قوشقار بىلەن بۇقىنىڭ تاش بۆرىكىنىمۇ يەمدۇق؟

 

 

قوشقار بىلەن بۇقىنىڭ تاش بۆرىكىنىمۇ يەمدۇق؟

 

ئادەم بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدىكەن.بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن بىرگە،يەرلىك ئالاھىدىلىكىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزىمىزگە خاس يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن خەلق.بىزدە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ھالال ۋە ھاراملىق چۈشەنچىسى بىزنىڭ ئىستىمال ئۆلچىمىمىز قاتارىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقىلى خىلى يىللا بولۇپ قالدى. ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :«ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۇپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ھەم ئاللەھنىڭ نامى زىكرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يىيىشنى ھارام قىلدى،كىمىكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس ئىلاجىسىزلىقتىن(يۇقىرقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەدىن)ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە،ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.ھەقىقەتەن ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر،ناھايىتى مىھرىباندۇر» (2-سۇرە 173- ئايەت) «ئاللە نازىل قىلغان ھەقىقەت بويىچە ھۆكۇم قىلمايدىغانلار پاسىقلاردۇر» (5-سۇرە47-ئايەت).ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ھەدىسلەردە بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچىلەر بېرىلگەن. لىكىن جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز نۇرغۇن خىرىسلارغا دۈچ كەلدى.شۇنىڭ بىلەن بىز يەيدىغان تاماق تۈرلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر ئۆلۈم پەتىسىگە بېرىپ بىر نەچچەيلەننىڭ شۇ يەردە دېگەن مۇنۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇنىڭ زادى توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلالماي تىڭىرقاپ قالدىم.ئۇلارنىڭ دىيىشچە،ھازىر بەزى جايلاردا ئۇيغۇرلار قوشقار ۋە بۇقىنىڭ تاش بۆرىكى (رەسمىي ئاتالغۇسى بىلەن ئېيتقاندا پودىقى ياكى تاشىقى)نى تالىشىپ يەيدىكەن.ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرىمىش.ئۇنىڭ پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئالاھىدە بولۇپ،قوشقار ياكى بۇقىنىڭ تاش بۆرىكى(يەنىلا مۇشۇنداق ئاتاپ تۇراي)نى بىر خىل قەغەزگە ئوراپ،ئوتتا قىزىتىلغان قۇمغا كۆمۈپ،بىر ھازا دۈملىگەندىن كىيىن،بۇ تاش بۆرەكلەر يۇمشاپ ئىلىكتەك بولۇپ كېتەرمىش.بۇنى يېسە ئوغۇل بالىنىڭ ئەرلىكىگە بەك مەنپەئەت قىلارمىش.ئۇنىڭ پىشىرلۇش ئۇسۇللىرى خېلى كۆپمىش.

يەنە بىرەيلەن مەلۇم يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەردىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر باشلىقنىڭ رېستۇرانغا بارسا،مەخسۇس قوچقار ياكى بۇقىنىڭ ئەرلىكىنى بويرۇتۇپ يەيدىغانلىقىنى،بىر قېتىم ئۇ كۆپ يەۋىلىپ،پۈتۈن بەدىنى ئىشىپ كېتىپ،شۇنچە يىراق يەردىن ”يىغىن ئاچىمەن“ دەپ كېلىپ يىغىننىمۇ ئاچالماي دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك ھەيران قالدىم.مەن ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۈرۈمچى بەيگە مەيدانىدىكى قۇشخانىدا قوي ۋە كالا سويىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوشقار ياكى بۇقىنى سويغاندا مەخپى ھالدا ئۇلارنىڭ تاش بۆرىكىنى تىقىۋىلىپ،سىرتقا ئەچىقىپ خەنزۇ يولداشلارغا 20-30يۇەندىن ساتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان،ئەمما بىرەر ئۇيغۇرنىڭ بۇنى ئىستىمال قىپتۇ دېگىنىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم.بۈگۈنكى بۇ تاسادىبىيلىقتىن تۆۋە دەپ ياقامنى تۇتۇپلا قالدىم.گەپ ئارلىقىدا گۇمانلىرىمنى ئېنىقلىۋىلىش مەقسىتىدە ئۇلاردىن“قوشقار ياكى بۇقىنىڭ تاش بۆرىكىنى يىيىش ھالالمۇ؟“دەپ سورىدىم. سۇئالىمنى ئاڭلاپ بۇ گەپنى دېگۈچىلەر بىر ئاز تىڭىرقاپ قالدى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن ئالدى بىلەن“ئۇ دېگەن دورا“دەپ گەپ باشلىدى.ھەمدە تاش بۆرەكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى،دورا ئورنىدا يېسە بولىدىغانلىقى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچ بۆرەككە قارىغاندا پاكىز ئىكەنلىكىنى ئىيتتى.“سىز ساق تۇرۇپمۇ مۇشۇنداق<دورا>نى يېسىڭىز بولامدۇ؟دېگەن سۇئالىمغا ئۇ جاۋاپ بېرەلمەي تۇرۇپ قالدى.مېنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمىم چوڭقۇر بولمىغاچقا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش جەھەتتە مەندىن چوڭ بولغاچقا،بۇنىڭغا ئارتۇق بىر نەرسە دېمىدىم.

مېنىڭچە ئۇلار بىز يۇقىردا دەپ ئۆتكەن ئايەتنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدىن“ئۈنۈملۈك“پايدىلانغان ئىدى.ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىدىن ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ئەلۋەتتە ئىسلام دىندا بىزگە ھاياتىمىزغا خەۋپ يەتكەندە بەزى ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ كېسىلىمىزگە مەنپەئەت قىلىدىغان قىسىملىرىنى ئىستىمال قىلىشقا رۇخسەت قىلدى.بىز بۇ يەردە يۇقىرقى ئايەتتىكى“ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس ئىلاجىسىزلىقتىن“دېگەن ئۆلچەمگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىمىز كېرەك.ناۋادا ئۇنداق بولمىغاندا،بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك سېستىمىمىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلماق تەس.مېنىڭچە بولغاندا بۇلارنىڭ تاش بۆرىكىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىستىمال قىلىش دۇرۇس ئەمەس.گەپنى يىغىنچاقلاپ كەلسەم،بىزدە“ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە،ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە“دېگەن ھېكمەت بار.مېنىڭچە سىزمۇ يېمەك-ئىچمىكىڭىزدە نىمىلەرگە ئەمەل قىلىشىڭىزنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ.قېنى، بۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بولسا،ئېنىق كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويسۇن.ھەممىمىز بىلىپ قالايلى.

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=349

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-08-24
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىجادىي ئەسەرلىرىم
ئىنكاس: 1دانە
  1. نىمانداق غەلىتە…….

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: