ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىئالىكتىكىسىدىكى قەدىمكى تەركىپلەر

ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىئالىكتىكىسىدىكى قەدىمكى تەركىپلەر

ئاپتورنىڭ ئىسىم –فامىلىسى:  ئابلىكىم ئابدۇرەشىد

خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى

ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىئالېكتىكىسى ئۆزىدىكى فونىتىكىلىق، لىكسىكىلىق ۋە مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىئالېكتىكىلىرى ۋە شىۋىلىرى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. روسىيە تەتقىقاتچىلىرىدىن س. يې. مالوفنىڭ «لوپنوردىيالېكتى»[1]،ئېلىمىز تەتقىقاتلىرىدىن مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىلىرى بولغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىئالېكتى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھ. ئۇ. ت. ل. د»دەپ ئېلىنىدۇ) ئارقىلىق بىز لوپنور دىئالىكتىكىسىنىڭ ئالاھىدە فونىتىكىلىق خۇسۇسىيىتى، مورفولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى ۋە لىكسىكىلىق قۇرۇلمىسى ھەققىدە مۇەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق.

دىئالىكتىكا خۇددى تىلغا ئوخشاش چوڭقۇر تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۇنىشگە ئىگە بولۇپ،دىئالىكتىكىدىكى ئالاھىدە خۇسۇسىيەت ۋە لىكسىكىلىق قاتلام قۇرۇلمىلار بىزنىڭ بۇ تىلنى سۆزلۇگۇچى خەلق توپىنىڭ مەلۇم بىر دەۋردىكى تارىخى ۋە ئىختىمائىي ھاياتىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن بىزنى مۇئەييەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.  شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتىكىسىدىكى لېكسىكىلىق تەركىپلەرگە گورزېنتال ۋە ۋېرتىكال نوقتىسىدىن سىلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكىتىكىسى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ماقالىدا «لوپنورخەلق چۆچەكلىرى» (لوپنور ناھىيىلىك خەلق ئەدىبىياتى توپلاملىرى تەھرىر ھەيئىتى تۈزگەن، 1992-يىلى، «جۇڭگو خەلق چۆچەكلىرى توپلىمى شىنجاڭ تومى»)، «ئۇيغۇرشىۋىلىرى سۆزلۈگى» (غولام غوپۇرى تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ،1986-يىلى)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتى» (مىرسۇلتان ئوسمانوف تۈزگەن) قاتارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئۇچرايدىغان لېكسىكىلىق تەركىپلەرنىڭ قەدىمكى قاتلىمى توغرىسدا مۇلاھىزە يۈرگىزىلىدۇ.

لوپنور دىيالېكتىكىسى گەرچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان دىيالېكتىكا تەركىپى بويىچە تەكشۇرىلىپ تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن بۇ دىيالېكتىكا ئىچىدىكى سۆزلىكلەرنىڭ لېكسىكىلىق ۋەفونىتىكىلىق ئالاھىدىلىكى جەھەتتىكى ۋېرتىكال سىلىشتۇرمىسى بۇ دىيالېكتىكىنىڭ لوپنور رايۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شۇنداقلا لوپنور رايۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جايلاردىكى قەدىمكى تىل تەركىپلىرى بىلەن ئاندۇر-ساندۇر مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كورسىتىپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېلىپ ئىيتقاندا، لوپنور دىيالېكتىكىسىدىكى قەدىمكى تەركىپلەرنىڭ بىزنىڭ ھىچ بولمىغاندىمۇ سىلىشتۇرما تارىخىي تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن قەدىمكى لوپنورلۇقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئېتنىك تەركىپىنى ئانالىز قىلىشىمىزغا ياردەملىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

لوپنور دىيالېكتىكىسىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچەتەركىپلەر:

لوپنور دىيالېكتىكىسدالېكسىكىلىق مەنا ۋە فونىتىكا جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاش بولغان سۆزلىكلەر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئورخۇن دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى ئابىدىلەر ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددىزىم ۋە مانىئىزىم تىكىستلىرىدە ئۇچرايدىغان سۆزلىكلەرنىڭ ئەينەن لىكسىكىلىق مەنىسى ۋە فونىتىكىسىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېكتىكىلىرىغا سىلىشتۇرغاندا تىخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:

①.jazoq (يازۇق) –گۇنا. بۇ سۆزنىڭ پىئل شەكلى jaz، ”خاتالاشماق، خاتالىق ئۆتكۇزمەك“ دېگەن مەنىدەكېلىدۇ.[ھ.ز.ئۇ.ت.ل.د. 497-498-بەتلەر]. بۇ سۆز ئەسلىدە «گۇنا» مەنىسىدىكى yaz دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كىيىنچە «كەمچىللىك، خاتالىق،يىتىشسىزلىك» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولغان. بۇ سۆز 8-ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرچە مانى دىنى ۋەسىقىلىرىدە suy yazuk bomazun «گۇناھ بولمىسۇن» (suy بولسا خەنزۇچىدىكى 罪 نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى) شەكلىدە،ئۇيغۇرچە بۇددىزىم مەتىنلىرىدە yazukda bošunmak «گۇناھدىن ساقىت بولماق» دېگەن شەكىللەردە ئۇچرايدۇ.[2] بۇ سۆزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقادىيالېكتىكىلىرىدىكى قوللىنىش چاستوتىسى تۆۋەن بولۇپ، لوپنور دىيالېكتىكىسىدا بۇسۆز ئەينەن فونىتىكىلىق شەكىل ۋە لىكسىكىلىق مەنا بويىچە ساقلىنىپ قالغان.

②. өp (ئۆپ) ― سۆيمەك [ھ.ز.ئۇ.ت.ل.د.485-بەت]. بۇ تۈركىي تىللىرىغا خاس بولغان قەدىمكى سۆز بولۇپ 11-ئەسىردىن بۇرۇنقى ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» (1-توم، 163-بەت، ئېنگلىزچەنۇسخىسى) دا

 ol meni öpdi (ئۇ مېنى سۆيدى) دەپ كۆرۇلسە، «قۇتادقۇبىلىگ» دە öp ئاساسەن ھۆرمەت ۋە ئۇلۇغلۇقنى بىلدۇرىدىغان «يەرنى سۆيۇش»مەنىسىدە كەلگەن.[3] بۇنىڭدىن تېخىمۇ بۇرۇنقى دەۋردىكى شەكلى 8-ئەسىردىكى ئۇيغۇرچە بۇددىزىم مەتىنلىرىدە öpištikučišti (سۆيۇشتى ۋە قۇچاقلاشتى) دەپ خاتىرلەنگەن. دىمەك بۇ سۆزنىڭ ھازىرچە مەلۇم بولغان ۋەسىقىلەردىن بىلىشىمىزچە قوللانغان دەۋرى خىلى بۇرۇن بولۇپ،لوپنور دىيالېكتىكىسىدا بۇ سۆز ئەينەن ساقلىنىپ قالغان.

③. otoq (ئوتوق) ― قونالغۇ،ئولتۇراق ئورۇن. [ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 479-بەت]. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «كىچىك ۋاقىتلىق تۇرالغۇ» بولۇپ، «ۋاقىتلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدىغان مەنىسى تۈركىي تىللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە شەرقىي شىمالى تارماق تىللىرىدا بىر قەدەرئومۇملاشقان بولسا، باشقا تارماق تىللىرىدا «كىچىك تۇرالغۇ» دېگەن مەنىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ سۆز «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادقۇبىلىگ» دە   otaγۋە otak شەكلىدە كۆرىلىدۇ. بۇ سۆز ھازىرقى زامان پارس تىلىغا تۈركىي تىللىرىدىن otaqشەكلىدە ئۆزلەشكەن. بۇ سۆز لوپنور دىيالېكتىكىسىدا قەدىمكى تۈركى تىللىرىدىكى مەناۋە فونىتىكىلىق شەكلىنى ساقلاپ قالغان.

④. appa(ئاپپا) ― ئاچا [ ھ.ز. ئۇ. ت. ل. د. 390-بەت]. تۈركىي تىللىرىدا بۇ سۆز كۆپلىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى «چوڭ دادا»، «چوڭ ئانا»، «دادا»، «ئانا»، «ئاكا»،«ئاچا» دېگەن مەنىلەرگە مەركەزلەشكەن. گەرچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئايرىم دىيالېكت ۋە شىۋىلىرىدە (مەسىلەن قەشقەردە) ئاپىسىنى ئاچا دەپ ئاتايدىغان ئەھۋاللار باربولسىمۇ لىكىن بۇنى قەدىمكى تۈركىي تىللىرىدىكى بۇ لېكسىكىلىق مەنا بىلەن باغلاپ چۈشەندۇرىشكە بولمايدۇ. لوپنور دىيالېكتىكىسىدا بۇ سۆز «ئاچا» مەنىسىنى بىلدۇرۇپ كىلىدىغان بولۇپ، قەدىمكى تۈركىي تىللىرىدىكى «چىشى قىرىنداش» مەنىسى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىدى.

ariγ-ariq.⑤ (ئارىغ-ئارىق) ― ئېرىغ،پاكىزە، تازا. [ ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 393-بەت].بۇ سۆز تۇرپاندىن تېپىلغان ئۇيغۇرچەمانى دىنى تىكىستلىرى ۋە بۇددىزىم تىكىستلىرىدە  äriγ-ariγ شەكلىدە كۆپ ئۇچرايدۇ،[4] مەنىسى «پاكىز» دېگەنلىك. ئەمما ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقادىيالېكىت ۋە شىۋىلىرىدا ئاساسەن εriq دەپ تەلەپپۇزقىلىنىدۇ.

⑥. altin (ئالتىن) ― ئاستىن [ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 397-بەت]. بۇ سۆز alt + in يەنى «ئاستى، تېگى» دېگەن مەنىدىكى alt ۋە ئورۇن كېلىش مۇناسىۋىتىنى بىلدۇرۇپ كېلىدىغان ئارقا قوشۇلغۇچى in دىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «ئاستىدا، تېگىدە، تۆۋەن تەرىپىدە» دېگەندەك مەنىلەردە كىلىدۇ. altin سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوللانغان ۋاقتى بۇرۇن، قوللىنىش چاستۇتېسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولۇپ، لېكسىكىلىق مەنا جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقانداھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېكىتلىرى بىلەن بىر ئاز پەرقلىق بولغان.بۇ سۆز 8-ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەردە

 erkamiš altin yanta sallap (ئادەمنى قۇمۇش ئاستىدىكى سالغا سېلىپ) دەپ، مۇشۇ دەۋرلەرگەتەئەللۇق بولغان ئۇيغۇرچە نىستۇرىيان (خىرىستىيان دىنىنىڭ شەرققە تارقالغان مەزھىپى) تىكىستلىرىدە يەنە iki yašdaaltin oγlan (ئىككى ياشتىن تۆۋەن ئوغۇل يەنى ئىككى ياشقا توشمىغان ئوغۇل) دەپ كۆرۇلسە.بۇ سۆز يەنە تۇرپان تىكىستلىرىدەn teηriyeri altin tamu yeri üüst دەپ ئۇچرايدۇ.[5] دەۋرى سەل كىيىنرەك بولغان تىل مەنبەلىرىدە مەسىلەن«قۇتادغۇبىلىگ» دە بۇ سۆز bularda eηaltin bu yalčik yorir (بۇ سەييارىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاستىدىكىسى ئايدۇر) دەپ خاتىرلەنگەن. يۇقارقى تىل مەنبەلىرىدىكى سۆز ئشلىتىلىتىلىش شارائىتىدىن قارىغاندا،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى altin سۆزى üstün سۆزى بىلەن قارمۇ-قارشى مەنىلىك سۆز ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇئىككى سۆزنىڭ بىرىكمە ھالەتتىكى قوللۇنىلىشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقادىيالېكىت ۋە شىۋىلىرىدىكى astün-üstün بىلەن روشەن سىلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. ئەمما لوپنور دىيالېكتىكىسىدابۇ سۆزنىڭ ئەسلىدىكى لېكسىكىلىق مەنىسى ساقلاپ قىلىنغان.

⑦. qaŋ (قاڭ) ― بوۋا، چوڭ دادا [ ھ.ز. ئۇ. ت. ل. د. 459-بەت]. بۇ سۆز ئورخۇن تىكىستلىرىدە kang شەكلىدە كۆرىلىدۇ، مەنىسى «دادا، ئاتا» دېگەنلىك.[6] ئۇندىن باشقا 8-ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ئۇيغۇرچە بۇددىزىم مەتىنلىرى ۋە مانى دىنى ۋەسىقلىرىدە بۇ سۆز كەڭ تۈردە قوللىنىپ كېلىنگەن.

⑧.qaraʧi (قاراچى) – ئاددى پۇقرا، ئاددى خەلق [ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 456-بەت].بۇ سۆز لوپنور خەلق چۆچەكلىرىدە مۇنداق كەلگەن:

musama qaraʧ(i)idi

atasidin qilmajbεglik

(مۇسا ئاددى پۇقرا ئىدى،ئاتا – بوۋىسىدىن بەگلىك قىلمىغانىدى)

بۇ سۆز قەدىمكى تۈركىي تىللىرىدىكى «ئاددى خەلق» مەنىسىدىكى qara بىلەن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە či نىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن. بۇ سۆز تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىداخىلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن سۆز. بۇ سۆزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋارىيانتلىرىدىن بولغان qarabodun قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرتىلىدا كەڭ دائىرىدە ئۇچرايدۇ، مەنىسى «ئاددى خەلق» دىمەكتۇر.  بۇ سۆزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋارىيانتىنى8-ئەسىرلەردىكى تۈركچە ۋەسىقىلەردىكى qara bodun, qara kamaγbodun؛ ئۇيغۇرچە تۇرپانتىكىستلىرىدىكى kara bodun؛ يىنسەي ۋادىسىدىكى تاش ئابىدىلەردە ئۇچرايدىغان karabodu:n؛ 8-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرچەمانى دىنى ۋەسىقىلىرىدىكى kara eğilboduniγ قا باغلاشقابولىدۇ.[7] qarači دېگەن بۇ سۆز تۈرك تىللىرىدىن موڭغولچىگە qaraču شەكلىدە ئۆزلىشىپ، چىڭگىزخان ئۇرۇقىدىن بولمىغان باشقا موڭغول قەۋمىدىكى خەلقلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن.[8] «دىۋان» دا ۋە موڭغول دەۋرىدىن كىيىنكى باشقا تۈركچە ۋەئىسلام مەنبەلىرىدە بۇ سۆز ئەسلىدىكى «ئاددى خەلق» مەنىسىدىن ئۆيمۇ – ئۆي ئارىلاپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان «تىلەمچى، قەلەندەر» دېگەن مەنىنى بىلدۇرۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرتىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتىكىسدا بۇ سۆز «ئاددى خەلق» دېگەن قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرتىلىدىكى لىكسىكىلىق مەنا ۋە فونىتىكىلىق شەكلىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.

لوپنوردىيالېكتىكىسدىكى ئىران تىللىق تەركىپلەر:

   لوپنور دىيالېكتىكىسىدىكى ئىران تىللىرىدىن[9]  كىرگەن سۆزلىكلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېىكىتىكىلىرى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ ئەممافونىتىكىلىق قۇرۇلمىسىدا روشەن ئۆزگىچىلىك بار بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىدىن چۈشەندۇرۇش مۇمكىن: بىرىنچىدىن، ئىران تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلىكلەرنىڭ كىرىش يوللىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقادىيالېكتىكىلىلىرى بىلەن ئوخشاش بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان پەرق؛ ئىككىنچىدىن، ئىران تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلىكلەر فونىتىكا جەھەتتىن لوپنور دىيالېكتىكىسىنىڭ فونىتىكىلىق ئالاھىدىلىگىكە بويسۇنۇپ كەتكەنلىكىدىن كۆرۇلگەن پەرق بولىشى مۇمكىن.مەسىلەن: لوپنور دىيالېكتىكىسىدا سۆز بېشى «ر» بىلەن باشلانغان سۆزلىكلەر ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسى بويىچە بۇ تاۋۇشلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇزۇك تاۋۇشلارنى ئالدىغا يۆتكەش ئارقىلىق ئۆز دىيالېكتىكىسىنىڭ  فونىتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگەماسلاشتۇرۇلغان ئىدى. مەسىلەن:

Iras (راست)، irazi (رازى)، iramazan (رامىزان)، iraj (راي)، orodzεk (روجەك، پەنجىرە).

بۇخىل فونىتىكىلىق ھادىسە يالغۇز لوپنور دىيالېكتىكىسىدىلا ماۋجۇت بولۇپ قالماستىن موڭغول تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدىكى بارلىق ئالتاي تىللىرىدا كۆرىلىدىغان فونىتىكىلىق ھادىسە. بىز ئاتاپ كېلىۋاتقان «ئورۇس» ۋە خەنزۇچىدىكى 俄罗斯 دەل «روس» نامىنىڭ ئالتاي تىللىق جۇملىدىن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىل ۋاستىسى بىلەن فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ خەنزۇ تىلىغا ئۆتىشى بىلەن شەكىللەنگەن نام ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆرىلىدىغان ئومۇميۇزلۇك تىل ھادىسىسى بولۇپ، لوپنور دىيالىكتىكىسىدا روشەن ھالدا ساقلىنىپ قالغان ئىدى.

لوپنور دىيالېكتىكىسدا ئىران تىللىرىدىكى بەزى قەدىمكى تەركىپلەرنى بايقاش مۇمكىن. مەسىلەن: khanpor~khanpur. بۇ سۆز «لوپنور خەلق چۆچەكلىرى» دىكى «پاچاق قۇلى» ناملىق چۆچەكتە «خانپۇر» دەپ ئۇچرايدۇ. «لوپنور خەلق چۆچەكلىرى» دىكى ئىزاھاتتا بويىچە بۇسۆز «ئىسىلزادە، خان ئەۋلادى» دەپ چۈشەندۇرۇلگەن.[10] khanpor~khanpur دىكى pur~por (پۇر~پور) تىپىك ئىران تىلى تەركىپىگە ئىگە قەدىمكى سۆز بولۇپ،مەنىسى «ئوغۇل» دىمەكتۇر. بۇ سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قەدىمكى ئىران تىلىدىكى ئەڭ قەدىمكى تەركىپلەردىن بولغان «ئاۋىستا» تىلىدىكى puθra (ئوغۇل) غا باغلاشقا بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ باشقا ئىران تىللىرىدىكى تارقالغان ۋارىيانتى كۆپ بولۇپ، قەدىمكى پارسچىدە puča؛ زوروئاستىيان پارسچىسىدە pus, pusdan؛ يىڭى پارسچىدە pusar, pisar, pus؛ ئارشاكچە مانى دىنى ۋەسىقىلىرىدە pwhr؛ پەھلىۋى تىلىدا pws دەپ كۆرىلىدۇ.[11] ئوتتۇرا قەدىمكى پارس تىلى ۋە سوغدىچە ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان faγfur بولسا قەدىمكى ئىران تىلى مەنبەلىرىدىكى ئەمەل ۋە ھۆرمەت نامىبولغان bag(a)furبىلەن بىر مەنبەلىك بولۇپ، مەنىسى «ئىلاھ ئوغلى، شاھزادە» (خەنزۇچە 天子) ئىدى. ئەمما بۇنىڭدىكى fur نى لوپنور دىيالىكتىكىسىدىكى pur~por بىلەن بىۋاستە باغلاشقا يىتەرلىك يازما مەنبەلىرىمىز يوق بولسىمۇئەمما خوتەن ساك تىلى ۋەسىقىلىرىدە ئۇچرايدىغان para بىلەن بىلەن ئوخشاش لىكسىكىلىق مەنا ۋە يىقىن فونىتىكىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، لوپنور دىيالېكتىكىسىدىكى khanpor~khanpur نى ئىران مەنبەلىرىدىكى faγfur ۋە bag(a)fur بىلەن ئۆز-ئارا باغلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايمىز.مىنىڭچە بۇ سۆز ئىران تىللىرىدىكى faγfur ياكى bag(a)fur نىڭ يېرىم تۈركچە يېرىم ئىرانچە ئۆزلەشتۇرمە شەكلى بولىشى مۇمكىن.

لوپنوردىيالېكتىكىسدا ئۇچرايدىغان بەزى سۆزلىكلەر فونىتىكا جەھەتتىن قەدىمرەك بولۇپ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېكتىكىلىرى بىلەن پەرقلىق ھالەتتە ساقلىنىپ كەلگەن.مەسىلەن: musurman~busurman (مۇسۇلمان). بۇ سۆز مىڭ دەۋرىدە تۈزۈلگەن «ئىدىقۇت مەھكىمەسۆزلىكى» دە «مۇسۇرمان» شەكلىدە ئۇچرايدۇ.[12] بولۇپمۇ m~b نىڭ ئالماشتۇرىلىپ قوللىنىشى بۇ سۆزنىڭ لوپنوردىيالىكتىكىسدا پەيدا بولغان ۋاقتىنى تىخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

بەزى ئىران تىلىدىكى سۆزلىكلەر لوپنور دىيالېكتىكىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېكىت ۋە شىۋىلىرىدىن پەرقلىق ھالدا كىرىپ ئۆزلەشكەن. مەسىلەن:

①.               aftalu∫ (شافتالۇ) ― شاپتۇل [ ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 450-بەت].

②.               γoros (غوروس) ― خوراز [ ھ.ز. ئۇ. ت. ل. د. 454-بەت]

③. atu∫(شاتۇ) ― شوتا [ ھ.ز. ئۇ. ت. ل. د. 452-بەت]. ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېكتىكىلىرىدا بۇ سۆز «شوتا»شەكلىدە ئۆزلەشكەن. ئەمما لوپنور دىيالېكتىكىسىدا بۇ «شاتۇ». بۇ سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مەنگەس ئۆز تەتقىقاتىدا ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىپ بىرەلمىگەن بولسىمۇ،[13] لىكىن بۇ سۆز 8-ئەسىردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە مانى دىنى ۋەسىقىلىرىدە «شاتۇ» شەكلىدە كۆرىلىدىغان بولۇپ،[14] فونىتىكا جەھەتتىن بۇ سۆز قەدىمكى ئالاھىدىلىگىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. كلائۇس رۆخربورننىڭ پىكىرىچە بۇ سۆز سوغدىچە سۆز بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرچىگە«شاتۇ» شەكلىدە كىرگەن. ئەمما ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا دىيالېكتىكىلىرىدە بۇ سۆز«شوتا» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

خۇلاسە

لوپنور دىيالېكتىكىسى ۋە لوپنورلۇقلارغامۇناسىۋەتلىك بولغان تارىخىي ۋە ئىتنىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىلگىىرى تەتقىقاتچىلار ئۆز قولىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۆزپەرەزلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى. روسىيە تىلشۇناسلىرىدىن س. يى. مالوف قولىدىكى قىرغىزچە تىل مەنبەلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ قىرغىزچە بىلەن لوپنور دىيالېكتىكىسى ئوتتۇرىسىدا سىلىشتۇرما ئېلىپ بېرىپ، لوپنورلىقلار قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دېگەن تەنتەك خۇلاسىنى چىقارغان ئىدى. ئەمىليەتتە ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىدا زورخاتالىقلارغا يول قويۇلغان ئىدى.[15] لوپنور دىيالېكتىكىسىدىكى موڭغولچە تەركىپلەر كىيىنكى دەۋردەموڭغول تىللىق قەۋملەر بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، لوپنور دىيالېكتىكىسىدا ھىچقانداق يىتەكچى ئورۇندا تۇرمايدۇ ھەم بۇ تىل ئاساسلىرى لوپنورلۇقلارنىڭ موڭغول تىللىق قەۋملەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا بەكمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇ نوقتا ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوف تەرىپىدىن ناھايىتىمۇ ئىنىق ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە شەرھىلەنگەن ئىدى. لوپنوردىيالېكتىكىسىدا يەنىلا ئۇيغۇر تىلى تەركىپى ئاساسىي يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بىزگە ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن گېنتىك مۇناسىۋىتى كۈچلۇك بولغان بىر تىل تارمىقى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ نوقتىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنوردىيالېكتىكىسىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لىكسىكىلىق ۋەفونىتىكىلىق تەركىپلىرى يىتەرلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

بۇ يەردە شۇ نوقتىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۇش كىرەككى، لوپنوردىيالېكتىكىسىدا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم سۆزلىكلەرنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە لىكسىكىلىق مەنبەسىنى ھازىرچە ئىنىق كۆرسىتىپ بىرەلمەيمىز. مەسىلەن: kεlis (كېلىس) – ئارال [ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 465-بەت]، lax∫a (لاخشا) – ئىزىلگەن، پارە-پارە بولغان [ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د.471-بەت]، öktö (ئۆكتۆ) – كىچىك كۆل [ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 486-بەت]، par (پار)- كۆڭۇل [ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 407-بەت]، ʧidzit (چىجىت) – توڭگۇز [ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 431-بەت]، loto (لوتو) – يوتا [ھ. ز. ئۇ. ت. ل. د. 471-بەت]. بۇ بىزدىن ئوخشىمايدىغاننوقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتىكىسى توغرىسىدا ۋېرتىكال ۋەگورزېنتال يۆلۇنىش ئۆز-ئارا بىرلەشكەن ھالدىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشىمىزنى شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتى ۋە بۇ دىيالېكىتداسۆزلەشگەن بۇ خەلق توپىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشدىن ئىبارەت بۇبىر تارىخىي گەۋدە ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

پايدىلانغان ماتىرىياللار:


[1].س.يې. مالوف: «لوپنور دىيالېكتى»، (روسچە)، فرونزى، 1957-يىلى.

[2] . گېراردكلائۇسون: «13-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركىي تىللىرىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى»،ئوكىسفورد، 1972-يىلى، 985-بەت.

[3] . گېراردكلائۇسون: «13-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركىي تىللىرىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى»،ئوكىسفورد، 1972-يىلى، 5-بەت.

[4] .  تالات تېكىن: «ئورخون يېزىقلىرى»، ئىستانبۇل،2003-يىلى، 98-بەت.

[5].گېراردكلائۇسون: «13-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركىي تىللىرىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى»،ئوكىسفورد، 1972-يىلى،131-بەت.

[6].  تالات تېكىن: «ئورخون يېزىقلىرى»، ئىستانبۇل،2003-يىلى، 104-بەت.

[7].گېراردكلائۇسون: «13-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركىي تىللىرىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى»،ئوكىسفورد، 1972-يىلى،643-بەت.

[8].ئې.خائېنىش: «موڭغوللارنىڭ مەخپى تارىخىدىكى سۆزلىكلەر لۇغىتى»، لېيپسىگ، 1939-يىلى،60-بەت.

[9]. بۇ يەردە شۇ نوقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۇش كىرەككى ئىران تىللىرى بىلەن پارس تىلى ئۇقۇم جەھەتتىن ئۆز-ئارا پەرقلىق بولغان تىللاربولۇپ، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ قوللۇنىشقا بولمايدۇ. پارس تىلى ئىران تىللىرى گوررۇپپىسى ئىچىدىكى غەربىي ئىران تىلىغا مەنسۇپ بولغان بولۇپ، فونىتىكا ۋەلىكسىكا جەھەتتىن شەرقىي ئىران تىللىرىدىكى سۆزلەر بىلەن بەزى پەرقلەرگە ئىگەبولغان بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆزلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىران تىللىرى ۋاستىسى ئارقىلىق ئىرانچە شەكلى بويىچە تىلىمىزغا كىرىپ ئۆزلەشكەن بولۇپ، تىلىمىزغا كىرگەن ئەرەپچە ۋە پارسچە سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلغان ۋاقتىمىزدا بۇ ئىككى نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

[10].لوپنۇرناھىيىلىك خەلق ئەدەبىياتى توپلاملىرى تەھرىر ھەيئىتى تۈزگەن: «لوپنۇر خەلقچۆچەكلىرى»، 1992-يىلى، 76-بەت.

[11].خارولدبېيلىي: «خوتەن ساكا تىلى لۇغېتى»، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، لوندون،1979-يىلى، 244-بەت.

[12].خۇجېنخۇا، خۇاڭ رۇنخۇا رەتلىگەن: «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۇگى»، مىللەتلەر نەشرىياتىنەشرى، بېيجىڭ، 1983-يىلى، 43-بەت.

[13] . گېخارد دۆرافېر:«يىڭى پارسچىدىكى تۈركچە ۋە موڭغولچە ئېلمېنتلار»، ۋىيىسبدېن، 1963-يىلى، 467-بەت.

[14] . گېراردكلائۇسون: «13-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈركىي تىللىرىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى»،ئوكىسفورد، 1972-يىلى، 867-بەت.

[15] . مالوف رەتلىگەنقىرغىزچە تىل ماتېرياللىرىنىڭ يىل-دەۋرىنى مىلادى 6-ئەسىرگە مەنسۇپ دەپ قارىغان.ئەمما ل. ر. كۇزلاسوف (L. R. Kyzlasov)ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۇرۇشلەر ئارقىلىق بۇ ماتېرياللارنىڭ يىل دەۋرى مىلادى9-10-ئەسىرگە ھەتتا ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋرلەرگە تەۋە دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان.مالوفنىڭ كۆپلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە خۇلاسىسى كۆپلىگەن تۈركولوگىيەجامائەتچىلىگىنىڭ تەنقىدىي پوزىتسىيىسىگە ئۇچرىغان ئىدى. «13-ئەسىردىن بۇرۇنقى تۈركىي تىللىرىنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغېتى» نىڭ ئاپتورى گېرارد كلائوسونمۇ ئۆز تەتقىقاتىدا مالوفنىڭ ھىچقانداق نەتىجىلىرىنى قوللانمىغان ئىدى.

ئەسلى مەنبە: ”سېھىرلىك لوپنۇر“ ناملىق كىتاب

توردىكى مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3835

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-08-07
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: