قەدىمكى لوپلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆزگىچە تائامى ــــ قىيمىلىق كۆمەچ

قەدىمكى لوپلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆزگىچە تائامى ــــ قىيمىلىق كۆمەچ

ئاپتۇرى: كېرەم سۇلايمان

(لوپنۇر ناھىيەلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ)

قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى مەشھۇر ئۆتەڭ ـــ لوپ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قۇم بارخانلىرى بىلەن تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تەبىئىي شەكىللەنگەن كۆل ۋە ئېقىنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، تارىم ۋادىسىنىڭ شەرقى شىمال قىسمىغا جايلاشقان. لوپنۇر كېلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى چۆل كېلىماتىغا كىرىدۇ.

كېلىماتى نىسبەتەن قۇرۇقراق بولۇپ، ئەۋزەل تەبىئىي مۇھىت بۇ يۇرت كىشىلىرىنىڭ تەبىئيىتىگە ناھايىتتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. لوپلۇقلار بۇ تىپىك قۇرۇق بوستانلىقتا ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ياشاش ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىچە مەدەنىيەت، پىسخىك مىجەزى، چىدامچان خاراكتىرىنى يېتىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇزاقتىن بېرى ئۆزلىرى ياشىغان ئىقلىم شارائىتى، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە ئاساسەن، ئۆزىگە خاس تاماق ئېتىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەنئەنىۋىي تاماق تۈرلىرىنى ئىجاد قىلغان.

قىيمىلىق كۆمەچ ـــ ئەنە شۇنداق تەبىئىي مۇھىتتا لوپلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۆزگىچە يېمەكلىكى. ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ تائام لوپلۇقلار بەكمۇ ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. تارىخىي ماتىرىياللاردا نان ۋە كۆمەچكە ئائىت نۇرغۇن بايان خاتىرلەنگەن.

مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «كۆمەچ ـــ چوغقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان تائام» دېيىلگەن. كۆنچى دەرياسى بويىدىكى كىچىك سۈرەت قەبرىستانلىقىدىن تېرىق، بۇغداي، تېرە تۇلۇم، كىگىز، يۇڭ پالاز، ئۆتۈك قاتارلىق قېزىلمىلار، چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن توقاچ نان قاتارلىق قېزىلمىلار تېپىلدى.

تارىخىي ماتىرىياللاردىكى بايان ۋە قەبرىستانلىقلاردىن تېپىلغان قېزىلمىلار تارىختىن بېرى تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ يېمەكلىكلىرى ئىچىدە نان ۋە كۆمەچنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. لوپلۇقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، باشقا يۇرتتىكى قېرىنداشلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىن زور پەرىقلىنىدۇ. يېمەك-ئىچمەكلىرى ئىچىدە قىيمىلىق كۆمەچ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لوپلۇقلار ئۆز دەۋرىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، كۆلچىلىك ئاساسىدا تېرىقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.

قىيمىلىق كۆمەچ ـــ دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، قەدىمكى لوپلۇقلار ئۆزلىرىگە تەبىئەت ئاتا قىلغان ھەر خىل ئوزۇقلۇقلاردىن تۇلۇق پايدىلىنىشنىڭ يوللىرىنى بۇرۇندىنلا بىلگەن. ئەينى دەۋردە سۈت، قېتىق، قايماق، گۆش، بېلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇھىم يېمەكلىكى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق ساقلاشقا، قورساق ئاچقان ھامان ئىستىمال قىلىشقا، ئىتتىك پۇشۇرۇپ يېيىشكە ئىمكانىيەت بولمىغان ھەم ئۇنى تەييارلاشقىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كەتكەن. شۇ سەۋەپتىن «كۆمەچ» ئىستىمالىنى بارلاققا كەلتۈرگەن ۋە بۇنىڭغا ئوبدان ئادەتلەنگەن. تۇرمۇش شارائىتىغا ماس ھالدىكى بۇ خىل تاماق تۈرىنى ئىجاد قىلىپ، ئەجدادمۇ-ئەجداد ئەتىۋارلىق تاماق سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىپ ساقلاپ كەلگەن.

لوپتىن ئىبارەت بۇنداق زىمىنى كەڭ، قۇملۇق بىلەن بوستانلىق گىرەلىشىپ كەتكەن سېھىرلىك جايدا كۆمەچ ھەم ئۆي تامىقى، ھەم دالا تامىقى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا ئاساسلىق يېمەكلىك رولىنى ئويناپ كەلگەن.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرى ئەڭ دەسلەپ دالىدا قوقاس، قوغدا كۆمۈپ پۇشۇرۇلغان. كىيىنچە تونۇر، ئوچاقتا پۇشۇرۇلىدىغان بولغان.

ئەجدادلىرىمىز تىرىكچىلىك ۋە مۇھىت ئۆزگىرىش ئېھتىياجى بىلەن دائىم كۆچۈپ يۈرىدىغان بولغاچقا، تونۇر كەمچىلرەك بولغان. شۇڭا، ئۇلار كۆپ ھاللاردا دالىدا قوقاس، قوغدا كۆمەچ كۆمۈپ يېگەن.

لوپتا كۆمەچ ئىشلىتىلگەن خۇرۇچ ۋە راسلىنىش شەكلىگە ئاساسەن قىيمىلىق كۆمەچ، بولدۇرۇق كۆمەچ، پېتىر كۆمەچ دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلغان. شەكىل جەھەتتە دۈگىلەك ۋە تۆت چاسا شەكىلدە دالا، تونۇر، ئوچاقتا پۇشۇرۇلىدۇ.

تۆۋەندە لوپلۇقلار ئەڭ ئومۇمىييۈزلۈك، ئەڭ ئاساسلىق ئىستىمال قىلىپ كەلگەن قىيمىلىق كۆمەچنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن:

خۇرۇچ(ماتىرىيال)لىرى: تېرىق، بۇغداي، قوناق ئۇنى، خېمىرتۇرۇچ (ئېچىتقۇ)، تۇز، توغراڭغۇ(توغراڭغۇ مۇۋاپىق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ)، قوي ياكى كالىنىڭ ياغلىق(مايلىق) گۆشى.

پۇشۇرۇلۇش ئۇسۇلى:

1. تەڭنىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن سېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ، تۇز قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا خېمىرتۇرۇچ، توغراڭغۇ (خېمىرنى كۆپتۈرۈپ بولدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ)نى ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر يۇغۇرۇپ تىندۇرۇلىدۇ. تىنغان خېمىرغا قۇرۇق ئۇن سېپىپ ئىشلەپ، زۇۋۇلا ئۈزۈلىدۇ. زۇۋۇلىنى سۇپۇرىغا قويۇپ، ئۈستىگە نېپىز بۆز يېيىپ يەنە تىندۇرۇلىدۇ.

2. قوي ياكى كالىنىڭ ياغلىق(مايلىق) گۆشى قوناق دېنى چوڭلۇقىدا توغرىلىدۇ. توغرالغان گۆشنىڭ ئۈستىگە تۇز سېلىنىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، قىيما تەييارلىنىدۇ.

3. تىنغان زۇۋۇلىنى كىچىك نۇرغۇچ بىلەن نېپىزلىتىپ، چوڭ ۋە كىچىك ئىككى جىلتا تەييارلىنىدۇ؛

جىلتىنىڭ گىرۋىكى نېپىز، ئوتتۇرىسى بىر ئاز قېلىن قىلىنىدۇ.چوڭ جىلتىنىڭ ئۈستىگە قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك جىلتىنى يېپىپ، چۆرىسىنى چىڭ بېسىپ ھىملاشتۇرۇلىدۇ. چوڭ جىلتىنىڭ گىرۋىكىنى كىچىك جىلتىنىڭ گىرۋىكىگە جىپسىلاشتۇرۇپ پۈرۈپ گۈل چىقىرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىيمىلىق كۆمەچ تەييارلىنىدۇ.

4. ئەجدادلىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا قىيمىلىق كۆمەچنى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىياجىدىن كۆپ ۋاقتلاردا دالىدا مۇۋاپىق ئورۇن تاللاپ پىشۇرۇپ يېگەن. ئالدى بىلەن دالىدىكى مۇۋاپىق ئورۇننى تاللاپ پاكىزە قۇم تۆكۈلۈپ، تەكشى يېيىتىلىدۇ. قۇم ئۈستىگە توغراق ئوتۇنىدا ئوت قالاپ، چوغ-قوقاس تەييارلىنىدۇ.

قۇم قىززىپ ۋايىغا يەتكەندە چوغ تارتىلىپ، كۈل ئېلىۋېتىلىدۇ. تەكشى يېيىتىلغان خېمىرنى قاتتىق قىرىپ، قىزغۇچ رەڭگە كىرىپ قالغان قۇمنىڭ ئۈستىگە يېنىڭ تاشلىنىدۇ ھەمدە ئۈستى ئەتىراپىدىكى قىززىق قۇم بىلەن مۇۋاپىق كۆمۈلىدۇ. قىززىق قۇم ئۈستىگە چوغ مۇۋاپىق يېيىتىلىپ دۈملىنىدۇ. قۇم چوغنىڭ خېمىرغا تېگىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، كۆمەچ كۆيۈپ كېتىدۇ. كۆمەچ ئادەتتە چوغ-قوقاس ياخشى بولسا، خېمىر چوغقا تاشلىنىپ، 25مىنوتتىن 30مىنوتقىچە ۋاقىت ئۆتكەندە پىشىدۇ. كۆمەچ پىشقاندا قۇم خېمىرنىڭ ئۈستىدە پىرىلداپ يېيىلىپ، كۆۋەجەشكە باشلايدۇ. كۆمەچ خۇددى چىلاندەك تۇلۇق قىززىرىپ، رەڭدار بولۇپ، سىرتى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق، مېززىلىك، سىڭىشلىك پىشىدۇ.

كۆمەچنىڭ پىشقان-پىشمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، چوكا چوڭلۇقىدىكى ياغاچ بىلەن قۇمنىڭ ئۈستىدىن كۆمەچكە سانجىپ بېقىلىدۇ. پىشقان بولسا قاتتىق تۇيۇلىدۇ، پىشمىسا يۇمشاق تۇيۇلىدۇ.

قىيمىلىق كۆمەچ ـــ قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىك بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. لوپلۇقلارنىڭ مىزاجى يېمەك-ئىچمەك، كېلىمات ھەمدە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتىن قۇرۇق سوغۇق، قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، ھۆل ئىسسىق بولغاچقا، كۆمەچ ئىستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

لوپلۇقالر ئادەتتە قىيمىلىق كۆمەچنى قۇۋۋەتلىك، قورساقنى ئاسان ئاچۇرمايدۇ، قايسى ئورۇندا بولسا، شۇ يەردە پۇشۇرۇپ يېيىشكە ئەپلىك، بەلباغقا چىگىپ ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق، داستىخاننىڭ كۆركى، سەپەردا ھەمراھ، قۇرۇق يېيىشكىمۇ، چايغا، سۈتكە چىلاپ يېيىشكىمۇ، ئىسسىق، يۇمشاق ۋاقتىدا يېيىشكىمۇ، ساقلاپ يېيىشكىمۇ قولايلىق بولغان يېمەكلىك دەپ قارايدۇ.

لوپلۇقلار ئادەتتە چارۋا باققىلى ياكى سەپەرگە چىققاندا ئادەتتە كۆمەچنى بەلبېغىغا ئوراپ ئېلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىر كۈنى كۆمەچسىز ئۆتمەيدۇ.

لوپلۇقلار تارىختىن بۇيان تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، تەمى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن خالىي بولۇپ كەلگەن.

لوپ كېلىماتى قورغاق، سوتكىلىق تېمپىراتورا پەرقى بىر قەدەر يوقىرى بولغان بەلباغقا جايلاشقان بولغاچقا، كۈن نۇرى يېتەرلىك. شۇڭا بۇنداق مۇھىتتا ياشىغان چارۋا-ماللارنىڭ گۆش-يېغىنىڭ تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق ماددا، ئىنتايىن مول ھەر خىل ۋىتامىنلار بار.

لوپتا ئاساسلىق ئورمان بولغان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش شاھى بولغان توغراقتىن چىقىدىغان توغراڭغۇنىڭ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، تاماقنى ياخشى سىڭدۈرۈش رولى بار. بۇ خىل ئالاھىدىلىك گۆش-ياغ ۋە توغراڭغۇنى مۇھىم تەركىب قىلغان قىيمىلىق كۆمەچنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتىنى يوقىرى قىلغان.

نۆۋەتتە ئوزۇقشۇناسلار لوپلۇقلارنىڭ ساق-بېجىرىم بولۇشى: ئاساسەن ئاشقازان كېسىلى بولماسلىقى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، يۈز ياشقا كىرگەندىمۇ چىشلىرىنىڭ تاساددىپىي بىرەر ئەھۋال بولمىسىلا چۈشۈپ كەتمەي چىڭ تۇرۇشى قاتارلىق تەرەپلىرى ئوزۇقلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا ھەمدە بۇ تەرەپكە قىزىقماقتا.

ئومۇمەن، قىيمىلىق كۆمەچ ـــ تارىخى ئۇزۇن، ئوزۇقلۇق دورىلىق تەركىبى يوقىرى، تەمى ئۆزگىچە، ئىستىمال قىممىتى يوقىرى، يەرلىك ئالاھىدىلىكى روشەن ئەنئەنىۋىي تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەننى ساغلام قىلىش، مىجەزنى تەڭشەش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەل داۋالاشتا مۇھىم رولى بار. قىيمىلىق كۆمەچنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلغاندا ئۈچەينى قىززىتىپ، خىزمەتنى ياخشىلايدۇ. بۆرەكنى قىززىتىپ، باكنى كۈچەيتىدۇ. مەنىينى قويۇلدۇرىدۇ. ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ئاقسىل تۇلۇقلاپ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، روھلۇق، تېتىك قىلىدۇ. ئېغىز پۇرايدىغان، ئېغىز ئىچى لاۋزىلىشىدىغان، كۆپ ئۇيقۇسى كېلىدىغان، ھۆل سوغۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەيدۇ. قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ. جىنسىي يول، بالىياتقۇنى قۇرىتىدۇ. ئاقخۇننى، سوغۇقتىن بولغان دوۋسۇن ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ. قان تەركىبىدىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

شۇڭا، بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشتا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئەنئەنىۋىي ئۆزگىچە تائامىمىز بولغان قىيمىلىق كۆمەچنى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېز تاماقخانا، زەنجىرسىمان ئاشخانىلار، كوللىكتىپ مەرىكە-مۇراسىم سورۇنلىرى ئارقىلىق بېيىتىپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ، نورۇز، روزى ۋە قۇربان ھېيىت قاتارلىق ئەنئەنىۋىي بايراملار، خاتىرە كۈنلەردە جۇلالاندۇرۇپ، ھازىرقى دەۋىردىكى تائام مەدەنىيىتىمىزنى تونۇشتۇرىدىغان كىتاپلار، تاماق رىسالىلىرى ۋە ئاشپەز تەربىيلەش كۇرۇسلىرىدا تەربىيلىنىش مەزمۇنلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرىشىمىز لازىم.

مەنبە: لوپنۇر تارىخى ماتىرىياللىرى 9-قىسىمى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3929

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-12-17
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 1دانە
  1. مۇئەللىم ئەجرىڭىزگە بارىكاللا! ياخشى يىزىپسىز مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇى بۇش سۈپۈتۈم بىلەن ،ئاشۇ ئالدىراش خىزمىتىڭىز ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ
    كاللا قاتۇرۇپ ئەسەر يىزىش ئاسان ئىش ئەمەس،مەن سىزنىڭ تىرىشچانلىغىڭىزغا قايىل بولدۇم،بەلكىم سىزنى ھەرخىل يىغىنلاردا ئۇچىراتساممۇ ،بەلكىم تۇنۇيالمىغاندىمە،يەنىمۇ تىرىشىپ نەتىجە قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: