دۆڭكۆۋرۈكنىڭ كېچىسى

 

 

دۆڭكۆۋرۈكنىڭ كېچىسى

 

نامازشام گۈلىگە قونغان كېپىنەك،

كۆرسىتەر بارچىنى قىلىپ رەڭمۇ-رەڭ.

نېزىقاپ تۇرىدۇ بىر ياقتا ۋىجدان،

غورۇرنى شورايدۇ تەنسىز شەپەرەڭ.

 

سېسىغان روھلاردىن چاچىرغان قانلار،

تۇرىدۇ كېچىنىڭ قوينىنى بۇلغاپ.

ئۆتىدۇ ئالدىمدىن كېلىشكەن يىگىت،

پاھىشە ئايالدەك بېلىنى تولغاپ.

 

ئۆتىدۇ ياش باللار كەچلىك بازاردىن،

كاۋاپنىڭ ھىدىدەك شەھۋەتنى پۇراپ.

ئېلاننىڭ ئالدىدا توختايدۇ بىردىن،

يالىڭاچ بازارغا قالىدۇ قاراپ.

 

يۈز يۈەنلىك پۇللارنى قىسىپ كۆكسىگە،

كۆرسىتەر بەزىلەر قىزلارغا ”ھىممەت“.

كىچىدە توزغان ھاڭگىرت پېيىدەك،

ئەجەپمۇ قەدىرسىز ئىنسانىي قىممەت.

 

سەبىيلەر كۆزىدە چاقنىغان ياشتا،

قالىدۇ جاۋابسىز تۈمەنمىڭ سۇئال.

پۇل،ئۆينىڭ غېمىدىن سىقىلغان يۈرەك،

ھالاكەت يولىدىن ئىزدەيدۇ ئامال.

 

سۈكۈتنىڭ سېھرىدىن مەھرۇم شەھەردە،

بىر كونا پالازدەك تۇرار رەستىلەر.

سىتولبا گېلىنى بوغار توختىماي،

ئۆيىنى تاپالماي قالغان شۇ مەستلەر.

 

 

ئۆزىمىز

 

تېپىلمايدۇ دۇنيادىن پەقەت،

ئۆزىمىزدەك يېقىن قەدىناس.

ھەم ھاياتتا ئۆتكۈرگەن گۇناھ،

پەقەت بىرلا ئۆزىمىزگە خاس.

 

بېشىمىزغا چۈشسە قارا كۈن،

يەلكىمىزدىن باسسا ئېغىر يۈك.

ھەم ئەگىسە بىزنى غېرىبلىق،

ئۆزىمىزلا تەنھا كۈتۈكلۈك.

 

ھاياتلىق ھەم غەلبىنىڭ ھۇلى،

ئۆزىمىزدە بولار مۇستەھكەم.

روھىمىزغا بولالىساق شاھ،

بىزدە ھەممە بولار مۇجەسسەم.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=652

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-09
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: