يېڭىسۇ ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە

يېڭىسۇ ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە

 غالىب بارات ئەرك

 

يېڭىسۇ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەۋەلىكى ھەققىدە پېشقەدەم مائارىپچى ، يېڭىسۇ مائارىپىغا تۆھپە قوشقۇچى مەرھۇم ئىبراھىم سەيدۇللا «يېڭىسۇ قەدىمكى زاماندا قاراكۆل دەپ ئاتالغان . بۇ توغرىلىق كونا يېڭىسۇلۇق پېشقەدەملەر شۇنداق دېيىشىدۇ . قاراكۆلگە كېلىدىغان سۇ بىر مەزگىل توختاپ كەتكەندىن كېيىن ، تارىمنىڭ سۈيى قايتىدىن ئۇلغىيىپ ، چۆل قالغان زېمىن قايتىدىن كىشىلەرگە ھايات بەخش ئەتكەن . مۇشۇ ئىشلارغا ئاساسەن كىشىلەر ئارىسىدا ‹يېڭى سۇ كەلدى دېگەن خەۋەر قۇلاقتىن قۇلاققا ئاڭلىنىپ ، ئۆز يۇرت – ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن قاراكۆللۈكلەر، قايتىدىن ئۆز ماكانلىرىغا قايتىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جاي يېڭىسۇ دېگەن نام بىلەن ئاتالغان…»1. ھازىرقى كۈندە گەرچە مەخسۇس تەكشۈرۈشلەر بولمىغان بولسىمۇ ، كونا يېڭىسۇ دېگەن جاي نامىنىڭ بولىشى يېڭىسۇلۇقلارنىڭ ئەسلى ماكانىنىڭ ھازىرقى يېڭىسۇ ئەمەس ، ئۇنىڭغا يېقىن بولغان كونا يېڭىسۇ ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ . بەزى يېڭىسۇلۇقلار تاكى يېقىنغىچە قاراكۆل نامىنى قوللىنىشى ، يېڭىسۇ نامىنىڭ سەل كېيىنرەك بارلىققا كەلگىنىنى ، بەلكىم 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىش بولىشى ئېھتىماللىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يېڭىسۇنىڭ زېمىن تەۋەلىكى مەسىلىسىدە لوپنۇر ناھىيىسى بىرەسمىي نەشىر بۇيۇملىرى (لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن تۈزۈلگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن خەرىتە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن) ئۆز ناھىيىسىنىڭ تەۋەسى قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ . ئىمىن غازى ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدە ئۇنىڭ بايانىغا قارىغاندا 1940 – يىللىرىدا ۋە ئازادلىق دەسلەپكى چاغلىرىدا چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ، 1947 – يىلى چاقىلىقنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئۆمەربەگنىڭ يېڭىسۇنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.

 

مەرھۇم ئىبراھىم سەيدۇللا «1903 – يىلى چاقىلىق ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئامبال يامۇلى ئادەم تەيىنلەپ يېڭىسۇنى باشقۇرۇپ كەلگەن . ئۇ چاغلاردا چاقىلىق بىلەن لوپنۇرنىڭ چېگرىسى دۇرال ئۆدەيلىك قىلىپ ئايرىلغان . بۇ شۇ چاغدىكى جۇڭگو خەرىتىسى ۋە شۇەنتوڭنىڭ 2 – يىلىدىكى 4 – سانلىق خەرىتىسىدە بۇ چېگرا ئېنىق بەلگىلەنگەن … 1915 – يىلى چاقىلىق ، لوپنۇر ناھىيىلىرى ئۆز – ئارا كېلىشىپ ، چاقىلىق لوپنۇر چېگرىسى توغرا ئېرىقنىڭ شىمالىدىكى بەش دۆۋە قىلىپ بەلگىلەنگەن . بۇ بەلگىلىمە 1920 – يىلى قاراشەھەر ۋىلايىتى قۇرۇلغان چاغدىكى خەرىتىسىدە ئېنىق كۆرسىتىلگەن » 2 دەپ يازغان. 1917 – يىلى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان گومىنداڭ ئەمەلدارى شيې بىن «شىنجاڭغا ساياھەت» ناملىق كىتابىدا يېزىشىچە، 1917 – يىلى 8- ئاينىڭ 25 – كۈنى يېڭىسۇغا كەلگەن ۋە ئەتىسى يولغا چىققان . ئۇ « ئەتتىگەن سائەت بەشتە يېڭىسۇدىن يولغا چىقتۇق . غەربىي شىمالغا يۈرسە بىپايان كۈدەيلىك كۆل بولۇپ مەھەللە كەنتلەر ئۈزۈلمەيدىكەن. 12 چاقىرىم يۈرسە ئارا تارىم دەرياسىغا بارىدىكەن ، بۇ تارىم دەرياسىنىڭ تارامى بولۇپ شەرققە ئېقىپ كۆنچى دەرياسىغا قۇيۇلىدىكەن . سۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە سۈزۈك ئىكەن . كېچىك دەريا توسىمىسى بولۇپ توسمىنى بويلاپ ئۆتىدىكەن ، توغراق ۋە يۇلغۇنلار قاشنى سىيپاپ تۇرىدىكەن ، شۇنداق مەنزىرىلىك . 30 چاقىرىم يۈرسە چېگرا بەلگىسىگە يەنى چاقىلىق لوپنۇر ناھىيىلىرى مۇشۇ يەردە چېگرىلىنىدىكەن ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخ ياغاچلىرى بار دۆڭ بەلگە ئىكەن . 28 چاقىرىم يۈرسە دۇرال شەھىرىگە بارىدىكەن…» 3 دەپ يازغان . مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ، چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئارىسىدىكى ھازىرقى چېگرا 1908 – يىلى ئەتراپىدا سىزىلغان خەرىتە بىلەن ئوخشاش بولغان .

 

مۇشۇ ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ، ئەينى ۋاقىتتىكى چېگرا ھازىرقى 34 – پولك دۇرال خارابىسىدىن 14 كىلومېتىر شىمالدا بولغان ، شۇ ۋاقىتتا بەش توپا دۆڭ بەلگە قىلىنغان. تارىم دەرياسىنىڭ شەرققە ئېقىپ كۆنچى دەرياسىغا قۇيۇلغان ئېقىنىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولغان. شيې بىننىڭ يېزىشىچە، ئۇلار ئارغاندىن چىقىپ تارىم دەرياسىدىن ئۆتۈپ ( يەرلىكلەر ياركەند دەرياسى دەيدۇ دەپ يازغان) غەربىدىنراق شىمالغا يۈرگەن ، بۇرۇلۇپ غەربىي شىمالغا ( ئوڭ تەرەپتە كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيى كۆرۈنۈپ تۇرغان) 15 چاقىرىم ماڭغاندىن كېيىن مازارلىققا كەلگەن . بۇ يەردە بىر كۈدەيلىك بولۇپ كەڭلىكى 30 ~ 40 چاقىرىم كېلىدىكەن ، يېڭىسۇلۇقلار كۈزدە ئوسا قىلىپ بۇغداي ، قوناق تېرىغان. ئوسا قىلغۇچىلار ئېقىننىڭ باش تەرەپلىرىدە تېرىقچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەتىياز ۋە ياز كۈنلىرى بۇ تۈزگە سۇ كەلمەيدىكەن. شۇڭا بۇ يەردە پەقەت كۈزدە ئوسا قىلىپ ، ئەتىيازدا ئۇرۇغ چاچسا، يازدا ھوسۇل يىغىدىكەن . 40 چاقىرىم يۈرسە تۇغ مەھەللىسى بولۇپ بىر نەچە ئېغىز لاي تاملىق ئۆي بولۇپ پوچتا ئۆتىڭى ئىكەن. ئالدى تەرەپتە دەريانىڭ قۇرۇق ئېقىنى بولۇپ سۇ كەلگەن ، سۇ ھەتتا يول بويىغىچە كەلگەن ، دەسلەپ ئۇلار كۆنچى دەرياسىمىكىن دەپ قالغان. بۇ دەريا تۇغ مەھەللىسىنىڭ 20 ~ 30 چاقىرىم شىمالىدا بولۇپ 40 ~ 50 چاقىرىم ئېقىپ كۆنچى دەرياسىغا قۇيۇلغان . دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىشكە بولىدىكەن ، يېنىدا تۈگمەن بار ، تۈگمەننىڭ ئارقىسىدا خېلى كۆپ، قۇرۇلۇشى خېلى ياخشى ئۆي خارابىسى بولغان ، بۇ يەردىن غەربىي شىمالغا كۆپرەك غەربكە يۈرگەن . يەنە 10 نەچچە چاقىرىمدا دەريانىڭ بۇرۇنقى قۇرۇق ئېقىنىغا سۇ كەلگەن . … 40 چاقىرىم يۈرسە توغراق بىلەن قاپلانغان ئابدال كۆلگە بارىدۇ . يەنە 10 چاقىرىم ماڭسا يېڭىسۇ مەھەللىسى بولۇپ 77 ئائىلە دېھقان بار ئىدى. دېمەك ، 1917 – يىلى 8 – ئايدا يېڭىسۇدا 77 ئائىلە ( ھەر ئائىلىدە بەش جان بار دېسەك 400 گە يېقىن ئادەم بار ) مەھەللە بولغان ، ئۇ يەدىن غەربىي شىمالغا ماڭسا خېلى كۆپ مەھەللىلەر بارلىقى سۆزلىنىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا يېڭىسۇنى مەركەز قىلغان ھالدا خېلى كۆپ ئاھالە بولغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. ئەمما يېڭىسۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىنىڭ بۇنداق گۈللىنىشى ئۇزۇنغا بارمىغان ، 1921 – يىللىرى ئەتراپىدا تارىم دەرياسى شەرققە ئېقىپ كۆنچى دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنىغا قۇيۇلۇپ لوپ كۆلىگە قاراپ ئاققانلىقتىن بۇ يەرگە كېلىدىغان ئېقىنى ئازلاپ كەتكەن ، ھەتتا ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىققان ، بىر قىسىم ئاھالىلەر بۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىپ بۇ يۇرتلار چۆلدەرىگەن ، ئەنگىلىيەلىك ئارخىئولوگ ستەيىننىڭ 1930 – ، 1931 – يىللىرىدىكى سەپەر خاتىرىلىرى بۇ تەرىپىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا تارىم دەرياسىغا يەنە سۇ كەلگەنلىكى ئۈچۈن قايتىدىن ئاۋات بولغان.

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا قارايدىغان بولساق ، «لوپنۇر ناھىيىسى تەزكىرىسى» 4 ۋە «لوپنۇر ناھىيىسى يەر ناملىرىنىڭ تەزكىرىسى» 5 گە كىرگۈزۈلگەن «لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىلىش خەرىتىسى»دە قاراداينىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ لوپنۇر ناھىيىسىگە تەۋە قىلىپ سىزىلغان. «چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسى»6 ۋە «چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى»⑦ گە كىرگۈزۈلگەن «چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش خەرىتىسى»دە چاقىلىقنىڭ چېگرىسى يېڭىسۇ بىلەن 35 – تۇەننىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېلىدىغان قىلىپ سىزىلغان. ئۇنداقتا يېڭىسۇ رايونى زادى لوپنۇر ناھىيىسىگە تەۋەمۇ ياكى چاقىلىق ناھىيىسىگىمۇ ؟ «چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسى» ⑧گە كىرگۈزۈلگەن 1908 – يىللىرى ئەتراپىدا (چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى) سىزىلغان خەرىتىدە يېڭىسۇ مەھەللىسى ، قاراداي ئۆتىڭى ۋە ئارغان ئۆتەڭلىرىنىڭ ئۈچ بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدىغانلىقى ، تارىم دەرياسىنىڭ يېڭىسۇ دائىرىسىگە ئېقىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا ئىككى ئېقىنغا ئايرىلغانلىقى ، بىر ئېقىننىڭ جەنۇبقا ئاققانلىقى (ئارا دەريا دېيىلگەن) ، تارىم دەرياسىنىڭ شەرققە توغرىسىغا ئېقىپ ، قارادايغا يېقىن يەردىن جەنۇبقا شاخلىنىپ ئارغاندا ئارا دەريا بىلەن قوشۇلغانلىقى سىزىلغان . مۇشۇ خەرىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىنىڭ توغرىسىغا ئاققان تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن . مۇشۇ خەرىتىگە ئاساسلانغاندا ، يېڭىسۇ ۋە قاراداي رايونىنىڭ چاقىلىق ناھىيىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

 

«لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» گە كىرگۈزۈلگەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى سىزىلغان خەرىتىدىمۇ لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىنى ئارا تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپى قىلىپ سىزىلغان . بۇ خەرىتىدە گەرچە يېڭىسۇ نامى كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ ، قاراداي (喀拉庄)، ئارغان ناملىرى يېزىلغان . ئەينى ۋاقىتتىكى لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكى ، ھازىرقى مەمۇرىي دائىرە بىلەن ئوخشاشلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ⑨. 1909- يىلى چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن سىزىلغان قاراشەھەر مەھكىمىسىنىڭ خەرىتىسى⑩ «قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى»گە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، مۇشۇ خەرىتىدە سىزىلغان ناھىيە چېگرىسى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا سىزىلغان ۋە «چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» ۋە «لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى»گە كىرگۈزۈلگەن خەرىتە بىلەن ماس كېلىدۇ . دېمەك ،قاراشەھەر مەھكىمىسىنىڭو 1909 – يىلىدىكى خەرىتىسىدە سىزىلغان چاقىلىق ۋە لوپنۇر ناھىيىلىرىنىڭ چېگرىسى ھازىرقى چېگرا بىلەن ئوخشاش ، جۈملىدىن يېڭىسۇ رايونى چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولغان.

 

1966- يىلى يېڭى يېزىقتىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلىرى توپلامى»⑪دا چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىنى قاراداينىڭ شىمالى يېڭىسۇنىڭ جەنۇبىي قىلىپ ، قارادايغا يېقىن سىزىلغان ، بۇ خەرىتىدە يېڭىسۇ لوپنۇر ناھىيىسگە تەۋە قىلىپ سىزىلغان. 2005 – يىلى نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلەر توپلامى» ⑫دا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ يېڭىسۇ رايونىنىڭ چاقىلىق تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكى سىزىلغان ، مۇشۇ خەرىتىدە چاقىلىق بىلەن لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ چېگرىسى يېڭىسۇنىڭ خېلى بەك شىمالىدا ئىكەنلىكى كۆرەلەيمىز، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بېكىتكەن مۇشۇ خەرىتىگە ئاساسلانغاندا ، يېڭىسۇ رايونى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. گەرچە لوپنۇر ناھىيىسدە نەشىر قىلىنغان بەزى كىتاب – ماتېرىياللاردا يېڭىسۇ لوپنۇر ناھىيسى تەۋەسىدە قىلىپ سىزىلىپ خەرىتىگە كىرگۈزۈلسىمۇ ، 1908 – يىللىرىدىن بۇيان يېڭىسۇ رايونىنىڭ ئىزچىل تۈردە چاقىلىق ناھىيىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى ، يۈز يىلدىن بۇيانقى چېەرىنىڭ ئىزچىل بىر ئورۇندا بولغانلىقىنى كۆرىمىز. دېمەك ، چاقىلىق لوپنۇر چېگرىسى كەم دېگەندىمۇ يۈز يىلدىن بۇيان ھازىرقى چېەرىنى پاسىل قىلىپ كەلگەن .

 

ماتېرىياللارنىڭ مەنبەئىي : ①② «چاقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى (1) » چاقىلىق ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەش 1989 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى

③ شيې بىن «شىنجاڭغا ساياھەت خاتىرىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990 – يىلى خەنزۇچە نەشرى

④ «لوپنۇر ناھىيسى تەزكىرىسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى

⑤⑨«لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» لوپنۇر ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى 1990 – يىلى خەنزۇچە نەشرى

⑥⑧ «چاقىلىق ناھىيىسى تەزكىرىسى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتى 1992 – يىلى خەنزۇچە نەشرى

⑦ «چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» چاقىلىق ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى 1990 – يىلى خەنزۇچە نەشرى

⑩«قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى» قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى 1987 – يىلى خەنزۇچە نەشرى

⑪ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلىرى توپلامى» 1966 – يىلى يېڭى يېزىق نەشرى

⑫ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلەر توپلامى» جۇڭگو خەرىتە نەشرىياتى ، شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشرىياتى 2005 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3842

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-08-21
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: