لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن-«بۆلگۈ ئىشلىتىش»

لوپلۇقلارنىڭ«بۆلگۈ» ئىشلىتىش ئادەتلىرى توغرىسىدا

 شېرىپ موسا

    لوپلۇقلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەزەلدىن تارتىپلا «بۆلگۈ» ئىشلىتىپ كەلگەن، ئۇنى ئۈزۈپ قويماي ھازىرغىچەداۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

      لوپلۇقلار تىلىدىكى«بۆلگۈ» سۆزى-ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبى تىلىدا «بەلگە» دېيىلىدۇ. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغىرنىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ 1-توم 557-بېتىدە «بەلگۈ»دەپ خاتىرىلەنگەن ھەم مەنىسى-«بەلگە، نىشان» دەپ ئىزاھلانغان. لوپلۇقلار تىلىدىكى«بۆلگۈ» سۆزى- «تۈركى تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلەنگەن «بەلگۈ» سۆزىدىن پەقەت بىرھەرپلا پەرق قىلىدۇ. مەزمۇنمۇ-«بەلگە، نىشان-نىشانە» بولۇپ، ئۇلار شەكىل، مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە. ئۇنىڭ يېزىقتا خاتىرىلەنگەنلىكىگە ھازىر 1000 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت بولدى. بۇنىڭدىن لوپلۇقلارنىڭ «بۆلگۈ» ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىگە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولغانلىغىنى بىلىۋالىغىلى بولىدۇ. لوپلۇقلار ئادەم ۋە نەرسىلەرگە ھەرخىل ماددى بويۇملارنى بۆلگۈ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بەزى نەرسىلەرگە بىرلا ماددى بۇيۇم بۆلگۈ قىلىپ ئىشلىتىلسە، بەزى نەرسىلەرگە بىر قانچە ماددى بويۇملار بۆلگۈ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇنداق بۆلگۈ قىلىپ ئىشلىتىلگەن بويۇملارنىڭ ئوخشاش خىلدىكى بۆلگۈقىلىپ ئىشلىتىلمىگەن بويۇملارغا قارىغاندا مەنىسى كەڭرەك بولىدۇ، ئۇلار جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ. لوپلۇقلارنىڭ «بۆلگۈ» بىلەن بېجرىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ تۈرى، دائىرىسى خېلىلا كەڭ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

      لوپلۇقلارنىڭ ئائىلىسىدە كۆپ ھاللاردا ئائىلە باشلىقى بولىدۇ، ئائىلىدە ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن،قىلغىنى قىلغان بولۇپ، ھېچكىم قارشى چىقالمايدۇ. ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ، ئۇنىڭ تاپشۇرىغى بويىچە ئىش قىلىدۇ. ئائىلە باشلىقى بىر ئائىلىدە ئەنەشۇنداق ئەمىلى ھوقۇققا ئىگە. ئۇنىڭ تۇرمۇش بويۇملىرى يەنى پىچاق، بەلۋاغ، قامچا قاتارلىق بويۇملىرى بۆلگۈسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ بۆلگۈلەرنى پۈتۈن ئائىلىدىكى كىشىلەربىر كۆرۈپلا تونۇۋالالايدۇ، ئۇ شۇ ئائىلىنىڭ تەۋەررۈك نەرسىلىرى بولىدۇ.

    بۇ بۆلگۈلەر قانداق ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلىدۇ؟

        ئائىلە باشلىقىنى قاسىم دەپ ئاتايلى، قاسىمنى سەپەرگە چىقتى دەيلى، يولدا كېتىۋاتقاندا ئاسىم ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ قەرز سورىسا، قاسىم ئۇنىڭغا-ئۆيۈمگە بېرىپ ئېلىۋال دەپ بۆلگۈلىرىدىن بىرنى بەرسۇن، ئاسىم قاسىمنىڭ ئۆيىگە بۆلگۈنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرىدىن سورىغان قەرزىنى ئالالايدۇ.

     بۇرۇنلاردا لوپلۇق ئەرلەر ئۆيلەنگەندە نىكاھغا ئۆزى بارالمىسا، ئۇرۇق-تۇققانلىرى قىزىنى ئۇنىڭ پىچىقى ياكى قامچىسىغا نىكاھ قىلدۇرۇپ ئەكىلىدىغان ئىشلار بولغانكەن. بۇ ئىشلاردا بۆلگۈلەر ئۆز ئىگىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. بۇ ئائىلىدىكى بارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

       ئاشىق-مەشۇقلاربولۇشقانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ راستلىغى ئۈچۈن «بۆلگۈ» قىلىپ ئاشىق-مەشۇققا ئۆزىنىڭ پىچىغىنى، ئۈزىگىنى، مەشۇق ئاشىقىغا تاماكا خالتىسى، قولياغلىق قاتارلىق بويۇملارنى بېرىدۇ. ئۇلار مۇۋاپىق پەيت تېپىپ كۆرۈشكەندە بۇ بويۇملارنىڭ يېنىداساقلىغان-ساقلىمىغانلىغىنى بىلىش ئۈچۈن سۈرۈشتە قىلىشىدۇ. ياندا بار بولسا بىر-بىرىگە سەمىمى، سادىق بولغانلىغى، ۋەدىگە ۋاپا قىلغانلىغى مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ. يوق بولسا ئىزدەك-سورىغى بولىدۇ. يوق بولۇشنىڭ سەۋەپلىرى ئېنىق بولمىسا ئالا كۆڭۈللۈك بولۇپتۇ دەپ مۇناسىۋەتكە دەز كېتىدۇ.

    لوپلۇقلار مال-چارۋىلىرىغا بۆلگۈ قىلىپ ئەن سالىدۇ-تامغا باسىدۇ. بىرەر مال يۈتۈپ كېتىپ،باشقا بىرسى ئىگەللەپ ئالغان بولسا، ئۇنى ئەن-تامغىسى ئارقىلىق تونۇپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ. مەلۇم بىر يەردە بولۇق ئۆسكەن ئوت-چۆپ بولسا، ئالدىن كېلىپ كۆرگەن كىشى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇ يەر-بۇ يېرىدىن سول يېرىپ 5-10 دانە ئۆنچە ئورۇپ بۆلگۈ سېلىپ قويىدۇ، كېيىن كەلگەن كىشى بۇنى كۆرۈپ، بىرسى ئىگەللەپ بۆلگۈ سېلىپ قويۇپتۇ دەپ قول تەككۈزمەيدۇ. بۇنداق قىلىش لوپلۇقلارنىڭ ئودۇمىغا ئايلانغان، دېيىشكە بولىدۇ.بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار نامەرد، قىزىلكۆز دەپ ئەيىپلىنىدۇ. چارۋىچىلار يولدىن يىراق يەرگە ياكى بۆك جاڭگاللىق ئىچىگە ئوتاق تۇتقان بولسا، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئوتاقنى ئوڭاي تېپىپ كېلىشى ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى دۆڭگە ئۇزۇن خادا ياغاچنى تىك قاداپ، ئۇچىغا رەڭدار لاتا ئېسىپ بۆلگۈ قىلىپ قويىدۇ. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئەشۇ بۆلگۈگە قاراپ مېڭىپ، ئوتاقنى ئوڭاي تېپىۋالالايدۇ.

       لوپلۇقلار ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل ئوت-سۇ قوغلۇشۇپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇمەزگىللەردە كىم نەدە چارۋا باقسا شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالاتتى. خوشنىلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق ئىدى. كىشىلەر ئەنە شۇنداق تارقاق ئولتۇرۇپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇ چاغلاردا مۇبادا بىرسى ئۆلۈپ تارتىپ قالسا، ئۇنىڭ مېيىتى چارۋاباققان يايلىقى ئۈستىگە قەبرە ياسىلىپ قويۇلىدۇ. مېيىت ئىگىلىرى ئوت-سۇ قوغلۇشۇپ بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەكچى بولسا، قەبرە ئورنىنىڭ قۇم بېسىپ يوقاپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن بۆلگۈ ھېساۋىدا قەبرە بېشىغا شەددە قاداپ ئۇچىغا قوچقار كاللىسى، كالا مۈڭگۈزى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېسىپ. ئەتراپىنى چىتلاپ بۇنىڭ بىلەن قەبرە ئورنى يوقاپ كەتمەيدۇ. كىشىلەر تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كەلگەندە ئەشۇ بۆلگۈلەرنى ئاساس قىلىپ قەبرىنى ئاسان تېپىۋالىدۇ.

      لوپلۇقلارنىڭ ئېغىر قات ئاياللىرى تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقاندا يۈز بېرىدىغان قىزىئولوگىيىلىك ھادىسلارنى ئۆزىنىڭ توغۇدىغان ۋاقتىنىڭ بۆلگۈسى قىلىدۇ. ئېغىر قات ئايال بۇ ھادىسىنى كۆرگەندە«يەڭگىيدىغان ۋاقتىم بولۇپ قاپتۇ» دەپ تۇغۇت تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ، ئۆزىگە دىققەت قىلىدۇ، ئېغىر ئىشلارنى قىلمايدۇ، ئۆيدىن يىراققا بارمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرمۇ تەييار ھالەتتە تۇرىدۇ.

       كۆلچى كۆلگە كىرىپ جىقراق بېلىق تۇتسا، ئالدى بىلەن بېلىقنىڭ قارنىنى يېرىپ ئۈچىيىنى ئېلىۋېتىدۇ،قايسى بېلىقنىڭ ئۈچىيى ياغ بىلەن قاپلانغان بولسا، كۆلچى شۇ بېلىقنى سەمرىگەن بېلىقكەن دەپ قۇيرۇق چاچۇسىنى (قانىتىنى) كەتىپ (قىيىپ) بۆلگۈ سالىدۇ. بۇنداق بۆلگۈ سېلىنغان بېلىقلارنى كۆلچى ئۆزى ئىستېمال قىلىدۇ ھەم يېقىن كىشىلىرىگە بېرىدۇ. بۇرۇنلاردا لوپلۇقلار جاڭگاللىقلاردا ئوسا چىققان يەرلەرگە ھەيدىمەيلا قىچا، زاغۇن قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۈستىدىن شاخ-شومبا سورەپ يوپۇرۇپ قوياتتى. بۇ ئۇلارنىڭ شۇ يەرنى تېرىغىنى ھېسابلىناتتى. بۇنداق يەر تېرىغان كىشى ئىككىنچى بىر كىشنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئۈستىدىن ئۇرۇق چېچىپ تېرىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن، بادىرا ياغاچلارنىڭ ئۇچىغا شاخ-شومبا باغلاپ ئۇيەر-بۇيەرگە قاداپ بۆلگۈ قىلىپ قويىدۇ. بۇ بۆلگۈلەرنى كۆرگەن كىشى «بۇ يەر تېرىلىپ بوپتۇ»-دەپ تېرىمايدۇ.

    لوپلۇقلار تەكلىماكاندەك كەڭ كەتكەن قۇملۇقلارنىڭ ئىچىگە كىرمەكچى بولۇپ سەپەر قىلسا،قايتىشتا ئېزىپ قالماسلىق ئۈچۈن ماڭغان يولىغا ھەرخىل بۆلگۈلەرنى قىلىپ قويىدۇ.يەنى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بار جايلاردا بۇ ئۆسۈملەكلەرنىڭ ئۈچىنى چىگىپ قويىدۇ،چوڭ دەرەخ، دۆڭ-دوۋۇر بار جايلار بولسا ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنى، شەكلىنى كۆزىگە سىڭدۈرىۋالىدۇ. ھېچنەرسە يوق تۈز كەتكەن تاقىر يەرلەردە بولسا يولنىڭ يۆنىلىشى بويىچە بىر ياغاچنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئۈستىگە يەنە بىر ياغاچنى توغرىسىغا مىنگەشتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ بۆلگۈلەرگە ئاساسلىنىپ يولدىن ئېزىپ قالمايدۇ. بۇلارنى لوپلۇقلار تارىختا ئىشلەتكەن بۆلگۈلەرنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى دېيىشكە بولىدۇ. بىر قىسىم بۆلگۈلەر جەمئىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا ئىستېمالدىن چۈشۈپ قېلىپ ئۇنتۇلغان بولۇشى مۇمكىن. بىرەر ئىش ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قانچەئامىللار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۆلگۈلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. يۇقىرىدائوتتۇرىغا قويۇلغان بۆلگۈلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق كۆچمەن چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق، كۆلچۈلۈك، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئۆز-ئارا مۇھەببەت،كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈز بېرىدىغان ھەر خىل ۋەقەلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئامىل قىلغان. ئۇلار بارلىققا كەلگەندىن باشلاپلا لوپلۇقلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن، قىيىن ئىشلىرىنى ئاسان قىلغان، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيلىگىنى ئاشۇرۇپ رەڭدارلاشتۇرغان.

        بۆلگۈلەرنىڭ بۇجەمئىيەتتىكى تۆھپىسىنى كىچىك دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن لوپلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئۇلار زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ماڭماقتا. ئەمدىلىكتە لوپلۇقلارنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن قەدىمى، ئىپتىدائى بۆلگۈلەرنى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان بولدى.شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ بۆلگۈلەر ئىستېمالدىن قالدى. بۇنداق ئەھۋال لوپلۇقلارنىڭ بۆلگۈ ئىشلىتىشىگە ئۈزۈكچىلىك ئېلىپ كەلمەي، ئۇنىڭ ئەكسىچە يېڭى-يېڭى بۆلگۈلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا ئىشلىتىلىۋاتقان زامانىۋى بۆلگۈلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ھازىر لوپلۇقلار دۆلەت گىربى، ئولىمپىك بەلگىسى، ماركا، قۇت بەلگىسى قاتارلىق زامانىۋى بەلگىلەرنى ئىشلىتىدىغان بولدى. بۇ لوپلۇقلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتكە قاراپ تەرەققى قىلغانلىغى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

        ئەسلى مەنبە:“سىھىرلىك لوپنۇر ”ناملىق كىتاب

        توردىكى مەنبەسى:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3578

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-27
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: