ئالداش ۋە ئالدىنىش

ۋاقتى: 2011-10-01 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 354 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئالداش ۋە ئالدىنىش

 

  

سەن مېنى ئالدايسەن،مەنمۇ سېنى ھەم،

شۇ سەۋەب ئەمەسمىز تەڭلا خاتىرجەم.

تەسەللىي بېرىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە،

”ھەر ئىشقا پەم كېرەك،ئاياققىمۇ چەم“.

 

سەن مېنى ئالدايسەن،مەنمۇ سېنى ھەم،

ھېس قىلىپ تۇرىمىز بۇنىمۇ ھەردەم.

ياخشىلىق قەلبتە لىڭشىيدۇ ھەريان،

يامانلىق دائىما تۇرار مۇستەھكەم.

 

سەن مېنى ئالدايسەن،مەنمۇ سېنى ھەم،

ۋە لىكىن دوستلۇقتىن بېرىمىز قەسەم.

يۈرسەم گەر بىر قەدەم سېنىڭ ئالدىڭدا،

ئويلارسەن ئاشۇنىڭ پېيىنى كەسسەم.

 

سەن مېنى ئالدايسەن،مەنمۇ سېنى ھەم،

بۇ يولدا ۋىجداننى قىلالايمىز يەم.

ئاشكارا ئوتتۇرغا چىقمىساقمۇ بىز،

قوساقتا دەششەتلىك قىلالايمىز جەڭ.

 

سەن مېنى ئالدايسەن مەنمۇ سېنى ھەم،

غەيۋەت قىپ تۇرىمىز يەنە دەممۇ-دەم.

شۇنچە كەڭ جاھانغا پېتىشمىساق گەر،

بىزدەكلەر دۇنيادىن تېپىلىدۇ كەم.

 

 

كۆڭۈل

 

كۆڭۈل دېگەن بىر مەۋھۇم دۇنيا،

كۆرەلمىگەن،تۇتالمىغان بىز ئۇنى ئەسلا.

بەلكىم

كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈل قىمارۋاز،

بىر-بىرىگە ئۇتتۇرغان تەڭلا.

 

كۆڭۈل دېگەن بىر مەۋھۇم دۇنيا،

ئىز قالدۇرار يۈرەكتە ئەمما.

بەلكىم،كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈل بىر تۇغقان،

بىر بۇلاقتىن سۇ ئىچسە تەڭلا.

 

 

 

غا…..

 

كۆزلەردە ياتسىراش ھەمدە يىتىرقاش،

قەلىبتە سېغىنىش ھەمدە ئېچىرقاش.

تۈنلەرگە ئېيتىلىپ ۋىسال ناخشىسى،

خىياللار بولماقتا بىزلەرگە قولداش.

 

سۆيگۈنىڭ بابىدا بىزلەر سەمەندەر،

ۋىسالنىڭ دەشتىدە بىزلەر قەلەندەر.

سۆيگۈدىن ھېچ لەززەت ئالالمامدۇق بىز،

يۈرەكتىن يۈرەككە تۆكۈلسىمۇ زەر.

 

مېنى چىللىما

 

ساختا نىقاپ بولالمايدۇ دال،

چىن سۆيگۈنىڭ سۆكۈشلىرىگە.

ئەللەيلىمە مېنى نىگار بەس،

ساختا سۆيگۈڭ بۆشۈكلىرىگە.

 

ۋىجدانىمغا ئۇزاتمىغىن قول،

قەلبىمگە ھەم سالمىغىن تەشۋىش.

مازارىڭغا مېنى چىللىما،

بولالمايمەن ئىشقىۋاز دەرۋىش.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif