيلى ھەم مەجنۇننىڭ ئۇزۇن كەچمىشى،
سۆزلىسەك ئىككىمىز   تۈگىمەس  پەقەت.
باش ئەگىم بەرمىسۇن ساڭا قىسمەتنى،
زۆھرەنىڭ دەردىنى بىلىدۇ ئەھەد.

«خەمسە»نىڭ ئىچىگەچۆكۈپ بىر كېچە،
بىر مىسرا نەزمىگە قالدىم ئۇلۇنۇپ.
سەن ئاققان سېغىنىش دەرياسى بويلاپ،
دولقۇنلاپ بوژغۇندەك كەتتىم  ئۇۋۇلۇپ.

ئىسمىمنى توۋلىغان  سۈزۈك ئاۋازىڭ ،
قۇلىقىم تۈۋىدە يانار ھەر بارە.
ۋىسالسىز ئاشىقلار بولمىسۇن ئۇدۇم ،
قانسىرتىپ يۈرەكنى تىلىپ مىڭ پارە.

سەن بارغان ئورماندا ئىككى تۈپ دەرەخ،
تەنھالىق سىرىڭنى سۆزلىدى ماڭا.
«سەن بىر دەخ،مەن بىر دەرەخ»ئىچىمدە،
ئىنتىزارمەن ھاياتىمدا بىر ساڭا.

لوپنۇرىنىڭ سەككىزىنچى مۇشائىرىسى

تۈنلەرنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى بىمەھەل،
شاماللار يەتكۈزگەن ناخشاڭنى ئاڭلاپ.
كۈنلەرنى ناخۇشلۇق ئالدى ئىلكىگە،
يۈرەكنى سېغىنىش ئوتىدا داغلاپ.

قوشۇلدى تۇيۇقسىز سىرغىغان يېشىم،
تاڭ سەھەر يالتىراپ تۇرغان شەبنەمگە.
گۈلبەرگى ئۇيقۇدىن ئويغاندى چۆچۈپ،
ئېھتىمال چىدىماي دەردۇ-ئەلەمگە.

ھېچكىمگە تىنمىدىم يۈرەك سۆزۈمنى،
تەشۋىشنىڭ تاغلىرى باسسىمۇ كۈچەپ.
كاككۇكنىڭ ئاھىنى چۈشىنەر دەيمەن،
ئۇنىڭغا تەلپۇنگەن،زارىققان زەينەپ.

ئايزىتنىڭ توققۇزىنچى مۇشائىرىسى

ناخۇشلۇق قاپلىغان كۈنلەرنى ئۇزات،
ھىجراننىڭ سايىسى كەتسۇن كىچىكلەپ.
ئۇيقىسىز تۈنلەرگە ناخشا ئوقۇپ بەر،
سېغىنىش بولۇتى قالسۇن چىچەكلەپ.

سىرغىغان يىشىڭغا قۇشۇلغان خىيال،
شامالنىڭ قولىغا پاتمىدى ئەركەم.
دەردىڭدىن چۆچىگەن گۈللەرنىڭ ھىددى.
ئىشىكىم ئالدىدىن ئۆتمەكتە بەردەم،

تەشۋىشنىڭ تاغلىرى پارتىلار بەلكىم،
چايقالسا يۈرەكلەر ئوخشاش تۇيغۇدا.
كاككۇكنىڭ ئۈنىدە توڭلىغان يۈرەك،
ئېرىيدۇ شېئرنىڭ قولياغلىقىدا.

لوپنۇرىنىڭ توققۇزىنچى مۇشائىرىسى

ۋىسالنىڭ باھارى يىتىپ كېلەرمۇ؟

ئېرىتىپ يۈرەكتە توڭلىغان مۇزنى.

ئېسىگە ئالارمۇ ئىچكەندە شەربەت؟

لەۋلىرى يېرىلغان مەندەك ئۇسسۇزنى.

ئويلارمۇ تاڭ سەھەر ئويغانغان چاغدا؟

تۈنلەردە ئۇيقۇسىز قالغان يالغۇزنى.

تاپارمۇ سۇ ئالغاچ ئۆستەڭ بويىدا؟

قانغۇچە پۇرىغان بىر جۈپ يالپۇزنى.

قارارمۇ ئۇھسىنىپ يىراق-يىراققا؟

كۆرگەندە ساناقسىز ئويناق يۇلتۇزنى.

باقارمۇ بىر مەرتە ئوتلۇق نىگاھتا؟

دوقمۇشتاتاسادىب ئۇچراشقان كۈنى.

ساقلارمۇ دېرەكسىز يوقالغان چاغدا؟

باھادىر دەپ بىلگەن ئاشۇ ”ئوغۇزنى“.

يوقلارمۇ ئىشىقنىڭ چۆلىدە سەرسان؟

سائىلدەك تېنىگەن دەردمەن يوقسۇزنى.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3550

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-11
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: