ئوغلۇم ئاپىسىدىن3 تېپىك يىدى

ۋاقتى: 2011-08-24 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 186 قېتىم / 1 دانە باھا يوللانغان باھا

ئوغلۇم ئاپىسىدىن3 تېپىك يىدى

 

(بۇ ئىككى يىل بۇرۇن يازغان يازمام ئىدى،كونا بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم،تەنقىدىي پىكىر بېرەرسىلەر)

 

بۇ يازمىنىڭ تېمىسىغا قاراپلا كىچىككىنە بالىسىنىڭ پەللىكىگە تەپكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئوغلۇم بۇ ئاي بىر ياش توققۇز ئايلىق بولغان. ھازىرغا كەلگىچە ئۇنى تېخى مەممەمدىن ئايرىمىغان ئىدۇق.  ئايالىم ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىمىز كۆپ قېتىم “ ئەمدى بولدى، بالا توپاقتەك بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسىنىڭ سۈتىنىڭمۇ كۈچى قالمىدى“ دېيىشلىرىگە قارىماي ھازىرغا كەلگۈچە ئېمىتىپ كەلگەن ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇ ھازىر گەرچە رەجەپ توپاقتەك ئاپىسىنى چاپۇتلاپ يىقىتىپ ئەممىسىمۇ، ئىشقىلىپ ئولتۇرغان يېرىدە يىقىتىپ ئىمىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. چوڭلارنىڭ قىشىغا ئاپىرىپ قويساق بىز كەلگىچە بوۋا-مومىلىرىغا “ ئاپام كەلسە يىقىتىپ ئىمىپ…ئىمىپ …“ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ھەر ئىككىمىزنىڭ نەزىرىدە ئانىسىنى قانچە ئۇزاق ئەمسە بالا شۇنچە تەيلىك، ساغلام،ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ دەيدىغان قاراش بولغاچقا، ھازىرغا كەلگۈچە ئۇنىڭغا بىرەر قاپمۇ سۈت پاراشۇكى بەرمىگەن ئىدۇق. بۇ جەھەتتە ئايالىمنىڭ ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن ئاياللارغا ئوخشاش ”بالا ئېمىتسەك پىگورىمىز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ“ دېگەن كۆز قاراشلارغا ئەگەشمەي مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش كۆرگەنلىكىدىن بەك خۇش بولىمەن. ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولىمەن.

شۇنداق زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. بۇ يۇقىرى تېخنىكىلار كىشىلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ تىببىي ساھەدىكى تېخنىكىلار كىشىلەرنى نۇرغۇن غەمدىن خالاس قىلالايدىغان يەرگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىببىي ساھەدىكى يۇقىرى تېخنىكىلار بەزى پاسسىپ تەسىرلەرنىمۇ پەيدا قىلدى. بۇرۇن بالىلارنى ئانىلار قوساق كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرى ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغاتتى. مانا ھازىر بالىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئالىدىغان تېخنىكا چىققاندىن كىيىن، نۇرغۇن ياش چوكانلىرىمىز قوساق كۆتۈرگەن ھامانلا ساپ-ساق تۇرۇپ ئوپراتسىيە قىلىشنى تاللايدىغان بولدى (بالا تەتۇر بولۇپ قالسا ياكى ھەمرىيى بوينىغا يۆگىشىپ قالسا بۇ باشقا گەپ). ئۇنىڭدىن باشقا “ قىزلىق پەردىسى“ سېلىش، “ 3 مىنۇتتا ئاغىرتماي ھامىلە چۈشۈرۈش“ تەك يۇقىرى تېخنىكىلار جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن ئەخلاقى بۇزۇلۇشلارنىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قالدى.

   بىر كۈنى بىر دوختۇر ساۋاقدىشىمىز بىلەن بالىنى ئانا تولغاق يەپ تۇغۇش بىلەن ئوپراتسىيە قىلىپ توغۇشنىڭ پەرقى ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ بالىنىڭ تولغاق بىلەن توغۇلىشى ئۇ بىر تەبىئى جەريان. بۇنى ئاللاھ ئىنسانلارغا نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلغاندىن تارتىپلا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۋەتكەن. ئەگەر بىز بۇ تەبىي جەريانغا خىلاپ ھەركەت قىلساق، ئەلۋەتتە بۇ ئانا-بالا ھەر ئىككەيلەنگە زىيانلىق. بالا ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغاندا، بىرىنچىدىن، ئانىنىڭ سالامەتلىكىكە تەسىر يېتىدۇ. (ئوپراتسىيە جەرياندا قورساق يېرىلىدۇ، قان چىقىدۇ. خېلى مەزگىللەرگىچە ئۆزى ھەركەت قىلالمايدۇ. ئىچكى ئاجىراتمىلار قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ ).ئىككىنچىدىن، بالا ئېمىدىغان سۈت ئۆز ۋاقتىدا چىقماي، بىر ئىككى كۈندىن كىيىن چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بالىلار توغۇلۇپ ئىككى كۈنگىچە ئانىسىدىن سۈت چىقمىغاچقا، ئانىسىنى قايتا ئەممەيدۇ. نەتىجىدە بۇ بالىلارنى كالا سۈتى ياكى سۈت پاراشۇكىدا بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر تولغاق يەپ تۇغۇلسا، بىر ئاز جاپالىق بولسىمۇ، ھەممە ئىشلار نورمال تەرتىپتە بولىدۇ دېگەندەك جاۋاپلارنى بەردى.

 دېمىسىمۇ ئايالىمنىڭ ئۆزى تۇغقان ۋە بالىمىزنى ئۆزى بىر قوللۇق ئېمىتىپ چوڭ قىلغانلىقدەك بۇ جەريانلارنى ئەسلىسەم يۇقارقى پىكىرنى ئىسپاتلاشقا نۇرغۇن دەلىل-پاكىتلارنى سۆزلەپ بېرەلەيمەن. مېنىڭچە بولغاندا بالىنى ئانا تولغاق يەپ تۇغۇشنىڭ يەنە بىر ئەڭ قىممەتلىك يېرى، ئانا-بالا ئىككەيلەن بىر ھايات-ماماتلىق جەڭدە بىرگە بولالايدۇ. بۇلار ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھاببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. ئانىنىڭ بالىنى تولغاق يەپ تۇغۇش مەجبۇرىيىتى بار. تولغاق يېيىش ئۆز بالىسىنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يىتىش جەريانى.

ئەمدى بالىنى ئېمىتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك ئاتالمىش “ پىگورىسى بۇزۇلۇپ كېتىش“ تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە تالايلىغان شەھەر قىز-چوكانلىرى ئىشىنىپ بالىسىنى ئاز ئېمىتىش، كالا سۈتى ياكى سۈت پاراشۇكى بىلەن بېقىش يولىنى تاللاپ ئۆزلىرىنىڭ بوينىدىكى قەرزىنى ئادا قىلىشتىن ۋاز كەچتى. بالىنىڭ ئانىسىنى ئېمىش ھوقۇقى بولمىدى. مۇققەدەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمدە ”   “ ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ.ئەگەر باللىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلار ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللادىن (يەنى ئاللانىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللا سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[233] “ دېيىلگەن. (قۇرئان كەرىم 2-پارە 233-ئايەت) يۇقىرقى ئايەتنىڭ مەزمۇندىنمۇ شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، ئاللا بالىلارنى بېقىشتا زادى قانداق قىلسا مۇۋاپىق ھەم توغرا بولىدىغانلىقىنى بىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. “ قۇرئان كەرىم“ دىكى ئايەتلەرنىڭ شەكسىز، ئىلمىي، نوقسانسىز ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىز بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلساق كىيىن ئۇنىڭ ھېسابىنى قانداق بېرىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ. تىببىي ئىلىمدە ئىسپاتلىنىشچە، ئەمىلىيەتتە بالىنى ئېمىتىش ئانىنى نۇرغۇن كېسەللىكلەردىن خالى قىلىدىكەن. ھازىرقى نۇرغۇن ئاياللىرىمىزدا كۆرىلىۋاتقان كۆكرەك قىسىمدا پەيدا بولغان كېسەللىكلەر ئاياللارنىڭ بالا ئېمىتمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدىكەن.

بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر تەلىمات ئاتالمىش “ ئانا سۈتىنىڭ كۈچى قالماسلىق تەلىماتى“ بۇنى نۇرغۇن دوختۇرلىرىمىزمۇ قۇۋۋەتلىدى. ”بالا بەش-ئالتە ئاي ئەمگەندىن كىيىن ئانا سۈتىنىڭ كۈچى قالمايدۇ، سۈت پاراشۇكى ياكى كالا سۈتى بېرىڭلار“ دېگۈچىلەر خېلى كۆپ بولدى. لىكىن بىز بۇنىڭغا ئىزچىل ئىشەنمەي كەلدۇق. بىر كۈنى ساغلاملىققا ئائىت بىر كىتاپنى ۋاراقلاۋىتىپ  ئانا سۈتىدە تۆمۈر ماددىسىنىڭ%20نى ئىگەللەيدىغانلىقىنى، كالا سۈتىدە بولسا ئاران%2 تۆمۈرنىڭ بارلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم. قاراڭ ئۆزىڭىز ئويلاپ بېقىڭ. تۆمۈر ماددىسى ئادەمنىڭ ئېمۇنىت كۈچىنى ئاشۇردىغان ئەڭ موھىم ماددا. بەدەندە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، ئاساسلىقى “ چىراي تاتىرىش، ماغدۇرسىزلىنىش،ئاسان چارچاش، نەپەس جىددىيلىشىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش“ قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.(تەن-ساقلىق زور بايلىق دېگەن كىتاپتىن) مېنىڭچە ئانا سۈتىنىڭ ھەر قانچە كۈچى قالمىغاندىمۇ ئۇنىڭدىكى تەبىئى ئورگانىك مادىلارنىڭ تەركىبى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالمايدۇ. ئەگەر كۈچى قالمايدىغان ئىش بولسا، قۇرئان كەرىمدە ھەرگىز ئىككى يىلنى مۇددەت قىلىپ بەرمەس ئىدى. ئالدىنقى يىلى دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن سۈت پاراشۇكلىرىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى  “ ئاتا سۈتىنىڭ كۈچى قالماسلىق تەلىماتى“ بېرىلگەن ئەجەللىك بىر زەربە. نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنىڭ بالىسى بىر ئىككى ياشقا كىرگىچە پەقەت ئېمىتىپلا ھەتتا ھېچقانداق تاماق بەرمەيدىغانلىقىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن بىۋاستە ئاڭلىغان ئىدىم. شۇڭىلاشقا كۈچى قالماسلىق نەزىريىسىگە ھازىرغىچە ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدىم.

 ئەمدى يازمامنىڭ ئەسلى مېغىزىغا كەلسەم، بىزمۇ ئەسلىدە قۇرئان كەرىمدە دېيىلگىنى بويىچە ئىش تۇتماقچى ئىدۇق. لىكىن خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى بىلەن بىر نەچچە ئاي بالدۇر ئايرىشقا مەجبۇر بولدۇق. بالىسى بارلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بالىنى مەممەمدىن ئايرىش ئانچە ئوڭاي ئىش ئەمەس. ئۇ بىر يىل توققۇز ئايغىچە ئانىسىنى ئىمىپ ئادەتلىنىپ قالدى. ئادەتلىنىپ قالدىلا ئەمەس خۇمار بولۇپ قالدى. ئەگەر سىز بىرەر يىل تاماكا چېكىپ خۇمار بولۇپ قالسىڭىز، تاماكىنى تاشلاش ئۈچۈنمۇ بىر مۇنچە رىيازەت چېكىسىز، تالاي قېتىم تاشلاپ، تالاي قېتىم چېكىشىڭىز مومكىن. بۇمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر جەريان. بىزدە يەنە ”كۆنگەن يامان“ دەيدىغان گەپمۇ بار. بالام ئاپىسىدىكى بۇ “ ئاشلىق ئامبىرى“ ئاللىقاچان كۆنۈپ قالدى. مېنىڭچە ئۇ كاللىسىدا بۇ مەڭگۈ قۇرىمايدىغان بايلىق دەپ ئويلىغان بولىشىمۇ مومكىن. شۇڭىلاشقىمۇ بالىنى ئايرىشتا ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ ھەقىقەتەن بېشى قاتتى. چوڭلاردىنمۇ مەسلىھەت سورىدۇق. نۇرغۇنلىرى بالىنى بىرەر ھەپتە ئانىسىدىن تولۇق ئايرىۋىتىش تەكلىپىنى بەردى. بىز بۇ تەكلىپنى خېلى ئويلاندۇق لىكىن زادىلا كاللىمىزدىن ئۆتمىدى. بالىنى بىرلا ۋاقىىتتا ئۆزى كۆنگەن ئىشىدىن ۋە ئاپىسىدىن ئايرىۋىتىش بالىغا نىسبەتەن زور پىسخىك ۋە روھى زەربە ھېساپلىنىدۇ. ئاكامنىڭ بالىسىنى ئەنە شۇنداق ”سۈرگۈن قىلىش“ ئۇسۇلىدا ئايرىغان ئىدى. بىچارە بالا بىر ھەپتىگىچە يىغلىغان. ئاخىر بولالماي ۋاز كەچكەن ئىدى. مېنىڭ بالامنى بۇ ئۇسۇلدا قىينىغۇم يوق ئىدى. ھېلىمۇ ئۇنىڭ مەمەمدىن ئايرىلىشى ئۇنىڭغا نىسبەتەن زور يوقىتىش ئىدى. بۇنداق چاغدا ئۇ ھەقىقىي كۈيۈنىشكە، روھى جەھەتتىكى تەسەللىگە موھتاج بولىدۇ ئەلۋەتتە. شۇنداق ۋاقىتتا لاتارىيەدىن تۇيۇقسىز چىقىپ قالغاندەكلا مۇنداق بىر قىزىقارلىق تەكلىپنى ئاڭلاپ قالدۇق. بۇ تەكلىپنى ئايالىمنىڭ سىنىپدا ئوقۇۋاتقان لوپنۇرلۇق بىر كۇرسانت دەپ بەرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشچە، بالىنى ئايرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال جۈمە كۈنىنى تاللاش، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە بالىنى ئىشىكنىڭ بۇسۇغىسىغا ئەكىلىپ قانغىچە ئېمىتىش ئاندىن كىيىن بالىنىڭ ساغىرسىغا يېنىك ئۈچىنى تېپىپ ئىشىكتىن چىقىرۋىتىش لازىم ئىكەن. ئۇنداق بولغاندا بالىنىڭ خۇمارى تۇتماي ئوڭاي ئايرىلارمىش.

 بۇ تەكلىپنى ئاڭلاپ ئەر-ئايال ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئۇزاققىچە كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ھەم ئۇنىڭ نېمە ئىلمىي ئاساسى بارلىقى ھەققىدە ئويلاندۇق. لىكىن ھەر ئىككىمىز قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدۇق. بۇ بەلكىم لوپنۇر رايۇنىدا ساقلانغان بالىنى مەمەمدىن ئايرىپ سىرتقا چىقىپ بالا ئۆزى مۇستەقىل ياشاش قەدىمىنى باشلايدىغان بىر كىچك مۇراسىم بولىشى مومكىن دەپ پەرەز قىلدۇق. خەلق ئىچىدە بىز رەسمىي ئىلمىي ئاساسىنى دەللىللەپ بېرەلمەيدىغان بۇنىڭدەك ئادەتلەر خېلى كۆپ. شۇنداق بولغاچقا ئايالىم ئىككىمىز بالىغا ئېغىر زەربە بولمىسىلا نېمە بولىشىدىن قەتىنەزەر بىر سىناپ باقماقچى بولدۇق.

ئەتىگەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ناشتا قىلغاندىن كىيىن، ئايالىم بۇسۇغىغا كۆرپىنى سېلىپ بالىنى تاكى ئۇ ئەممەيمەن دېگۈچە ئۇزاق ئىممىتى ۋە ئۇنى يۇقارقى رېتسىپ بويىچە تالاغا چىقىرۋەتتى. بۇ جەريانلارنى ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇندىدى. ئەمدىكى گەپ بۇ رېتسىپنىڭ ئۈنىمىدە قالغان ئىدى. ئايالىم بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاپ بولۇپ بالىنى ماڭا تاشلاپ سىرتقا چىقىپ كېتىپ، كەچ بولغاندا قايتىپ كەلدى. ئادەتتە بالام ئانىسى سىرتقا بىر نەچچە سائەت چىقىپ كەتسىلا “ مەمەم ئىمىمەن“ دەپ جودا قىلاتتى. بۇ كۈنى نىمىشقىدۇر ئاپىسىنى بىر ئىككى قېتىم ئەسلىگەننى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇ گەپنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى. كەچتە قايتىپ كەلگەندىمۇ دەرھاللا ئاپىسىغا ئېسىلمىدى. بولمىسا بۇرۇن مەن چوڭ ئۆيدىن ئەكىلىپ ئۆيگە كىرىپ بولغىچە ئاپىسىنى ئىچكىركى ئۆيگە تارتىپ ئەكىرىپ، يىقىتىپ تۇرۇپ راسا بىر ئىمىۋالمىغۇچە ئۇنىمايتتى. بۇ ھەقىقەتەن مىنى ھەيران قالدۇردىغان بىر ئىش بولدى. بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ خۇمارى ئازراق تۇتتى بولغاي سەل جودا قىلدى. ئايالىم ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ “ ئاشلىق ئامبىرى“ نىڭ تاملىرىغا قىزىل بوياق بىلەن ئانچە مۇنچە ئىش قوشۇپ كەلگەن ئىكەن. بالام جېدەل قىلغاندا ئۇ ئۇ يېرىنىڭ ئاغىرىپ قان چىققانلىقىنى ئەمدى ئەمسە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. بالام بىردەمدىلا يېنىمغا “ دادا مەممەم ئاغرىپ قاپتۇ“ دەپ يۈگىرەپ چىقتى. كەچتە ئۇخلىغىچە بۇ بىر جۈملە سۆزنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلاپ قويۇپ ئۇخلاپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بېشىمىزنى ئاغىرتقان بۇ ئىشتىن بەك جاپا تارتمايلا قۇتۇلۇپ كەتتۇق. بۇنىڭدا بەلكىم بىز قىلغان ئىككىنچى ئامالمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولىشىمۇ مومكىن.  بەلكىم بۇنى سىز بىر خۇراپىيلىق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ مېنى مەسخىرە قىلىشىڭىزمۇ مومكىن. لىكىن بۇنىڭ بىزگە ھەقىقەتەن ياردىمى بولغانلىقىغا مەن ئىشەندىم. مومكىن بولسا، بالىسىنى ئايرىش ئۈچۈن تىرشىۋاتقانلارغا بۇ رېتسىپنى تونۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ باش ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە ياردەم قىلساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار كايىپ كەتمەي كۈلۈپ قويساڭلارلا بولىدۇ. بۇ ھەر كىمنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى خالاس.

 

بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ

  1. ئابلەت
    2011/08/27 14:46:11

    ھا،ھا…. راستىنلا بەك قىززىق ئىكەن، ئاتا-ئانىلار سىناپ كۆرسە بولغۇدەك….

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif