جاھانگىرلارنىڭ چاقىلىق چىگرىسى ئىچىدە مەدىني يادىكارلىقلارنى تالان- تاراج قىلىشى

 

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جاھانگىرلارنىڭ چاقىلىق چىگرىسى ئىچىدە مەدىني يادىكارلىقلارنى تالان- تاراج قىلىشى

ئېزىز شىرىپ تەرجىمىسى

19  -ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدائەنگىلىيە ، چارۇسىيە،فرانسىيە،گېرمانىيە ،شېۋىتسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى بۇلايدىغان جاھانگىرلار جۇڭگۇ شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى بويىدىكى قۇملۇقتا ئېكىسپىدىتسىيە قىلىش نامى بىلەن مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۇلاش ھەرىكەتلىرىدە بولدى .تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان چاقىلىق ناھىيىسى-تارىختا يىپەك يولىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن كەلگەن ئىككى يول ئۆز–ئارا تۇتۇشىدىغان يېرىدىكى قەدىمكي كروران،خەن سۇلالىسى دەۋرىدە يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى ئىدى.بۇ رايوننىڭ جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قاتناش تارىخىدىكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ئالاھىدە بولۇپ،تەۋەلىكىدە مەدىنىيەت يادىكارلىق ئىزنالىرى ناھىيتى كۆپ بولغاچقا،تەبىئىي ھالدا جاھانگىرلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۇلايدىغان مۇھىم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان .

يېقىنقى دەۋىرلەردە چاقىلىق رايونىدا ئېكىسپىدىتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن كەلگىنى چارۇسىيىنىك دېڭىز ئارمىيە پولكاۋنىكى نىكولاي پېرژىۋالىسكىي ئىدى.ئۇ19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى چارۇسىيە پادىشاھلىقى ئېكىسپىدىتسىيە جەمئىيىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن جۇڭگونىڭ شىنجاڭ،شىزاڭ قاتارلىق رايونلىرىدا ئېكىسپېدىتسىيە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن،ئۇ چاقىلىق ناھىيسىنىڭ لوپنور كۆلى رايونىدا تەكشۈرۈش ھەم ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ بۇ رايوننى خەرىتىگە ئالغان.1876-يىلى چارۇسىيە پادىشاھلىق ئىكىسپىدىتسىيە جەمىيتىگە بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنغان،دوكلاتىدا لوپنور كۆلى قۇملىقىدا«بىر چوڭ شەھەر»نى بايقىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.نىكولاي پېرژىۋالىسكىي ئىكىسپىدىسىيىچى بولۇپ،ئارخېئولىگىيەگە ئانچە قىزىقمايدىغان بولغاچقا، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان،ئارخېئولىگىيەلىك قېزىش قىلمىغان .

1890-يىلى دۇترۇي ئىسىملىك بىر فرانسىيىلىك چارۇسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن بىر قانچە نەپەر كازاك ئەسكەرنى باشلاپ،لوپنور كۆلى رايونىغا كېلىپ قالايمىقان قازغان ۋە خەنزۇ، بىراھمان يېزىقلىرىدىكى قول يازمىلارنى تېپىپ ئوغۇرلاپ كەتكەن .

چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى ئەڭ دەسلەپتە تالان-تاراج قىلغان كىشى شىۋېتسىيىلىك سىۋېن ھېدىن .بۇ كىشى دەسلەپتە شىۋېتسىيىدىكى ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېكىسپىدىتسىيە ، فېزىكا ۋە ھايۋانات ئىلمىنى ئوقۇغان.مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، گېرمانىيەنىڭ بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ، ئاتاقلىق ئالىم رېچخوفىننىڭ يېتەكچىلىكىدە تەبئىي جۇغراپىيە ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا فروفېسسورلاردىن تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن .ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىدە ئۆگەنگەن بىلىملىرى كېيىنكى چاغلاردا غەربىي يۇرت ئېكىسپىدىتسىيەسى ئۈچۈن پۇختا ئاساس بولغان ۋە ئۇنىڭ بايلىق ئوغۇرلاش ھاياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئارخېئولىگىيە ۋە تارىخ بىلىمىلەر بىلەن تەمىن ئەتكەن .

1895-يىلى 2-ئايدا سېۋېن ھېدىن تەكلىماكان قۇملىقىدا تۇنجى قېتىم ئېكىسپدىتسىيە ئېلىپ بارغان ، بۇ قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيەسىدە جېنىنى سېلىپ بەرگىلى تاسلام قالغان بولۇپ،ھېچقانداق نەرسىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن بەلكى بىر قېتىملىق ئاچچىق ساۋاققا ئىگە بولغان .شۇنداقتىمۇ سىۋېن ھېدىن ئىرادىسىنى قەتئىي بۇشاشتۇرماي تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئاتلانغان.شۇ يىلى 12-ئايدا يەنە بىر قېتىم تەكلىماكان قۇملىقىغا كىرگەن،بۇ قېتىم قەتئىي ئىرادىگە كىلىپ،جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ ئارزۇسىغا يەتكەن،ئۇ قۇملۇقتا بىر قەدىمىي خارابىنى بايقىغان ھەم نەپىس تام رەسىملىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئىرىشكەن.

ئەمما بۇ ئىرىشىشلەر ئاچ كۆز شىۋېتسىيىلىكنىڭ ئارزۇسىنى قانائەت قىلدۇرالمىغان.1899-يىلى 9-ئايدا سىۋېن ھېدىن تەكلىماكان قۇملىقىغا قايتا كىلىپ،يىل ئاخىرىدا قۇملۇقنىڭ شەرقىدىكى لوپ قۇملىقىغا كىرگەن،ھەمدە لوپنور كۆلىنى كېسىپ ئۆتمەكچى بولغان .بىر كۈنى سىۋېن ھېدىننىڭ ئارخېئولوگيە قوشۇنى بىر قانچە تۈپ كۆكلەپ تۇرغان تىرەك بار ئويمانلىققا كېلىپ قالىدۇ ھەم شۇ يەردە قۇدۇق كولىماقچى بولغاندا،بىردىن–بىر سايمىنى بولغان گۈرجەكنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى بايقايدۇ-دە،سىۋېن ھېدىننىڭ يول باشلىغۇچىسى-ئۇيغۇر يىگىتى ئۆردەكنى ئات بىلەن قايتىپ بېرىپ، يولدا چۈشۈرۈپ قويغان گۈرجەكنى تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ.ئۆردەك ئارقىسىغا يېنىپ گۈرجەكنى ئىزدەيدۇ، گۈرجەكنى تاپقاندىن كېيىن ئارقىسىغا يانىدۇ،دەل شۇ ۋاقىتتاقاتتىق بوران چىقىپ كېتىدۇ،ئۆردەك قۇم بوراندا كۆزىنى ئاچالماي يۈلۈنىشنى پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ،ئۇ مىنگەن ئاتمۇ كۆزىنى ئاچالمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن شامال يۈلىنىشى بويىچە ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ.كىم بىلسۇن!قاتتىق بۇران ئۆردەكنى بىر قەدىمكى شەھەرگە ئېلىپ كېلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن كۆمۈلۈپ قالغىنىغا مىڭ نەچچە يىل بولغان كروران خارابىسى تۇنجى قېتىم بايقىلىدۇ.سىۋېن ھېدىن ئۆردەك ئېلىپ كەلگەن ئۇچۇر ۋە خارابىدىن ئېلىپ كەلگەن بىر قانچە پارچە قەدىمىي نەپىس ئويما بۇيۇملارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەيران قالىدۇ .بۇنداق بىپايان چۆل جەزىرىدە يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە نەپىس ياغاچ ئويما بۇيۇملارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيلا قالىدۇ.سىۋېن ھېدىن شۇ ھامان ئارقىسىغا قايتماقچى بولىدۇ-يۇ، ئارخېئولۇگىيە قۇشۇنى ئېلىپ ماڭغان مۇز ئاز قالغاچقا،يول يۈرۈشكە دەخلى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ، ئىلاجىسىز ھالدا ئالغا قاراپ يول ئالىدۇ.

1901-يىلى 3-ئايدا سىۋېن ھېدىن تولۇق تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ، يەنىلا ئۆردەكنى يول باشلىغۇچى قىلپ ، لوپنور قوملىقىدىكى دۇنيانى زىل –زىلىغا سالغان بۇ قەدىمكى شەھەرنى قايتا تاپىدۇ.بۇ شىۋېتسىيىلىك ئارخېئولوگ ئاچ كۆزلىك بىلەن يەتتە كۈن قېزىپ، 150پارچىدىن ئارتۇق خەنزۇ ۋە قارۇشتى يېزىقلىرى ئويۇلغان تارشا پارچىلىرى ۋە قەغەز پۈتۈكلەرگە ئېرىشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپ مىقداردا فار–فۇر بۇيۇم پارچىلىرى،قەدىمكى پۇل،يىپەك ۋە يۇڭ تۇقۇلمىلار، مىس زېبۇ–زىننەت بۇيۇملىرى،ئەينەك بۇيۇملىرىنىڭ پارچىلىرى قاتارلىقلارنى بايقايدۇ .ئەينى ۋاقىتتا سىۋېن ھېدىن ئۆزى بايقىغان قەدىمكى شەھەرنىڭ قايسى شەھەر ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ، چۈنكى ئۇ تارشىلارغا ئۇيۇلغان خەنزۇچە ياكى باشقا يېزىقلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيتتى، كېيىن شىۋېتسىيىلىك كار ھىملاي ئەپەندى تارشىلارغا ئويۇلغان يېزىقىنى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا، تارشىلاردا بىر قانچە يەردە KRORAINAدېگەن يەر نامىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايقايدۇ ، ئۇ بۇنى قەدىمكى كروران دەپ تەرجىمە قىلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن سىۋېن ھېدىننىڭ لوپنور كۆلى رايونىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك بايقىشى دۇنيانى زىل-زىلىغا سالىدۇ، ئۇ بايقىغان قەدىمكى كروراننى باشقىلار«قۇملىقتىكى پومپېيە شەھىرى» قايتا نامايەن بولدى،دىيىشىدۇ .

سىۋېن ھېدىندىن كىيىن لوپنور كۆلى رايۇنىغا كىرگىنى ئامېرىكىلىق ئېكىسپىدىتسىيىچى خۇنتىڭتۇندۇر.ئۇ ئامېرىكا جۇغراپىيە جەمئىيتىنىڭ قوللىشى بىلەن 1905-يىلى لوپنور كۆلى رايونىغا كېلىپ،بىر قېتىملىق ئەھمىيەتكە ئىگە جۇغراپىيىلىك ئىكىسپىدىتسىيە ئېلىپ بېرىپ ، كۆنچى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا يېڭىدىن بىر قەدىمكى شەھەر ئىزناسىنى بايقىغان،نېمە سەۋەبتىن بولغىيتتى،بۇ ئامېرىكىلىق جۇغراپىيەشۇناس ئارخېئولىگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارمىغان.

سىتەيىننىڭ چاقىلىق چىگىرىسى ئىچىدىن ئوغۇرلىغان بايلىقلىرى ئەڭ كۆپ.بۇ ئەنگىلىيىلىك ئارخېئولوگنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋېنگىرىيە بولۇپ،ياش ۋاقىتلىرىدا ۋېرنا ۋە لېيپىزىگ ئۇنىۋېرستېتلىرىدا شەرق تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ، پەلسەپەدىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئەنگىلىيەگە قايتقاندىن كېيىن،ئوكىسفورت ئونىۋېرسىتىتى ۋە ئەنگىلىيە لوندۇن مۇزىيىدا شەرقنىڭ ئارخېئولىگىيە ئىلمى ۋە تىل ئۆگۈنىدۇ .ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ۋېنگىرىيەدە بىر يىل ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ،ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلدە دالادا تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى ئۆگۈنىۋالغان بولۇپ، بۇ خىل تېخنىكا ماھارىتى كېيىن قۇملۇقتا ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندا ناھىيىتى مۇھىم رول ئوينىغان.1888–يىلى، سىتەيىن ھىندىستانغا كېلىپ،ئەنگىلىيە مۇستەملىكىلىكىدىكى ئورگاندا خىزمەت قىلغان.ئۇنىڭ چارۇسىيە ، شىنجاڭ ۋە شىزاڭدا ئېكىسپىدىتسىيە ئېلىپ بېرىش پائالىيىنىڭ راسخوتىنى، ئەنگىلىيە ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن .

1900-يىلى سىتەيىن تەكلىماكان قوملىقىدا ئېكىسپىدىتسىيە قىلىشنى باشلىغان.1906-ۋە 1907-يىللىرى قەشقەردىن يولغا چىقىپ،قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى ئىتىكىنى بويلاپ، چەرچەندىن كېسىپ ئۆتۈپ چاقىلىققا كەلگەن،ھەمدە لوپنور كۆلى رايونىدىكى كرورانغا يېتىپ بارغان. كروران قەدىمكى شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ، زور مىقداردىكى تاش قوراللا، يىپىك توقۇلمىلار،مىس بۇيۇملارنى ھەم خەنزۇ،قارۇشتى يېزىقى ئويۇلغان تارشا پارچىلىرى ۋە قەغەز پۈتۈكلەرگە ئېرىشكەن .

ئۇ قەدىمكى كروراندا 11كۈن قېزىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن،ئوغۇرلىغان مەدىنىي يادىكارلىقلارنى ئېلىپ مىرەنگە يۆتكەلگەن.مىرەن قەدىمكى شەھىرىدىكى خارابىلىققا ئايلانغان بۇدساتۋا ئىبادەتخانىسى ئىچىدىن، بىباھا تام رەسىملىرىنى بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل ساقلانغان  نەپىس تام رەسىملىرى ئىچىدە قاتناتلىق پەرىشتىنىڭ رەسىمى بولۇپ ، بۇ ئاچكۆز بايلىق ئوغرىسى«قىلغان–ئەتكەنلىرىدىن خىجىل بولماي»،قىلچە ئىكىلەنمەستىن مىرەن قەدىمكى شەھىرى  تام رەسىملىرىنى سويۇپ ئېلىپ ، ئەنگىلىيىگە يۆتكەپ كەتكەن .

1914-يىلى سىتەيىن ئىككىنچى قېتىم چاقىلىق رايونىغا كېلىپ،ئالدى بىلەن مىرەنگە بېرىپ ئۇ يەردىكى تام رەسىملىرىنى سويۇپ ئوغۇرلىماقچى بولغان.ئويلىمىغان يەردىن بۇ يەردىكى تام رەسىملىرىنى ياپونىيىلىك تاچىبانا زۇيچۇ باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر مىرەننى قازغاندا ئېغىر ھالدا بۇزىۋەتكەن ئىدى.سىتەيىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ، كېيىن «ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر خاتىرىسى»دا تاچىبانا زۇيچۇنى«ئارخېئولىگىيە قىزغىنلىقى يۇقىرى شاگىرىت، لېكىن تېخنىكىسى ۋە تەجىربىسى كەمچىل ياش» دەپ  ئەيىبلىغان .

سىتەيىن مىرەندە قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ،كروراندا ھەممىگە ئېرىشكەن .ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا مىرەندىن ئايرىلغاندىن كىيىن،لوپ قۇملىقىدىكى قەدىمكى شەھەر كرورانغا يەنە بىر قېتىم كەلگەن.بۇ قېتىم كروران خارابىسىدا كەڭ كۆلەمدە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغاندىن سىرت ، يەنە نۇرغۇن خارابىلىك ۋە قەبرىستانلىقلارنى بايقىغان.سىتەيىن يېڭىدىن بايقالغان خارابىلىك ۋە قەبرىستانلىقلاردىن كۆپ مىقداردا تاش قوراللار ۋە خەنزۇچە يېزىقى ئويۇلغان تارشا قاتارلىقلارغا ئىرىشكەن،بۇ پەسكەش بايلىق ئوغرىسى يەنە بىر قېتىم نۇرغۇن بايلىقنى ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقان.

ياپونلارنىڭ چاقىلىقتىكى ھەركىتى ئىزچىل تۈردە مەخپىي بولغان.ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى تاچىبانا زۇيچۇ ياپونىيە يەرلىك دىنى ئېپىسكوپى ئوتانىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى تەشكىللەپ، 1908-يىلى ۋە 1909- يىلى ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ چاقىلىق چېگىرىسى ئىچىدىكى لوپنور كۆلى رايونى ۋە مىرەن خارابىسىغا ئىككى قېتىم كېلىپ ئىكىسپىدىتسىيە ئېلىپ بارغان.كروران خارابىسىدا ئارخېئولىگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغاندا، تاچىبانا زۇيچۇ يۈز نەچچە پارچىدىن ئارتۇق خەنزۇ يېزىقىدىكى ماتىرىيالغا ئېرىشكەن؛ مىرەن خارابىسىدە بىر قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق خارەكتىرىدىكى قېزىش ئېلىپ بارغان،سىتەيىن بىر قانچە يىلدىن كېيىن بۇ جايغا قايتا كەلگەندە ، ھەممىلا جاينىڭ رەڭلىك تام رەسىملىرى،ھەيكەل پارچىلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.

ياپونىيىلىكلەر ئىككىلا قېتىم ئىكىسپىدىتسىيە ئېلىپ بارغانلىق توغرىسىدا تەپسىلى ئۇچۇر بەرمىگەن، پەقەت كېيىن ئىكىسپىدىتسىيىچىلەر كروراندا بىر پارچە لى بو پۈتىگى(غەربى جىن سۇلالىسىدىكى غەربىي يۇرتىنىڭ دورغاپى)نىڭ پارچىلىرىدىن تۆتنى بايقىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن،بۇ لى بو پۈتىگى غەربى يۇرۇتنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممىتى ناھىيىتى يۇقىرى .
جاھانگىرلارنىڭ چاقىلىق چېگرىسى ئىچىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تالان -تاراچ قىلىشى،ئىلىمىزنىڭ قىممەتلىك مەدىنىيەت مىراسلىرىنى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.بۇ «بىلىملىكلەر»تونىغا ئورىنىۋالغان مەدەنىيەت بۇلاڭچىلىرى جۇڭگو خەلقنىڭ چىش تىرنىقىغىچە غەزىپىنى كەلتۈرۈپلا قالماستىن،دۇنيادىكى ھەققانىيەتچى كىشىلەرنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغاپ،ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

مەنبە:چاقىلىق مۇنبىرى غالىپ بارات ئەرك سەھىپىسى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3437

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: