مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدىن لوپنور قالپىقىنىڭ قىممەت قاتلاملىرىغا نەزەر

مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدىن لوپنور قالپىقىنىڭ قىممەت قاتلاملىرىغا نەزەر

ھەسەنجان ئابلىز

(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋەمىللەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، 830054)

1. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قالپاق تۈرلىرى ھەققىدەقىسقىچە چۈشەنچە

قالپاق ـ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى باش كىيىملىرىنىڭ ئىچىدە ئەتىياز،ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كىيىلىدىغان باش كىيىم تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قالپاق تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە دېھقان قالپىقى نامى بىلەن ئاتالغان قالپاق تۈرى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە خاسلىقى بىلەن ئۆزگىچىدۇر.تاكى20-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىغىچە، دېھقان قالپىقىنىڭ تۈرلىرىدىن گەۋدىلىكرەكى ۋە تىپىكرەكى  ئىلى قالپىقى بىلەن لوپنور قالپىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ ئىككى خىل قالپاق تۈرى رايون خاسلىقى بىلەنلاشۇنداق ئاتالغان بولۇپ،ئورتاق نەقىش نۇسخلىرىدىن ۋە بىردەكلىككە ئىگە تىكىلىش شەكلىدىن قارىغاندا،ئىككىلىسى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دېھقان قالپىقىنىڭ يەرلىك كىلىمات شارائىتىغاماسلاشقان ئىككى خىل تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىلى قالپىقى شەكىل جەھەتتىن ئۈچقۇلاققا ئوخشاش بولۇپ،تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دېھقان قالپىقىنىڭ ئالدى-ئارقى ئۇچلۇق ئارا قىسمىدىن تۇتاشما ھاسىل قىلىپ ،ئاق جىيەكلىك ۋە ئاق جىيەكسىز ئىككى خىل دېھقان قالپىقى تۈرىنى شەكىللەندۈرگەن.

ئىلى دېھقان قالپىقى تەبىئىي ئاق رەڭلىك، نېپىز قىلىپ بېسىلغان كىگىزدىن ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلىدۇ.قارا رەڭلىك ئەتلەس،دۇخاۋا، بەرقۇت ياكى پاختىدىن ئىشلەنگەن رەختتىن گىرۋەك تۇتىلىدۇ.ئاق جىيەكلىك ئىلى دىخان قالپىقىنىڭ گىرۋىكىگە چېتىدىن ئاق يول قالدۇرۇپ تىكىلىپ ئاق جىيەكسىز دېھقان قالپىقىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ.ئىلى قالپىقى ئىلى دېھقانلىرى ۋە ھارۋىكەشلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ،يازنىڭ ئاپتاپ ئىسسىغىدىن، كۈز-ئەتىيازنىڭ سوغ شامىلىدىن قوغدىنىشتا ئۈنىمى كۆرىنەرلىك ئىدى.

لوپنۇر قالپىقى لوپنور ئەرلىرىنىڭ ئەتىياز،ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كىيىپ ئومۇملاشقان باش كىيىم تۈرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دېھقان قالپىقىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ئاساستا ئالدى-ئارقى ئۇچلۇق ئاراقىسمىدىن تۇتاشما ھاسىل قىلمىغان.لوپنور قالپىقى لوپنور رايونىنىڭ كىلىمات شارائىتىغا ۋە كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىغا ماسلاشقان ھالدا،ئۆزىنىڭ ئۈچ خىل كىيىلىش شەكلىنى ساقلاپ كەلگەن.بىرى، ھاۋا سالقىنراق شارائىتتتا قالپاقنىڭ ئىككى يېنىنى ئۈستىگە قايرىپ كىيىدىغان شەكىل؛بىرى،ئاپتاپ كۈچلۈك ، كۆز چاققاندا قالپاقنىڭ بىر يېنىنى يۈز قىسىمگەتوغرىلاپ  پەسكە چۈشۈرۈش، شۇ ئارقىلىق يۈزنىڭ ئاپتاپتا كۆيىشىدىن ۋە كۆزنىڭ چېقىشىدىن ساقلىنىپ، پىشانە ۋە يۈز قىسىمغاسايىۋەن پەيدا قىلىدىغان شەكىل؛  يەنە بىرى، قالپاقنىڭ ئىككى يېنىنى يۈز قىسىمگە توغرىلاپ چۈشۈرۈپ، باشنىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدىن  ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغان شەكىل، قاتارلىقلار.

2.    لوپنۇر قالپىقىنىڭ قىممەت قاتلاملىرى ھەققىدە

لوپنۇر قالپىقى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي قالپاق تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە،ئۆزىنىڭ ئېكولوگويىلىك رايون خاس قاتلىمى، ئېتنولوگىيىلىك تارىخىي قاتلىمى،كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا نۆۋەتتە شەكىللىنىش باسقۇچىدىكى مەدىنىي بايلىق خاراكتېرىنى ئالغان ئىقتىسادىي قاتلىمى قاتارلىق قىممەت قاتلاملىرى بىلەن لوپنورلۇقلار ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا كەم بولسابولمايدىغان مىللىي ئېتنىك بەلگىلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.لوپنور قالپىقى ھەققىدىكى ئىلگىركى تەتقىقاتلاردا،لوپنور قالپىقىنىڭ تارىخى ئارخىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرى ۋە  فولكلور ئادەتلىرى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىزنى لوپنور قالپىقىنىڭ تارىخىي قاتلام ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماي، بەلكى يەنە نۆۋەتتىكى لوپنورلۇقلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تەدرىجىي يوقىلىشقا يۈزلەنگەن قالپاق كىيىش ئادەتلىرىنىڭ فولكلور كارتىنىسىنى يورۇتۇپ بېرىشتە مول فولكلور ماتىرياللىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى. بىزنىڭ لوپنور قالپىقى ھەققىدىكى نۆۋەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمىز يوقىرقى تەتقىقات يۈزلىنىشلىرىگە ئاساسلانغان ھالدا لوپنور قالپىقىنىڭ قىممەت قاتلاملىرىنى يورۇتۇشنى ۋە شۇ ئاساستا ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەدىنيەت بايلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

1)  لوپنۇر قالپىقىنىڭ ئېكولوگىيىلىك رايون خاس قاتلىمىدىن كۈزەتكىنىمىزدە،لوپنور قالپىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا تىكىلىشىدە ۋە كىيىلىشىدە ئۇ ئاساسلانغان ئېكولوگيىلىك مۇھىت ۋە ھاۋارايى شارائىتى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس رايون ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز.جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان لوپنور رايونىنىڭ ئون مىڭ يىللىق كېلىمات شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە تەتقىقات دوكلاتىدا، بۇنىڭدىن3400-5900 يىل ئارىلىقىدا،لوپنۇر رايونىنىڭ كېلىمات شارائىتىدا نەملىك ۋە مۆتىدىللىق ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپ خىل دەريا ئېقىنلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن، توغراقزارلىقلار كۆپىيىپ، ھايۋانات تۈرلىرى ئاۋۇپ،چارۋىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىش-تۈرلىرى ۋە ھۈنەر-كەسپلەر تەرەققىي قىلغان.تەخمىنەن بۇنىڭدىن 3500-3900 يىللار بۇرۇن پەيدا بولغان كۆنچى دەريا ۋادىسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى  گۇمۇگۇ مەدىنيىتى دەل شۇ خىل ئېكولوگىيىلىك مۇھىت شارائىتىنىڭ تۈرتكىسىدە روياپقا چىقىپ گۈللەنگەن ئىدى.نەم ۋە مۆتىدىل شارائىت، قۇيۇق ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى ۋە مول چارۋا بايلىقى لوپنور رايونىنىڭ بىر پۈتۈن مەدىنيەت ئېكولوگىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ، كىيىم-كېچەك تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.جۈملىدىن مول چارۋا بايلىقى ھايۋانات يۇڭلىرىدىن بېسىپ ئىشلەنگەن كىگىز ماتىرياللىق كىيىم-كېچەك تۈرلىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سېلىپ، كىگىزدىن تىكىلگەن باش كىيىملەرنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىنى كەلتۇرۈپ چىقارغان ئىدى. چۈنكى بۇ تۈردىكى باش كىيىملەرلوپنور رايونىنىڭ ئەتىياز،ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدىكى ئوخشىمىغان پەسىل كېلىماتلىرىدا ۋە كۈندىلىك ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرىدە  ، ئۆزىنىڭ ئاددىي، قولايلىق، كېلىماتقاماسلىشىشچانلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەتىياز شاماللىرىدىن، ياز ئاپتاپلىرىدىن ۋە كۈز نەملىرىدىن ساقلىنىدىغان سۈپەتلىرىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى.لوپنور قالپىقىنىڭ ئۈچ خىل شەكىلدىكى كىيىلىش ئۇسلۇبىنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ ئەنە شۇ لوپنوررايونىنىڭ قۇم-بوستانلىق گىرەلەشكەن، كۆل-توغراقلىق جىپسىلاشقان ئېكولوگىيىلىك مۇھىت شارائىتىغا ماسلىشىشتىن كەلگەن ئىدى.

2)  لوپنۇر قالپىقىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك تارىخىي قاتلىمىدىن كۈزەتكىنىمىزدە،كۆنچى دەرياسى،تارىم دەرياسى ۋە چەرچەن دەرياسى ئېقىنلىرى بويلىرىدىن تېپىلغان ئارخىئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردا، كىگىز قالپاق تۈرىدىكى باش كىيىم تېپىلمىرى ئۆزىنىڭ شەكىل-نۇسخىلىرىدىكى ئۇچلۇق،پەيلىك، تۆپىلىك،جىيەكلىك قاتارلىق بىردەكلىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇھىم ئارخىولوگىيىلىك بۇيۇم سۈپىتىدە ئالاھىدە كۆزگەچېلىقىدۇ.

بۇ تېپىلمىلارنىڭ ماتىريالى ۋە تىكىلىش ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا، يوقىرقى ئۈچ دەريا ئېقىنلىرىدىكى قەدىمكى قالپاق باش كىيىم تۈرلىرىنىڭ بۇ يەردىكى قەدىمكى خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇمىيلىققا ۋە بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى بايقايمىز. ئەگەر كىرورەن گۈزىلى قالپىقىنى تارىختىكى لوپنور رايونىنىڭ ۋە بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن لوپنورلۇقلارنىڭ قەدىمكى مەدىنيىتىدىن ئۇچۇر بېرىدىغان ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئېتنىك بەلگىلىرىدىن بىرى دەپ قارىغىنىمىزدا، ئۇ ھالدالوپنور قالپاقى ئېتنولوگىيىلىك بەلگە سۈپىتىدە تارىختىن بېرى ئۆزىنىڭ نىسپىي مۇقىم شەكىل،نۇسخا ۋە ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،لوپنورلۇقلارنىڭ ئېتنىك تەرەققىياتى ھەققىدە گەرچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلار ھەر خىل يېزىق نۇسخىلىرىدىكى   تارىخىي ماتىرياللار ئاساسىدا بايان قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما لوپنور قالپاق تۈرىدىن ئىبارەت بۇ خىل ئېتنولوگىيىلىك كىملىك بەلگىسى تارىخ قايناملىرىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك بىردەكلىكىنى ساقلاپ ،نۆۋەتتىكى لوپنورلۇقلار ئەنئەنىۋى باش كىيىم تۈرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى لوپنورلۇقلارنىڭ ئېتنولوگىيىلىك مەنبە ۋە تەرەققىياتلىرى ھەققىدىكى يات كۆزقاراشلارنى كۈچلۈك دەلىللىرى بىلەن رەت قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا،لوپنور قالپىقى لوپنورلۇقلارنىڭ ئەجدادىدىن ئەۋلادىغىچە بولغان مەدىنيەت ۋارىسچانلىق ھالقىلىرىدا ئۆزىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك تارىخىي قاتلاملىرىدىكى  خاس ئېتنىك كىملىكى بىردەكلىگىنى ساقلاپ كەلگەن دىيىشكە بولىدۇ.

3)لوپنور قالپىقىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدىنيەت قاتلىمىدىن قارىغىنىمىزدا،لوپنور قالپىقى ئۆزىنىڭ تىكىلىش ئۇسلۇبىدىكى خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن لوپنورلۇقلارنىڭ رايون خاسلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بولۇشتەك رايون قاتلىمى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.ئەگەر بىز نەزىرىمىزنى كىيىم-كېچەك مەدىنيەت ئىنسانشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئاسىيا ۋە ياۋروپا رايونلىرىدىكى قالپاق تۈرلىرىگە ئاغدۇرغىنمىزدا،لوپنۇرقالپىقىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپا رايونلىرىدىكى يىپەك يولى ئالاقىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي قالپاق تۈرلىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئورتاقلىقلارنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايقايمىز.بۇ خىل ئورتاقلىقلارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ:

بىرىنچىسى، قالپاق نامىدىكى بىردەكلىك: بىز ئالدى بىلەن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىن قازاقلار ۋە قىرغىزلارنىڭ قالپاق تۈرلىرىگە قارىغىنىمىزدا،ئۇلارنىڭ قالپاق تۈرى قالپاق نامى بىلەن ئاتىلىش بىلەن بىرگە، ماتىريالى جەھەتتىنمۇ بىردەكلىك ساقلىغانلىقىنى بايقايمىز. ئەمما تىكىلىش ئۇسلۇبىدا لوپنور قالپىقىدىن پەرقلىق بولۇپ،لوپنور قالپىقى ئۆزىنىڭ ياي شەكىللىك ئالاھىدىلىكى بىلەن قازاق،قىرغىز قالپاقلىرىدىكى ئىگىز تۆپىلىك ئالاھىدىلىكىدىن پەرقلىنىدۇ. ئەمدى دىققىتىمىزنى ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان، قارا قالپاق جۇمھۇريىتى،تۈركىيە تۈركلىرى،بۇلغارلار ، ئىرانىيلار، كاۋكازلىقلارنىڭ تىللىرىدا بار بولغان قالپاق نامىدىكى كىگىزدىن ياكى قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن باش كىيىم تۈرلىرىگە يىغقىنىمىزدا،قالپاق تۈرىدىكى باش كىيىم تۈرىنىڭ كەڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپا زىمىنلىرىدىكى يىپەك يولى مەدىنيەت ئالاقىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مىللەتلەر كىيىم-كېچەك مەدىنيىتىدىكى مۇھىم بىر مەدىنيەت بەلگىسى سۈپىتىدە كۆزگە تاشلىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز. گەرچە يوقىرقى زىمىنلاردىكى قالپاق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئېتنىك ئۇسلۇپ شەكىللىرى بولسىمۇ،ئەمما قالپاق نامىنىڭ بىردەك ئىشلىتىلىشى قالپاق تۈرىدىكى باش كىيىم تۈرىنىڭ يىراق قەدىمقى زامانلاردىكى يىپەك يولى مەدىنيەت ئالاقىلىرىدىكى سىرلاردىن دېرەك بەرگۈچى مۇھىم يىپ ئۇچلىرىدىن بىرى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئىككىنچىسى، قالپاق شەكلىدىكى بىردەكلىك: ئەگەر بىز لوپنور قالپىقى،ئىلى قالپىقى ۋە سېرىق ئۇيغۇر قالپىقى قاتارلىق ئۈچ خىل قالپاق تۈرىنى بىر تەكشىلىككە قويغىنىمىزدا، ئۇلاردىكى تۆپىلىك( ياي شەكىللىك ئالاھىدىلىكى كۆزدە تۇتىلىدۇ)،جىيەكلىك ۋە پەيلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ (ئالدى-ئارقى تۇتاشقان ۋە تۇتاشمىغان ئۇسلۇبىدا )  بىر نىسپەتتە بىردەكلىكنى ساقلىغانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇلاردىكى بۇ خىل بىردەكلىك ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىدىكى بىردەكلىكنى ئىسپاتلاپ تۇرىۋاتقان مۇھىم مەدىنيەت ئېلمېنتى ھېساپلىنىدۇ.

ئۈچىنچىسى،ئۇيغۇر قالپاق تۈرلىرىدىكى بۇ خىل ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ  يەنە يىپەك يولى ئالاقىلىرىدا ئۆزىنىڭ مەدىنيەت ئەلچىلىك رولىنى ئۆتەپ كېلىشىدىمۇ ئاچقۇچلۇق رولىنى ئويناپ كەلگەن بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنلىرىدىن شەرق ۋە غەرپكە تارقىلىپ،تارقالغان جايلىرىدا رەڭگى ۋە شەكلى جەھەتتىن بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، ئاساسلىق شەكلى ۋە پاسونلىرىدا يەنىلا ئۆز ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن.

بۇنىڭدىن 3880(+90)يىللارغا تەۋە كۆنچى دەريا شىمالىي قىرغاقلىرىدىكى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان قالپاق تۈرلىرى يىپەك يولى ئالاقىلىردە ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ تولۇق ساقلانغان كىگىز قالپاق شەكلى بولۇپ،قەدىمكى كىرورەن مەدىنيىتىنىڭ شانلىق مەدىنيەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئېلىمىزنىڭ چىن،خەن سۇلالىرىدىن باشلاپلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدىنيىتىدىكى باش كىيىم ئۇسلۇبىغا تەسىر كۆرسىتىپ،يوقىرى قاتلام تەبىقىلىرىنىڭ باش كىيىم تۈرلىرىدىن بىرى بولغان.كىيىنچە، ۋېي،جىن،سۈي،تاڭ سۇلالىرى زامانىدا ”白提“نامى بىلەن ئاتالغان ئاق قالپاق شەكلىدە ئاۋام ئارىسىغا ئومۇملاشقان.كىيىنچە ،سۇڭ،مىڭ ،يۇەن ۋە چىڭ سۇلالىرى زامانلىرىدا ئۇچلۇق قالپاق شەكلى دەسلەپكى يامۇل خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپ كىيىمى ھالىتىدىن كىيىنچە  بىر قىسىم شەھەر ئۇششاق تىجارەتچىلىرىنىڭ ۋە تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىنىڭ تەبىقە سالاھىيەت بەلگىلىرىدىن دېرەك بېرىدىغان خاس باش كىيىملىرىگەئۆزگەرگەن. 1899-يىلى جېجىئاڭلىق سودىگەر پەن شاڭ شېڭ شاۋشىڭ ناھىيىسىنىڭ ئاۋات رەستىلىرىدە شاۋشىڭدىكى تۇنجى قالپاق دۇكىنىنى ئېچىپ، ئاق قالپاق رەڭگىنى قارا رەڭلىك قالپاققا ئۆزگەرتىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 2000 دانىگە يەتكۈزگەن. كىيىنچە جېجىئاڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ ناھىيىسىنىڭ خاس باش  كىيىمى سۈپىتىدە ئەتراپقا تارالغان.20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا شاۋشىڭ قارا قالپىقى كەڭ جۇڭگو زىمىنىدا ئومۇملىششقا باشلىغان بولۇپ، كىيىنچە لۇشۈنننىڭ مەشھۇر ئەسىرى <ئاQ نىڭ غەيرى رەسمىي تەرجىمىھالى >دىكى ئاQ ئوبرازىنىڭ خاس باش كىيىمى سۈپىتىدەكەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر قالپاقلىرىدىكى يوقىرقى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك يىپەك يولى ئالاقىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئاسىيا-ياۋروپادىكى بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ باش كىيىم مەدىنيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ،ئۆز ئەسلى ھالەتلىرىدىن گېرمان قالپاقلىرى، ۋېنگىرىيە قالپاقلىرى ۋە بۇلغارىيە قالپاقلىرى بىلەنمۇ شەكىل نۇسخىلىرى جەھەتتىكى قىسمەن ئوخشاشلىقلارنى ساقلاپ كەلگەن.كىيىنچە گېرمان ، ۋېنگىرىيە ۋە بۇلغارىيە ئۇچلۇق قالپاقلىرى ياۋروپا باش كىيىم مەدىنيىتىنىڭ زامانىۋى ئۇسلۇبلىرىغا ۋەكىللىك قىلىپ،20-ئەسىردىن باشلاپ دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىپ، 80-يىللاردىن باشلاپ شۇ ئەللەر قالپاقلىرى ناملىرىدا دىيارىمىز خەلقلىرى تەرىپىدىن كىيىش ئومۇملاشقان.

4)لوپنورقالپىقىنىڭ مەدىنيەت بايلىقى خاراكتېرىنى ئالغان ئىقتىسادىي قىممىتىدىن كۈزەتكىنىمىزدە،لوپنور قالپىقى كىرورەن مەدەنىيىتىنىڭ،جۈملىدىن شۇ مەدىنيەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان لوپنورلۇقلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىدىن قالغان شانلىق مەدەنىيەت سەمەرىسىدۇر.لوپنور قالپىقىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى مەدىنيەت ئۇچۇرلىرى ئەمىليەتتە ئۇنىڭ تېگىشكۈسىز مەدەنىيەت بايلىقى ئىكەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتىكى زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىدا قانداق قىلىپ لوپنور قالپىقىنىڭ مەدىنيەت بايلىقىنى قېزىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىزنىڭ جىددىي ئويلىشىشقا تېگىشلىك تەتقىقات تېمىمىزدۇر. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىلەردىن قارىغاندا،لوپنور قالپىقىنىڭ مەدىنيەت بايلىقىنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى زۆرۈر دىيىش مۇمكىن:

بىرىنچىسى،لوپنور قالپىقىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدىنيەت بايلىق ھالىتىدىكى فولكلور ئىش-تەرتىپلىرى ۋە نام-ئاتالغۇلىرىنى رەتلەپ،مۇناسىۋەتلىك كەسپ ئىگىلىرىنى مۇۋاپىق قوغداش سوممىسى بىلەن كاپالەتلەندۈرىشى زۆرۈر. شۇ ئاساستا، يەرلىك موزىينىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى سۈپىتىدەلوپنور قالپىقىنىڭ ئىش-تەرتىپلىرىنى تىرىك نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ،لوپنور قالپىقىنىڭ شەرق ۋە غەرپ مەدىنيەت ئالاقىلىرىدىكى مۇھىم ئەلچىلىك رولىنى يازما سۈرەتلىك ماتىريال ياكى ئېلىكتىرونلۇق ئېكران ھالىتىدە نامايەن قىلىش زۆرۈر.

ئىككىنچىسى،لوپنور قالپىقىنىڭ يەرلىك نام ھوقوقىنى يەرلىك ھۆكۈمەت باش بولۇپ ئەنگە ئالدۇرىشى ۋە شۇ ئاساستا ئىقتىسادىي ماركا سۈپىتىدە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئالاقىلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقاكاپالەتلىك قىلىش زۆرۈر.

ئۈچىنچىسى،لوپنور قالپىقىنىڭ نۇسخا-شەكىللىرىنى ئاساس قىلىپ، ھەر خىل قونچاق بۇيۇمى ۋەخاتىرە- ساياھەت بۇيۇملىرى بازىرىنى ئېچىپ، يەرلىكنىڭ ساياھەت بايلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم كۆزنەكلىك ئورۇن قىلىش زۆرۈر.

پايدىلىنىش ماتىرياللىرى:

1. يۈتىئەنخېڭ:<غەربىي يۇرت مەدىنيەت تارىخى>، شاڭۋۇ نەشرىياتى ،1993-يىل نەشرى.

2. <ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى>(ئىككى قىسىم)،جۇڭگو چەتئەل تەرجىمە نەشرىياتى،2002-يىل نەشرى.

3.پۇيى:<ئىنسانىيەت مەدىنيەت تارىخى>(كىيىم-كېچەك،يىمەك-ئىچمەك قىسمى)،خۇنەن خەلق نەشرىياتى،2001-يىل نەشرى.

4.لى شياۋبىڭ:<جۇڭگو غەربىي يۇرت كىيىم-كېچەكلىرى تەتقىقاتى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1995-يىل نەشرى.

5.ئابدۇكېرىمراخمان:<ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان>،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

ئەسكەرتىش: ماقالىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر پات يېقىندا تولۇقلىنىدۇ.

مەنبە:تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلەر توپلىمى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3882

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-11-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: