2011-يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدىن قىسقىچە خۇلاسە

ۋاقتى: 2012-01-01 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 230 قېتىم / 4 دانە باھا يوللانغان باھا

 

2011-يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدىن قىسقىچە خۇلاسە

 

بلوگ ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغىلى ھەش-پەش دېگۈچە 4-5يىل بولۇپ قالدى.بۇ جەرياندا ئۇيغۇر بلوگلىرى گەرچە رەسمىي تور بەت ياكى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە ئوخشاش زىيارەت قېتىم سانى، ئۇيۇشتۇرغان پائالىيىتى، توپلغان ئۇچۇرى قاتارلىق جەھەتلەردە بەك چوڭ كۆلەم يارىتالمىغان بولسىمۇ،ئەمما بىر قىسىم بلوگلار باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتە تور بەت ياكى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە رول ئوينىدى دېسەكمۇ ئارتۇقچە كەتمەس.بۇ يىل ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى ئۈچۈن ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئىلگىرلەش يىلى بولدى. تېخنىكىلىق بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا ئۆزىنىڭ يۈرەك قىنىنى توختىماي سەرىپ قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم بلوگگىر دوستلار نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بلوگدىن ئىبارەت بۇ قورالنى ياخشى ھەم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىزنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى.بۇ يەردە شۇ قاتاردىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

”مەن بىلوگنى ياقتۇرۇپ قالدىم“دېگەن يازمامدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك تور دۇنياسىدىكى بلوگگىر دوستلارنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ بۇ يولغا كىرىپ قالدىم.بەلكىم 2008-يىللىرى بولسا كېرەك،بلوگباستا بلوگ يېزىش مودا بولغان چاغلاردا بۇ دولقۇنغا ئەگىشىپ كىرىپ كەلدىم.بىر يىلدىن ئۇشۇقراق لوپنۇرى نامدىكى بلوگنى يېزىپ كەلدىم.ھەم يامان ئەمەس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم.2009-يىلى تور تاقىلىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ئېچىلدى.بۇ چاغدا بلوگباستىكى بلوگىمنى داۋاملىق ماڭدۇرۇشنى قارار قىلىپ،ھەپىلىشىپ باقتىم. قىزغىنلىقىم شۇنچە يۇقىرى بولسىمۇ،بلوگ سۇپىسىدىن تەكرار چىققان كاشىلىلار ئىچىمنى بەك پۇشۇرۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن بولدىلا دەپ تور ئېچىلىپمۇ يېرىم يىلدەك بلوگنىڭ يېنىغا كەلمىدىم. لېكىن بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز ئۇنىڭدىن ئوڭايلىقچە مېھرىڭىزنى ئۈزەلمەيدىكەنسىز.بۇ خۇددى بىر قىزچاقنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ،ئۇ قىزچاق باشقىلارنىڭ بولۇپ كەتكەندىمۇ يەنىلا كۆڭلىمىزدە ئۇنى ئەسلەپ تۇرغاندەك بىر ئىش ئىكەن.قارىسام ۋوردپىرەستىكى بلوگلار مەيلى شەكىل مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن خېلىلا رەڭدارلىققا ئىگە ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن كونا كېسەل يەنە قوزغالدى. ”قانداق قىلسام ۋوردپرەستە بلوگ ئاچالايمەن“ دەپ بىر مەزگىلگىچە باش قاتۇرۇپ يۈردۈم.بۇرۇن بلوگباستىكى بلوگنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى باشقا تورداشلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تايىنىپ ئۆزۈملا نورمال ھالەتكە ئەكىلەلىگەن ئىدىم.لېكىن ۋوردپرەس ئۇنڭغا ئوخشىمايدىكەن.ئۆزۈم خېلى ھەپىلىشىپ باققان بولساممۇ،تېخنىكىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇربەگدىن مەسلىھەت سوراپ يۈرۈپ،ھازىرقى بلوگىمنى ماڭدۇرۋالدىم.

 بۇ جەرياندىكى ئاساسلىق خىزمەتلىرىمنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1)ھازىرقى بلوگىمنىڭ يازمىلار ئارخىپىغا قارىسام 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇنجى يازمامنى بلوگىمغا يوللىغاندىن تارتىپ ھازىرغا كەلگۈچە تەخمىنەن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بۇ جەريانىدا بلوگىمغا يوللىغان ھەر بىر تۈردىكى يازمىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدىم.ھەتتا ئىملادىن تۇتۇپ ئامال بار كەتكۈزۈپ قويماسلىققا تىرىشتىم.

2)يازمىلارنىڭ بەزىلىرى بۇرۇن بلوگباسنى ماڭدۇرغان يازمىلار ئىدى.بۇ يازمىلارنى يېڭى بلوگۇمغا يوللىغاندا شۇ پېتى يوللىماستىن،ھەممىسىنى دېگۈدەك بىرمۇ-بىر كۆرۈپ تۈزىتىشكە تىگىشلىك جايلىرىنى تۈزەتتىم،چىقىرۋېتىشكە تېگىشلىك جايلىرىنى چىقىرۋەتتىم.

3)بلوگقا يالغۇز ھېس پۈتۈك شەكىلدىكى ماقالىلەرنى يېزىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيىتى،مائارىپ ۋە پىسخىلوگىيەگە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا كۆپرەك كۈچىدىم.

4)بلوگقا چۈشكەن ھەر بىر ئىنكاسقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدىم.سورالغان سۇئاللارغا ۋاقتىدا ۋە ئەتىراپلىق جاۋاپ بېرىشكە تىرىشتىم.

5)نۇرغۇن بلوگگىر دوستلار بىلەن تونۇشتۇم،ئۇلاردىن بلوگ ھەققىدىكى نۇرغۇن پايدىلىق بىلىملەرنى ئۆگەندىم.

6)يېزىلغان يازمىلار ياكى تەييارلانغان يازمىلارنىڭ مەنبەسى ئېنىق بولۇشقا ئالاھىدە دېققەت قىلدىم.تارىخ -مەدەنىيەت،مائارىپ-پىسخىلوگىيەگە ئائىت يازمىلارنى تەييارلىغان ۋە يوللىغاندا يېڭى بولۇشقا،باشقا مۇنبەر ۋە بلوگلاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشقا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلدىم.زۆرۈرىيەت بولمىسا،باشقا مۇنبەر ياكى بلوگلاردىن يازما كۆچۈرۈپ كېلىشتىن ساقلاندىم.

بۇ جەرياندا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىم:

1)گەرچە ”ئىجادىي ئەسەرلىرىم“ سەھىپىسىگە باشتىن-ئاخىر كۈچەپ كەلگەن بولساممۇ،يازمىلارنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا دېگەندەك كاپالەتلىك قىلالمىدىم. يازمىلاردىكى بەزى كۆز قاراشلىرىم يۈزە ھەم چولتا،ھېسسىي تۇيغۇلار ئاساسي ئۇرۇندا تۇرۇپ قالغان چاغلارمۇ بولدى.بۇ مېنىڭ ئۈنۋېرسال ساپايىمنىڭ دېگەندەك ياخشى بولماسلىقىدىن بولدى. بلوگقا يازما يېزىش ۋە تەييارلاشقا نۇرغۇن ۋاقتىمنى سەرىپ قىلغان بولساممۇ،يەنىلا دوستلارنى قايىل قىلغۇدەك يازمىلارنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرالمىدىم. بۇ ماڭا بىلوگ يازغاندا كاللىغا كەلگەن خىيال ۋە ھېس تۇيغۇلارنى ئاددىي ھالدا چىقىرىپ قويۇشنىڭ ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەسلىكىنى يازمىلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن،كۆپلەپ ماتىرىيال كۆرۈش،كىتاپ ئوقۇش،تەھلىلەرنى ئەتىراپلىق يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى تونۇتتى.

2)“تەرجىمە ئەسەرلىرىم“ سەھىپىسىگە دېگەندەك ياخشى ئېتىبار بېرەلمىدىم. بۇ كاتىگورىيەنىڭ تارماق كاتىگورىيىسىدىكى“كۈندە بىر ھېكمەت“سەھىپىسىنى ئەسلىدە كۈندە دېگۈدەك يېڭى ھېكمەتلەر بىلەن تولدۇرۇپ تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى.ئەمما،ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خېلى ئۇزاققىچە يېڭىلانماي توختاپ قالدى.

3)ئۆزۈم گەرچە ۋوردپرەس سۇپىسىدا بلوگ يېزىۋاتقان بولساممۇ،بۇنىڭغا مۇناسىۋەت تېخنىكىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنشكە ھورۇنلۇق قىلدىم.بلوگدا كاشىلا كۆرۈلسە،ئۆزۈم قول سېلىپ ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىدىم.قىسقىسى،تەييارغا ھەييار بولۇپ،ياردەم سوراپ ھەل قىلىش يولىنى تاللىۋالدىم.

4)بلوگدىكى يازمىلارنىڭ قىممىتى ئەلۋەتتە ئۇنى كۆرۈپ پايدىلانغانلارنىڭ سانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭىلاشقا بلوگ يازغاندا يازمىلارنىڭ تەشۋىق قىلىنىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش ناھايتى موھىم. مېنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىم ئانچە گەۋدىلىك بولمىدى.يازمىلىرىمنى ئۇلانما تورىدا تەشۋىق قىلغاندىن باشقا تەشۋىقات ئىشلىرىغا ئانچە كۈچەپ كېتەلمىدىم.

5)بلوگگىرلار ئارا دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش،ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ تەڭ ئالغا بېسىشمۇ يەنە بىر ھالقىلىق تەرەپكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئۆزىمىزنىڭ بىلوگى بىلەنلا بولۇپ،باشقا بلوگلارنىڭ يازما ۋەزىيەتلىرىگە نەزەر سالمىساق،ئۇلارنىڭ يازمىلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى،مەزمۇنى،شەكلى قاتارلىقلارغا نەزەر سېلىپ تۇرمىساق يەنە بولمايدىكەن. ئۆزىمىز ئەتكەن ئاشنى ئۆزىمىزلا ئىچىپ،باشقىلارنى مىھمان قىلمىساق ھەم باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇپ تۇرمىساق بۇ خىل بلوگگىرلىق تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن؟بۇ مېنىڭ بۇ يىللىق بلوگىرلىق ھاياتىمدىكى كەتكۈزۈپ قويغان يەنە بىر تەرىپىم.

ئىشقىلىپ بۇ يېرىم يىل جەريانىدا يېڭىلىق ياراتقان تەرەپلىرىممۇ ھەم كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىممۇ بولدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ”2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ“نى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. تاسادىبىي پۇرسەتتە دەسلەپكى تاللانغان 20 بلوگنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاپتىمەن.نامزاتلىققا تاللانغان 20 بلوگ ئىچىدە 574 نۇمۇر بىلەن 17-ئورۇندا تۇرۇپتىمەن. يۈكسەل بلوگىدا بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندە كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. بەكمۇ ھاياجانلاندىم. 10 چوڭ بلوگنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدىغىنىمنى بىلىپ تۇرساممۇ،شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم. چۈنكى،تور ئەھلى مېنىڭ يېرىم يىلدىن قىلغان ئەجىرلىرىمنى مۈئەييەنلەشتۈرۈپ،ماڭا بۇ يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىنى تەقدىم قىلىۋاتاتتى. بۇ سوۋغىنى تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىشىم يېڭى،سۈپەتلىك يازمىلار ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۋاتاتتى.

بەزىلەر ماڭا بۇنداق ئايرىم بىلوگ يازغاندىن بىرەر داڭلىق مۇنبەرگە ئەزا بولسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟يازغانلىرىڭىزنى تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۆرەلەيدىغۇ؟بۇنداق قىلسىڭىز يازغان يازمىلىرىڭىزنى تەشۋىق قىلىمەن دەپمۇ ئولتۇرمايسىزغۇ؟ دېگەندەك سۇئاللارنى ياغدۇرۇشتى. كۈلۈپ قويدۇم،لېكىن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدىم.ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ مەلۈم دەرىجىدە ئاساسىي بار. لېكىن مېنىڭچە،مەن يېزىۋاتقان بۇ بلوگ مېنىڭ ئىلكىمدىكى شەخسىي تۇرا،بۇ تۇراغا ئۆزۈم خوجايىن،ئۆزۈم مۇلازىم.قاچان،قانداق ۋاقىتتا قانداق مەزمۇندىكى يازمىلارنى يېزىپ ئېلان قىلىمەن دېسەم،ماڭا توسالغۇ يوق.يازمىلىرىمنى مۇنبەرگە يوللاپ تەستىقلانمىسا،تېرىكىپ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئۇچۇر يوللاپ ئولتۇرمايمەن.قىسقىسى،بلوگنىڭ ماڭا ھېس قىلدۇرغىنى تور دۇنياسىدىكى ئەركىنلىك. ئەلۋەتتە،بۇمۇ مەندىكى بىر كەمچىللىك بولۇشى مومكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر بلوگلىرى قولنى قولغا تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن بەزى مۇنبەرلىرىمىزدىكى ئاتالمىش“مۇنبەر خاسلىقى“دېگەن قالپاق بلوگىرلىرىمىز يازغان ئېسىل يازمىلارنىڭ تارقىلىشىغا دائىم سايە تاشلاپ تۇرماقتا.ئۇيغۇر بىلوگلىرى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشى مومكىن. بۇ قېتىمقى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدىن مەلۇم بولدىكى،بۇ پائالىيەتنى قوللىغان ئىزدىنىش،مىسرانىم،كروران،بىلىك،نۇرقۇت مۇنبەرلىرى بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ بلوگ يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىشغا مەدەت بېرىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بلوگ شەخسى تور خاتىرسى،مۇنبەر كوللىكتىپ تور خاتىرسى.بلوگ يېزىۋاتقانلىرىمىز ئۆزىمىنى مۇنبەرلەردىن ئېلىپ قاچمايلى،مۇنبەرلىرىمىزمۇ بلوگلىرىمىزغا دېققەت قىلىپ ئۇلارنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيلى.مانا بۇ خىل ئىتىپاقلىق ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرگۈسى.

قېنى 2012-يىلى ئۇيغۇر بىلوگلىرى يەنە قانداق قەدەملەر بىلەن بۇ بىر يىلنىڭ بەتلىرىگە مۇناسىپ ئىز قالدۇرالايدۇ.بۇنى بلوگگىرلارنىڭ ئۆز ئەمەليىتى ئىسپاتلىسۇن.بلوگگىر دوستلار تەييار بولدۇڭلارمۇ،ئەمىسە مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا!

 

2012-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى

4نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئۇيغۇربەگ
    2012/01/04 11:00:47

    پاھ ھەي…ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خۇلاسىسىسنى ئوقۇغاندەك بولۇپ قالدىما! :lol:
    PS: ئاۋۇ مىكروبلوگنىڭ ئوقىتى بەت ئاستىغا ساڭگىلاپ قاپتۇ، كېرەم تور كۆرگۈچى!

    • lopnuri
      2012/01/04 12:16:22

      مكرو بلوگنىڭ ئاسقۇسىنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم.شۇڭا،ئاشۇنداق چىقىپ قالدى.ھەي،بىلمىگەندىن كېيىن ئاشۇنداق بولىدىكەن دەڭە.

  2. زۇلقەر
    2012/01/03 19:45:24

    ۋاھ ! نىمىدىگەن ئەستايىدىللىق بىلەن يېزىلغان خۇلاسە بۇ ، 2011 – يىلدا قولغا كەلتۇرۇلگەن نەتىجىللىرىڭىزمۇ ئاز ئەمەسكەن ، 2012 – يىلى تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !

    • lopnuri
      2012/01/03 20:17:23

      خۇدايىم،تىلىگەنلىرىڭىز كەلسۇن.تور دۇنياسى ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاز-تولا نەپ يەتكۈزەلىسەم،مەن شۇنىڭدىن خۇش!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif