كورلىدىكى دېھقان بازىرى(سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-10-16 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 780 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

كورلىدىكى دېھقان بازىرى

 

مۇھتاجلىقنىڭ ھارۋىسىنى دېھقانلار،

سۆرەپ كېلىپ تاڭ سەھەردە يىراقتىن.

يېيىۋىتەر غەملىرىنى كوچىغا،

ئارمانلارنى چاقنىتىپ كۆز – قاراقتىن.

 

بىرى كۈلۈپ،بىرى غەمكىن قايتىدۇ،

ئۈمىد بىلەن كىرىپ ھەممە بۇ جايغا.

تۇرمۇش ئۈچۈن كارنىيىنى يىرتىدۇ،

بېشىچىلاپ چۆكۈپ سىرلىق قاينامغا.

 

داق يەردىلا ئولتۇرىدۇ بوۋايلار،

قوللىرىدا پارچە پۇلنى تۇتۇشۇپ.

بۇندا ئاقار ئادەملەرنىڭ قەدىمى،

گەۋدىلىرى بىر-بىرىگە سوقۇشۇپ.

 

يىرتىق چاپان كىيىۋالغان بولسىمۇ،

”ئېلىڭ“ دەيدۇ تالاشقانغا مەرتلەرچە.

ئىنسابىنى ئوراپ ساۋاپ سالاغا،

خېرىدارغا بېرەر قىلىپ سۆيۈنچە.

 

بولمىسىمۇ تاپقان پۇلى ئانچە كۆپ،

رەنجىمەيدۇ،ئاغرىنمايدۇ ھاياتتىن.

بىر كېچىدە باي بولسامكەن دېمەيدۇ،

ئايرىلمايدۇ قانائەتلىك قاناتتىن.

 

تىقىلسىمۇ كۆزلىرىگە توپا-چاڭ،

پەرۋا قىلماس ئولتۇرغاندەك سارايدا.

قولى قىسقا،ئۆزى يوقسۇل بولسىمۇ،

ئوخشىمايدۇ روھى قۇرۇق گادايغا.

 

ئەكەلگىنى بادام،يىمىش ۋە ياڭاق،

بەزىلىرى كونا كىيىم ۋە ئاياق.

تاۋۇز،قوغۇن ھەمدە  بوغۇز قوناقمۇ،

بىر ئۆيدىكى بالىلاردەك بەك ئىناق.

 

كورلىدىكى ئوماق دېھقان بازىرى،

بىر ھەپتىدە پەقەت بىر كۈن قاينايدۇ.

زاغرا ناندەك يېرىلسىمۇ شۇ قوللار،

ھاجەتمەننىڭ يۈزلىرىنى مايلايدۇ.

 

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى

 

 

بۇلارنى قانچە پۇلغا ساتساق بولار،بىزگە قانچىلىك پايدا قالار.

خېرىدارلار كەلگىچە مۇڭدىشايلى بىر دەملىك،دوستلىرىمنىڭ گەپلىرى بىر-بىرىدىن بەك تەملىك.

زادى نېمە ساتتى بۇ يەردە،ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى شۇ پەيتتە.

ساقىلىمغا ئوخشىتىپ بوغقان،سۈپۈرگىدىن ئېلىڭە چاققان!

 

بىر دانىسى پەقەت ئىككى كوي،جىقراق ئېلىپ ئۆيدە ساقلاپ قوي!

 

ئاتا-بالا ئىككىمىز كەلدۇق،ئېلىڭلار ياڭاقنى ئەرزانلا بەردۇق!

 

بولساقمۇ بىز شۇنچىلىك سېخى،بىرمۇ پالاز ساتمىدۇق تېخى.

 

بۇ يىمىشلەر تۈگەركىن قاچان،ئۆيگە تېزرەك بولسامكەن راۋان.

 

تۇتۇپ ئەسۋاپ قولىنى قاتتىق،سىقتىم ئانار سۈيىدىن تاتلىق.

 

قوناق كاۋاپ تەمى ئۆزگىچە،تاتلىق ياڭيۇ بەك ئوبدان نەرسە.

 

كىسىپ بېرىمەن تاتلىق ماتاڭدىن،پۇل ئەكەلگىن بالام ئاتاڭدىن.

 

ئېتىلدۇرۇم قوناقنى پاق-پاق،كەلمەمسىلەر قېنى-ھە،شاخ-شاخ.

 

ئاچچىق-چۈچۈكتىن باقمامسىز تېتىپ،بۈگۈن پۇرسەت بولغاندا نېسىپ.

 

تەكشى سېپىپ دورا-دەرماننى،قارشى ئالاي كەلگەن مېھماننى.

 

ئېلىڭ مانا ئېسىل جايناماز،يۈرمەڭ ئەمدى كۈندە بىناماز.

 

بۈگۈن ئارام ئۇخلاپ ياتمىدىم، ئەمما تېخى بىرنىمۇ ساتمىدىم.

 

كېلىڭ يىگىت،كېلىڭ خېرىدار؛بۇ كىيىملەر شۇنداق جەزىبدار.

 

ئېلىۋالاي بىر كىلو ئۆزۈم،تۈگىسىلا تېلفۇندا سۆزۈم.

كېلىڭ مانا بۇ بىزنىڭ دۇكان،ئېلىڭ بولسا قايسىسى ئوبدان.

 

گۆش ساتىمەن،يېمەيمەن؛ئىچ سىرىمنى دېمەيمەن.

مەنبە:ئۆزۈم

2011-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ياۋايى
    2011/10/20 13:23:05

    مۇشۇ دىھقان ئاكىلىىرمىزدىن بىر نەسە ئاسان تالاشقۇم يوق… لىكىن دۇككانلاردىن تالاشماي بولمايدۇ…

  2. يىپەك
    2011/10/18 06:25:44

    مۇشۇ دىھقان ئاكىلىرىمىزغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ ،شۇنداق جاپا تارتىپ تاپقان نەرسىنى بازاردا ساتسا ناھايتى ئەرزان ، يەنە تىخى باھا تالىشىمىز ئۇلاردىن ،،

    • lopnuri
      2011/10/18 07:15:22

      بىز مۇئاشلىق تۇرۇپمۇ،
      تالىشىمىز باھانى.
      دېھقان ساتسا بىر گىردە،
      ھەتتا ئاددى ماتانى.

      ئەرزان سېتىپ دېھقانلار،
      قىممەت ئالار تاۋارنى.
      دېھقانلارسىز قىزىتقان،
      قايسى غوجام بازارنى.

      تالاشمايلى دېھقاندىن،
      نەرسە ئالساق بۇرادەر.
      تىلەپ بەخت ئۇلارغا،
      بولمايلى بىز تاماگەر.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif