قەدىمكى (لايسۇ) دىيارىدىكى يەر –جاي ناملىرى

قەدىمكى (لايسۇ) دىيارىدىكى يەر –جاي ناملىرى

ئاپتۇرى : ھوشۇر ياقۇپ

   جاي ناملىرى خۇددى ئىنسانلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى،تۇغۇلغان ئاي-كۇنى بولغانغا ئوخشاشلا موھىم بولۇپ،بەزى بىرجايلارنىڭ ناملىرى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بولۇش بىلەن بىزگە بەزىبىر تارىخىي ۋەقەلەرنى تونۇشتۇرىدۇ. قەدىمقى لوپلۇقلار ئاساسەن،تەكلىماكان قۇملۇغىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغان بولۇپ،بۇ جايدىن(ئوپقان) دەرياسى (قىقى)دەرياسى قاتارلىق ئىككى دەريا ئىقىپ ئۆتەتتى.قەدىمىي لوپلۇقلار ھايات كۈچۈرۈشتە بۇ ئىككى دەرياغا تايىناتتى. شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى بەزى بىر يەر-جاي ناملىرى  مۇقەررەر ھالدا بۇ ئىككى جاي نامىدىن ئايرىلالمايدۇ

      1. ئوپقان دەرياسى- ھازىرقى (قىقى) دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا ،تەكلىماكان قۇملۇغىنىڭ ئوتتۇرىسىغاجايلاشقان بولۇپ،دەريا ئېقىنى كەڭرى ھەم ،چوڭقۇر بولۇپ،غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ئاققان.خوتەن دەرياسى،قارىقاش دەرياسى،زەرەپشان دەرياسى ۋە ئاقسۇ تەرەپتىن كىلىدىغان 5 دەريانىڭ سۇيى مۇشۇ دەرياغا يىغىلىپ،بەكمۇ ھەيۋەتلىك ئاقىدىغانلىغى،دەريانىڭ تاشقىنى سەۋەپلىك،ھەرقايسى جايلاردا،تارماق ئېقىن پەيدابولۇپ،قۇمغا سېڭىپ كىتىدىغانلىغى ئۇچۇن،بۇ دەريانىڭ نامىنى (ئوپقان) دەرياسى دەپ ئاتىغان.  چۇنكى (ئوپقان) دىگەن سۆز قەدىمى لوپ تىلىدا ئاشپاقا ياكى تويماس دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىغى ئۈچۈن ، بۇدەريانىڭ بىر قىسىم سۈيى لوپ كۆلىگە قۇيۇلاتتى.بىر قىسمى قۇملۇققا سېڭىپ كىتەتتى.ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن دەريا قۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ئەتراپىدىكى بۇ زىمىن چۆللۇشۇپ قۇملۇققا ئايلانغان. بۇ جايدىن (ئۆگەن)دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۇپ كەلگەن كىشىلەر باشقىلار تەرىپىدىن (ئوپقانچىلار) دەپ ئاتالغان. (ئوپقانچىلار) نىڭ ئەۋلاتلىرى ھازىرمۇ قارچۇغا يېزىسىدا مەۋجۇت.  

  2.ئوپقانچىلار:-قارچۇغايېزىسىدىكى تارقىلپ يۈرگەن رىۋايەتلەردە ئېتىلشىچە بۇرۇن (ئوپقان)دەريا ۋادىسىدىكى قەبىلەر ئارسىدا ۋابا كېسىلى تارقىلىپ،بەزى ئائىلىلەر ئائىلە بۇيۈنچە ئۈلۈپ تۈگەپ كەتكەن ئىكەن. بۇنى كۆرگەن بەزىبىر ئەقىلى بار ئوپقانچى قېرىلار كېسەل يۇقمىغانلارغانەسسھەت قىلىپ« سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىلار ئانداق بولمىغاندا ھەممىمىز ئۈلۈپ تۈگەيمىز›› دەپ بىر بۈلۈم كىشلەرنى چەتكە جان بېقىشقا ماڭدۇرغان ، مانا مۇشۇلار ئىچىدىكى ھايات قالغانلار ئۇزۇن يىل تەكلىماكان قۇملۇغىنىڭ ئىچىدە بېلىقچىلق،ئوۋچىلىق بىلەن جان بېقىپ مىلادى 1870-يىللاردا ئۆگەن دەريا ۋادىسىغا كېلىپ كىشىلار توپىغا قۇشۇلغان.بۇلارنىڭ تىپىك ئەۋلاتلىرى:

 (1) سېتى ئوپقان 1951-يىلى75يېشىدا (ھەيدەر چۇلى)  دىگەن يەردە ۋاپات بولغان.ئوغلى موساسېتى ئازاتلىقتىن كېيىن دادۈيجاڭ،دادۈي سېكىرتتار قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بۇلۇپ 2001-يىلى 81يېشىدا ۋاپات بولغان.

(2) ئىسمايىل ئوپقان 80-يىلارئەتىراپىدا ۋاپات بولغان.بالىسى ئىبرايىم چۇرۇق ھازىر 75 ياش ئەتىراپىدا بار.

(3)رۇزى ئوپقان بۇئادەم ئۇزۇن يىل ئۆمۈر سۈرۈپ 1967-يىلى 115يېشىدا ۋاپاتبولغان.نەۋرە،ئەۋرە،چەۋرىلىك بۇلۇپ 150تىن ئارتۇق ئەۋلاد قالدۇرغان.بۇلار ئەسلىدەبىر ئائىلە كىشىلىرى بۇلۇپ ئەڭ چوڭى سېتى ئوپقان،ئوتىرانچىس .

     3. قىقى دەرياسى- ئەسلىدە (ئوپقان) دەرياسى بىلەن باشلىمى بىر بولغانلىقتىن،دەسلىۋىدە ھەر خىل ئاتالغۇلار بىلەن ئاتالغان.بىراق (قىقى) دەرياسىمۇ چۆل قىلىپ،كىشىلەر (ئۆگەن) دەريا ۋادىسىغا ئورۇنلۇشۇپ،ئۇزۇن مەزگىللەر ئۆتكەن بولسىمۇ لىكىن بۇ كىشىلەر ئوۋچىلىق ئىشلىرىدا بۇ دەريا ۋادىسىبىلەن (ئوپقان) دەريا ئارىلىغىغا بىرىپ تۇرغان.قەدىمقىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ جايداقەدىمقى مەھەللە خارابىلىرى كۆپ بولۇپ،ئۇ جاينىڭ قانداقلا يىرىدە ياتسىڭىز ھەر ئەتىگەنلىگى تاڭ سەھەردە توخۇنىڭ چىللىغان ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كىتىدىكەنسىز.كىشىلەر شۇ ۋەجىدىن،بۇ قۇرۇق دەريانى توخۇنىڭ چىللىشىغا تەقلىت قىلىپ(قىقى)  دەرياسى دەپ ئاتىغان.بەزىلەر (قىرقى)دەرياسى دەپمۇ ئاتايدۇ.بۇ نام دەريا سۇيى قۇرۇغاندىن كىيىنقىنى قىر بولۇپ قالغان قۇمغا ئوخشايدۇ شۇڭا بۇ نامنى قويغان دەيدۇ، لىكىن بۇ نام توغرا ئەمەس.

   4 . ساڭ {ساڭ-ئاشلىققاچىلىنىدىغان} چىكەـــ بۇ جاي قارچۇغا يىزىسىنىڭ غەربىدە،شايار بىلەن چىگرا ئارىلىغىدىن،20 كلومىتىر ئەتراپىدا شەرىقتە بولۇپ ،(چىكە)دىگەن سۆز دەريانىڭ دوقمۇشى دىگەن سۆز.بۇ جاي لوپنى پىچان خان ئامبىلى باشقۇرغان چاغلاردا،كۇچار شايار پۇقرالىرى تاپشۇرىدىغان (لەڭ) نى كىمە ئارقىلىق ئەكىلىپ بۇيەرگە تاپشۇراتتى،بۇ جايدىن  لوپلۇقلاركىمە ئارقىلىق چوڭكۆلنىڭ قۇرۇل دىگەن يىرىگە ئەكىلىپ ئۆتكۈزۈپ بىرەتتى.

بۇ مەزگىللەردە لوپ زىمىنىدا،بەگ بولۇپ تۇرغان خوجا قۇلى بەگ قىيىنئاتىسى  قادىر ھاجىغا ئۆچ بولۇپ قالغانلىقتىن،ئۇنى ئون يىل قۇرۇلغا ئاشلىق تۇشۇتقان دىگەن گەپ قارچۇغا  ۋە دۆڭقوتان يېزىسىدا ھازىرغىچە تارقىلپ كەلمەكتە.

5. پەرەڭ چېكە ـــ بۇ جاي(قىقى)  دەريا ئېقىنىدىكى(ساڭ چىكە)  نىڭ شەرقى تەرىپىدە بولۇپ،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بىر بۆلۇم چەتئەل ئېكىسپدىتسىيەچىلىرى كىمە ئارقىلىق بۇ يەرگە كىلىپ،قۇرۇقلۇققاچىققان.1899-يىلى خىلى داڭ چىقىرىپ قالغان سىۋىن ھىدىن شىۋىتسىيە پادىشاھىنىڭ ياردىمىدە ئىككىنچى قىتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيەسىنى باشلايدۇ.8–ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىلىرىدا سېۋىن ھىدىن رۇسسىيە ئارقىلىق،تارىم ئويمانلىغىدىكى قەشقەرگە كىلىپ،تارىم دەرياسىنى بويلاپ،جۇغراپىيەلىك تەڭشۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.شۇمەزگىللەردە (پەرەڭ چېكە) گە چىققان پەرەڭلەر بەلكىم سېۋىن ھىدىن ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى بولۇشى مومكىن.

  ئۇ چاغلاردا لوپلۇقلار چەتئەللىكلەرنى قايسى مىللەت،قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىگىدىن قەتئى نەزەر،ھەممىسىنى (پەرەڭلەر)دەپ ئاتىغان.لوپلۇقلار نەزىرىدە پەرەڭ دىگەن سۆز چەتئەللىك دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان بولۇپ،شۇ سەۋەپلىك بۇ جايدىكى مەھەللىنىمۇ (پەرەڭ چېكە)  مەھەللىسى دەپ ئاتىغان.

     6 . چېچەك چېكەـــ بۇ جاي قەدىمى(بوز كۆل) دىگەن مەھەللىنىڭمۇ شەرقى تەرىپىدىكى دەريا بويىغا جايلاشقان بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا لوپ زىمىنىدا كەڭ كۆلەمدە،چېچەك كىسىلى تارقىلىپ،نۇرغۇنلىغان ئادەملەر چېچەك كىسىلىدە ئۆلۇپ كەتكەن.ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان لۇكچۇن ۋاڭى ئىبرايىم بىر ئۇيغۇر تېۋىپقا،بىر خەنزۇ تېۋىپنى  قوشۇپ ئەۋەتكەن..نەتىجىدەچېچەكتىن قېچىپ،دەريانىڭ چېكەسىدە ئورۇنلۇشۇپ قالغان مەھەللىدە قىرغاققاچىقىپ،چېچەك ئەملىگەن.شۇنىڭ بىلەن بۇجاينىڭ يەر نامى (چېچەك چېكە)  دەپ ئاتالغان.

        7.قالماق ئۆلدى ــــ بۇ جاي قارچۇغا يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان كەڭ يايلاق بولۇپ،بۇ جايدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىغىچە، بۇگۇر،يېڭىسارلىقلار پايدىلىنىپ كەلگەن بولۇپ،ئۇلار چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلغان.بۇ جاينى ئۇزۇن مەزگىل يېڭىسارلىق ئىمامقۇلى دىگەن كىشى ئېگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ،شىمالدا(توپىلاڭ)، (پۇچۇك)،   (كېيىك پونكىتى) ۋە (قالماق ئۆلدى) قاتارلىق جايلاردا 10 قوتان چارۋىسى بولغان.بۇ كىشىنىڭ 4 ئوغلى بولۇپ،ئىبرايىم دىگەن بىرئوغلى قاراشەھەردە دۇكان ئېچىپ سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان.يەنە بىر ئوغلى بۇگۇردە،يەنە بىر ئوغلى كورلىدا دۇكان ئاچىدىكەن.بىر ئوغلى يېڭىسار ۋە لوپ زىمىنىدىكى قويلىرىغا قارايدىكەن.قويلار ئاۋۇغانسېرى ،ھەر يىلى بىر قانچە قوتان قويلارغا قارايدىغان قوي باققۇچى ئادەم يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن،قاراشەھەردىكى ئىبرايىم دىگەن ئوغۇل ئۇ يەردىن نىمە ئىسىملىك بىر موڭغۇل قويچىنى ئەكىلىپ بەرگەن.بۇمۇڭغۇلنى قوي باققۇچى ئوغۇل ھازىرقى (قالماق ئۆلدى) گە ئەكىلىپ،تۇرغۇزۇپ قويغان.بۇ  مۇڭغۇل بىر مەزگىل يالغۇز قوي بېقىپ يۇرۇپ،(قالماق ئۆلدى)  دىكى قۇملۇقتا ئۆلۇپ قالغان لاي دەريانىڭ (قالماق ئۆلدى) دىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدىغان بىر جىرا بار .بۇيەرگە  لاي دەريا ئارقىلىق سۇ كىرىدۇ. ئەمماسۇ كىرگەن ئازىراق ئارىلىقتىن،باشقا تەرىپىنى ئايلانما شەكىللىك قۇم بارخىنى ئوراپ تۇرىدۇ.بۇ ئەتراپتا 10 نەچچە كلومىتىردىن ئۇشۇقراق جايدا ئادەم بولمىغانلىقتىن،ھىچكىم بىلمىگەن. ئارىدىن بىر قانچە كۇن ئۆتۇپ ئۆلۇكنىڭ پۇرىغى تارقىلىشقا باشلىغاندا،بۇيەردىن ئۆتۇپ كىتىۋاتقان كىشىلەر ئەتراپقا سەپ سېلىپ قاراپ قاغا-قۇزغۇنلارنىڭ بىرئېگىز دۆڭگە توپلىشىپ قالغانلىغىنى كۆرۇپ،ئۇ يەرگە بېرىپ،بىر ئادەمنىڭ ئۆلۇگى ئىكەنلىگنى كۆرگەن ئۆلۇك سېسىپ،قاغا-قۇزغۇنلار يەپ كەتكەن بولۇپ،يەرلىككە قويۇش مومكىنچىلىگى بولمىغانلىقتىن،شۇ جاينىڭ ئۆزىگىلا كۆمۇپ قويغان.بۇ يولۇچىلار شىمالغاقاراپ مېڭىپ،ئادەم بار جايغا بارغاندا،ئاندىن ئۆلۇكنىڭ مۇڭغۇل ئىكەنلىگىنى ئۇققان.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاينىڭ يەر نامى (قالماق ئۆلدى)  دەپ ئاتىلىپ قالغان.

     8. چاچ-چاچ  دەرياسى ـــ بۇ دەريا ھازىرقى تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىغا 30كلومىتىر كىلىدىغان جايدا بولۇپ،تارىم دەرياسى شەكىللىنىپ،(ئۆگەن دەرياسى قارچۇغا يىزىسىنىڭ غەربىدىكى(بۆزكۆل) مەھەللىسىنىڭ غەربىدىن شايارلىق(ھاشىخان ھاجى) دىگەن باي ئايالنىڭ دەريانى ئېتىۋىلىشى تۇپەيلىدىن(ئۆگەن)  دەرياسى ئۆز ئېقىنىنى ئۆزگەرتىپ،ھازىرقى تارىم دەرياسىنى شەكىللەندۇرگەن). ئۇزۇن ئۆتمەي دەريا ئېقىنى تولا راۋاج تاپالمىغانلىقتىن،سۇ دەريا قېنىغا پاتماي،بۇرۇنقى ئاۋاتنىڭ غەربىدىكى دەريائېقىنىنى شەكىللەندۇرگەن،ھەم بۇ جاينىڭ تەخمىنەن 10كلومىتىر شەرقىدىكى (جاگىر) دەرياسى ئېقىنىنى شەكىللەندۇرگەن.شۇنىڭ بىلەن  بۇسۇ شەرىققە قاراپ ئېقىپ،(چاچ-چاچ) دەرياسىنى شەكىللەندۇرگەن.ئەمما دەريا ئېقىنى تار  بولغانلىقتىن،ئىككى تەرەپكە يامراپئېقىپ،ھازىرقى قارچۇغا يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى (چاچ-چاچ)  دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى (زۇگۇلاش تام)نىڭ شەرقى  قىسمىدىكى(چاچ-چاچ)  دەرياسى بىلەن (ئارا دەرياسى )  ئارىلىغىدىكى كەڭ كەتكەن تۆزلەڭلىك سۇغا قېنىپ،بىر قىش مۇز ياتقان،ئەتىياز كەلگەندە كىشىلەر بۇ يەرنى بايقاپ قېلىپ،شىمالدىن كورلىلىقلار،جەنۇپتىن لوپلۇقلار بەس-بەس بىلەن يەر تېرىشقاكەلگەن،ئەمما شۇ چاغدىكى  يەرلىك ھۆكۇمەت بۇ جاينى ۋاقتىدا بايقىمىغانلىغى ئۇچۇن،يەر ۋاقتىدا كىشىلەرگە تەخسىم قىلىپ بىرىلمىگەن،نەتىجىدە كىشىلەر جىق يەرنى ئېگەللەش ئۇچۇن،بۇ تۇزلەڭلىككە ئۇرۇق چېچىشنى يەر ئېگەللەشنىڭ پۇرسىتى دەپ قاراپ،ھەممە ئادەم يەرگە ئۇرۇق چېچىپ،ئۇرۇق چاچ-چاچ قا ئايلىنىپ، كەتكەن.شۇ ۋەجىدىن بۇ دەريانىڭ نامى (چاچ-چاچ)  دەرياسى دەپ ئاتالغان.

      9. ئىيسا دوگان ــــ تارىمدەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى دوڭقوتان يېزىسى بىلەن قارچۇغا يېزىسىنىڭ چىگراسىغاجايلاشقان تۇزلەڭلىك بولۇپ،1905-يىلى ئەتراپىدابۇ يەر كەڭ كەتكەن ئېكىنزارلىق بولۇپ،تېرىلغۇ ۋە ئوما مەزگىللىرىدە بۇ يەر بەكمۇ ئاۋات بولغان.بۇ يەردە (ئىيسادوگان)  دىگەن كىشى غەللە –پاراق يىغقان.شۇنىڭ بىلەن كەڭ كەتكەن ئېكىنزارلىقنى ئاشلىق بىجى يىققۇچى ئېسا دىگەن كىشىنىڭ نامى بىلەن(ئىيسا  دوگان)  دەپ ئاتىغان.

10.ئاتقۇتان-بۇ جاي دۈڭقوتان يىزىسى تاتلىق كەنتىنىڭ غەربىدىكى(ئابباس) تۇزلەڭلىگىنىڭ غەربىي شىمالىغاجايلاشقان بولۇپ،بۇ جايغا (خوراز)  دىكى دۆڭنىڭ يىنىدا بىر دەريا ئېقىنى تارىم دەرياسىدىن بىر جىرا ھاسىل قىلىپ،غەرىپكە قاراپ ئېقىپ،ئۇچ كلومىتىردىن ئارتۇق ئاققاندىن كىيىن《V》ئايلىنىپ ،يەنە تارىم دەرياسىتەرەپكە قاراپ ئېقىپ،دەرياغا يېنىپ چۇشكەن بولۇپ،دەريا تەرىپى تېيىز،بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ،تەبىئى ھالدا كەڭرى بىر قوتان شەكىللەنگەن.شۇڭلاشقا كىشىلەرتۇتالمىغان ئاتلىرىنى تارىم دەرياسى تەرەپكە ئاپىرىپ ،ئۇ يەردىن شىمال تەرەپكەھايداپ،بۇلۇڭنىڭ ئەڭ تار ھەم دەريانىڭ چوڭقۇر تەرىپىگە تۇتاشقان يىرىگە توپلاپ ئاسانلا تۇتىۋالىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن بۇجاي ئات قوتان دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1952-يىلى لوپنۇرناھىيە 2-رايوننىڭ10-يېزىسى بۇ يەردە قۇرۇلغان.يېزىغا قادىر ئىسىملىك بىر كىشى يىزا باشلىغى بولغان بولۇپ،ھەممە خەلقنى توپلاپ،،بۇ يەرنى چوڭ مەھەللىگەئايلاندۇرۇپ،《V》شەكىللىك بۇلۇڭنىڭ سىرتىغامەكتەپ،شەرىق تەرەپىگە نوڭخۇي ئىشخانىسى سېلىپ،تەشكىللىك ھالدا پارتىيىنىڭ تۇرلۇك سىياسەتلىرىنى ئاممىغا يەتكۇزگەن.مەنمۇ شۇ يىلى شۇيەردە مەكتەپكە كىرگەن.1956-يىلىغاكەلگىچە بۇ يەر بىر قانچە يىل ئاۋاتلاشقان.ئەمما 1956-يىلى دوڭقوتان تەۋەلىگىدىكى لوپلۇقلارنى 2-رايوندىن ئايرىپ بىر رايون تەسىس قىلىپ،رايون مەركىزىنى شوتاڭغا قۇرغان بولۇپ،ئات قوتانلىقلارنى 9-يېزا، قارچۇغۇلۇقلارنى 10-يېزا، غودايلىقلارنى11-يېزا قىلىپ ئايرىغان،كوممۇنالاشقاندىن كىيىن،ھەممە ئادەم مىرسالىغا كۆچۇرۇلۇپ كىلىنگەندىن كىيىن،بۇ جايدىكى مەھەللىلەر ئەمەلدىن قېلىپ خارابىلاشقان.

11.باراي ئاخلىغان بۇلۇڭ -بۇ جاي قارچۇغا يېزىسىنىڭ شەرقىدىكى ھازىرقې چوڭ كۆۋرۇكنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دەريانىڭ ئەگمىسى بولۇپ،1907-يىلى (ئىسلام بەگ ھاجى)  ھەرەمگە بىرىشتىن بۇرۇن،بىر ساۋاپلىق ئىش قىلىپ دەرياغا كۆۋرۇك سېلىشنى مەخسەت قىلىپ،بۇ يەردە ئائىلە ئەزالىرىنى يېغىپ،1000تالدىن ئارتۇق چوڭ لىم كەسكەن (لوپلۇقلار   چوڭ لىم ياغاچنى باراي دەپ ئاتايدۇ) . ھەم بۇ ياغاچلارنى دەريا بويىغا توپلاپ كۆيدۇرۇپ  ئاخلىغان. ئەمما كۆۋرۇككە كىرەكلىك تۆمۇر ناھايىتى كۆپ بولۇپ،،بۇنى ھەل قىلالمىغانلىغى ئۇچۇن،كۆۋرۇك سىلىنمىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ،بۇ جاي باراي ئاقلىغان بۇلۇڭ دەپ ئاتالغان.

     12.بالىلار سالاسى ۋە كېيىك سويدى ـــ بۇجاي قارچۇغا يېزىسىنىڭ قۇملۇقنىڭ ئىچىدىكى ئىككى جىرا بولۇپ،(بالىلار سالاسى) دىگەن جايدائىسلام بەگ ھاجى ئوۋچىلىق قىلىپ يۇرگەن مەزگىللەردە بۇ يەرگە بىر ساتما ئۆيسىلىپ،ئىككى كىچىك بالىسى بىلەن بىرگە تۇرغان.بالىلار كىچىك بولغانلىغى ئۇچۇن،دا ئىم ئۆيگە سولاپ قويۇپ ئوۋغا چىقىپ كىتىدىكەن.ئۇ ئادىتى بويىچە بىر كۇنى ئوتنى كۆمۇپ قويۇپ،بالىلارنى ئۆيدە قالدۇرۇپ،ئۆزى ئوۋغا چىقىپ كىتىپتۇ.بۇ كىشى جەنۇپ تەرەپتىكى دۆڭنىڭ ئارقىسىدىكى ئوت –چۆپى ئوبدان بىر يەرگە ماراپ،  ئولتۇرۇپ،بىر كىيىكنى ئېتىپ،ئۇنى سويۇپ،ئاتقائارتىپ ئۆيگە يىنىپ كەلسە،ئۆي ئاللىقاچان كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن.بالىلار كۆيۇپ كۇلگە ئايلانغان.ئۇستىخانلىرىلا قالغان.ئەسلىدە كۈمۈپ قويغان ئوت شامالدا يالقۇنجاپ،قومۇشقا تۇتۇشۇپ،كۈيۈپ ئوت كەتكەن ئىكەن،شۇندىن كىيىن بۇ جاي (بالىلارسالاسى)، كىيىك ئاتقان جىرانى(كىيىك سويدى) دەپ ئاتىغان.

13. لوپ ئېرىغى ـــ سالى مىراپ1873-يىلى قارچۇغا يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى (پۇخۇي) دىگەن يەردە تۇغۇلغان.1974-يىلى101يىشىدا قارچۇغا يىزىسىنىڭ قارچۇغا كەنتىدە ۋاپات بولغان.بۇ ئادەم ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى سۇ قۇرۇلىشى ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇشكە سەرىپ قىلغان بولۇپ،كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ (سالى مىراپ)  دەپ ئاتىغان. ئەينى چاغلاردا كورلىنىڭ ھازىرقى ئاۋات يىزىسىنىڭ (ئۇششاق تېرەك)  دىگەن جايدىن كىسىپ ئۆتكەن،ئاق ئۆستەڭ غەرىپتە (مۈنكۈنئىگەر) دىگەن جايغىچە داۋاملاشقان بولۇپ،غەرىپتە چامپول،قارا ياغاچ قاتارلىق جايلارغا بىر قانچە قىتىم ئېرىق ئېچىپمۇسۇ چىقىرالمىغان ئىدى،بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،كورلا ئاۋاتلىق (ئابدۇللا دۇبىگى)دىگەن كىشى لوپلۇق سالى مىراپنى تەكلىپ قىلىپ، (ئاق ئۆستەڭنى)  راۋانلاشتۇرۇپ،بېرىشنى ئۆتۈنگەن.شۇنىڭ بىلەن سالى مىراپ بىر ئاي ۋاقىت چىقىرىپ،يەر شەكلىنى پىششىق ئېگەللىگەندىن كىيىن، (ئاق ئۆستەڭنى)  (قارا ياغاچ) قىچەداۋاملاشتۇرۇپ،قوزۇق قىقىپ،بەرگەن بولسىمۇ بۇ لاھىيە كورلىلىقلارنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن.چۈنكى چېپىلىدىغان ئېرىقنىڭ بېشى ئېگىزدىن،شۇنداقلا بېنەم يەرلەردىن ئۆتىدىغان بولغاچقا كىتىدىغان ئەمگەك كۆپ بولغاندىن سىرىت،بەزىلەرنىڭ يەرلىرىگە قايتا ئېرىق چىپىپ ئەكىلىشكە توغرا كىلەتتى.بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىغىنى پەملىگەن سالى مىراپ ئۆزۈرخالىق ئىيتىپ قايتىپ كەتكەن.لىكىن كورلىلىقلار 2-3يىل باشقا بىرقانچە جايدىن ئېرىق ئېچىپمۇ ئاياققا سۇ ئاپىرالمىغانلىغى ئۈچۈن سالى مىراپنى تەكلىپ قىلىپ،ئۆستەڭنىڭ ئايىغىنى قارا ياغاچتىن ئاياققا داۋاملاشتۇرۇپ سۇنى راۋانلاشتۇرغان.بۇ ئۆستەڭ راۋانلىشىپ،كىشىلەر ئىككى ئۈچ يىل سىناپ كۆرگەندىن كىيىن،ئۆستەڭنىڭ ئايىغىنى، قارا ياغاچتىن ئاياققا داۋاملاشتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن.سالى مىراپ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ،بۇ ئۆستەڭنى داۋاملاشتۇرۇپ،چېپىشقا قاتنىشىپ،بۇنىڭدىنمۇ ئۇتۇق قازانغان.بۇ ئادەمنىڭ سۇ قۇرۇلۇشىدىكى تۆھپىسىگە قايىل بولغان كىشىلەر بۇ ئېرىققا لوپ ئېرىغى دەپ نام بەرگەن.

ئىزاھات:يىڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە دۆڭقۇتان،قارچۇغىنىڭ ئورنى-لايسۇ دەپ ئاتىلىدۇ.

          مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3442

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-16
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: