لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى توغرىسىدا

لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى توغرىسىدا

ياسىن مۇخپۇل

ئۇيغۇرخەلق ناخشىلىرى بىر پۈتۈن گەۋدە جەھەتتىن ئېتقاندا بىر قاتار ئورتاقلىقلارغا ئىگە،ئەمما خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇرلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغاقاراپ يەنە ئۆزىگە خاس بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. كونكىرىت ئېيتقاندائاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقاق جايلاشقان پارچە- پارچەبوستانلىقلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان نىسپى بېكىنمە ھالىتى، خەلق ناخشىلىرىدائۆزىگە خاس بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى پەيدا قىلغان. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېتقاندائۇيغۇرلارنىڭ مۇرەككەپ ئېتنىك تەركىۋىمۇ خەلق ناخشىلىرىدىكى خاس ئالاھىدىلىكلەرنىشەكىللەندۈرىدىغان بىر مۇھىم ئامىل. گەرچە ئۇيغۇر دىگەن ئېتنىك نام 14- ئەسردىنباشلاپ ئومۇملىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، 16- ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنى چاغاتايئەۋلادىدىن بولغان مۇسۇلمانلار بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ يەردىكى بۇددادىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى قاتتىق قىستاققا ئالدى، بۇددىستلارنى زورمۇ-زور ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانقاتتىق كۈرەش ۋە بۇ كۈرەش تۈپەيلى كېلىپ چىققان قانلىق جېدەل – ماجرالار ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى ئۇزاققىچە ئۆز نامىنى ئاتىماسلىقىغا سەۋەپ بولدى. ئۇيغۇرلار بۇنامنىڭ ئورنىغا «مۇسۇلمان» دىگەن دىنىي نامنى دەسسەتتى، ياكى ئۆزلىرىنى ئۆزيۇرتلىرىنىڭ نامى بىلەن قەشقەرلىك، تۇرپانلىق، خوتەنلىك دەپ ئاتايدىغان بولدى. شۇسەۋەپتىن «ئۇيغۇر» دىگەن نام بىر مەزگىل ئورتاق قوللۇنۇلمىدى. مۇشۇ خىل ئاتاقلارنىڭ تارىخى ئىزنالىرى بىزدە تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇسەۋەپتىن ئۇيغۇر ئەجداتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇددا دىنى مۇھىتىدىكى مەدەنىيەتئەنئەنىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى پەيدىن- پەي تاشلىۋەتتى، مۇزىكا مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇدەل مۇشۇنداق بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇرەككەپ ئېتنىك تەركىۋى، ئۇلار ياشىغان جۇراپىيىلىك شارايىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدا بەزى ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈردى. شۇڭا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئورتاق گەۋدە جەھەتتەبىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ، ئوخشىمىغان رايونلاردا تارقالغان خەلق ناخشىلىرى يەنىلا خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

ئۇيغۇرخەلق ناخشىلىرىنى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر،ناھىيىلىلەرنىڭ نامى بىلەن قوشۇپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن: تۇرپان خەلقناخشىلىرى، ئىلى خەلق ناخشىلىرى، قەشقەر خەلق ناخشىلىرى، خوتەن خەلق ناخشىلىرى،كۇچا خەلق ناخشىلىرى، ئاتۇش خەلق ناخشىلىرى، لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى دىگەنلەرگە ئوخشاش.

ناخشىسىز ھايات تۇزسىز تاماققا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ناخشىنىئۆزىگە دوس تۇتۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگى جەريانىدا،تۇرمۇشتىكى ھەر خىل پائالىيەتلەر جەريانىدىمۇ ناخشىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىدۇ. ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىنىڭ ھەممىسىگە دىگىدەك  خەلق ناخشىلىرى سىڭىپ كەتكەن. قەسىردە،سارايدا، ئۆيدە، قورودا، ئېتىزدا، خاماندا، دەرەخ سايىسىدا، سەپەردە، ئېشەك ھارۋۇسى ئۈستىدە، بېلىقچى قېيىقىدا خەلق ناخشىلىرى ياڭراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن:دېھقانلارنىڭ پىيادە يول يۈرگەندە ياكى ئېشەك ھارۋىسى ئۈستىدە ئېيتىدىغان ئايرىم ناخشىلىرى بار. بۇ ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەركىن ئۇدارلىق ناخشىلار بولۇپ، قانداقلا ئېيتسا بولىۋېرىدۇ، كىم قانچىلىك بىلسە شۇنچىلىك ئېيتىدۇ. چۇنكى ھىچكىمگە ھىچقانداق چەك يوق. مانا بۇ خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئەل ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىنىڭ سەۋەبى. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى دەل مانا مۇشۇ ئۇسلۇپنى ئۆزىگە ئەندىزە قىلغان.

