لوپنۇر «ساياھەت خاتىرە بويۇملىرى مۇسابىقىسى»(سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-10-20 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 224 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە  سافا كۆرپىسى

 

لوپنۇرنىڭ ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى كەڭ جامائەتچىلىككە تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇش، لوپنۇرنىڭ يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە ساياھەت بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىي يۇرت لوپنۇرغا تېخىمۇ كۆپ جەلىپ قىلىش مەقسىتىدە، لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكۇم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ”لوپنۇر ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى“ ۋە ”لوپنۇر تېمىسىدىكى فوتو سۆرەت مۇسابىقىسى“ ئۇزۇن مۇددەتلىك تاللاش، توردا بېلەت تاشلاش، نەق مەيدان باھالىغۇچىلىرى باھالاش قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، 10-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي ئاخىرلاشتى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە توردا تەشۋىق قىلىش ۋە ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ھەر قاريسى جايلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئايرىم رايۇنلىرىدىن ساياھەت خاتىرە بويۇمى، ھۆسنىخەت، رەسىم ۋە فوتو سۆرەت بولۇپ جەمئى 600 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرنى تاپشۇرۋالدى. ئۇچۇق ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىش، ئامما ۋە مۇتەخەسىسلەر باھالاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىردا ”بەش دانە ئەڭ ياخشى ساياھەت خاتىرە بويۇمى مۇكاپاتى“،“ھۆسنىخەت ۋە رەسىم مۇكاپاتى“، ”مەنزىرە فوتو سۈرەت مۇكاپاتى“، “ مىللىي ئۆرپ-ئادەت فوتو سۆرەت مۇكاپاتى“ دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۇك مۇكاپاتنى تەسىس قىلىندى. جەمئىي 23 ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى. لوپنۇر ناھىيە ئىتتىپاق يېزىسىدىن جاڭ لېينىڭ ”توغراق ياغاچ ئويما ھەيكىلى“ ، لىكاڭ لوپنۇر چېگىسى چېيى زاۋۇتىدىن يەندۇڭنىڭ ”لوپنۇر چېگىسى“،“ ئۈچ گۆھەر“ قاتارلىق بەش ئەسەر ”ئەڭ ياخشى ساياھەت خاتىرە بويۇمى مۇكاپاتى“غا؛لى باۋفېڭنىڭ ھۆسنىخەت ئەسىرى رەسىم-ھۆسنىخەت تۈرى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛جاۋ جىنشەنننىڭ ”جىمجىتلىق“دېگەن ئەسىرى  مەنزىرە فوتو سۈرەت تۈرى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ چۆ خورەنىڭ ”مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى –بىر ئائىلىدىكى تۇققانلار“ ناملىق ئەسىرى ملللىي ئۆرپ-ئادەت فوتو سۈرەت تۈرى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  مەن كەڭ تورداشلارنى بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىدىن قىسقىچە خەۋەردار قىلىش، لوپنۇرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت پۇرىقىدىن بەھىرلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئىچىدىن مىللىي ۋە يەرلىك پۇرىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ساياھەت خاتىرە بويۇمى، مەنزىرە ۋە ئۆرپ-ئادەت فوتو سۆرەتلىرىدىن بىر قىسىملىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچى. ئۇنداق بولسا، ئەڭ ئالدى بىلەن ساياھەت خاتىرە بويۇملىرى تۈرىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلانغايسىلەر.

ناۋاي مودىلى

چاي تەخسىسى

چاي تەخسىسى

توغراق ياغچىدا ئىشلەنگەن قەلەمدان

قاپاق بېزەك

قاپاق بېزەك

قاپاق بېزەك

گۈل لوڭقىسى

لوپنۇردىكى مۇھەببەت ناخشىسى

لوپنۇر شىر ئۇسۇلى ئوينىغۇچى بوۋاينىڭ مودىلى

لوپلۇق بېلىقچىنىڭ مودىلى

بېلىق كاۋىپى پىشۇرۋاتقان بوۋاينىڭ مودىلى

لوپلۇق بېلىقچى بوۋاي مودىلى

يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە رەختتىن تىكىلگەن ئورۇندۇق كۆرپىسىنىڭ قېپى

مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم

ياغاچتىن ئىشلەنگەن تەخسە،چۆچەك ۋە قۇشۇق

مىللىيچە ئۇسلۇبتىكى سومكا

قولدا توقۇلغان پالاز

ياغاچ لېگەن

قەغەز قاتلىما بويۇم

ئۆزگىچە ئۇسلۇپتىكى بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچقۇچ

ئۆزگىچە ئۇسلۇپتىكى بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچقۇچ

قولدا توقۇلغان خۇرجۇن

 

مەنبە:لوپنۇر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورى

 

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. يىپەك
    2011/11/03 02:45:08

    بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچقۇچنى ناھايتى ئۆزگىچە ياساپتۇ جۇمۇ ، بىزدە ھەيكەلتاراشلىق ئانچە تەرەققى قىلمىغان ، ئەگەر تەرەققى قىلغان بولسا ،بۇرۇنقى نۇرغۇنلغان تارىخى نەرسىلەرنى ياسىغان بولسا بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى چۇقۇم ياخشى بولغان بولاتتى .

    • lopnuri
      2011/11/03 05:49:35

      مەنمۇ شۇنداق قاراشتا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارسىڭىز يەرلىك مەدەنىيەت بويۇملىرىنىڭ زامانىۋىي تۈستە قانچىلىك قېزىلغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. لېكىن بۇ ساھە بىزدە ئەمدىلىكتە باشلىنىۋاتىدۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif