گېپىمىز نېمىشقا ئۆتمەيدۇ؟

ۋاقتى: 2011-09-16 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 209 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

گېپىمىز نېمىشقا ئۆتمەيدۇ؟

 

يېقىندىن بۇيان مەيلى بىر قىسىم مەتبۇئاتلىرىمىزدا بولسۇن،تۇر دۇنياسىدىكى مۇنبەرلىرىمىزدە بولسۇن ۋە ياكى كىشىلەر بىلەن قىلغان ئۆز-ئارا پاراڭلىرىمىزدا بولسۇن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چوڭ ياكى كىچىڭ جەھەتتىكى ۋايساشلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.بۇ جەھەتتىكى ۋايساشلار ئاساسلىقى ”گېپى ئۆتمەسلىك“كە بېرىپ چېتىلىدىكەن.

”گېپى ئۆتمەك“دېگەن بۇ ئىدىئۇم ئۇيغۇر تىلىدا<قىلغان سۆزى ئەمەلدە كۆرۈلمەك،قىلغان سۆزىنى باشقىلار قۇبۇل قىلماق ھەم ئىجرا قىلماق>دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاقساقاللار،ئىلىم ساھىبلىرى،كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن رەھبەرلەر قاتارلىقلار“گېپى ئۆتىغانلار“سېپىدىكى كىشىلەر بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئابرۇي ۋە ئىناۋىتى،شان-شۆھرىتى يۇقىرى بولغانلار ھېساپلىنىدۇ.ئەمدى بۇ ئىدىئۇمنىڭ ئىنكار شەكلى“گېپى ئۆتمەسلىك“بولۇپ،بۇ يۇقىرقى بايانلىرىمىزنىڭ ئەكسىچە مەنىنى بىلدۈرىدۇ.باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن،ھورۇنلۇقنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان،ئورپ-ئادەت ۋە ئەخلاقى چۈشەنچىلىرىمىزدىن ياتلىشىپ كەتكەن كىشىلەر ”گېپى ئۆتمەيدىغانلار“سېپىگە تەۋە كىشىلەردۇر.ھازىر قارايدىغان بولساق،“گېپى ئۆتمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائى مەسىلىلەر ئەتىراپىمىزدا بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.

     جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلە نوقتىسىدىن ئالغاندا،ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا،ئەرنىڭ ئايالغا،ئاكىنىڭ ئۇكىغا گېپى ئۆتمەسلىكى؛ئائىلىدىن چوڭراق بولغان كوللىكتىپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا،رەھبەرنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلىرىگە،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا گېپى ئۆتمەسلىكى؛جەمىيەتتىكى ئىجتىمائى توپ نوقتىسىدىن ئېيتقاندا،ئىجتىمائى توپلار ئوتتۇرسىدا  بەزىدە شەكىللەنگەن تەڭسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا كىچىك ۋە ئاجىز بولغان ئىجتىمائى توپنىڭ ئۆزىدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائى توپقا گېپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىكى؛دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت نوقتىسىدىن ئالغاندا،ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارادىكى زور مەسىلىلەردە گېپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىكى قاتارلىقلار بىزنىڭ“گېپى ئۆتمەسلىك“نەزىريىمىزنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى ھېساپلىنىدۇ.تۆۋەندە بىز بۇلارنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.

1.ئائىلە ئىچىدىكى گېپى ئۆتمەسلىك

بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرسىدا بولىدىغان ھەر خىل زىدىيەتلىك ئامىللاردىن كېلىپ چىققان گېپى ئۆتمەسلىكنى نەزەردە تۇتىمىز.

1)ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا گېپى ئۆتمەسلىكى

جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنى ماددىي جەھەتتىكى توقچىلىققا باشلايدۇ.ماددىي جەھەتتىكى توقلۇق،مەنىۋى جەھەتتىكى شوخلۇقلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىنى تويۇندۇرۇشقا كۈچىگەن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆز مەنىۋىيىتىنى زادى نېمە بىلەن تويۇندۇرۇشقا كەلگەندە گاڭگىراپ،چىقىش يولى ئىزدەپ ھېلى بۇياققا،ھېلى ئۇياققا ئېغىپ بىر نوقتىدا تۇرالماي قالىدۇ.مانا مۇشۇنداق ئېغىشچانلىق ئەسلىدىكى ئاكتىپ تەرەققىيات مەزمۇنىدىن چەتنەش،پاسسىپ تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇش ئاخىردا كىشىنى ئېچىندۇردىغان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.بۇ نەتىجە بارا-بارا ئەۋلات بوشلۇقىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،ئەۋلاتلار ئارا ياتلىشىش،مىھرى-مۇھاببەت سۇسلىشىش كەپىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.بۇ خىل كەيپىياتنىڭ نەتىجىسى ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا گېپى ئۆتمەسلىك،بالا كىچىگىدىن تارتىپلا ئۆز بېشىمچىلىق يولىغا مېڭىشقا سەۋەپ بولىدۇ.ھازىر بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش جەھەتتىكى سەۋەنلىكلىرىمىز بىزنىڭ ”گېپى ئۆتمەسلىك“تەلىماتىنىڭ كاتالىزاتۇرىدۇر.ئاتا—ئانىنىڭ بالىغا سۆز،قىلىق،پەزىلەت ۋە مىللىيەت جەھەتتىكى تەسىرى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك موھىم مەسىلە.شۇنداقلا كەلگۈسىدە“گېپى ئۆتىدىغان ئاتا-ئانا“بولۇشقا سالغان ئاساستۇر.ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت ئالدىدا نەمۇنىلىك ئوبرازدا نامايەن بولىشى،،ئىش-ھەركەتتە ئۈلگىلىك رول ئوينىشى،ئۆز كۆچەتلىرىنىڭ ياۋا شاخلىرىنى ۋاقتىدا پۇتاپ ئۇلارنىڭ تۈز ئۆسىشىگە ھەمدەمدە بولىشى ئۇزۇن ۋاقىت ۋە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.بىز دائىم بالىلىرىمىز چوڭ بولغاندا ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىشىدىن،ھاراق ئىچىشىدىن،زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىشىدىن،ئۇنىڭدىن باشقا غەيرى يوللارغا مېڭىپ قېلىشىدىن ۋايىم يەپلا يۈرۈيمىز.لىكىن بۇنىڭدىكى ئاساسلىق جاۋاپكارنىڭ يەنىلا ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايمىز.ئەلۋەتتە بالىلارنىڭ يامان يوللارغا كىرىپ قېلىشىدا جەمىيەتنىڭ تەسىرىمۇ بار،لىكىن ئاساسلىق تەسىر قىلغۇچى يەنىلا ئاتا-ئانىدۇر.بەلكىم كىچىگىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي،بولمىغۇر يوللاردا ماڭغان كىشىلەرنىڭ تارىخى پەرزەنتلىرى تەرپىدىن ۋارىسلىق قىلىنىپ تەكرارلىنىشى مومكىن.

 

2)ئەرنىڭ ئايالغا گېپى ئۆتمەسلىك.تارىخى نوقتىدىن ئالغاندا،ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامەسى مەزگىلدە ئاياللار ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق كۈچ بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.كىيىن بارا-بارا بۇ ھوقۇق ئەرلەر تەرپىدىن تارتىۋىلىنىپ،تاكى ھازىرغا كەلگۈچە خەلقئارادا يەنىلا ئەرلەر ئاساسلىق باشقۇرغۇچى بولۇپ تۇرماقتا.ئەرلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيەتكە ئىگە بولىشى شۇنداقلا ئايرىم ئەرلەرنىڭ بۇ ھوقۇقنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىۋىتىشى ئاياللارنىڭ غەزپىنى قوزغاپ ئاياللار بىرلەشمىسى،ئاياللار بايرىمى دېگەندەك ئىجتىمائى ھادىسلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپچى بولغان بولىشى مومكىن.چۈنكى،بېسىمغا ۋە تەڭسىزلىككە ئۇچۇرغۇچى ھەر قانداق بىر كىشى ھامان ئۇيۇشۇپ،شۇ بېسىم ۋە ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشنى ئىزدەيدۇ.ھەم شۇ مەقسەتتە بىر جايغا ئۇيىشىدۇ.يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئاياللىرىمىز ئۆزلۈكسىز كۆرەش قىلىپ ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش جەھەتتە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.غەرپتىكى ئاياللار ئازاتلىقى تەشەبۇسچىلىرى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىپ بېرىشقا ئاللىقاچان ئۈلگۈرۈپ بولدى.ھەم جەمىيىتىمىزدە ئاياللار ئازاتلىقىنىڭ سەل  كېڭەيتىۋىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ھازىر ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇشنىلا ئەمەس،ئايرىملىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئالى نىشانى قىلىپ بېكىتتى. ئىسلام دىننىڭ ئەھكاملىرى بويىچە ئەرلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئاياللار بارا-بارا ئەرلىرىنى باشقۇردىغان ئاياللارغا ئايلىنىشقا باشلىدى.مېنىڭچە ھەر قانداق بىر دىندا كىشىلەرنىڭ باراۋەر بولىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.ئىسلام دىندا ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى باشقۇرشى،ئاياللارنىڭ ئۇنىڭغا بوي سۇنىشى بىر نوقتىدىن ئالغاندا ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى پەسەيتىش ۋە ھەل قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولسا كېرەك.ناۋادا ئۇنداق بولمىغاندا،ھەر ئىككى تەرەپ مۇككەممەل باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىپ،شۇ باراۋەرلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلسا زىدىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىدا گەپ يوق.بۇ يەردە تەشەببۇس قىلغىنى ئۆز-ئارا كەڭ قورساق بولۇش ۋە بىر-بىرىگە يول قويۇشتىن ئىبارەت. ئەمدى گېپىمىزنىڭ مەركىزى نوقتىسىغا كەلسەك،ئەرنىڭ ئايالغا گېپى ئۆتمەسلىكىدە ئاساسلىق،جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقى،ئىقتىسادىي جەھەتتە ئايالىغا قارىغاندا ئائىلىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ تۆۋەن بولىشى،ئەرنىڭ ئەخلاقى جەھەتتىكى چىرىكلىكى،ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى مىھرى-مۇھاببەتكە يۈزە مۇئامىلە قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.ئەرلەردە ساقلانغان بۇ ئاجىزلىقلار ئاياللارنىڭ ھوقۇق ئىگەللەش خاھىشىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.شۇڭىلاشقا ئۇلار باراۋەرلىك تەلەپ قىلىپلا قالماستىن يەنە باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ قولغا كىرگۈزۈشنى ئويلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى بۇ خىل كۈرەش جەريانىدا شەكىللەنگەن زىدىيەتلەر بىرىنىڭ گېپىنىڭ يەنە بىرسىگە ئۆتمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.كوللىكتىپ ئىچىدىكى گېپى ئۆتمەسلىك.بۇ ئاساسلىقى مەلۇم بىر كوللىكىتىپ ئىچىدە ئۆز-ئارا بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىدىن ياكى ئىككىنچى تەرەپنىڭ قاشاقلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان گېپى  ئۆتمەسلىكتۇر.بۇ يەردە پەقەت ئىككى تۈرنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتىمىز.

1.رەھبەرنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلىرىگە ياكى ئاۋامغا گېپى ئۆتمەسلىكى

رەھبەر-جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىملىق نوقتىدىن شەرھىيلىگەندە ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن خەلقنىڭ سادىق چاكىرى.ئۇ ئاۋامغا بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرسىدىكى بىر كۆۋرۈك.ئاۋام مۇشۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىدا بولىدۇ.لىكىن بەزى چاغلاردا خوجايىن بىلەن چاكار سالاھىيەت ئالماشتۇرىشى مومكىن.“ياقىلار ئېتەك بولدى،ئېتەكلەر ياقا“دېگەندەك چاكارلارنىڭ خوجايىن بولىشى،خوجايىنلارنىڭ چاكار بولىشى نەق بىز دەيدىغان پەلەك چاقىنىڭ تەتۈر چۆگىلىگەنلىكىنىڭ مەسئۇلى.ھۆكۈمەت چاكار بول دېسە ماقۇل دەپ قويۇپ،خوجايىن بولۇش.خوجايىن بولغاندىمۇ چېكىدىن ئاشۇرۋىتىش.رەھبەرنىڭ گېپى ئۆتمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەگەر بىر رەھبەر بولغۇچى ئۆز كوللىكتىپى ياكى خەلىقنى ئويلىسا،شۇلار ئۈچۈن باش قاتۇرسا،شۇلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئاقسا ئۇ تەبئىكى ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كوللىكتىپنىڭ نىجاتچىسى دەپ قارىلىدۇ.ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.ھەمدە ئۇنىڭ ئابرۇي-ئىناۋىتى ئېشىپ ھەممىمىز ئارزۇ قىلغان“پىچىقى كېسىدىغان“،“گېپى ئۆتىدىغان“رەھبەرگە ئايلىنالايدۇ.ناۋادا ئۇ بار كۈچى بىلەن باشقىلارغا پەقەت“خوجايىنلىقلا قىلىمەن،ئۆزۈمنى بېقىپ سەمىرتىمەن،باشقىلار بىلەن كارىم يوق“دېگەن پوزىتسىيەدە بولىدىكەن. گەرچە ئەمەلدارلىق تاجى بېشىدا چاقناپ تۇرسىمۇ ،ئېنىقكى،ئۆمىرى ئەڭ قىسقا گېپى ھەقىقىي ئۆتمەيدىغان رەھبەرگە ئايلىنىدۇ.رەھبەرلەرنىڭ گېپى ئۆتمەسلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى يەنە بىر جەھەتتىن ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشتىن بولىدۇ.ھازىر كۆپىنچە ئىدارە-ئورگانلاردا باشلىقلارنىڭ كاسىر بىلەن بوغالتىرغا گېپى ئوڭايلىقچە ئۆتمەيدۇ.چۈنكى ئۇلار بىرلىكتە نەپسىگە تەڭ چوغ تارتقانلاردۇر.بىر كېمىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا تەڭ دەسسىگۈچىلەردۇر.رەھبەرنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە گېپى ئۆتمەسلىكى يەنە ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن تۆۋەن بولىشىدىنمۇ كېلىپ چىقىشى مومكىن. چۈنكى، مەلۇم بىر ئۇروندا رەھبەر بولغۇچى،ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى باشقۇرۋاتقان ساھەنى چۈشىنىشى،بۇ ساھەنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولىشى ھەمدە شۇ ئاساستا قول ئاستىدىكىلەرنى يېتەكلەپ ماڭالايدىغان بولىشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا،ئۇ پەقەت قول ئاستىدىكىلەرنىڭ قىلغان ئىشىغا قاراپ ئولتۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قارانچۇققا ئايلىنىپ قېلىشى تۇرغان گەپ. قارانچۇقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان ئاتالمىش رەھبەرنىڭ گېپىنى كىممۇ ئاڭلىسۇن؟

2)ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا گېپى ئۆتمەسلىكى

مائارىپ جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ھۇلى.ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت يېڭى دەرس نوقتىنەزىرى بويىچە بولغاندا باراۋەر ئورۇندىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى.لىكىن بۇ باراۋەر ئورۇندىكى مۇناسىۋەت ئوقۇتقۇچىنىڭ توغرا ۋە ئۇنۇملۈك يىتەكچىلىك قىلىشى،ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. بۇ يەردە يەنىلا ئوقۇتقۇچى مەلۇم دەرىجىدىكى باشقۇرغۇچىلىق ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچىلىق سالاھىيىتىدە بولىدۇ.ئوقۇتقۇچى ياخشى باشقۇرغۇچى ۋە دانا رەھبەرلىك قىلىمەن دەيدىكەن،چوقۇم بالىلارغا ”گېپىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان“بولىشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارغا گېپىنى ئۆتكۈزۈشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بالىلارنى قورقۇتىشى،تەن جازاسى بېرىشى ياكى باشقا ناتوغرا ئۇسۇللار بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ھەقىقىي ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم بولغاندىلا،ئاندىن گېپى ئۆتىدىغان بولىدۇ.بەزىلەر“بالىلارنى قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى مەجبۇرى گەپ ئاڭلىتىمەن ۋە بوي سۇندۇرىمەن،ھۆرمىتىگە ئېرىشىمەن“دەپ قارايدۇ.ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا باشلىغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئوبرازىنىڭ خۇنۇكلىشىشىقا،گېپىنىڭ ئۆتمەسلىككە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتى.قانداق قىلغاندا،ھەقىقىي ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ؟بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى،ئوقۇتۇش مىتودى،بالىلاغا ھەقىقىي تۈردە نەپ يەتكۈزۈشى،كۆيۈنىشى،ئىش-ھەرىكەتتە ئۈلگە بولىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئۆزنىڭكى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.بالىلارنىڭ پىسخىكىسى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا،كۆپىنچە بالىلار ئوقۇتقۇچىلارنى ئاتا-ئانىسىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ.ئۆيىدە كەپسىز بالىلار  مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ.ئوقۇتقۇچى باشلىغان يولغا ماڭىدۇ.دېمەك،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ھەقىقىي مەنىدىكى“روھى ئىنژنىر“سالاھىيىتىدە نامايەن بولىشى ۋە ئىزچىل بۇ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۇنىڭ مەڭگۈ گېپى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى بولالايدىغانلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

3.ئىجتىمائى توپلار ئارا گېپى ئۆتمەسلىك.بۇنىڭدا ئاساسلىقى بىر رايۇن ياكى بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئىجتىمائى توپلار ئوتتۇرسىدىكى بىر توپنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ۋە ئىجتىمائى ئورنىنىڭ يۇقىرى بولىشىدىن كېلىپ چىققان زىدىيەتلىك ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىلدىكى گېپى ئۆتمەسلىك بىرى قانۇن كۆزقارىشى تۆۋەن بولۇش،ئىككىنچىسى ئىقتىسادى كۈچى ئاجىز بولۇش،ئۈچىنچىسى ئۇيۇشۇش كۈچى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.تۆۋەندە بۇ خىل“گېپى ئۆتمەسلىك“نىڭ تۈرلىرىنى ئۆز ئەھۋالىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ قىسقىچە تەھلىل قىلىپ باقايلى.

1)قانۇن كۆزقارىشى تۆۋەن بولغانلىقتىن گېپى ئۆتمەسلىك.

قانۇن-ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسلىق قۇرالى.ئۇ مەجبۇرلاش خاراكتىرىگە ئىگە.ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىدا شۇ دۆلەتكە پۇقرا بولغۇچىلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بەھىرلىنىشكە تېگىشلىك ھوقۇقلىرىمۇ بولىدۇ.ناۋادا بىز ئۆز دۆلىتىمىز قانۇنى دائىرسى ئىچىدە قانداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋالساق،ئاندىن ئۆزىمىزنى توغرا ۋە ئۈنۈملۈك يول بىلەن قوغداش،پايدىلىنىشقا تېگىشلىك جايلاردىن پايدىلىنىش شارائىتىنى ھازىرلىيالايمىز.ھوقۇقۇمىز دەخلى-تەرۇزغا ئۇچىرىغاندا گېپىمىزنى قانۇن بويىچە ئۆتكۈزەلەيمىز.مەسىلەن:دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئاپتۇنومىيىلىك قانۇنى،تىل-يېزىق قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر بەھىرلىنىشكە تېگىشلىك ھوقۇقلار بار.لىكىن بۇ ھوقۇقلارنى بىلىدىغانلار ۋە بەھىرلەنگەنلەر زادى قانچىلىك؟بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش قىيىن.ئۇنىڭدىن باشقا مىللىي سىياسەتلەر قانۇننىڭ تولۇقلىغۇچىسى بولۇپ رول ئوينايدۇ.دائىم مۇنبەرلەردە ھوقۇقىمىز دەخلى-تەرۇزۈزغا ئۇچىرىغان ئىجتىمائى مەسىلىلەر ئىنكاس تەرىقىسىدە يوللىنىپ،قىزغىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.لىكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەل قىلىندىغانلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس.قاقشاش ۋە زارلىنىش كۆپ.ئەمەلى ھەرىكەت ئاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇقىرى قاتلامدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر دائىم دېگۈدەك بىلىكوپچە روھى ھالەتتە بولغاچقا،بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى كىشىلەر مەلۇم بىر مەسىلە ھەققىدە چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيىشكە پىتىنالمايمىز.نەتىجىدە گېپىمىز ئۆتىدىغان ھالەتتە،پىچىقىمىز كېسىدىغان ھالەتتە بولسىمۇ،ئۇنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايمىز.ھازىرقى ئۆزىمىزنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىدىن قارايدىغان بولساق،نوپۇسىمىزنىڭ كۆپىنچىسى دېھقان،مەدەنىيەت قاتلىمى بىر قەدەر تۆۋەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قانۇن ئېڭىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس.شۇنداق بولغاچقا،يېزىلىرىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان تەڭسىزلىكلەر ئايرىم ھاللاردا نورمال ئىش دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.خەلىقنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ،ئايرىم كاتىباشلار ئۆز نەپسىلىرىگە چوغ تارتىشتا تارتىنمايدىغان ھالەتكە يەتمەكتە.ئۇنىڭدىن باشقا بىزدە سەل قارىلىۋاتقان يەنە بىر تەرەپ،شەخىسلەرنىڭ كىشلىك ئىززەت ھۆرمىتىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچىرىغاندا،ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى.ھەممىگە سەۋىر قىلىش،بولدىلا دەپ ئۆتكۈزۋىتىشتەك پوزىتسىيە كىشىلەرنىڭ كىيىنكى گەپ ئۆتكۈزەلمەسلىكىگە سەۋەپ بولماقتا.

2.ئىقتىسادى كۈچى ئاجىز بولغاچقا گېپى ئۆتمەسلىك.ئىنسانلاردا ئىككى خىل ئېھتىياج مەڭگۈلۈك بولىدۇ.بىرى ماددىي ئېھتىياج.يەنە بىر مەنىۋى ئېھتىياج.بۇ ئېھتىياجلارنىڭ قاندۇرلىشى ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.مېنىڭچە،بىر مىللەتنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى سان جەھەتتىن ئۈستۈلۈككە ئىگە بولغانلىقىدىنلا ئەمەس،بەلكى ئىقتىسادى كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىشىغمۇ باغلىق.ھازىرقى جەمىيەەتىكى يۈزلىنىش نوقتىسىدىن ئېيتقاندا،بىر ئىجتىمائى توپنىڭ يەنە بىر ئىجتىمائى توپ بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرالماسلىقى دەل بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن باغلىق.خەلقئارادا بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە بۆزەك بولىشى يەنە شۇ ئىقتىساتقا بىرىپ تاقىلىدۇ.

بىر ئىككى يىل بۇرۇن دۇنيادىكى ئىشلار پىروگراممىسىدا،بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارادىكى چوڭ ئىشلاردا قارار چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئەزالىق بەدىلى ئۈچۈن تۆلىگەن پۇلىنى ئاز-كۆپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلدى.دۇنيا بويىچە ئامىرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىراجىتىنىڭ%17تىنى كۆتىردىكەن شۇڭىلاشقا،ئۇلارنىڭ موھىم ئىشلاردا قارار چىقىرىش ھوقۇقى ئەڭ كۆپ بولىدىكەن.مەملىكىتىمىز%3.66خىراجەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا ئەڭ كۆپ پۇل چىقارغاچقىلا موھىم ئىشلاردا ئامېرىكىنىڭ تاشلايدىغان بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولىدىكەن.تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چوڭ ئىشلاردا قارار چىقىرىش ھوقۇقى جەھەتتە ئالدىنقىلىرى چوڭ ياكى كىچىڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدىكەن.مەسىلەن ئالايلى،دۆلىتىمىزدە بىرقېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش شەرپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى.ئاڭلىشىمچە جۇڭگۇنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئىشى ئامېرىكىنىڭ بېلەتنى بىزگە تاشلىماسلىقى تۈپەيلىدىن خېلىلا كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىپتىكەن.

يەنە بىر جەھەتتىن بىر دۆلەتلا ئەمەس،شۇ دۆلەتتە ياشايدىغان مەلۇم بىر ئىجتىمائى توپنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولىشى،بۇ توپنىڭ شۇ دۆلەت ئىچىدە ئاساسلىق ھۆكۈمران توپ بولۇپ قالىدىغانلىقى،شۇ توپنىڭ شۇ دۆلەتتە ئاساسلىق گېپى ئۆتىدىغان توپ بولۇپ قالدىغانلىقى ئېنىق بىر پاكىت.مەسىلەن:ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلارنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق،ئۇلارنىڭ ئامېرىكا نوپۇسىدىكى ئىگەللىگەن نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس،لىكىن ئامېرىكىدىكى بايلىق ئاساسلىقى يەھۇدىلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن.شۇڭىلاشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر قانداق بىر ئىشتا بۇ ئىجتىمائى توپنىڭ مەنپەتىگە خىلاپ بولغان ئىشلارنى قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.چۈنكى،ئىقتىساد بىر دۆلەتنىڭ جان تۇمۇرى.ئامېرىكىنىڭ ئىسىرالىيەنى باشتىن-ئاخىر قوللاپ كېلىشىمۇ نەق يەھۇدىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان.

دېمەك،چوڭ مەسىلىلەردە گېپى ئۆتۈش-ئۆتمەسلىك ئىقتىساد بىلەن باغلىق.تارىختىن بۇيان باشقىلار تەرپىدىن بوزەك قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نامرات توپ ياكى نامرات كىشىلەردۇر.مېنىڭچە“نامراتلىق= بوزەكلىك“،“نامراتلىق=گېپى ئۆتمەسلىك“،“نامراتلىق=خورلۇق“.نامراتلىق ئۇ كىشىلەرنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولىشىدۇر.كىشىلەر پەقەت تۆۋەن دەرىجىدىكى ئېھتىياجدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى تويۇنۇشقا يىتىپ بارالىغان چاغدىلا،ئاندىن ئۆزنىڭ كىشلىك قىممىتىنى توغرا تونۇش ۋە قوغداشقا شارائىت يارىتالايدۇ.نامرات كىشىلەرنى ھەر قانداق بىر دۆلەت قارىماققا ئۇلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ،ماھىيەتتە ئۇلارنى دۆلەتكە نىسبەتەن بىر يۈك دەپ قارايدۇ.شۇڭىلاشقا نامرات كىشىلەرنىڭ جەمىيەتتە ئورنى تارىختىن بۇيانلا يۇقىرى بولغان ئەمەس،ھەم گېپى ئۆتكەنمۇ ئەمەس.بۇنىڭدىن يۈز يىللار بۇرۇن گېرمانىيىلىك داڭلىق پەيلاسوپ نېتىزى“نامراتلار يوقالسۇن“دەپ شۇئار توۋلىغان ئىكەن.مېنىڭچە ئۇنىڭ بۇ شۇئارىدىن بىر خىل ياۋۇزلۇق ۋە ۋەھشىيلىك پۇراپ تۇرسىمۇ،لىكىن يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا ئۇنىڭ چوڭ جەھەتتىكى دۆلەت تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.نېتىزىنىڭ يۇقارقى كۆز قارىشى غەرپچە كۆز قاراش دەپ قارىلىپ،بىز تەرپىدىن ئوڭايلىقچە قۇبۇل قىلىنماسلىقى ئېنىق.ناۋادا بىز بۇ شۇئارنى ئازراق ئىسلاھ قىلىپ“نامراتلىق-يوقالسۇن“دەپ ئۆزگەرتسەك،ھەم بۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلىسەك،ئاندىن“بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش“ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.بۇ نوقتىنى تونۇپ يەتكەن ئەجداتلىرىمىز بىزگە“گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن“دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن.نۇرغۇنلىرىمىز بۇ تەمسىلگە بىر خىل يامان كۆزدە قاراپ كېلىۋاتىمىز.بۇ پومچىكلار سىنىپىنىڭ مەنپەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان تەمسىل دەپ قاراپ كەلدۇق.بۇ يەردە مېنىڭچە ئەجداتلىرىمىز دەل ئىقتىسادى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭلا گېپىنىڭ ياخشى ئۆتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان بولىشى مومكىن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىن قارايدىغان بولساق،ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى،قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىرلىرىدە ئۇيغۇرلار ئەتىراپىدىكى دۆلەتلەرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ئىگىلىگىدىكى ئەۋزەللىكلىرى ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرسىدە گېپى ئۆتىدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلغان.ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى چاڭ كەلتۈرۈپ،ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.شۇڭىلاشقا يۈسۈپ خاس ھاجىپ“قۇتادغۇبىلىك“تە سودىگەرلەرنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان.ئۇلارنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىدىكى ئوينىغان رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئىقتىسادنىڭ خاراپلىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى بارغانسىرى ئاجىزلاپ بۆزەك قىلىنىدىغانلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلغان.بىز تارىختىكى ئۇيغۇر سۇلالىرىنىڭ ۋەيران بولىشىنى دائىم خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نىزالار بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە كۆنۈپ كەتكەن.مېنىڭچە،بۇ بىر ئىچكى ئامىل.لىكىن ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ ۋەيران بولىشى دۆلەتنى ۋەيرانلىققا يۈزلەندۈرگەن.

ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا،پۇل تېپىپ بېيىغانلار خېلى بار.مېنىڭچە شەخىسلەرنىڭ پۇل تېپىپ باي بولىشى بۇ ئادەتتىكى مەسىلە.بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە پۇل تېپىپ بېيىغان كىشىلەرنىڭ بىر كۈچلۈك ئىقتىسادىي توپنى شەكىللەندۈرىشىدۇر.بۇ خىل ئىقتىسادىي توپنىڭ شەكىللىنىشى موھىم ئىشلاردا“گېپىنى ئۆتكۈزۈش“نىڭ ئاساسى.بىزدىكى ھازىر شەخىسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشى،بىر ئورتاق گەۋدە ھاسىل قىلالماسلىقى،بېيىغانلارنىڭ قولىدىكى بايلىقلارنى ياخشى باشقۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت قولىدا تۇتۇپ تۇرالماسلىقى ،بېيىغان ئۇيغۇر توپىنىڭ بارلىققا كېلەلمەسلىكىگە سەۋەپ بولماقتا.بىز ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر ئىقتىسادىي گەۋدە ھاسىل قىلىشقا شۇنچە كۈچەيدىغانلىقى،ھەتتا پۇللىرىنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈرگەنلىكىنى ئويلىساقلا،ئىقتىسادىي توپنىڭ چوڭ ئىشلاردىكى بەلگىلەش رولىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.شۇڭىلاشقا،باشقا ئىجتىمائى توپلار ئارىسىدا ھەقىقىي“گېپى ئۆتىدىغان“توپ بولۇش ئۈچۈن،بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي توپنىڭ بولىشى ئىنتايىن زۆرۈر.

3)ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ ئاجىز بولىشى سەۋەبلىك گېپى ئۆتمەسلىك.

بىزدە ”كۈچ بىرلىكتە،ئىش ئۆملۈكتە“دېگەن ھېكىمەتنىڭ بولىشى دەل ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ ياخشى بولىشىغا قارىتىلغان.“ئۇيغۇر“سۆزنىڭ“ئۇيۇشقاق“دېگەن مەنىدە ئىزاھلىنىشى بىزنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىگە بۇرۇندىن تارتىپ قانداق پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا“شېرىكلەرنىڭ يۈرىكى شىردەك“،“كۆپچىللىك بىرلەشسە تاغنىمۇ يىقىتار“،“كۆپكە يېقىن-كۆككە يېقىن“،“بىرلىك بولماي كۈچ بولماس“دېگەندەك ھېكمەتلەردىن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇيۇشقاقلىقنىڭ تەشەبۇسچىسى بولغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.ناۋادا چوڭ ئىشلاردا بىرلىككە كېلەلىسەك،ئۆز ئۇيۇشقاقلىقىمىزنى نامايەن قىلالىساق،ئاندىن باشقىلارغا گېپىمىزنى ئۆتكۈزەلەيمىز.ئەكسىچە بولغاندا،باشقىلار بىزنىڭ ئارىمىزدىكى زىدىيەتتىن پايدىلىنىپ توغاچ ئوغرلايدۇ.مىللىي ئەنئەنە، ئۆرۈپ ئادەت ۋە مىللىي ئەخلاقنىڭ قوغدىلىشى،ئەۋلاتلارغا سىڭدۈرلىشىشى مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ بارىدۇ.مىللىي ئۇيۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى،بىر ياقىدىن باش،بىر يەڭدىن قولنىڭ چىقماسلىقى پىچىقىمىز تېخىمۇ گاللاشتۇرۇپ تېخىمۇ ئۆتمەس قىلىۋىتىدۇ.

يۇقىرىدا ئائىلە،كوللىكتىپ،جەمىيەت ۋە خەلقئارا جەھەتلەردىن“گېپى ئۆتمەسلىك“نىڭ سەۋەپلىرىنى ئىزاھلاشقا تىرىشىپ باقتىم.بۇ كۆز قاراشلىرىمنىڭ تېخى پىشمىغان ۋە كەم قالغان جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى ئۆزۈمگىمۇ ئايان.لىكىن يېرىم چېلەك سۇ بولۇشۇمغا قارىماي چالتاقلاپ باقتىم.كەم قالغان جايلار ۋە كەمچىللىكلەر بولسا،تەنقىدىي پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

2009-يىلى3-ئاينىڭ23-،24-كۈنلىرى كورلا شەھرىدە يېزىلدى.

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى قايتا تۈزىتىلدى.

 

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. يىپەك
    2011/10/19 11:49:32

    ئاجايىپ ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن يېزىپسىز ،بەك قايىل بولدۇم ….

    • lopnuri
      2011/10/19 13:10:52

      داۋاملىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپ تۇرىشىڭىزنى، بولۇپمۇ تەنقىدىي پىكىرلەرنى كۆپرەك بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif