لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا

 

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا

رىسالەت مەردان

(مەزكۇر ماقالە ”تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ۋە شۇ يىغىنغا ئاتاپ چىقىرىلغان ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن)

ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ  ئەمگەك، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ۋەئىنتىلىشلىرىنى، ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى، سەرگۈزەشتىلىرىنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خەلق قوشاقلىرى ئەسكە ئېلىشقا، ئېيتىشقا، تارقىتىشقا ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقلەرگە ئىپتىدائىي جەمىيئەتتە كىشىلەر ئەمگەك قىلىشنى ئۆگەنگەندىن تارتىپ تاكى ھازىرقى زامانىۋىي دۇنياغىچە ھەمراھ بولۇپ كەلدى. (1) . ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى ھېس –تۇيغۇ، قايغۇ-ئەلەملىرىنى قوشاق شەكلى بىلەن ئىپادە قىلىپ،ئۆزىنىڭ شادلىق ۋە قايغۇسىغا ئەسىرلەر بويى ھەمراھ قىلىپ كەلدى. خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئۇلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى كەڭرى تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ھازىر ئارىمىزدا شېئىر يازىدىغان ئايرىم شائىرلار بولغاندىن سىرىت، يەنە قوشاققا ھەۋەس قىلىدىغان، قوشاق توقۇيالايدىغان كىشىلەرنىڭ بولۇشى- كىشىلەرنىڭ قوشاققا بولغان ھېرىسمەنلىكىنىڭ سۇسلاپ كەتمىگەنلىكىنى، بەلكى بىر ئەنئەنە سۈپىتىدە ئەۋلاتىن-ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. لوپنۇر دىئالىكىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈچ دىئالىكىلىتنىڭ بىرى بولۇپ، روشەن خاسلىققا ئىگە، لوپنۇر خەلق ئاھاڭلىرىدىكى خاسلىق قاتارلىق بۇ ئۈچ يەككە خاسلىق بىرلىشىپ، لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى بىر قاراپلا، بىر ئاڭلاپلا پەرىقلەندۈرەلەيدىغان، ئاڭلىغۇچىلار قىزىقىدىغان، قىزىققۇچىلار سۈرۈشتۈرىدىغان ھالغا كەلتۈرگەن. لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنى قېزىش-رەتلەش ئەڭ بۇرۇن يىپەك يولى ئەڭ راۋاجلانغان دەۋىرلەردە دەپ ئېيتىشقا بولسىمۇ، رەسمىي خاتىرىگە ئېلىنىپ، توپلام قىلىنىپ، ئېلان قىلىنغان، تەتقىق قىلىنغان ۋاقىتنى 1979-يىلى 4-ئايدا دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ‹‹لوپنۇر ئەسلىملىرى ›› ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنى يىغىپ تۇپلىغۇچى مۆيىدىن سايىت ‹‹لوپنۇر ئەسلىمىلىرى ›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە چىقىرىلغان ‹‹بوستان›› (ھازىرقى ‹‹كروران››) ژورنىلىنىڭ تۇنجى سانىدا لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىن بىر ئاز بىرىش مەقسىتىدە 1979-يىلى 4-ئايدا مەن يۈسۈپجان مۇھەممىدى، خېۋىر ئاكىلارنى باشلاپ لوپنۇرغا يول ئالدۇق.  نۆۋىتىدە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كىرەككى، بۇ لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ۋە كەڭ جەمىيئەتكە تۇنجى بولۇپ تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرۇش يولىدا بېسىلغان ئەھمىيەتلىك قەدەم ئىدى. ››  (2) ئەنە شۇندىن باشلاپ تاكى 33 يىل ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتا لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى ئاستا-ئاستا كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇلدى، كشىلەر بۇ قوشاقلارنى بىر ئاڭلاپلا ئاھاڭىدىن، تېكىستىدىن لوپنۇر قوشاقلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدىغان دەرىجىگە يەتتى. مەن بۇ جەھەتتە ئۆلمەس ئەمگەكلەرنى قىلغان قوشاق رەتلىگۈچىلەرگە، ئاھاڭ رەتلىگۈچىلەرگە، خەلىققە يەتكۈزۈشكە كۈچ قوشقان بارلىق خادىملارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

لوپنۇر خەلىق قوشاقلىرى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تىلى، ئاھاڭى بىلەن باشقا يۇرت قوشاقلىرىدىن روشەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇنىڭ خاسلىقىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى باشقا قوشاقلاردىن روشەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ دىسە ئارتۇقلۇق كەتمەيدۇ. يىغىپ ئېيىتقاندا لوپنۇر قوشاقلىرى تۈۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

بىرىنچى: لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى نەق مەيداندا توقۇلغىنىغا قارىماي، ناھايىتى دەل، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، قاپىيەلىرى تولۇق، ئوخشىتىشلىرى جايىدا.

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئاساسلىق رەتلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان مۆيىدىن سايىت ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ‹‹لوپنۇر ئەسلىمىلىرى››ناملىق كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئارۇپ جاھانگىر ئىسىملىك بىر ئادەم بىلەن بىر ئايالنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ئايال چاي دەملەپ ھەممەيلەنگە چاي قۇيۇپ كىرىپ، ئايۇپ جاھانگىرنىڭ پىيالىسىگە لىققىدە چاي قۇيىدۇ. ئايۇپ جاھانگىر پىيالىنى قولىغا ئېلىپ :

چاينى ھەجەپ جىق قۇيدۇڭ،

ناۋاتى يوق چىنەڭگە.

مەنمۇ كەلسەم بوز ئاتلىق،

گۈل قىسامسەن چىكەڭگە.

ئۇ قاتقا ئۆتەي دەيمەن

سالارسەنمۇ كىمەڭگە.

دەپ قوشاق توقۇيدۇ. ئايال بولسا چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئۇ ئېيىتقان ئاھاڭ بىلەن:

جىق ئاڭلادىم، جىق كۆردۈم،

قۇرۇق گۈر-گۈر پوپاڭنى.

سىڭەك(چىۋىن) قونسا كاللاڭغا

شاپىلاقلاپ دوپپاڭنى.

چاغلىقكەنسەن ئاڭلاسام

سوققان بىلەن گۇپپاڭنى

دەپ جاۋاب بىرىدۇ.  بۇجاۋابتىن ئارۇپ جاھانگىرنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قالىدۇ. (3) يوقىرىقى قوشاق نەق مەيداندا توقۇلغان. قاپىيەلىرى توق قاپىيە، ئاھاڭدار، مىسىرالىرى بىر-بىرىگە جىپسىلىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئاڭلىغانلىكى ئادەم ئۇنىڭ ئاھاڭدارلىقتىن ئىبارەت تاشقى خۇسۇسىيىتى بىلەن ئىچكى مەناسىنىڭ زىچ بىرىكىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلالايدۇ ۋە بۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىدۇ. ‹‹لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى›› ناملىق كىتابتا بىرىلگەن قوشاقلارنىڭ كۆپىنچىسى مانا مۇشۇنداق توق قاپىيەدە كەلگەن، شەكلى بىلەن مەزمۇنى زىچ بىرلەشكەن قوشاقلار بولۇپ، ئادەمگە يېڭىلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.

قوشاقلارنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك، قوشاق توقۇغۇچىنىڭ ئۆزى يەككە (ئۆلۈم –يىتىم، توي –تۆكۈن، مۇھەببەت)، ۋە كوللىكتىپ (ئالۋاڭ ياساق، ھاشار، ئازادلىق، بالايى –ئاپەت) دۈچ كەلگەن ئىشلىرى توغرىسىدا توقۇلغان بولۇپ، توقۇغۇچى ئۆزىنىڭ قوشاقچىلىق ماھارىتىگە تايىنىپ، شۇ ئىشلارنى نەق مەيداندا قوشاق توقۇغان.

ئىككىنچى: لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى لوپنۇر خەلقىنىڭ تارىخى بەدىئىي خاتىرىسىگە ئايلانغان. نۇرغۇن ۋەقەلەر قوشاقلار ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان. ھەققىي بولغان ۋەقەلەر قوشاق شەكلىدە تۈز بايان قىلىنغان.

‹‹لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى›› ناملىق كىتابتا قوشاقلار ئەمگەك قوشاقلىرى، سىياسىي قوشاقلار، مۇھەببەت قوشاقلىرى، تۇرمۇش قوشاقلىرى، تارىخىي رىۋايەتلەر توغرىسىدىكى قوشاقلار قاتارلىق تۈرلەر ئاستىدە يەنە ئايرىم ماۋزۇ قويۇلۇپ توپلانغان بولۇپ، بۇ قوشاقلارنىڭ ناھايىتى ئاز قىسمى بىر كوپلىت، بىر نەچچە كوپلىت قوشاقلار بولۇپ، قالغانلىرى پۈتۈنلەي بىر پۈتۈنلىككە ئىگە قوشاقلاردىن ئىبارەت. بۇ بىر پۈتۈن قوشاقلارنىڭ بەزىلىرى نەچچە ئون كوپلىت، بەزىلىرى ئون نەچچە كوپلىت بولۇپ، بۇ قوشاقلار قوشاق ئېيىتقۇچىنىڭ كۈزىتىش دائىرىسىدىكى ۋەقەلەرنى تەرتىپلىك. باشتىن ئاياغ بايان قىلىپ بىرىدۇ. بۇ جەھەتتە بۇ قوشاقلار ئۆزىنىڭ قوشاقلىق رولىدىن ھالقىپ كەتكەن رول ئۆتىگەن، يەنى ئەينى دەۋىردىكى تارىخنىڭ بەدىئىي خاتىرىسى بولۇپ، بىزگە ئەينى دەۋىردىكى – مەيلى چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن – بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىزگە ئەينەن بايان قىلىپ بىرىدۇ.

قوشاقلاردىن بىز لوپنۇر خەلقىنىڭ ھەق-ناھەق قارىشى كۈچلۈك، ئاقكۆڭۈللۈك،سەممىيلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېس-تۇيغۇلارغا ئەھمىيەت بىرىدىغان مىجەزى تۈز، كۆڭلىدە يامانلىق ساقلىمايدىغان، پاكلىقنى، ساپلىقنى ئەلا بىلىدىغان خاراكتىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار توغرىسىدا يازمىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى، فىلىملارنىڭ ئىشلىنىشى، ھەتتا لوپنۇر كىشىلىرىنىڭ ئېلانغا قوشۇلىشى (ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى ھەققىدىكى بىر ئېلانغا قاراڭ)دىن كىشىلەرنىڭ لوپنۇرغا بولغان تونۇشى ئاشقانسېرى، قىزىقىشىمۇ شۇنچە ئېشىپ باردى. كىشىلەر لوپنۇرغا بېرىپ، لوپنۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، قىممەت قارىشى، باتۇرلىقى ھەققىدە نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئېرىشتى ھەم بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنىڭ بەزىلەر ئەسەرلىرىدە گەۋدىلەندۈردى. ( مەسىلەن:

ئۈچىنچى: قوشاقلارنىڭ تىلى ناھايىتى ئالاھىدە. قوشاقلاردا لوپنۇر خەلقىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ئېنىق گەۋدىلەنگەن. ‹‹تىلشۇناسلىقتا لوپنۇر دىئالىكتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاساسلىق ئۈچ دىئالىكتىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىللە فونتىكا، لىكسىكا، گىرامماتىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە›› (4) لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىلىدىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

1)  لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەملەرنى كۆپلەپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك جەھەتتە لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى قومۇل قوشاقلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن قومۇل قوشاقلىرىدا ‹‹ئا، ئى ›› تاۋۇشلىرى ئاجىزلىشىپ كېلىدۇ. لوپنۇر قوشاقلىرىدا ‹‹ئا، ئى ›› ھەرىپلەر ئاجىزلاشماستىن ئۆز پېتى كېلىدۇ. مەسىلەن : ‹‹يارۇق، باخىل، جامائات، پۈتمەدىم، باقىشقا، تاشلادى، ئايرالىپ، سۇنادۇ…›› قاتارلىقلار. بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى قوشاقلاردىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ سۆزلەملەردىن بىز لوپنۇر دىئالىكتىنىڭ تەركىبىدە قەدىمقى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىنى، خاراكتىرىنى كۆپلەپ ساقلاپ قالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى: لوپنۇر قوشاقلىرىدا پارىسچە-ئەرەپچە قاتارلىق باشقا تىل سۆزلۈكلىرى ناھايىتى ئاز، ھەتتا يوق دىيەرلىك لېكىن سىياسى قوشاقلاردا ئاز-تولا خەنزۇچە سۆزلۈكلەر بار.

ئويناغىن گاڭگۇڭ بىلەن جان قىينىلا ياڭسۇڭدا

پۇقرا ئەللەر بىلمەيدۇ سۈرەتى بار جاڭجۇڭدا   ‹19-بەت)

ئەجەپ ئادىل سۇرادى،

لوپنۇردا بىزنى شەنجاڭ.

ۋاڭ كوجاڭنىڭ قۇدىسى،

غوپۇر ئەپەندى دۈيجاڭ،

بىز بارالى چوڭ يولغا،

باشچى بولدى ھېيىت سۇڭجاڭ.

(28-بەت)

ئوسمان چۇجاڭ باش بولۇپ،

ئارا قۇمغا گوڭ قىلغان.( خەنگۇڭ-قايتا ئىشلەش)

بۇ خەنزۇچە سۆزلەر كۆپرەك سىياسىي قوشاقلاردا كۆرۈلىدۇ. باشقا قوشاقلار جىق كۆرۈلمەيدۇ.

تۆتىنچى: كوپلىت مىسىرالارنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە:

ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەتتە ياكى سەككىز بوغۇملۇق، تۆت مىسىرادىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كوپلىت شەكلىدۇر. لوپنۇر قوشاقلىرىدا بۇ خىل قوشاق شەكلى بىلەن باراۋەر ھالەتتە باشقا شەكىللەرمۇ قوللانغان.

1)       سەككىز بوغۇملۇق، ئون بوغۇملۇقتىن يوقىرى بوغۇملۇق قوشاقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئۇسسۇساق ئوزۇق قىلىپ كۆزىمىزنىڭ ياغىنى،

مەن كېلىپ ئەمدى كۆردۈم باش ئەگىمنىڭ تاغىنى (ئون ئۈچ بوغۇم)

مەنى ئاتامنى ئاتى ھاجى بار،

تۈگۈمەيدۇ قادىر خۇدانى ھەققى (11بوغۇم)

‹‹قىزىلگۈلۈم›› داستانى باشتىن –ئاخىر 11 بوغۇملۇق مىسىرادا يېزىلغان.

باش ئۆرگۈتتى كېلىڭ دەپ،

قاچىپ ياقىن كەلگەيمىدۇ؟

تىكەنىم بارمۇ بويۇمدا،

تەنىڭگە كىرىپ كەتكەيمىدۇ؟ (سەككىز بوغۇم)

2)   ئۈچ مىسىرالىق قوشاقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ قوشاقلار ئاساسان 11-13 بوغۇملۇق بولۇپ، بۇنداق ئۈچ مىسىرالىق قوشاقلار باشقا خەلق قوشاقلىرىدا ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ، ئىككى مىسىرالىق بىيىتلار بىلەن تۆت مىسىرالىق قوشاقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنى لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى دىيىش مۇمكىن.

ساڭا كىم رۇخسەت قىلدى ئارالدىن ئورۇپ پىچان،

مېنى ئاڭا ئىۋەتمىگەن يانىمدىكى گۈلدەك جان

پارچە خالتاڭىز كەلمەي خۇرجۇنۇڭدا شېكار نان.

چىراي بۇزۇلمايدۇ ئاناسىدىن تۇغۇلما،

نازۇك جان بەك چىرايلىق ئۇستام قويغان قۇيما،

ئوينۇساڭ تۈزۈك ئوينا. بۇ دەرتكە مېنى قويما.

3)      ئالتە مىسىرالىق كوپلىتلارمۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ:

يۈكىمىزنى كۆتەرتىپ

ئاغرىپ كەتتى پۇتىمىز.

رەھمە قىلغىن ھۆكۈمەت

نەدە قالدى يۇرتىمىز،

يىغلاماڭلار بالىلار

نىسىپ قىلسا يانىمىز.

4)      چاچما شەكىلدىكى قوشاقلار بار.

دەريانىڭ ئۇ يانىدا

مەكتەپ باشىدا ئولتۇرغان خانىم

كۆيدۈرمە داغىڭدا مېنى

سەن مەنى تولۇن ئايىم، بۇلبۇل قوندۇرما شاخىڭغا،

ئالدىڭدا مەن چاكارىڭ،

قامچىم تەگمەي ساچۋاغىڭغا.

5)   بەزى كوپلىتلارنىڭ 4-مىسىراسى كەينىدىكى كوپلىتلارنىڭ بىرىنچى مىسىراسى بولۇپ قايتىلىنىپ كەلگەن.

ئوتتۇزغىنا ياشىمدا كۆرمەگەنىم ئاز قالدى،

دەرت-ئەلەمدىن بۇ قاشۇغۇم باشلادى

كىچە-كۈندۈز ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈپ

چاچلارىمغا ئاق چالىشقا باشلاندى.

چاچلارىمغا ئاق چالىشقا باشلاندى.

كىتەرمەنمۇ بەش بالانى تاشلاپ.

خۇدايىتالا بۇيرۇغانى شۇ تۇرسا،

ئۆتەدىمەن ئۆز باشىمنى قاشلاپ.

بۇ خىل ئەھۋال كۆپ كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن خىلى جايدا ئۇچرايدۇ. بۇ ھازىرقى زامان شېئىرىيەت شەكلىدىمۇ، بەزى ياشلارنىڭ قولىدا قايتىدىن سىناق قىلىنىپ خېلى ياخشى شېئىرىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

6)           بىر يۈرۈش قوشاقلار ئىچىدە ھەرخىل شەكىلدىكى قوشاق شەكىللىرى قوللىنىلغان.

‹‹لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى›› ناملىق كىتابنىڭ 83-بېتىدە قوشاقچى ھۆسەن توختى ئېيتىپ بەرگەن بىر يۈرۈش قوشاقلار مەزمۇنىغا قارىغاندا مۇھەببەت قوشاقلىرى بولۇپ، بۇ قوشاقلار باشتا يەتتە بوغۇملۇق قوشاق بىلەن باشلانغان، ئاندىن كېيىن بەش بوغۇملۇق قوشاقلار بېرىلگەن، ئاندىن 9-7 بوغۇملۇق قوشاقتىن 3 كوپلىت. 12 بوغۇملۇق قوشاقتىن 3 كوپلىت، 13 بوغۇملۇق قوشاقتىن 7 كوپلىت، ئاخىرىدا 7 بوغۇملۇق قوشاقتىن 4 كوپلىت بىرىلگەن. مىسىرالاردىكى بوغۇم سانىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قوشاقنىڭ باش ئاخىرىدىكى شېئىرىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

7)   لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بىۋاستە ئىجاد قىلىنغان قوشاقلار بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى قوشاقلار باشقا يۇرت قوشاقلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ، لېكىن بۇ قوشاقلار قوشاق توقۇغۇچىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە سۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ، ئۆزگەرتىپ قوللىنىلغان.

چىم-چىم ئەتتىم چىم بىلەن

چىم چىلاقىم چىم بىلەن.

سەن يۈرۈيسەن كىم بىلەن

مېنىڭ خىيالىم سەن بىلەن

بۇ قوشاقنىڭ باشقا يۇرتلاردىكى ۋارىيانتى مۇنداق:

چىم-چىم چىم ئەتتىم چىم بىلەن

كاۋاب ئەتتىم زىخ بىلەن

مېنىڭ خىيالىم سەن بىلەن،

سەن يۈرۈيسەن كىم بىلەن.

بۇ ئىككى قوشاقنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا، ئىككىسىنىڭ پەرقىنى روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ، يەنى ئىككىنچى مىسىرا لوپنۇر قوشىقىدا ئۆزگىرىپ كەلگەن، يەنە ئۈچىنچى مىسىرا بىلەن تۆتىنچى مىسىرامۇ ئالمىشىپ كەلگەن. لېكىن بۇنداق باشقا يۇرت قوشاقلىرىغا ئوخشاپ قالىدىغان قوشاقلار ناھايىتى ئاز ساندا بولۇپ پۈتكۈل بىر كىتابتا 1%نىمۇ ئىگىلىمەيدۇ. بۇنداق يەككە خاسلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ.

بەشىنچى: قوشاقلاردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ھەققىدە :

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنى لوپنۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەدىئىي خاتىرىسى دەپ ئۆتتۈق، لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنى ئوقۇپ باققانلار قوشاقلارنىڭ زامان-ماكان تەرتىپى بويىچە توقۇلغانلىقىدىن باشقا يەنە گەپنى ئەگىتمەي تۈز ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا دىققەت قىلماي قالمايدۇ.

‹‹سالتاڭ قاسىم قوشاقلىرى›› دا كۆكچى سالتاڭ قاسىمنى بەگكە قوشۇپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندۇرىدۇ، سەپەر تولىمۇئۇزۇن ھەم جاپالىق بولۇپ، لوپنۇردىن چىقىپ، توخسۇندىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچى تەرەپكە چىقىپ شۇ يەردە تاش توشۇپ ناھايىتى جاپالىق ئىشلەيدۇ، ئوتتوز كوپلىتقا يېقىن بۇ قوشاقتا باشتىن-ئاخىر ‹‹مەن ››نىڭ قانداق سەپەرگە تۇتۇلغانلىقى، نارازىلىقى، سەپەر جاپاسى، تارتقان قىيىنچىلىقلىرى ناھايىتى رەتلىك ۋە تەپسىلى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىلگەن. بۇ قوشاقلار بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغاچقا، باشتىن ئاخىر ناھايىتى رەتلىك، تەرتىپلىك چىقىدۇ.

بۇ قوشاقلاردا سىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەر تۈز ھەم ئاددىي قوللىنىلغان  بىۋاستە تەسۋىرلەش ئاساس، ئەگىتىپ تەسۋىرلەش قوشۇمچە بولغان. ئوخشىتىش ۋاستىلىرى ۋە باشقا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئۇلار ياشىغان بىكىنمە  تۇرمۇشتىن ھالقىپ كىتەلمىگەن.

يىغىپ ئېيىتقاندا لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى يوقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر تەركىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزگىچە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.

سىتاتا مەنبەلىرى:

(1)         ئوسمان ئىسمائىل تارىم‹‹ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمى بايان››45-بەت

(2)        مۆيىدىن سايىت‹‹لوپنۇرئەسلىمىلىرى›› 4-بەت

(3)         مۆيىدىن سايىت‹‹لوپنۇرئەسلىمىلىرى›› 40-بەت

(4)         مۆيىدىن سايىت‹‹لوپنۇرئەسلىمىلىرى›› 204-بەت

پايدىلانغان كىتابلار:

1.جۇڭگۇ خەلق قوشاقلار توپلىمى- شىنجاڭ تومى-‹‹لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى›› 1992-يىلى نەشىر قىلىنغان.

2. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى-(لوپنۇر قىسمى) شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2011-يىلى 9-ئاي نەشىرى.

3. مۆيىدىن سايىت‹‹ لوپنۇر ئەسلىمىلىرى›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 2003-يىلى نەشىرى.

4. ئوسمان ئىسمائىل تارىم‹‹ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمى بايان›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3123

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-26
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 1دانە
  1. ياخشى ماتېرىيال ئىكەن.فولكلور تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: