لوپنۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى
لوپنۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى
توپلاپ رەتلىگۈچى يازغۇچىلار تورىدىن جەۋلان55
( كىرىش سۆز ئورنىدا)
لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى — ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن بۇيان ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ ، تىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئۇيغۇر فولىكلور تەتقىقات ساھەسىدە بىر مەرۋايىت بولۇپ چاقناپ تۇرماقتا .
لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىممىتى بارغانچە ئېشىۋاتقان بولوسىمۇ ، بىر قىسىم قىممەتلىك ئەسەرلەر بىلگۈچىلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ ، ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ قىممەتلىك ماتىرياللارنى مەلۇم جەھەتتىن (تولۇق بولمىسىمۇ) ساقلاپ قېلىش مەقسىدىدە ، ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان يىغىپ توپلىغان ماتىرياللىرىمنى ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە رەتلەپ چىقتىم . لوپنۇر شىۋىسىگە دائىر سۆزلەرنى ئىزاھلاپ قويدۇم . بۇ بەلكىم لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا قوشقان ئازغىنە ئىشىم بولۇشنى ھەمدە لوپنۇرشۇناسلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئا
ئاقىل دوستىنى ماختايدۇ ،
نادان ئۆزىنى(ماختايدۇ ).
ئاستا كەلگەن پايدادىن ،
ئىلدام كەلگەن زەرەر* ياخشى . ( زىيان )
ئات باشىغا ئۇرغۇچە ،
ئاتاڭنىڭ باشىغا ئۇر .
ئاقىل ئۆزىنى ئايار .
ئادەمنىڭ كەلگەنى ئابدان *، (ئوبدان )
قاچقانى يامان .
ئارتىقنىڭ ئۈستىگە سەگەن .
ئالتە قاماغاندا ئات ،
يەتتە قاماغاندا يېگىت .
ئاتالماغان ئەردىن دۆڭ ياخشى .
ئامەت كەلۇر ئوقسۇزغا ،
ئاپەت كەلۇر يوقسۇزغا .
ئات باشىغا كۈن چۈشسە ،
يۈگەن بىلەن سۇ ئىچەر .
ئەر باشىغا كۈن چۈشسە ،
ئۆتۈك بىلەن سۇ كەچەر .
ئارۇق ئۇيغا يوغان مۈگۈز* . (مۈڭگۈز )
ئاداش تۇتساڭ قارىنى ‹‹ قېرى›› ،
پىدا قىلۇر جانىنى .
ئالتە قاپاقتا ياغى بار ،
قاتلاما قىلۇر نانىنى .
ئاتنى ئات قىلغان توۋىسى ،
بەگنى بەگ قىلغان دوغىسى .
ئات – ئاتادىن ،
ئادەم ئانادىن .
ئاستا گەپ قۇلاققا ئاڭلانار .
ئاخماق ئۆتۈگىنى ياغلار ،
ئۆتۈگى كۆتىنى ياغلار .
ئاخماق تۆرىنى بەرمەپتۇ .
ئاخماقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن ،
ساراڭنىڭ ئەقلى ئۆلگەندىن كېيىن .
ئاقىلنىڭ قىلغان ئىشىغا ،
نادان مىڭ كۈن باش قاتۇرار .
ئادەمىگەرچىلىك ئادەم ئۆلتۈرەر .
ئاناسى يالاماغان ،
ئاتاسى قالاماغان .
ئاڭلاماغان گەپنىڭ ئېگىسى يوق .
ئات ئاتاڭدىن چارە بولسا ،
قاق قازۇقنى باغلاپ يات .
ئالداراغان يولدا قالار .
ئات كۆرگەن ئاتا بىلەن تەڭ ،
ئانا كۆرگەن ئانا بىلەن تەڭ .
ئات ياغىسى* قامچىدۇر ، ( دۈشمەن )
ياندا ئۈچۈن بىلىنمەس .
ئەل ياغىسى كەسەلدۇر ،
تەندە ئۈچۈن بىلىنمەس .
ئادەم بالاسى خام سۈت ئەمگەن .
ئارىغانغا ئالتە تاياق .
ئاتاسىنى دوراماغان يەگەن ھارام .
ئاتام ئايتقان باياقى .
پ
پۇلى بارغا كۈندە بازار ، كۈندە توي ،
پۇلى يوققا كۈندە خىيال ، كۈندە ئوي .
پىچاقنى ئاۋۋال ئۆزۈڭگە سال ،
ئاغرىماسا ئۆزۈڭگە سال .
پۇللۇققا خاتۇن كاممۇ ،
پالتۇلۇققا ئوتۇن كاممۇ ؟
پەلەكنىڭ رەڭگىنى كۆرۈپ ،
خەمەكسىز قالغان مەن تۆمۈر .
خاتۇننىڭ يۈزىنى كۆرۈپ ،
بالاسىز قالغان مەن تۆمۈر .
ت
تازنىڭ ئىلاسى * تولا . ( ھىيلە – مىكىر )
تىلدا تىكەن يوق .
تۆگە بويدا ، ئۈممەت * قويدا . ( ئۈمىت )
تاپىۋالسام ياخشىنى ،
ئايتار ئىدىم ناخشىنى .
تۈلكە -تۈلكىنى بۇيرۇپتۇ ،
تۈلكە قۇرۇغۇنى * بۇيرۇپتۇ .( قۇيرۇقى )
تاللىغان تازغا قالۇر ،
يامانلىغان ئازغا قالۇر .
تويغا بارساڭ تويۇپ بار ،
توقۇ تونۇڭنى كەيىپ بار .
تويغا بارساڭ تويۇپ بار ،
بەش بالاڭنى قويۇپ بار .
خ
خاتۇن ئالساڭ قىز ئالغىن تاز بولسىمۇ .
خەقنىڭ دەرمەن بەرگەندە يەرمەن ،
ئۆزۈمنى دەرمەن ئالىپلا يەرمەن .
خاتۇننىڭ پۇلى پەنجارە .
خاتۇننىڭ سۆلىتى- چاچى بىلەن قاشى ،
ھايۋاننىڭ سۆلىتى – قۇرۇغۇ بىلەن قۇلاغى .
خامان ئالماق – شەر ئالماق .
خۇدا بار يەردە قازا يوق .
خاتۇننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە ياشقا تەگەر ،
چىنىنىڭ چاقىلغۇسى كەلسە تاشقا تەگەر .
خىلى – خىلى بىلەن ،
پىچاق قىنى * بىلەن . ( غىلاپ )
ج
جابدۇغۇ * خىل بولسا ، ئەگەسى لاپ ئۇرار . ( ئەسۋاپ ، سايمان )
جاھاننى سۇ باسسا ، ئۆردەكنىڭ قاپتالىغا كەلمەس .
چ
چاچىلماغۇچە ئوڭشالماس .
چالا موللا كىتاب كۆرسە ۋاراقلار ،
يامان كاپىش يولغا چۈشسە تاراقلار
د
دۇشماننى ئۆزۈڭدىن خالىس* تۇت . ( يىراق )
دېدەك مونچاق ئاسسا ،
كىرمىگەن ئۆيى قالماس .
چاكار ئاتقا مىنسە ،
چاپماغان دۆڭى قالماس .
دوستۇڭنىڭ باشىغا قارا ،
دۇشمانىڭنىڭ پۇتۇغا قارا .
ز
زو قىل ئارام ئال .
س
سەھەر كەلگەن مۇشتىن يانما .
سامساق – يەسەڭ تېنىڭ ساق .
سىيگەكنى بوغۇپ قويساڭمۇ سىيدۇ .
ش
شالاڭ مايسا باش كۆرسىتەر ،
قويۇق مايسا چەش كۆرسىتەر .
غ
غونان*گالىغىچە سۇ كەچىپ ئۆتۈپ ،( كىچىك چىشى كالا )
ئاختامادا يەرنى كولاپ سۇ ئىچەر .
ق
قارا ساقاقنى* ئوناغاندا * ، ( بېلىق )، ( ئويلىغاندا )
مانجاچى* ياتماس . (بېلىقچى )
ئۇزۇن پۇتنۇ * ئوناغاندا ، ( غاز – ئۆردەك )
ئىشقاچى* ياتماس . ( ئوۋچى ، شىكارچى )
قولۇڭ سىنسا يەڭ ئىچىدە ،
باشىڭ سىنسا بۆك ئىچىدە .
قىرىق يىلدا بىر ئېشەك ئويۇنى .
قۇم يەر – شۇم يەر ،
ساغىز يەر – ماغىز يەر
قىشكۈنۈ ئازۇق ئال ،
ياز كۈنۈ ئېگىن ئال .
قىزىمغا بەردىم قىغاقچە ،
بالامغا بەردىم ئوغاقچە .
قارىنداشتىن قارنىم ياخشى .
قەرزىدار بولاي دېسەڭ ،
ئۇنى ئالىپ بۇنى سات .
بەئەجەل ئۆلەي دېسەڭ ،
ئەسكى تام تۈۋىدە يات .
قوڭۇمدا ئىشتانىم يوق ، ئاتىم ماجان بۈۋى .
ك
كۆردۈم تۇتۇلدۇم ،
كۆرمەدىم قۇتۇلدۇم .
كۆمەكلىك * ئىتنىڭ قۇرۇغۇ ئۆرە . (ئۇرۇغ – تۇغقان )
كۆز بىلەن كۆرگەندىن ،
قۇلاقتا ئاڭلاغان يالغان .
كۆز بىلەن قۇلاق ئاراسىدا ،
بىر شاپالاق يەر قالغان .
كاجنى بازار ئوڭشايدۇ .
كۆرسەم ھالىم يوق ،
كۆرمەسەم كارىم يوق .
كارۋاننىڭ يولى بىر ، رىسقىسى باشقا .
كېلىننى كەلگەندە كۆرۈڭ ،
يېلىننى سالغاندا كۆرۈڭ .
كەلمەك ئىرادە ، يانماق ئىجازەت .
كۈرۈك ئوتۇننىڭ ئۇچىنى ئال ،
تۇغماس خاتۇننىڭ كۈچىنى ئال .
كىچىك بالانى ئىشقا يۇمشاساڭ * ، (بۇيرىساڭ)
ئارقاسىدىن ئۆزۈڭ بار .
م
ماقۇلغا جاۋاپ يوق .
موللا يوقتا موللا مەن ،
موللا باردا يولدا مەن .
موللا قۇرئادىمۇ يېڭىلىدۇ * . ( ئازىدۇ )
موللا تولا يەردە قوي ھارام .
ن
نالە دەمەڭ بىزنى ،
يىلغا چىقارغان سىزنى .
ئارپا يەللىكنى دەپ ،
تاشلاۋاتماڭ بىزنى .
ناداننى توسما ، ھارغاندا توختايدۇ .
نان تۈگۈلسە * سۇغا يۈگۈر ، ( تۇرۇپ قېلىش )
سۇ تۈگۈلسە گۆرگە يۈگۈر .
نادانغا ئايىتقان ئېسسىت سۆزۈم ،
ئۆلۈككە يىغلاغان ئېسسىت كۆزۈم .
ھ
ھايۋان كۈچى بىلەن تونۇلۇر ،
ئادەم ئەقلى بىلەن تونۇلۇر .
ھاشاسى يوق ئىشنىڭ تاتقى * بولماس .( تەمى )
ھەركىم قىلار ئۆزىگە ،
ئەڭلىك سۈرەر يۈزىگە .
ئۈستۈن باقىپ تۈكۈرسە ،
يانىپ چۈشەر يۈزىگە .
ئو
ئورما ئورماق ، شەر ئالماق .
ئوت- نەدە كۆيىسەن ؟
تۇلخاتۇننىڭ باشىدا .
ئوناغانغا – يوناغان .
ئۇ
ئۇلۇغۇڭنى بەزە قىلساڭ ئۆلۈرسەن ،
دوستلۇرۇڭنى بەزە قىلساڭ يىغلارسەن .
ئۇن ھەر ئۆيدە ، نان بىر ئۆيدە .
ئۇي باش ئىنەكتىن سۈت ئۇمۇنما * ، ( تەمە قىلىش )
ئىنەك باش ئۇيدىن كۈچ ئۇمۇنما .
ئۇرۇغۇڭنى يېگۈچە ، ئۇيۇڭنى يە .
ئۈ
ئۈسكەككە خۇدايىم مۈگۈز * بەرمەپتۇ ، ( مۈڭگۈز )
تەپكەككە خۇدايىم تۇياق بەرمەپتۇ .
ئې
ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام ، كۈچى ھالال .
ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ، ئۇر توقۇمنى .
ئېشەك – ئېشەكتىن قالسا ، قۇلاغىنى كەس .
ئېگىسىنى بىلىپ ئىتىغا سۆڭەك سال .
ئېشەكنىڭ دۈمبەسى قىچىشسا ،
تۆگۈمەنگە ئۆزى بارىپتۇ .
ئى
ئىتتىن قورققان ھابدال بولماس .
ئىشىك ئالدىدىكى توپاق ئۇي بولماپتۇ .
ئىنەكنى تۇغدۇرۇپ سۈتىنى ئال ،
ناداننى ئىشلىتىپ كۈچىنى ئال .
ئىلان * قوغلاسا قۇمغا قاچ ، ( يىلان )
كەرەل * قوغلاسا قامۇشقا قاچ . ( كەلەي )
ي
ياغى – ياندىن قوپار ، بالا قارىنداشتىن .
يىغلاپ – يىغلاپ چوڭۇغۇلۇق ،
ئۇخلاپ – ئۇخلاپ قارىغۇلۇق .
ياخشىدا دىماق* يوق ، ( ھاكاۋۇرلۇق )
تاۋاردا ياماق يوق .
يامان ياماندىن قورقىدۇ ،
كەتمەن ساماندىن قورقىدۇ .
يوق دېسە – چالىپ ئىچ .
يەككە يىگانە – ھالىم* دىۋانە . ( ھېلىم )
ياتقاندا يان يوق ،
ئۆلگەندە جان يوق .
يىغلاپ قىر سال ، ئويناپ سۇ قوي .
ياغ يەپ – يالاڭاچ يات .
يامان ئۆزىنى بىلمەيدۇ ،
ياخشىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ .
ياخشىغا تىلەككە بارغۇچە ،
يامان قوينۇڭنى ئاچ .
ئەسلى مەنبەسى : خەلقنىڭ
توردىكى مەنبەسى :شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
تورغا يوللىغۇچى:يازغۇچىلار تورىدىكى جەۋلان 55
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2181