خەلق ناخشىلىرىنى ئەركىن ئۇداردا ئېيتىدىغان بىر خىل ئۇسلۇپمۇ بار. بۇخىل ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىدا ئەسلى ناخشىنىڭ نوتىسىدىكى تاكىت سىزىقلىرى ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىدۇ. مەلۇم بىر ۋاقىت ئۆلچىمىدىكى ئەندىزىلىك مۇزىكا مىسرالىرى تەڭسىز ئۇزۇنلۇقتىكى مۇزىكا مىسرالىرىغا ئايلىنىدۇ. مەلۇم سورۇندا، سازەندىلەرنىڭ تەڭكەشلىگىدە ئورۇنلىنىدىغان بەزى ناخشىلارنىڭ ئۇدار شەكلى ئۆزگىرىپ، ئۇداردىن چىقىپ ئەركىن ئۇسلۇپتا ئورۇنلانغاچقا شۇنداقلا بۇخىل ناخشىلار ئالاھىدە مەيدان ياكى سورۇن تاللىمىغاچقا ئۇنىڭغا چالغۇمۇ كەتمەيدۇ. ئەسلىدە بىر تىنىق بىلەن چىقىپ كېتىدىغان بەزى مىسرالار ئىككىگە ياكى ئۈچكە بۆلۈنۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بۇناخشچىنىڭ ھىسسىياتىنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئامىل.

    ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئارىسىدا يەنە مەخسۇس ئەمگەك ناخشىلىرىمۇ بار. «ئورما ناخشىسى »، «خامان ناخشىسى»،«چاغلاق» ناخشىسى، «بېلىقچىلار ناخشىسى» قاتارلىق ناخشىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگى جەريانىدا ئېيتىلىدىغان ئەمگەك ناخشىلىرىدۇر. دېھقانلار،بېلىقچىلار ئۆملۈشۈپ، كوللىكتىپ ئەمگەك بىلەن شوغۇللانغان مەزگىلىدە بۇ ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئۆزلىرىگە كۈچ- جاسارەت توپلايدۇ، ئەمگەك سىجىللىغىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. بۇناخشىلار  رۇسلاردىكى «كېمە سۆرىگۈچىلەر ناخشىسى»، ئىلىمىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ «بېلىقچىلارناخشىسى»، «سالچىلار ناخشىسى»، «خەنزۇ خەلقىدىكى «يەر چىڭداش ناخشىسى» قاتارلىق ناخشىلارغا ئوخشاش ناھايتى ئۇزاق تارىخى ئەنئەنىگە ئىگە. بۇ ناخشىلارغا چالغۇتەڭكەش قىلىش كەتمەيدۇ.

خەلق ناخشىلىرى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كەتكەچكە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گاھىدا ئاياللار ھويلا-ئارام مەشغۇلاتى بىلەن ياكى ئۆي ئىچى مەشغۇلاتى بىلەن شوغۇللانغاندىمۇ، قىز –چوكانلار دوپپا تىككەندە، كەشتە تىككەندە،تاماق ئەتكەندە ۋە ياكى ناخشا ئېيتىشقا قۇلايلىق بەزى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا يىنىك ئاۋازدا ناخشا ئېيتىپ كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ ياكى ئۆز مەشغۇلاتىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى پەقەت تۇرمۇشتىلا ئەمەس ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەريانىدىمۇ خەلقنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراسىغا ئايلانغان. كىشىلەر گاھىدا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغاندا، ئوما ئورىغاندا، پاختا تەرگەندە،باغ پەرۋىشى قىلغاندا ياكى مىۋە ئۈزگەندە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئەمگەك كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ ۋە ئۆزىگە كۈچ-جاسارەت يىغىدۇ.

ھەر قايسى بوستانلىقلاردا تارقالغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۈ. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى كۈي شەكلى، مىلودىيىسى، ئۇدار شەكلى ۋە ئورۇنلاش ئۇسلۇبى جەھەتلەردە باشقا جايلاردا تارقالغان خەلق ناخشىلىرىدىن ئالاھىدە خارەكتىرلىنىدۇ. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى تۇتۇۋېلىشقا ئاسان بولغاچقا تارقىلىش دائىرىسى كەڭ. ئەڭ مۇھىمى لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئەڭ قېدىمقى ئەندىزىسىنى ساقلاپ قالغانلىغىدا. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بىۋاستە ئەجدادى بولغان دى(狄)، دىڭلىڭ(丁玲)، تيېلې(铁勒)، قاڭقىل(高车)لارنىڭ شۇنداقلا ھونلارنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى بىلەن مەنبەداش ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ.

ھونلاربىلەن ئۇيغۇرلانىڭ قەدىمكى ئەجدادى دىلار ئاۋاز باسقۇچى جەھەتتە ئوخشاشلا «بەش تاۋۇشلۇق ئاۋاز باسقۇچى» (五声音阶)ئىشلەتكەن. ئېلىمىزنىڭ مۇزىكاشۇناسلىرىدىن دوياشيۇڭ ئەپەندى شىمالىي ھونلار غەرىپكە كۆچكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ياۋرۇپادا قالدۇرغان كىيىنكى ئەۋلادى- ۋىنگىرلارنىڭ مىللى مۇزىكىسى بىلەن ھازىرقى گەنسۇدا ياشاۋاتقان دىڭلىڭلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى- غەربىي يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر) لارنىڭ مىللىي مۇزىكىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن بۇ يەكۈننى چىقارغان. بۇ خىل مۇزىكىنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى داۋاملىق ھالدا كىيىنكى شەرقىي خۇلار( 东胡)،  تۈرك(突厥)، ئۇيغۇر(回纥)،ھەتتا ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەۋلاتلىرىغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. ھازىرقى كۈندىمۇ لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى، تۇرپان خەلق ناخشىلىرى، قۇمۇل خەلق ناخشىلىرى، ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئىچىدىن بەش ئاۋازلىق كۈي شەكلىدىكى مىلودىيەلەرنى ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ كۈي شەكلى، مىلودىيە ۋە ئەركىن ئورۇنلاش ئۇسلۇبى جەھەتلەردە لوپنۇرخەلق ناخشىلىرى قېدىمقى دى، ھون ناخشىلىرى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ ناخشا مۇزىكىلرىنىڭ قەدىمكى ئۇسلۇبىنى بىر قەدەر ئەينەن ساقلاپ قالغان. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىدا كەڭرى دالا ۋە يايلاق پۇرىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۇدارچانلىغى ئاجىز بولۇپ، مىلودىيەنى ئەركىن قانات يايدۇرۇپ، ئەركىن ئورۇنلاش ئۇسلۇبى ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.

ھونلار مىلادى 91-يىلى ئېلىمىزنىڭ شىمالىي يايلاقلىرىدىن ئايرىلىپ غەربكە كۆچكەن،شۇ كۆچۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ھونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ـ جۈملىدىن ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولغان دىڭلىڭلار ئورتاق ھالدا بەش ئاۋازلىق كۈي شەكلىنى قوللانغان ۋە مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى ئورتاقلىق ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان.ھونلار غەربكە كۆچكەندە ھونلار ۋە غەربىي ھونلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى ئون ئۇغۇر( (onugur يەنى ئون ئۇيغۇر، قۇتۇغۇر (kutughur)، ساراغۇر (saraghur)، ئوغۇر (oghur) قاتارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بۇ خىل بەش ئاۋازلىق كۈي شەكلىنى ۋە بۇخىل مۇزىكا مەدەنىيىتىدە كۆرۈلىدىغان ھەر قايىسى تەرەپلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ۋىنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە ئېلىپ بارغان. ۋىنگىرلارنىڭ ئەجدادلىرى ھونلارغاچېتىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن غەربى يۇغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرى دىڭلىڭلار ئىدى. ھەتتا ئاشۇ كۆچۈشتە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر قانچە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىمۇ ھونلار بىلەن بىللە ياۋرۇپاغا كۆچكەنىدى. شۇڭا غەربى يۇغۇرلار(سېرىق ئۇيغۇرلار) بىلەن ۋىنگىرلارنىڭ خەلق ناخشىلىرىدىكى ئورتاقلىق ئەنەشۇ دەۋردىن بۇرۇن شەكىللەنگەن. بۇلۇپمۇ غەربى يۇغۇرلارنىڭ خەلق ناخشىلىرى بىلەن ۋىنگىرىيە خەلق ئاھاڭلىرىنىڭ مەنبەداش ئىكەنلىكى ھەققدە، دۇياشيۇڭ ئەپەندى ۋە جاڭرۈي ئەپەندىلەر تولۇق پاكىتقا ئىگە بولغان كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇزۇندىن بۇيانقى ھەل بولماي كېلىۋاتقان سىرنى يەشكەندىن كېيىن، خەلقئارادا زور تەسىر پەيدا قىلدى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، غەربىي يۇغۇرلارنىڭ خەلق ناخشىلىرى، دىڭلىڭ، ھون، تېيلې، تۈرك شۇنىڭدەك مۇھىمى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭمۇ ئەڭ قەدىمكى بەش ئاۋازلىق كۈي شەكلى ئاساسىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قالغان.مۇزىكا جەھەتتىكى بۇ ئالاھىدىلىك بۈگۈنكى كۈندە لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىدىمۇ ناھايتى جانلىق ھالدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. تارىختىكى سېرىق ئۇيغۇرلار يەنى ھازىرقى غەربى يۇغۇرلار دەپ ئاتىلىۋاتقان(裕固族)لار قەدىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گەنسۇ رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن بىر تارمىقى ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ قاغان جەمەتى چىقىدىغان ياغلاقار ئۇرۇق قەبىلىلەرىنى ئاساس قىلغان.ئۇلار7-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇلارنىڭ بىر قىسىمى قاتارىدا گەنجۇ ۋە لياڭجۇ ئارىلىقىغا كۆچۈپ بارغان. دىمەك غەربىي رايوندىكى يۇغۇرلارنىڭ ھازىرقى مۇزىكىسىدىكى بەش ئاۋازلىق كۈي شەكلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىدىن قالغان قەدىمكى مۇزىكا ئالاھىدىلىكى بولۇپ،بۈگۈنكى كۈندىمۇ شىنجاڭنىڭ لوپنۇر، قۇمۇل، تۇرپان، ئىلى رايونلىرىدا تارقالغان خەلق ناخشىلىرى ئىچىدىن «بەش ئاۋازلىق كۈي شەكلى»دىكى ناخشىلارنى ئۇچىراتقىلى بولىدىغانلىقنىڭ سەۋەبى ئاساسسىز ئەمەسلىگىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيمىز. ھازىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىمىز ۋە سېلىشتۇرما تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ ناخشا، مۇزىكا ئۇسلۇبىغا تا ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.

ئۇيغۇرلارقەدىمدىن تارتىپ ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت بولۇپ، ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئويناش بەكلا ئومۇملاشقان. «ۋېينامە. قاڭقىللار تەزكىرىسى»نىڭ 103- جىلدىدا: «ئۇيغۇرلار بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش ئاۋازىنى سوزۇپ لەرزان ناخشا ئېيتىشقا ماھىر ئىدى…… ئۇلار تەڭرىگە سېغىنىپ نەزىر – چىراغ قىلغاندا «بىر يەرگەيىغىلىپ بەيگە قىلاتتى، مال – چارۋا سويۇپ، چۆرگىلەپ ئۈزۈلدۈرمەي ناخشا ئېيتاتتى»دەپ خاتىرىلەنگەن.

لوپنۇرلۇقلار كىروران دۆلىتى خاراپلاشقاندىن كىيىن، سۇ مەنبەسىنى قوغلۇشۇپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىدىكى ئوپقان دەرياسى، قىرقى دەرياسى، ئاچچىق دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ۋە تارىم دەرياسى ۋادىلىرىنى بويلاپ، چارۋىچىلىق،بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللۇنۇپ تارقاق ھالەتتە ياشاپ كەلگەن. كىيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئۇلار قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شوغۇللانغان. لوپنۇر رايونىدىكى جۇغراپىيىلىك شارايىت بەلگىلىگەن تارقاق ياشاش ھالىتى ۋە مۇشۇ خىل تۇرمۇش مۇھىتىغا ماس ھالدىكى بېكىنمە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى لوپنۇرلۇقلار ئارىسىداتا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، شۇڭلاشقا لوپنۇرلۇقلار باشقا بوستانلىقلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىنى كوپ قۇبۇل قىلالمىغان،مانا مۇشۇ سەۋەپتىن لوپنۇرلۇقلار ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تىل، ئۆرپ-ئادەت،كىيىم-كېچەك، يىمەك-ئىچمەك، مۇزىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسىنى بىر قەدەر ئەينەن ساقلاپ قالالىغان. جۇملىدىن مۇزىكا مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ سىرتتىن قۇبۇل قىلىش كەڭ دائىرىدە بولمىغاچقا قەدىمكى ئورخون خانلىغى دەۋرىدىكى بەز مۇزىكا ئالامەتلىرى لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى ئىچىدە بەش ئاۋازلىق ناخشىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ، 6 ئاۋازلىق ۋە 7 ئاۋازلىق ناخشىلارمۇ بار. ناخشىلارنىڭ ئاۋاز دائىرىسى ئادەتتە 5، 6 گىرادۇس بولىدۇ، كەڭ بولغاندا بىر ئوكتاۋاغا يېتىدۇ. خەلق ناخشىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئاددى بولۇپ، بىر بۆلەكلىك ناخشىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ بىر بۆلەكلىك قۇرۇلما ئاساسەن ئىككى مۇزىكا جۈملىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇزىكا جۈملىسى ئىككى قايتۇرۇلىدۇ. گاھىدا ئىككىنچى مۇزىكاجۈملىسى يەنى ئىككىنچى مىسرا ئاھاڭ قىسمەن ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىپ ئەسلىدىكى ئاھاڭغا قايتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بويان ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايتى تېزبولدى. لوپنۇردىمۇ ياش ناخشىچىلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ چىقتى. لوپنۇرغا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان باشقا بوستانلىقلاردىكى ناخشا، مۇزىكىلارنىڭ تەسىرىمۇ خېلى چوڭ بولدى. بۇنىڭ بىلەن لوپنۇردا 6 ئاۋازلىق كۈي شەكلىدىكى ناخشىلارمۇ پەيدابولدى. ھازىر لوپنۇردا 7 ئاۋازلىق كۈي شەكلىدىكى بەزى ناخشىلارنىمۇ ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. بۇمۇ ئەلۋەتتە ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى بېكىنمە مەدەنىيەت ھالىتىگە خاتىمەبېرىلگەندىن كېيىنكى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى.

لوپنۇرخەلق ناخشىلىرىدىكى تىل ئالاھىدىلىگى ھەققىدىمۇ ئىككى ئېغىز سۆزلەشكە توغراكېلىدۇ. لوپنۇر تىلى تۈركى تىللارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشتائىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۈملىدىن لوپنۇر تىلىدىكى لېكسىكىغا ئائىت سۆزلۈكلەر ۋە فونېتىك ئالاھىدىلىكنى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر تىلشۇناسلىغىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لوپنۇرلۇقلار قېدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر مۇنچە ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، لوپنۇر تىلىدا ئاجىزلاشمايدىغان سوزلەر خېلى كۆپ. تۈپ سۆزلەردىمۇ قېدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى خېلى كۆپ ساقلاپ قالغان. ئاتاغلىق تىلشۇناسىمىز مىرسۇلتان ئوسمان لوپنۇردا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتىكى ئىلمى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان. لوپنۇرلۇقلار قوشاقچى خەلق بولغاچقا توي-تۆكۈنلەردە قوشاق ئېيتىشىش ئۇدۇمغا ئايلانغان. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ تېكىستىدە بەش مىسرالىق بارماق ۋەزىنىدىكى قوشاقلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. گاھىدا ئالتە مىسرالىق ۋە تۆت مىسرالىق قوشاقلارمۇ ئۇچىرايدۇ. ناخشىلارنىڭ تېكىستىدە ۋەقەلىك خارەكتىرى ناھايتى كۈچلۈك. بەزى تېكىستلەرنىڭ مىسرالىرىدىكى بوغۇم سانى بىردەك بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. لوپنۇرلۇقلار قوشاق توقىغاندا قاپىيىگە قارىغانداپىكىرگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرى خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ قوشاقلار باشقا جايلاردىكى خەلق ناخشىلىرىدا ئاساسەن ئۇچىرىمايدۇ، لوپنۇرلۇقلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى قوشاق توقۇشقا ئۇستا خەلق بولۇپ،باشقا جايلاردا تارقالغان قوشاقلارنى ئاسانلىقچە ئۆز ناخشىلىرىغا سەپلىمەيدۇ.لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى ئاساسەن داستان، قوشاق خارەكتىرىدىكى ناخشىلاربولۇپ،ۋەقەلىك خارەكتىرى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، ۋەقەلىك خارەكتىرى بولمىغان ناخشىلار يوق دىيەرلىك. لوپنۇرلاقلار بېشىدىن ئۆتكەن بىرەر ۋەقەنى دەرھاللا قوشاققا قېتىۋالىدۇۋە ئۇنى ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ. لوپنۇردا «قىزىل گۈلۈم» داستانى ۋە «تاھىر-زۆھرە»داستانى ناھايتى كەڭ تارقالغان. خەلق ناخشىلىرى ئارىسىدىمۇ «مەن بازارغا بارمايمەن»، «ئوغلۇم تىيىپجان»، «غەللە تاپشۇرۇش ناخشىسى»، «بىر كۆرمەدىم ئەگىمدە»قاتارلىق بىر تۈركۈم قوشاقلار ۋەقەلىك خاراكتىرىغا ئىگە ئىپىك قۇشاقلار بولۇپ، بۇ قوشاقلارنىڭ ھەممىسىگە ئاھاڭ سەپلەنگەن. لوپنۇردا تارقالغان خەلق ناخشىلىرى 20 دىن ئاشىدۇ. بۇ 20 دىن ئارتۇق خەلق ناخشىسىنىڭ مىلودىيىسى لوپنۇردا تارقالغان سانسىزلىغان خەلق قوشاقلىرىغا سەپلىنىپ كەلگەن. گەرچە يېقىندىن بۇيان لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ بەزى تېكىستلىرى نىسپى ھالدا مۇقىملىشىپ قالغان بولسىمۇ،لوپنۇرلۇقلاردىكى قوشاقچىلىق ئادىتىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىشى تۈپەيلىدىن خەلق ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرى يەنىلا توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى.

   لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى ئارىسىدا ئەركىن ئۇداردىكى ناخشىلار ئاساس سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ناخشىلارنىڭ ئۇدارچانلىغى كۈچلۈك ئەمەس. بۇ خىل ئەركىن ئۇداردىكى ناخشىلار بىر قەدەر قەدىمىيلىكىنى  ئەسلىتىدۇ. ئەركىن ئۇسلۇپتا ناخشا ئېيتىش ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان باشقا رايونلاردىمۇئۇچىرايدۇ ئەمما لوپنۇردىكىدەك ئومۇميۈزلۈك ئەمەس. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى ئاساسەن كېڭەيتىلگەن ئۇدار شەكلىنى ئاساس قىلىدۇ، ناخشىلارغا كۆپىنچە ھاللاردا ساز تەڭكەش قىلىنمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال لوپنۇرلاقلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك ياشاش شارايىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەركىن ئۇداردا بولۇپ، ئۇسسۇللۇق خارەكتىرى پەۋقۇلئاددە ئاجىز.شۇڭلاشقا لوپنۇردا «شىر ئۇسسۇلى»، «تاماق ئېتش ئۇسسۇلى»، «ۋاتىر-ۋات ئۇسسۇلى»،«جالدىر-جاق ئۇسسۇلى» قاتارلىق بىر قانچە خىللا ئۇسسۇل شەكلى تارقالغان. «تاماق ئېتىش ئۇسسۇلى» لوپنۇردا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ئۇسسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ،لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل ئەھۋال لوپنۇرلاقلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك ياشاش شارايىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋەئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. لوپنۇرنىڭ ئېكولوگىيىلىك شارايىتى بىر قەدەر ناچار بولغاچقا لوپنۇر خەلقى سۇ مەنبەسىنى قوغلۇشۇپ توختىماي كۆچۈپ يۈرۈپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۆتمۈشتە ئۇلار يازدا بېلىق ۋەياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ئوزۇقلۇق قىلسا قىشتا كۆپىنچە بېلىق گۆشى تالقىنىنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلغان. ئاشلىق قىس بولغاچقا ھەمدە دايىم دىگىدەك كۆچۈپ يۈرگەچكە تاماق ئېتىش شارائىتىمۇ بىر قەدەر ناچار. لوپنۇر خەلقى مېھماندوست خەلق بولغاچقا ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى تاماق ئېتىپ مېھمان قىلىش ئادىمىلىكنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن.

«مۇزىكا مەھكىمىسى خاتىرىلىرى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، شىر ئۇسسۇلى كۇچادا پەيدا بولغان ئىكەن. بۇ ئۇسسۇل مىلادى 6 − ئەسىردەئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. شىر ئۇسسۇلىدا كۆزىنى ئالتۇندىن، چىشىنى كۈمۈشتىن قىلىپ، ياغاچتىن شىر بېشىنى ياساپ،  يىپ −يىپەكلەردىن قۇيرۇق ئېشىپ، شىر قىياپىتىدە ياسىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. شىر ئۇسسۇلى خەلقنىڭ تەبىئەت بىلەن قىلغان كۈرەشلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، كېيىنچەخانلىق سەلتەنىتىنى سىرلىقلاشتۇرۇش تۈسىنى ئالغان. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا،خوتەن، قەشقەر ۋە كۇچا خانلىرىنىڭ شىر سۈرەتلىك تەختى ۋە دىۋانلىرى بولغان. تارىخى خاتىرىلەردە «شىر ئۇسسۇلى» گەرچە كۇچادا پەيدا بولغان دەپ خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ،1997-يىلى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يىڭپەن قەبرستانلىغىدىكى 15-نۇمۇرلۇق قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەت ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇققا شىر بېشىنىڭ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن.بۇنىڭدىن لوپنۇرلۇقلار تۇرمۇشىدا شىرنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى، «شىر ئۇسسۇلى»نىڭ لوپنۇردا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىشىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىگىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. ئەينى دەۋردە غەربى يۇرتتا ئىجاد قىلىنغان شىر ئۇسسۇلى سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئالاھىدە مودا بولغان. گەرچە بۇ ئۇسسۇل ئۆزىنىڭ ئانا ماكانىدا يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ، سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدىكى غەربى يۇرت سەنئىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۈكسەك ئىناۋەت-ئابرويى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە كەڭ ئومۇملاشتى.ھازىر بۇ ئۇسسۇل خەنزۇ خەلقىنىڭ بايرام ۋە خەرخىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم داغدۇغۇلۇق ئۇسسۇللىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ كەتتى.بۇمۇ ئەلۋەتتە مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تىپىك مىسالى.

شىر ئۇسسۇلى 2008- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، 80ياشتىن ئاشقان ياسىن سەيپى شىر ئۇسسۇلىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغداش ۋارىسى بولۇپ تەستىقلاندى.  ياسىن سەيپى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان غۇپۇرجان، تۇلپار، تۇرسۇنجان، ئەكبەرجان قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق شاگىرتنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ يەنە ئىككى نەپەر خەنزۇ شاگىرتىمۇبار.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن لوپنۇر ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى لوپنۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىر مۇتەخسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ لوپنۇر ناھىيىسىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. مۇئەللىپمۇبۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى ئىدى. 2012-  يىلى8-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئاق سۇپا، قارچۇغا، دۆڭ قوتان قاتارلىق يېزىلىرى، ناھىيە ئەتراپىدىكى گۈلباغ يېزىسى ۋە ناھىيە ئىچىدىكى پېشقەدەم دېھقانلار، دېھقان سەنئەتكارلار، بىر قىسىم قەلەمكەشلەر ۋە سەنئەتكارلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا لوپنۇردا ئۇسسۇلنىڭ ئالاھىدە تەرەققى قىلمىغانلىغى، خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئەزەلدىن ئەركىن ئۇداردا ئېيتىلىپ كەلگەنلىگى، مەشرەپنىڭمۇ ئەل ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشمىغانلىغىنى بىلگىلى بولىدۇ. لوپنۇردا پەقەت «گۈلخان مەشرىپى»نىڭ خېلى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىغىنى بىلگىلى بولىدۇ. ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پېنسىيونىرى ھوشۇر ياقۇپنىڭ «لوپنۇر تارىخ ماتىرىياللىرى»نىڭ 7- قىسمىدىكى «لوپنۇر خەلق مەشرەپلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا بۇ نوقتا ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن،  ماقالىدا لوپنۇردا ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مەشرىپىنىڭ كىيىنكى دەۋرلەردە تۇرپان رايونىدىن لوپنۇرغا كۆچۈپكەلگەن ئاھالىلارنىڭ تەسىرى بىلەن پەيدا بولغانلىغى ئېنىق كورسىتىلگەن. مەن يۇقىرىقى ئىسمى ئاتالغان يېزىلار ۋە ناھىيە ئەتراپىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا  ھوشۇر ياقۇپنىڭ ئۆز ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىگىنى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ياشاش شارايىتىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە تامامەن ماس كېلىدىغانلىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدىم. مەن لوپنۇردىكى 3 كۈنلۈك تەكشۈرۈش جەريانىدا لوپنۇردىكى مەشرەپنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە جەمئى 47 نەپەر كىشى بىلەن قىسقىچە سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ تويىدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈلگەن، ئۆتكۈزۈلمىگەنلىگى، ئۇلارنىڭ ئۆمرىدە مەشرەپكە قاتناشقان، قاتناشمىغانلىغى، قانچە قېتىم قاتناشقانلىغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چورىدىگەن ھالدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. تەكشۈرۈلگەن كىشىلەرئىچىدە ئەرلەر 32 نەپەر، ئاياللار 15 نەپەر. ئەڭ يۇقىرى ياش- 84 ياش، ئەڭ تۆۋەنياش 37 ياش. بۇ كىشىلەر ئىچىدە ئۈچەيلەن ئۆز تويىدا مەشرەپ بولغانلىغىنى، تويدا كىشىلەر داپ ۋە دۇتارنىڭ تەڭكەشلىگىدە ئۇسسۇل ئوينىغانلىغىنى، بىر ئايال ئوزتويىدىكى قىزلار ئولتۇرۇشىدا دۇتار چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئېچىشقىلغانلىغىنى، 4 نەپەر ئادەم ئوز تويىدا كۆپچۈلۈكنىڭ ئۈن ئالغۇ قويۇپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىغىنى ئېيتتى. قالغان 39 نەپەر ئادەم ئۆز تويىدا نەغمە-ناۋابولمىغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى. يۇقىرىقى تەكشۈرۈش خاتىرىسى بىزگە لوپنۇردا «گۈلخان مەشرىپى»دىن باشقا مەشرەپلەرنىڭ ئەل ئارىسىدا ئومۇملاشمىغانلىغىنى، ھەتتا توي مەشرىپىنىڭمۇ كەمدىن –كەم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىغىنى، لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ناخشا، ئۇسسۇللۇق كۈيلەر بولماستىن بەلكى ئەركىن ئۇدارلىق ناخشىلار ئىكەنلىگىنى، ناخشىلارغا ئاساسەن چالغۇ تەڭكەش قىلنمايدىغانلىغىنى، لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىغا چالغۇ تەڭكەش قىلىش لوپنۇرغا باشقا بوستانلىقلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلارنىڭ تەسىرى بىلەن پەيدابولغانلىغىنى بىزگە ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بۇ قېتىمقى لوپنۇردىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە خەلق ناخشىلىرىنڭ ھازىرقى مەملىكەت دەرىجىلىك ئاتاغلىق ۋارىسلىرىدىن تۇردى نىياز، كەرىمە ۋە ياشار قاتارلىق 3 نەپەر ناخشچىنى زىيارەت قىلىپ، لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىدىن جەمئى 24 ناخشىنى سىن ئالغۇغا خاتىرىلىدىم. بۇ 24ئاھاڭنى تەپسىلى ئاڭلاپ، بۇ ناخشىلارنىڭ كۈي شەكلى ۋە ئاۋاز رايونى ھەققىدەقىسقىچە ئىستاتىسكا قىلىپ چىقتىم. تۆۋەندە بۇ جەدۋەلنى كۆرەيلى:

يۇقىرىقى جەدۋەلنى خۇلاسىلىساق 24 ناخشا ئىچىدە 13 ناخشا 5 ئاۋازلىق كۈي شەكلىدە كەلگەنلىگىنى، 3 ناخشا ئەسلىدىكى 5 ئاۋازلىق كۈي شەكلىدىن تەرەققىقىلىپ 6 ئاۋازلىق كۈي شەكلىگە ئۆزگەرگەنلىگىنى، 5 ناخشىنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ 7ئاۋازلىق كۈي شەكلىنى ئۆزىدە نامايەن قىلغانلىغىنى،  3 ناخشىدىكى ئاۋاز باسقۇچلىرىنىڭ مۇقام گامماسىدىكى بەزى ئامىللارنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەنلىگىنى كۆرەلەيمىز. 24 ناخشائىچىدىكى 11 ناخشىنىڭ كۈي شەكلىدىكى ئۆزگىرىش ئەلۋەتتە تارىخى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى. لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى ئىچىدە بۇندىن ئىلگىرى  8 دە 7 لىك ئۇدار شەكلىدىكى ناخشىلار يوق ئىدى.خەلق ناخشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كېڭەيتىلگەن ئۇدار شەكلىدىكى ناخشىلار ئىدى. بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىدىن 31 مەشرەپنى ئىشلەش جەريانىدالوپنۇر مەشرىپىمۇ  بۇ دائىرىگە  كىرگۈزۈلدى. لوپنۇر مەشرىپىنىڭ DVD  پىلاستىنكىسىنى ئىشلەش جەريانىدا تېلېۋىزىيە رېجىسسورلىرىنىڭ تەلىۋى بىلەن لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى باشقا خەلق ناخشىلىرىغا ئوخشاش ئۇدار ئەندىزىسىگە چۈشۈرۈلۈپ، تېلېۋىزور ئېكرانىدا لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىغىمۇ ئۇسسۇل ئوينىغان كۆرۈنۈشلەر نامايەن بولدى. دىمەكچى بولغىنىمىز بۇكۆرۈنۈشلەر لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئەسلى ھالىتى بولماستىن بەلكى ئۆزگەرتىلگەن ھالىتى ئىكەنلىگىنى كۆپچۈلۈككە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىشتىن ئىبارەت.

دىمەك لوپنۇر خەلق ناخشىلىرى قېدىمقى ئەجداتلىرىمىزدىن دى(狄)،دىڭلىڭ(丁玲)،تىېلې(铁勒)،  قاڭقىل(高车)لارنىڭ شۇنداقلا ئورخون ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدىكى مۇزىكا ئالامەتلىرىنى تا ھازىرغا قەدەر ئۆزىدە نامايەن قىلىپ كەلگەن. بۇ ناخشىلار ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىنى تەتقىق قىلشتا، قېرىنداش مىللەتلەر مۇزىكىسىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىدا شۇنداقلاتارىخ تەتقىقاتىدا بىزنى ئەڭ قىممەتلىك ماتىرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەسلى مەنبە:“سېھىرلىك لوپنۇر“ ناملىق توپلام

توردىكى مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3889

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-11-29
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 2دانە
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پاساھەت بلوگىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسى ئۆزگەردى.
    بىلوگىڭىزدىكى پاساھەت ئۇلىنىشىنى http://pasahet.net/
    غا ئۆزگەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: