گۇننار يارىڭنىڭ ئۇيغۇرچە پوچۇركىسى(سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-08-26 / تۈرى: تارىخ-مەدەنىيەت / كۆرۈلۈشى: 406 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

گۇننار يارىڭنىڭ ئۇيغۇرچە پوچۇركىسى

 

گۇننار ئالفېرد يارىڭ1907-يىلى شىۋىتسىيىنىڭ جەنۇبىيدىكى سىكانىيە ئۆلكىسىنىڭ دېڭىزغا ئانچە يىراق بولمىغان ۋېكون دېگەن يېزىسىدا تۇغۇلغان.گۇننار يارىڭ ئۇتۇق قازانغان دېپلۇمات،ئابرويلۇق،كۆزگە كۆرۈنگەن شەرىقشۇناس،تىلشۇناس ئالىم.ئۇ1933-يىلى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسى“ئۇيغۇر تىلى فونتېكىسى تەتقىقاتى“نەشىر قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە ئۇيغۇر تىلى،تارىخى،مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزچىل توپلاپ،رەتلەپ،نەشىر قىلدۇرغان.ئۇلارنى تەتقىق قىلىپ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇتقان.ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:

1.ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى تەتقىقاتى(1933-يىلى،لۇند)

2.ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ جايلىشىشى ۋە ئۇلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تۈرگە ئايرىش ھەققىدە تەتقىقات(1939-يىلى)

3.ئۇيغۇر تىلى-ئىنگىلىز تىلى شىۋىلىرى لۇغىتى(1964-يىلى،لۇند)

4.گوستاف رايگۇيت ۋە<قاسىم ئاخۇننىڭ كامىل ئەپەندىگە يازغان خېتى>ھەققىدە تەتقىقات(1975-يىلى،لۇند)

5.شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى شىۋىتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ دوكىلاتىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مىللەتشۇناسلىققا دائىر ماتىرىياللار(1979-يىلى،لۇند)

6.قەشقەرگە قايتا سەپەر(1979-يىلى،ستوكھۇلۇم؛1986-يىلى،ئامېرىكا دۇك ئۈنىۋېرسىتىتى)

7.قەشقەر ئەدەبىياتىغا دائىر ماتىرىياللار(1980-يىلى،لۇند)

8.ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇنازىرە ئەدەبىياتى توغرىسىدا خاتىرلەر(1981-يىلى،لۇند)

9.شىنجاڭدىكى يىپەك يولىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىكى يېڭى بايقاشلار توغرىسىدا قاراشلىرىم(1983-يىلى)

10.قەشقەر قول يازمىلىرى(1987-يىلى،لۇند)

11.<ئوغرى يوق شەھەر>قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات(1989-يىلى،لۇند)

12.قەشقەردىكى باسما ماتىرىياللار شىۋىتسىيە دىن تارقىتىش ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدىكى باسمىخانىسى:تارىخ ۋە باسما بويۇملار ھەققىدە ئومۇمىي بايان(1991-يىلى،ستوكھۇلۇم)

13.ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى مەدەنىيەت توقۇنىشى-شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تەسۋىرىدىكى خەنزۇ تىياتىرى(1991-يىلى،لۇند)

14.شىۋىتسىيە دۆلەت ئارخىپ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان جۇڭگۇ شىنىجاڭغا ئائىت ماتىرىياللار(1991-يىلى،ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمىي ژورنىلىنىڭ35-جىلىدىغا بېسىلغان)

دېمەك،يارىڭ ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە زور ئىشتىياق باغلىغان.ئۇ قەشقەرگە قىلغان سەپىرىدە خەلق ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قول يازمىلارنى سېتىۋىلىپ،نۇرغۇنلىرىغا ئۆز قەلىمى بىلەن ئۇيغۇرچە ئىزاھاتلارنى يازغان.تۆۋەندە يارىڭ ئەپەندىنىڭ بىر قانچە پارچە ئۇيغۇرچە قوليازمىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

ھۈنەرۋەنلەر رىسالىسىدىن يېزىلغان خاتىرە

 

 

تەزكىرەئى ئىمان جەفىردىن يېزىلغان خاتىرە

 

 

ئۇيغۇرچە پالنامەدىن يېزىلغان خاتىرە

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ھونزادە
    2011/08/26 14:02:43

    گۇننار يارىڭ ئەپەندىمنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن خېلى ئوبدانلا خەۋىرى باركەن جۇمۇ،رەھمەت سىزگە رەسىمنى ساقلىۋالدىم.

    • lopnuri
      2011/08/26 15:47:46

      راست دەيسىز،گۇننار يارىڭ ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىس،ئۇنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن يىغىۋىلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرچە(مۇنداقچە ئېيتقاندا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىچە) قول يازمىلار ئىنتايىن كۆپ،ھازىر بۇ قول يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىۋىتسىيەنىڭ لۇند ئۈۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسى ۋە باشقا ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ كۈتۈپخانىلىرىدا ساقلانماقتا. بۇ ھازىر بىزدە تېخى تەتقىق قىلىنمىغان ساھە بولۇپ،دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ بىر لېكسىيىسىدە دېيىشىچە، شىۋىتسىيىدىكى قول يازمىلارنىڭ كۆپلىكىدىن بىرەر يۈز يىلغىچىمۇ رەتلەپ ۋە تەتقىق قىلىپ بولغىلى بولماسمىش. لىكىن گەپ بۇنى تەتقىق قىلىدىغان رەت رەتلەيدىغان تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ با يوقلىقىدا. ھازىر چاغاتايچە بىلىدىغان چوڭلىرىمىزدىن پەقەت ساناقلىقلا قالدى،ياشلىرىمىز بۇ ساھەگە بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ،ياكى بۇ ساھە بويىچە تەربىيلەنگەن ياشلىرىمىز ئىنتايىن ئاز. بەزىدە ئاشۇ مىراسلىرىمىز شۇ پېتى چەتئەللەردىكى ئارخىپخانىلاردا بېسىلىپ ياتىدىغان بولدى دەپ ئۆكۈنۈپ كېتىمەن.

      • ئۇيغۇربەگ
        2011/10/19 09:18:37

        گۇننار ياررىڭنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان كىشى ئەسەت سۇلايمان بولسا كېرەك

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif