قاردىكى ئەسلىمە

ۋاقتى: 2012-01-24 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 298 قېتىم / 7 دانە باھا يوللانغان باھا

قاردىكى ئەسلىمە

ھىچكىمنىڭ ئىزلىرى چۈشمىگەن جايدىن،
ئىزىمنى قالدۇرۇپ ماڭىمەن پىنھان.
ئەسلەيمەن قار گۈلى ئېچىلغان چاغنى،
بىر ۋاقىت سەن بىلەن ياندىشىپ ماڭغان.

قولۇمغا سىقىمداپ ئاپپاق كومىلاچ،
ئوينايتىم سۆزۈڭگە بولغانچە مەستخۇش.
ئېتىلسا قار بىلەن بىزەلگەن كىرپىك،
سەرخۇشلۇق ئىلكىدە بولاتتىم بىھۇش.

ئاپپاق قار چۆمدۈرۈپ ئاپپاق تۇيغۇغا،
غەملەرنى سۈپۈرۈپ تاشلايتتى تامام.
ئۇرسىمۇ سوغ شامال يۈزلەرگە نەشتەر،
ياسايتتۇق يەنىلا سۆيگىدىن قىيام.

ئاق رەڭگە قوشۇلۇپ ئاپپاق تىلەكلەر،
پاكلىقتىن سۆيۈنۈپ كۈلەتتى خۇشخۇي.
تىنىقىڭ چىقارغان ئاپئاق ھورلارمۇ،
ئەتىرگۈل ھىدىدەك شۇنچىلىك خۇشبۇي.

كەلگەندە چىقارغان ئىزلارنى بۇزماي،
ياناتتۇق يېڭىچە ھېسلارغا چۆمۈپ.
قىيماستىن خوشلىشىپ قايتا ۋە قايتا،
تۈنلەرنى خىيالدا تاشلايتۇق كۆمۈپ.

نەقەدەر سۈيۈملۈك ئاشۇ مىنۇتلار،
ئاياقلار چىقارغان غىچ-غىچ ئاۋاز ھەم.
تىلىمنى تەگكۈزسەم ئاپپاق قارلارغا،
ئېرىگەن قالدۇرۇپ شىكەردەك بىر تەم.

يوقاتتى شىۋىرغان ئىزلارنى بەلكىم،
ۋە ياكى قۇياشتا كەتكەندۇ ئېرىپ.
ۋە لىكىن ياشلىقتا پۈتكەن ئەسلىمە،
تۇرماقتا ياش پېتى كەتمەستىن قېرىپ.

7نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. رىسالەت
    2012/02/13 10:27:32

    يېڭىچە شېئىرلارنى كۆرگەندە تاللاپ كۆرۈڭ، ئانچە مۇنچە يېڭىچە شېئىرىيەت نەزىرىيەسىگىسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ، ئەمما كاللىدا تىل تەتقىقاتى بىلەن شېئىرىيەت ئايرىم-ئايرىم ئىككى رايوندا بولغاچقا، شېئىرىيەت بىلەن تەتقىقات بىر-بىرىگە سەل توسالغۇ بوپ قالىدىكەن. مەن ئەمەلىيىتىمدە بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

    • lopnuri
      2012/02/13 10:37:22

      بۇ دېگىنىڭىزمۇ توغرا. بىرى ھىسسىي تەپەككۇر بىلەن ئىشقا ئاشسا،يەنە بىرى ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.

  2. رىسالەت
    2012/02/11 10:47:40

    شېئىرنى ياخشى يازىدىكەنسىز. تىل تەتقىقاتى بىلەن شېئىر ئىككى رايونغا تەۋە خىزمەت. شۇنداقتىمۇ ياخشى يازىسىزكەن. جىقراق شېئىر ئوقۇسىڭىز ئۆزلىگىدىن ئىپادىلەش جەھەتتە ئىلگىرلەپ كىتىسىز. سىزگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن.

    • lopnuri
      2012/02/11 11:33:17

      بەرگەن تەكلىپىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر! مەنمۇ سىز دېگەن قاراشقا قوشۇلىمەن. بۇندىن كېيىن ئالدى بىلەن خەلق قوشاقلىرىنى ئاندىن يېڭىچە شېئىرلارنى مەخسۇس كۆرۈپ چىقىشنى ئويلاۋاتىمەن.

  3. رىسالەت
    2012/02/10 10:29:43

    سالام، سىزنىڭ شېئىر يازىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەپتىمەن. شېئىرنىمۇ يامان ئەمەس يازىسىزكەن. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولغاي.
    رىسالەت مەردان :cry:

    • lopnuri
      2012/02/10 13:15:40

      مەن پەقەت شېئىر ئوقۇش ۋە يېزىشقا ھەۋەس قىلىمەن. ئۆزۈمنى شېئىر ئارقىلىق تونۇشنى ۋە سەزگۈلىرىمنى شېئىر ئارقىلىق يۇشۇرۇن ئىپادىلەپ چىقىشنى ئىستەيمەن. ئەپسۇس، مەندە شېئىرىي دىت سەل كەمچىل ئوخشايدۇ، تازا دېگەندەك يازالمايمەن. كۆپرەك تەنقىدىي پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  4. ئابدىراخمان.
    2012/01/24 20:37:52

    بۇگۇن يازدىڭىزما ؟ بەلەن يېزىپسىز .ئاخىرى يوقما.مەن بەك ياختۇرۇپ قالدىم.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif