ئەسلى تەمدىكى لوپنۇر قوشىقى
ئەسلى تەمدىكى لوپنۇر قوشىقى
يالغۇز داراق ياشناپ،
سايەسى چۆلگۆ تۈشۈپ.
دەت تۈشۈپتۇ دەيدۇلار،
ئىززەپ كەلدىم ئاڭلاشىپ.
دەتمەن بولساڭ بېرى كەل،
مۇڭ تۆكۆلۈ يىلغاشىپ.
مۇڭ تۆكۆلۈ يىلغاشىپ،
دەتتى ئىچىمگە يۇتۇپ.
نەزمە بىلەن كۈلدۈردۈڭ،
ئۆز شەرىممى ئۇنۇتتۇم.
قاتارىڭڭا ئالماساڭ،
ھارام قىلاي يۇتتۇ.
قاتارىڭڭا سەن ئالساڭ،
مۇرادىمغا يىتەرمەن.
پەرگانەدەك چۈرۈلۈپ،
ئالدىن تۇغرۇ ئۆتۈرمەن.
كۆرمۆسۆم چىدامايمەن،
مەسسەت سالىپ كېتەرمەن.
لوپنۇر چارادىن ئىسلام ئاخۇن ئېيتىپ بەرگەن.
كۆرلۆگۆ بارالى دەپ،
سەھەردە ئاتتى توقۇ.
ئەلدە قۇلدەك ئىشتەگەن،
قولدو پۇلۇممۇ يوقۇ.
ئىجىلىمدىن ئايرىلسام،
كۆزۈممۈ قارغا چوقۇ.
ئىجىلىمدىن ئايرىلسام،
قارغا چوقۇر كۆزۈممۈ.
ماللەلىككە ئەرگىتەي،
رەتكە ئۆتمۆگۆن ئۆزۈممۈ.
ياخشىلارنى قۇلاغى،
ئاڭلامايدۇ سۆزۈممۈ.
ئاڭلامايدۇ سۆزۈممۈ،
ياخشىلارنىڭ قۇلاغى.
چىداغالى بولمويدۇ،
جاجاڭ بەككى سۇراغى.
كۆچكۆندۆ يىتىشالماي،
ئاجىز كەلىپ ئۇلاغىم.
ئاجىز كەلىپ ئۇلاغىم،
بۇ يوللورنۇ ئىراغى.
نارى باقىپ ماڭڭانىڭ،
ئۇز قىززارنىڭ سىياغى.
تىلىممى كۈيە يېسۇن،
مەللەمىززى چىراغى.
لوپنۇر مىرسالىدىن ئاتاۋۇللا قاسىم ئېيتىپ بەرگەن.
مەنبە:مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندىنىڭ“ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالىكتى“ناملىق كىتابى.
خەلقئارالىق تىرانسكىرپىسىيەدىن ھازىر قى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرغۇچى:لوپنۇرى
بۇ يازما لوپنۇرى بلوگىغا تەۋە،ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
2009-يىلى 6-ئاينىڭ11-كۈنۈ
كىيىنكى يازما: چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەلىگىدىكى بىر قانچە ئورۇننىڭ يەر نامى توغرىسىدا
2012/02/14 09:18:52
رىسالەت مەردان
مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم
مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم
توغراق سۈيىنى ئىچىپ باقمىدىم،
ئۆردەك ئاكامنى ئىزدەپ تېپىپ
بىر دەستە گۈل سۇنۇپ باقمىدىم.
لوپنۇرغا بارسام،
قۇملۇقلارغا يوللايمەن سالام
قارا قوشۇنلۇقلار ناخشىسى ئارا
قاردەك ئېرىپ كېتىمەن تامام،
ئېگىز، ھەيۋەت ئادەملەر
قالپاقلىرىنى قىرلىسا،
بېلىق تۇتسا، شۇڭغۇسا سۇغا
بېلىق كاۋىپىغا يېزىلغان تارىخ
مېنىڭ قەلبىمدە يالقۇن تىلىدا
قىپقىزىل قىزىرىپ ئوقۇلسا…
مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم،
يولۋاس ئۆلتۈرگەن
ئەرەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم.
ئوغرى – يالغان يوق
ئالداش – ئالدىنىش
بولمىغان يۇرتنىڭ
تۇزلىرىنى تېتىپ باقمىدىم.
بۇ مېنىڭ لوپنۇر مەشىرىپىنى كۆرگەندىن كېيىن يازغان شېئىرىم.
2012/02/14 12:50:06
بۇ شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ.شۇڭىلاشقا ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قويدۇم. شېئىرىڭىزنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلىپ ھوشۇر ياقۇپ ئاكىمىزنىڭ «لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ» ناملىق شېئىرىنىمۇ يوللاپ قويدۇم. بۇ مېنىڭ سىزنى لوپنۇرنى كۆرۈپ كېلىشكە ئەۋەتكەن تەكلىپنامەم بولسۇن!
2012/02/14 09:13:40
لوپنۇر قوشاقلىرىنى ئورۇنلىغاندىكى غىجەكنىڭ ئاھاڭى قومۇلنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىكەن جۇمۇ. مەن بەك ياقتۇرىمەن بۇ ناخشىلارنى. ناخشىلىرى بولسا كۆپرەك يوللاپ قويسىڭىز.
2012/02/14 12:53:00
چۈنكى،لوپنۇر بىلەن قۇمۇل بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا مۇناسىۋىتى زىچ رايۇنلار،مەدەنىيەت تەسىرى ئۆز-ئارا ئۇچىراشقان رايۇنلاردۇر.سىز دېگەندەك لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىنى بۇ يەرگە يوللاشنى مەنمۇ ئويلاپ كېلىۋاتىمەن. لېكىن، ھەر قانچە ھەپىلەشسەممۇ نورمال چىقىرالمىدىم. بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن مەسلىھەت سوراپ باقاي دەۋاتىمەن.
2011/08/31 02:12:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،نەچچە كۈندىن بىرى بىكار بۇلالماي قالدىم.
2011/08/31 13:26:25
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.تەڭ بولسۇن! قولىڭىز خېلى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟ بىر نەچچە كۈن بولدى،بلوگىڭىزغا كۈندە كىردىم قارىسام بلوگنىمۇ يېڭىلىمىدىڭىز،شۇڭىلاشقا،قولى خېلى ئېغىر يارىلانغان ئوخشايدۇ،دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم.ھېيتلىق سالامىڭزىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.