لوپ رايونىدىكى جاي ناملىرى ۋە لوپلۇقلارنىڭ جايلارغا ئات قويۇش ئادەتلىرى ھەققىدە

ۋاقتى: 2011-07-30 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 94 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

لوپ رايونىدىكى جاي ناملىرى ، جاي ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە لوپلۇقلارنىڭ جايلارغا ئات قويۇش ئادەتلىرى  ھەققىدە

 

غالىب بارات ئەرك

 

لوپ رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى چاقىلىق ۋە لوپنۇر ناھىيىلىرىنى مەركەز قىلىپ ياشاپ كەلگەن،قەدىمىي،يەرلىك ئاھالە لوپلۇقلارنىڭ پائالىيەت رايونىنى كۆرسىتىدۇ.لوپلۇق-بۇ قەدىمىي،يەرلىك ئاھالە قەدىمدىن تارتىپ تارىم، كۆنچى،چەرچەن دەريا ۋادىلىرىدا ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن،ئەمما ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپ،قۇرۇقلۇق يىپەك يولىنىڭ رولىنىڭ ئاجىزلىشىشى،لوپ رايونىدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ئازلىشى قاتارلىق تارىخىي سەۋەبلەر بىلەن،بۇ زېمىن يېتىم ئارالغا ئايلىنىپ قالغاچقا،يەرلىك ئاھالە پۈتۈنلەي بېكىك ھالەتتە ياشاپ كەلگەن.ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى موللا مۇسا سايرامىي1908–يىلى يېزىپ تاماملىغان تارىخى ھەمىدىيدە…ئالتە شەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇب بۇرچىنىڭ ئارىلىقىدا لوپ دېگەن بىر چوڭ مەشھۇر زېمىن بار…بۇ زېمىندىن خوتەن،ياركەنت،ئاقسۇ،كورلا دەريالىرى ئۆتىدۇ…بۇ دەريالارنىڭ ئەتراپ ۋە ياقىلىرىدا ياكى ئارالچە ۋە شاخاپچىلىرىدا تەخمىنەن ئون ئىككى مىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق قەدىمىي ئاھالىنىڭ ياشايدىغانلىقى مەلۇم .ئۇلار زىرائەت تېرىشنى بىلمەيدۇ.ئۇلارنىڭ باغ ئىمارەت،ھويلا ئارام ۋە يەل يېمىشلىرىمۇ يوق،بەلكى ئۇلار بۇ خىل نەرسىلەرنى ئەسلا كۆرمىگەن ياكى بىلمىگەن بولسا كېرەك.ئۇلار دەريادىن بېلىق تۇتۇپ تائام قىلىپ يەيدۇ.ھەتتا بېلىقنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپمۇ يەيدۇ.قومۇشتىن كەپە ۋە ئۆي ياسايدۇ.ئۇلارنىڭ چارۋىسى كۆپ…ئۇلار ئۆز يۇرتىدىن ناھايىتى كەم چىقىدۇ.بەزىلىرى پەقەت چىقمايدۇ ۋە بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزگە كەلمەيدۇ.بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزدىكى ئادەملەر بارسا،ئۇلار قورقۇپ يېقىن كەلمەيدۇ .دېمەك ، باشقا ئادەملەر بىلەن ئارىلاشمايدۇ، بېرىش –كېلىش قىلمايدۇ [1]دەپ يازغان.لوپ رايونى مىلادىيە 19–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، غەرب ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن قىزىق نۇقتا رايونىغا ئايلاندى،ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى ئارقا–ئارقىدىن لوپ رايونىغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ۋە نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى.ئەنە شۇ ئېكسپېدىتسىيىچىلەر-پېرژىۋالېسكىي (1876)، كۆزلوۋ،بونۋالوت (1899)، سېۋىن ھېدىن (1900)، سىتەيىن(1906)، مالوۋ (1914–يىلى)، تاچىبانا زۇيچۇ …لارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز.ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن مىرسۇلتان ئوسمانوۋ (1960–يىلى)، ھاشىم تۇردى،مېھراي ياقۇبلار1982 – يىللىرى) تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن،مەرھۇم ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا (1985–يىللىرى)مىللەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغان.مويدىن سايىت ۋە ئابدۇكېرىم راھمانلار ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش بىلەن شۇغۇللانغان،لېكىن تەتقىقات ناھايىتى تار دائىرىلىك بولغانلىقتىن،لوپلۇقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە باشقا جەھەتلەردىن كۆپ پەرەزلەر بولدى.تەكشۈرۈش،تەتقىق قىلىش ئىشلىرى ئاز كەم ئىككى ئەسىردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،بەزى ئالىملار ئومۇمىيلىقتىن كۆرە قىسمەنلىككە ئېسىلىۋېلىپ،ئۇلارنى موڭغۇل ئەۋلادى دېسە،يەنە بەزىلەر قىرغىزلاردۇر دېگەندەك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.مەن بۇ ماقالەمدە 1900–يىلى ئەتراپىدىكى جاي ناملىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.بۇ جاي ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەئىي شىۋېتسىيىلىك سېۋىن ھېدىننىڭ لوپ كۆلىنىڭ سىرىنى ئىزلەپ  ناملىق كىتابى.سېۋىن ھېدىن جۇغراپىيە ئالىمى شۇنداقلا داڭلىق ئېكسپېدىتسىيىچى،ئۇ 1896-يىلى لوپ رايونىغا تۇنجى رەت كېلىپ لوپلۇقلار بىلەن تونۇشقان.بىز مەنبە قىلغان لوپ كۆلىنىڭ سىرىنى ئىزلەپ ناملىق كىتابى 1900–يىلى3–ئاينىڭ 5–كۈنىدىن باشلانغان ۋە 1901–يىلى تاماملانغان تەكشۈرۈشى ئاساسىدا يېزىلغان.بۇ كىتاب 1904–يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان8 توملۇق1899–1902–يىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتى نىڭ 2–تومىدۇر (1-تومى تارىمنىڭ سىرىنى ئىزلەپ).لوپ كۆلىنىڭ سىرىنى ئىزلەپ››ناملىق بۇ كىتاب شۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولېمدا 1905–يىلى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان.چوڭ ھەجىملىك بۇ ئىلمىي ئەمگەك ۋاڭ ئەنخوڭ،سۇي يەنخۇ قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىنگلىزچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ،1997–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. شىۋىتسىيىلىك داڭلىق دىپلومات،ئۇيغۇرشۇناس،دوكتور گۇننار ياررىڭنىڭ ئېكىسپىدىتسىيىيچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى جاي ناملىرى ئاساسىدا ئىشلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جاي ناملىرى–لوپنۇر ۋە تارىم ۋادىسى ناملىق كىتابى1997–يىلى ستوكھولېمدا نەشر قىلىندى.مەن گۇننار يارىڭنىڭ ئەشۇ كىتابىدىن پايدىلىنىپ،سېۋىن ھېدىننىڭ لوپ كۆلىنىڭ سىرىنى ئىزلەپ ناملىق كىتابىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدا خاتىرىلەنگەن،1900–يىلىدىكى لوپ رايونىنىڭ جاي ناملىرىنى ئەسلىگە قايتۇردۇم ۋە كىتابخانلارنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇندۇم .

1-باب:كۆنچى دەرياسىدىن قۇرۇقتاغ باغرىغىچەدىكى جاي ناملىرى:قۇم دەريا،كۆنچۈ (كۆنچى)دەريا،لوپنۇر،ئاختارما،سەڭىر~سىڭىر،قىزىل سەڭىر،ئاتمىشبۇلاق،ياڭىكۆل، قاراقۇم،يامان ئىلەك دەرياسى،چوڭكۆل ئۆرتەڭ،دۇرال،كورلا،چاقىلىق،بولجۇمال (دەريا سۈيى قېيىپ ئاندىن تۈز ئاققان بىر خىل يەر شەكلى)، كونا تەگىرمەن (تۈگمەن)، ئاغىش (ئاغىز) ،ئاقتاش،دىلپار،سۇلاقسۇ،كۈنچىقىش تارىم،بوزئىلەك،ئىنچىكە دەريا، چوڭكۆل،يارداڭ،قالماق تۈشتى (چۈشتى)، ئارۇقبالىق،چىچالى،ئاقئوردەكداشى، ئارپالىق ،سايچىكە،ئورۇسچىكە،بوغازچىكە،دۆڭئوتاق،سۆكئاقتى،گالېخان،دۆتۆ،تۇگەباشى،سالىنى سۆرىسۇ،قاچقان ئۇي،ياغانلىق،ئاقباشقىياق،توقۇز توللۇق،ماينې~ماينى،قۇرۇقئۆي، يەتىياغاچ،قالپۇق ئۇچۇغۇ،تولى (توللاق)دەرياسى،قوڭۇرچۇقچېكە،قازچىپ ئولتۇرغان(؟)،ماس (ماسار~مازار)، داغىلىق،سىچپار (؟)،قازان سىندى،شىرداق ئۆي، ئارۇزۇ(روزى )بەگنىڭ چايلىقى،تۇرپان قاراۋۇل،باشتوغراق،توغرىكۆل،كالتا،ياڭىكۆل، سۈگەت بۇلاق،يىڭپەن،كۆمۈرسالدى،چورچور،كۆتەكلىك،قۇلانباشى،چىگەبۇلاق.بۇ بابتىكى جاي ناملىرى68،بۇلارنىڭ ئىچىدە جاي نامىدىن پەقەت تۆتىلا ئۇيغۇر تىلىدا قويۇلمىغان بولىشى  مۇمكىن .

2-باب قۇرۇقتاغ بىلەن يىڭپەن:ئالتىنبۇلاق،قۇرۇقئاقىن،قۇربانچىكە، توغراقبۇلاق،بۆجېنتۇ بۇلاق،مەردەك شەرى،كوناشەھەر~ئەسكىسار،بۆجىنتۇ، ئاچچىقبۇلاق،پاسابەگنىڭ بۇلىقى،ئازغانبۇلاق،ئۇزۇنبۇلاق،باشبۇلاق،تاركابۇلاق، شوربۇلاق، ئۈجمەدەڭ، ئاشىربۇلاق (ھاشىربۇلاق)، يۇلغۇن تۈزى، ئاسسا (ھازار)شەرى، مۇسلۇق (مۇزلۇق)،ئىگەچىتاغ،قىزىلتاغ.بۇ بابتىكى جاي نامى22،بۇنىڭ ئىچىدە بۆجىنتۇ موڭغۇل تىلىغا تەۋە لېكسىكا ھېسابلىنىدۇ.

3-باب قۇرۇقتاغنىڭ جەنۇبى ۋە قۇرۇق دەريا:ئايرىلغان (ئارغان)دەرياسى،تارىم، جىگدەبۇلاق،چارچاقتاغ،بوزئىلەك،ئويكۆبرۈك (كۆبرۈك،ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك ) چايدام ،يارداڭبۇلاق، ئاچچىقيارداڭبۇلاق،يوقارقى يارداڭبۇلاق،تۆمەنكى (تۆۋەنكى)يارداڭبۇلاق، ياقا يارداڭبۇلاق ، چاقايارداڭبۇلاق (چاقا، بىر خىل ئۆسۈملۈك).جەمئىي جاي نامى 13.

4-باب.يارداڭ چۆللۈگىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئاتمىشبۇلاققا بېرش:مۇچلاي بۇلاغى،كۆكسۇ، نوغۇسۇن،تېيىزبۇلاق،ئولۇنتۇمېنتۇ،بۇرۇتۇ.بۇ ئالتە نامدىن ئىككىسى ئۇيغۇرچە،تۆتى موڭغۇلچە.دوكتور سېۋىن ھېدىن بۇ ناملار ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلىنىڭ چېگرىسىدا تۇرماقتا،يەر ناملىرىنى قوللىنىشتا،موڭغۇل تىلى تەدرىجىي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى ئالماقتا دەپ ئىزاھات بەرگەن (63–بەت)

5-باب:بولتا،بەشبۇلاق،ئالچۇقبۇلاق،ئويمانبۇلاق،قىرىقساي،چىخىل سۇتۇم،سىندان، مىڭئۆي،مىرتوختاسۇن،يەتىنبۇلاق،شالدىراڭ،قاتاريۇلغۇن،ئىلتىرغۇچ،موللامەتبۇلاق،چۆلتاغراقنىڭ تېغى،سېرىتۇ،گانىسشىن توغراق،ۋەرگەنتۇ،تورۇكجاڭال،سوقۇجاڭال، سولاقئاغىز،تاللىق،ئاقبۇلاق،بايىنئوتاق،ئوغرىبۇلاق،ھاغېنابۇلاق،قازانبۇلاق، قاپچالبۇلاق،يانبۇلاق،ئەگىربۇلاق،ياتىبۇلاق،تاتلىقبۇلاق،قوشئۆيداۋان،بايبۇلۇڭ، ئاتچىبۇلاق،سەكسەنبۇلاق،تەگىرمەن،يۇلغۇنبۇلاق،سايبۇلاق،ئوتۇننوجا،پاۋانبۇلاق، قۇرۇقتوغراق،تاشئارتۇداۋان،قاتاريۇلغۇن،تۇگېتاغ،ئورۇس كىيىك ئۇردى تاغ،ساتې، بۇرۇپتۇ(موڭغۇلچە ئىككى تاغ ئارىسىدىكى بۇلاق مەنىسىدە)،قۇرۇقتوغراق،ئولتۇرغانبۇلاق، چودچا يۇلغۇن.بۇ بابتىكى جاي ناملىرى51، بۇلارنىڭ ئىچىدە جاي نامىدىن 6سى موڭغۇل ياكى باشقا مىللەت تىلىدا قويۇلغان.

6-باب:ئاغابۇلاق،قاراقىسىل،توڭغۇزلۇق،گېنسوچولو،چارايلىقتاغ،قانىتبۇلاق، قىزىلسەڭىر، يۇمىلاقتاغ،سايچىن ئۇلا، پودچۇنا،ئەرپىشمە،نانچانچور.بۇ بابتىكى جاي ناملىرى 12،بۇلارنىڭ ئىچىدە باشقا مىللەت تىلىدىكىسى 4.

7-باب: قالماقئۆلدى، چۇرتۇقتاغ، چارانۇر، قارلىقتاغ. بۇ بابتىكى جاي نامى 4.

8-باب: سەكىزيار،پانشابۇلاق،قوراتبۇلاق،ئاستىن يول،ئوتۇنبۇلاق. بۇ بابتىكى جاي نامى 5.

9-باب:قاناتباغلاغان كۆل،شىرگەچاپقان،قارابوران كۆلى،توققۇزتارىم دەرياسى،يۇرتچاپقان كۆلى،قۇمچاپقان كۆلى،مىيان ~ مىرەن،تۇرسۇن چاپقان. بۇ بابتىكى جاي نامى 8.

10-باب:قاراكۆل،ئۇزۇنكۆل،بەلچاپقان،نۇمۇتچاپقان،شاقىرما، قۇمكۆل،غولكۆل،ئوتاقكۆل، تۇياخۇنكۆل، چىگىلىكئۆي،ئارقاتاغ، ئاياغكۆل،جاڭڭاللىقكۆل،كۆكمەكچۈشكەن كۆل، لاقۇنى تېرىسى قالغان كۆل،شاپتىقكۆل،تۇرقۇماقكۆل،ئۇچۇكۆل،باياتكۆل،ساتىكۆل، دۆڭلۈك، تاتلىقبۇلاق، يەكەنلىك كۆل،گۆلمە كەتكەن كۆل،كۇگېك.بۇ بابتىكى جاي نامى 25، بۇلاردىن بىرىلا ئۇيغۇرچە ئەمەس.

11-باب: تۇغداقى چاپقان،كوچوكئاتامنىڭ كۆلى،قامىشلىق كۆل،تۇرقۇماقتىقكۆل.بۇ بابتىكى جاي نامى تۆت.

12-باب:ياڭىيەر،تۇزكۆل،چارانۇر،چىندىيىلىك(موڭغۇلچە، يارلىق مەنىسىدە)، بۇغۇلۇق، لاشىم،ئاچچىققۇدۇق،بۇلۇڭگىرغول،چوليول،پارچاشور،يامانشورلۇق،خوڭلوغۇ.بۇ بابتىكى جاي نامى 12، بۇنىڭ ئىچىدە بىرى ئۇيغۇرچە ئەمەس.

13-باب: باشكۆل

15-باب:چاقىرنى ئاغزى،قۇربان قوللۇنۇ كۆلى،ياتى ئارالى،يوداقكۆل،مۆكمەكۆل، چاينوتكۆل (چايان+ئوت)، ياغىزما كۆل،قىرچىن كۆل،ساغىزلىق كۆل،ئەشەك قۇرماچلىق كۆل،جەگرەنلىك قىر،سېمىللاكۇ كۆل(سېمىز لاقۇ كۆل). بۇ بابتىكى جاي نامى 12.

15-باب:چوڭتارىم،بىگتارىم (؟)،قىرچىنلىق كۆل،ئايسۇ نىيازنى كۆلۆ،ئالىم خوجانى كۆلى،ئايېس ئۇللۇغ چاپقان،ئاقكۆل،ياڭىيەر،قوڭۇرچاقتىق كۆل،كونا ئابدال،ئابدال كۆل ، مۇھەممەدى قوشۇرۇ،ئوينى ئالدى كۆل،چاياتتىك كۆل،يانداشقاق،مىيان ئاياغى،نادچىيىچرە،يايۇق،نادچىبىدچىن،سارىقلىق،توللۇق قۇلۇ،ئەمدىر،قېقىر،قاراۋۇل دۆڭ،ئەخمەت قۇدۇق،تېزياتقان،چىمەن،ئىفانې قۇللۇ كۆل،يولئارىلىش،چولاقى مىيانى.بۇ بابتىكى جاي نامى 29،بۇلاردىن باشقا مىللەت تىلىدىكى جاي نامى 2.

 

18-باب:چىۋىللىقكۆل،ئىلەك،ئاۋۇلكۆل،قاراكۆل،تايىزكۆل،ئارقاكۆل،ساداقكۆل،نىيازكۆل.بۇ بابتىكى جاي نامى 8.

19-باب:قۇلاچا، ئېتەك تارىم،قوشلاش،نوكىتۇ داۋان.بۇ بابتىكى جاي نامى 4.

20- باب: چىمەنكۆل

22-باب:سېيىت كۆل،ياتىم تارىم،قارائولنۇ كۆلى،بەگلىك كۆل،يېنمىشىك كۆكئالا، چۇكۇن،تاغقۇم ،مالتاقكۆل،مەردەككۆل. بۇ بابتىكى جاي نامى 9.

35-باب:خەمىت مىراب لەنگىرى،كەسكەن توغراق،مۇرتۇق قويغان،قۇدۇق كولىغان، دۆڭئوتاق،يۇلغۇنلۇق تېرىمنىڭ دەرياسى،قۇربانبەگنىڭ ئارىشى،قورغان، يېكەنبۇلجۇمال،تۇرناباغلىدى چېكە،تۇقۇم،تارقىرچىن ساي،ئالمۇنچۇق، ئارغامچىباغلاغان چېكە، مۇسا ئەلەم، ساتۇغقان،ئاقياغاچ،يۈگەنتاراۋالدى چېكە،ئوتاق چېكە، قارۇنا چېكەسى، تارشى سىندى كۆل،قاراداي ئۆرتەڭ،شام قويغان چېكە، تېلېپ كۆلى،دىلگەرنىڭ ئۆيى،ئابدال چاپقان،سىتمېت قويغان كېمى،قاراۋۇل تۇرغان كۆل، پاتىما ئۆلگەن ئۆي ، سادىق ئۇن كۆمگەن دۆڭ ، ئاتامەت كۆلچۈ ، تاۋۇز يېگەن دۆڭ، ئابدال بەگنىڭ كونا كۆلى ، سەفەر قازدى ، مۇسىنىڭ (مۇسانىڭ)ئۆيى ، قاتىق ئارىق چېكەسى ، ئاراقۇم ، گۈن كۆرۈك ، تام ئۆي ، قۇربان كۆلنىڭ تەلەم باشى ، تۆلۆگۆنىڭ ئۇكتۇسى ، كۈزلەك مەللە ، قارادۆڭ ، تاشلاپ كەتكەن ئۆي ، كەسكەن تارىم ، قوداق كونا ئۆي ، ئۇلۇغكۆلنىڭ ئاقتارمىسى ، توڭگىنى تۈشدى چېكە، تالاش قوتان ، ھازېر ئۆلگەن ئۆي ، چودسام قالدىنىڭ توڭغۇس ئۆي ، مۇت ئاشۇر تۇرغان ئاقتارما ئۆي ، بىرىنچى بايىر كۆل ، ئىككىنچى بايىر كۆل ، ئۈچىنچى بايىر كۆل ، قۇمكۆل ، توپاق ئۆلدى ، ياڭىسۇنىڭ كۆلى ، بەشتوغراق ، ئارقا قاراكۆل ، كالاسۇغا ياغىلغان يەر، قودايلىق كۆل ، قۇشقاچكۆل ، ئۇزۇن تامنىڭ قۇشلاچى،چاپقانكۆل،كونا كۆللۈك ئېتەك كۆل،قورچاقنىڭ ئۆيى، قارائۇنېلىق كۆل،يەكەن ئۇقۇلۇق،تاتىر ئىلەك،چان دارېننىڭ ئوسېسى،كۈنچىقىش تارىم،بوزكۆل،سوسۇك كۆل،چوڭ كۆك  ئارا،تورقاماق كۆل،تارىمنىڭ قوشلاچى،سامارنىڭ تاغمانى،ساپايى قالدى كۆل،سالاتۇ قالغان كۆل،كەركى چۆككەن كۆل،چەنگو مالاك كۆل، چەنگەر سالدى كۆل،مايات قالدى كۆل،ئەنۇ قۇلۇنىڭ كۆلى،ئابباس جىلگەن كۆل. بۇ بابتىكى جاي نامى 88.

1960–يىلى5–ئايدىن 10–ئايغىچە،تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوپ لوپ رايونىدا (لوپنۇر ۋە چاقىلىق ناھىيىسىدە ) 6 ئاي تىل تەكشۈرگەن،ئۇنىڭ  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى ناملىق كىتابىدا شۇ چاغدىكى جاي ناملىرىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ ئاساسىي قىسمى تۆۋەندىكىچە:

شىنغى،توڭچىكە،باراي چىكە،سىڭگىرتاغ،يول مەللە،قوداي (غوداي)، تەنجىلىك، ئالتاغۇلاقنىڭ (ئالتە ئوغۇللۇقنىڭ )مەللىسى،توغراقلىق مەللە، يۇقىرى ئۇقۇر، تۆۋەن ئۇقۇر، ئاۋۇل كۆل،ئاتمىشبۇلاق،ئالماشساقال (ھاشىم ئاقساقال)، ئالمانچۇق،پوتقۇ، ئەرگىم چېكە،ئەۋەلە،تارىم كەلدى،تېۋەت (تىبەت)، چاقۇ دۆڭ،چوڭ تارىم،چىچالى، دۆڭئوتاق.

تىلشۇناس ھاشىم تۇردى بىلەن خوتۇنى مېھراي ياقۇپلار 1982-يىللىرى ئەتراپىدالوپنۇر ۋە چاقىلىق   ناھىيىسىدە تىل تەكشۈرگەن.تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر تەلەپپۇزى ئۈستىدە تەتقىقات ناملىق كىتابىدىكى جاي ناملىرى :

 

 چوڭكۆل،جىگدىلىك ئۆي،يايلۇق~يايلىق (كۆل)،ياغۇزما (ياغىزما)، يىكەللىك (يېكەنلىك)، يالغۇز قۇيچىن (قۇرچىن)، كۈن كۆيۈك،قارچۇغا،قايلاش،قىرقى (تارىمنىڭ كونا ئېقىنى)، قوغالا(ئابدالغا يېقىن يەر )، قۇتمەتچۆل، قالۇن ئالدى،قاراقۇشۇن،قاقما چەچتىن،قىز ئوتۇقتۇ ، قۇشتۇق چاپقان،قانات پاغلاغان كۆل .

1980–يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش،نەشر قىلىش داۋامىدا بىر قىسىم جاي ناملىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا خاتىرىلەنگەن. تارىخ ماتېرىياللىرىنى رەتلەش نەشر قىلىش داۋامىدىمۇ بىر قىسىم  يەر ناملىرى ئەسلىمىلەر ئارقىلىق تارىخ بەتلىرىگە يېزىلدى.تۆۋەندە  لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى،لوپنۇر خەلق چۆچەكلىرى،بايىنغولىن تارىخ ماتېرىياللىرى››دا كۆرۈلگەن بىر قىسىم يەر ناملىرىنى كۆرۈپ باقايلى :

تىكەنلىك رايونى يەنى ھازىرقى دېھقانچىلىق2–دىۋىزىيىسى34–پولك تۇرۇشلۇق جايدىكى1940–يىللىرىغا تەئەللۇق جاي ناملىرى:خاڭگۇڭ مەھەللىسى،لاشىم مەھەللىسى،تۇرپان مەھەللە،كوكۇلا (كۆك ئالا) مەھەللىسى،ئويمانكۆل،يېڭىسۇ،غول مەھەللە،باش مەھەللە،كۆزلەك،تىكەنلىك بازار ئىچى مەھەللە قاتارلىق 10 مەھەللە بولغان.خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا كۆرۈلگەن جاي ناملىرى تۆۋەندىكىچە :

جاڭقۇلى،ئاگاينىق (لوپلۇقلاردا يالغۇز قەبرە ئاگاي دېيىلىدۇ)، ئاقسۇپۇ ~ئاقسۇپا، ئاختاش (ئاقتاش)، بوسسون (بوستان)، بۈرگەلىك ئۆي،دىلپار،دۆڭقوتون (دوڭقوتان)، كۆنچۈ (كۆنچى)، كۈلقوتان،كۈززەك (كۈزلەك) ،مىرسالى،مىرەن،مۇزاسسى (مۈڭگۈز ئاستى)، ئونلۇق،ئويمونكۆل (ئويمانكۆل)، پوتقۇ،چارا،چايان دەرياسى (تارىمنىڭ تارمىقى)، چاقۇدۆڭ،چىگىلىك ئۆي،چىۋىن كۆل (چىۋىنلىق)، چوڭ مەھەللە،چوڭ تارىم،سولومو، تارىم،تىكەنلىك،توققۇز تارىم،تۇڭ چىكە،تەسكەن،تۈمەنپۇ،ئۇلۇق كۆل،شۇتاڭ،ياڭىكۆل، ياڭىسۇ،يامان خۇۋا، يار قارۇل،غودوي (غۇداي ~ قوداي)، قارادۆڭ،ئەسكى تارىم،ئۆگۆن (قەدىمكى ئۇيغۇرچەدەريا دېگەن مەنىدە)، تۆگەبېشى،شىڭدى،تاغ شەھەر،سەكسەن كۆۋرۈك ،يولۋاس چۆكتى،قاراچاچ،تېرىم شەھىرى،ئاغدۆڭ،باش ئاقسۇپا،سالدام،تالباشلام،ئاياقچى (دىلدىرەم)، لايسۇ،چۆل قۇدۇق،جىگدە باشلام،ئاراقۇم،نۇرمەت كۆلى،ئابدۇش كۆلى، ئارال،تاتلىق،ياڭىكۆل،قوۋزاق،تەسكەن،ئاقكۆرۈك،ھابدال (~ئابدال )، توكام تۈزى، قاراچى، بۇلۇڭشور،ئات باغلىغۇچ،چاچما،لايباستى،باش ئۆكتە تۇغى،قارامچى، يامبۇلاق، ئايدىڭكۆل ، دۆڭبەل، دۇنياڭ ( دۇرال) ، پاتقۇچۇم، ئېشەك سۈرگۈچ، بەگلەر چىققان دۆڭ.   

 

1. لوپ رايونىدىكى جاي ناملىرىدىن مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىكنى بايقىيالايمىز

لوپ رايونىدىكى جاي ناملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى جاي ناملىرى تەشكىل قىلىدۇ.بىز يۇقىرىدا 1900–يىللىرىغا تەۋە جاي ناملىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق، بۇلاردىن تەكرارلانمىغان جاي ناملىرى جەمئىي 383 بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى ئەمەسلىرى40قا يەتمەيدۇ. جاي ناملىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا،لوپلۇقلارنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بېرى مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەۋەلىكنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.لوپلۇقلار ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيان لوپ رايونىدا بېكىك ھايات كەچۈرۈپ،تىل جەھەتتىن ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قالغانلىقتىن،ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپ دىئالېكتىنى شەكىللەندۈرگەن.لوپلۇقلار ئىزچىل تۈردە دەريا–كۆل بويلىرىدا ھايات كەچۈرگەنلىكتىن تۇرمۇش،ئۆرپ–ئادەت،ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردىن باشقا بوستانلىقلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدە پەرق ھاسىل قىلغان. بۇ خىل پەرق ئادەتلىرىنى موللا مۇسا سايرامى  تارىخى ھەمىدىي  دېگەن كىتابىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

2. لوپ رايونىدىكى جاي ناملىرى ئارىسىدا ئىنتايىن ئاز ساندا موڭغۇلچە،زاڭزۇچە جاي ناملىرى ساقلىنىپ قالغان. سېۋىن ھېدىن  لوپ كۆلىنىڭ سىرىنى ئىزلەپ ناملىق كىتابىنىڭ 4–بابىدا خاتىرىلىگەن جاي نامى6،بۇنىڭ ئىككىسى ئۇيغۇرچە،4ى موڭغۇلچە. ئالىم موڭغۇل تىلىدىكى جاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى جاي ناملىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن،ئالىمنىڭ بۇ بايانلىرى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.چۈنكى13-ئەسىردىن باشلاپ موڭغۇللار شىنجاڭ تارىخىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلدى.لوپلۇقلارنىڭ ئارىسىدا ھازىرمۇ بىر قىسىم كىشىلەر (سانى كۆپ ئەمەس ) ئۆزلىرىنى قالماقتار  دەپ ئاتايدۇ.رىۋايەت قىلىنىشىچە، تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدە ئىككى موڭغۇل بىر بالىنى ئېلىپ لوپ رايونىغا كېلىدۇ ھەمدە بۇ بالىنى گۆلمۆ قاتارلىق بەزى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىغا تېگىشكەن.بۇ بالا چوڭ بولۇپ مۇشۇ يەردە ئۆيلۈك بولۇپ ئەۋلادلىق بولغان،ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى“قالماقتار ”دەپ ئاتالغان.يەنە بىر نۇقتىنى ئېيتساق، بىر بۆلۈك موڭغۇللار دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن لاساغا تاۋاپ قىلىپ ماڭغاندا،لوپ رايونىدىن ئۆتىدىغانلىقى مەلۇم.چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى جوڭغارلارنى قوغلاپ لوپ رايونىغا كىرگەن،مۇشۇ خىل تارىخىي ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا،نوپۇسى ئانچە كۆپ بولمىغان موڭغۇل ئاھالىسىنىڭ لوپ رايونىغا كېلىپ ھايات كەچۈرۈپ قالغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن.قالماق تۈشتى ،موڭغۇل ئۆلگەن،قالماق ئۆلدىناملىرى ۋە سانى ئاز ئاشۇ موڭغۇلچە جاي ناملىرى شۇ تارىخنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.سېۋىن ھېدىن ئېيتقاندەك،بۇ يەرگە كەلگەن موڭغۇللار جايلارغا ئۆز ئادەتلىرى بويىچە ئات قويغاچقا بەزى جاي ناملىرى لوپ دىئالېكتتىكى جاي ناملىرىنىڭ ئورنىنى ئالغان،لېكىن موڭغۇللارنىڭ سانى چەكلىك ، ياشىغان دائىرىسى تار بولغاچقا موڭغۇل تىلىدىكى ئىسىملارمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان خالاس. 

لوپ رايونىدىكى جاي ناملىرىنىڭ تىل تەۋەلىكىدىن قارىغاندا لوپلۇقلارنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى،قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى ياكى باشقا بىر مىللەت دەپ قاراشنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.1876–يىلى پېرژىۋالىسكىيغا تەرجىمان بولۇپ كەلگەن ئىلىلىق تارانچى ئابدۇللا يۈسۈپ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان بېكىك ياشىغان لوپلۇقلار بىلەن بىمالال ئالاقە قىلغان. 1955–يىلى ئەتراپىدا خەنزۇ تەكشۈرگۈچى تەتقىقاتچىلارغا تەرجىمان بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر لوپلۇقلارنىڭ تىلىنى تازا چۈشۈنۈپ كېتەلمىگەن. بىز بۇ ئىككى خىل ئەھۋالغا قارىتا 1900–يىلىدىكى سېۋىن ھېدىن خاتىرىلىگەن جاي ناملىرى،سېۋىن ھېدىن ۋە سىتەيىننىڭ بۇلار بىلەن تەرجىمانسىز ئالاقە قىلىشلىرى،لوپلۇقلارنىڭ تىل تەۋەلىكىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەۋەلىكنى،ئۇلارنىڭ ئىزچىل مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن ئاھالە بولۇش بىلەن بىرگە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.تىلشۇناس گاۋ شىجې ئۇيغۇر تىلى دېئالېكىتلىرى ۋە دىئالېكت تەكشۈرۈش ناملىق كىتابىدا، 1956-،1957–يىلىدىكى تىل تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا لوپ دىئالېكتى گرامماتىكا جەھەتتىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن بولغان پەرقلىرىنى كۆپىنچە فونېتىكا ئۆزگىرىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان…1956-،1957–يىلىدا لوپنۇر ناھىيە دۆڭقوتان گوۋۇرىنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،ئەدەبىي تىلدىكى4344سۆزلەم ئىچىدە،لوپ دىئالېكتى بىلەن ئەدەبىي تىلدىكى ئوخشاش مەنبەلىك سۆزلەم 3145 بولۇپ %39. 72 نى ئىگىلەيدۇ. ئوخشاشمىغان مەنبەدىن كەلگەن سۆزلەم پەقەت 166بولۇپ%8. 3نى ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا ئەدەبىي تىلدىكى 1033سۆزلەم دۆڭقوتان گوۋۇرىدا يوق…[2]دەپ يازغان.تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ1960–يىلىدىكى تەكشۈرۈشلىرى ۋە بىر ئۆمۈرلۈك تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا،لوپلۇقلارنىڭ تىلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر دىئالېكتى دەپ ھۆكۈم قىلغان. بىز يۇقىرىقى يەر ناملىرى خاتىرىلىرى،تىل ماتېرىياللىرى ۋە تەتقىقاتلارغا ئاساسەن لوپلۇقلار دىئالېكتنىڭ ئەزەلدىن تۈركىي تىل،جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر دىئالېكتى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈمىز.

لوپ رايونىدىكى جاي ناملىرىدىن بىز لوپلۇقلارنىڭ جايلارغا ئات قويۇشتىكى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقىيالايمىز:

1.لوپ رايونىنىڭ جاي ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسى جۇغراپىيىلىك ھالەتلەرگە ئاساسەن قويۇلغان.بۇنىڭغا قىزىل سەڭىر،بۇلجۇلمال،قاراقۇم،قۇمكۆل،ئاغىش،كۈنچىقىش تارىم، يارداڭ، ئاقباشقىياق ….قاتارلىق جاي ناملىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.

2.تارىخىي ۋەقە–ھادىسىلەر ئاساسىدا جاي ناملىرى ياساپ چىقىلغان.مەسىلەن :پاتىمە ئۆلگەن،قالماق تۈشتى،ئۇرۇس كىيىك ئۇردى بۇلاق،لاقۇنى تېرىسى قالغان كۆل، گۆلمە كەتكەن كۆل، قارائۇل دۆڭ ….

3.بەزى تارىخىي شەخسىلەرنىڭ ئىشلىرى بىلەن باغلانغان ياكى تەۋەلىكىنى بىلدۈرىدىغان جاي ناملىرى بولغان :خەمىت مىراب لەڭگىرى،قۇربانبەگنىڭ ئارىشى، ئابدال بەگنىڭ كونا كۆلى،سەفەر قازدى،چان دارىننىڭ ئوسېسى،ئەخمەت قۇدۇق،ئىفانى قۇللۇ كۆل،ئالىم خوجانى كۆلى….

4.كۆل ۋە دەريا ناملىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. كۆل ۋە دەريا ناملىرىنىڭ  كۆپ بولىشى لوپلۇقلارنىڭ سۇ بويلىرىدا ياشىغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر.ياغىزما كۆل، قىچىن كۆل،سىمىللاكۇ كۆل،ئەشەك قۇرماچلىق كۆل،چول كۆل،يوداق كۆل،مۆكمە كۆل،چاينۇت كۆل،ساداق كۆل….

خۇلاسە قىلغاندا لوپ رايونىدىكى جاي ناملىرى مۇشۇ رايوندا ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان لوپلۇقلار تىل،ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇش ئادەتلىرى،ياشايدىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتى…قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم مەنبەلەردىن ھېسابلىنىدۇ.بۇ يەردە شۇنىمۇ ئىزاھلاش زۆرۈركى بىز قوللىنىپ كەلگەن لوپ نامى ناھايىتى قەدىمىي ئاتالغۇ بولۇپ،8–ئەسىرگە تەئەللۇق تۈبۈتچە يادىكارلىقتا nop  دەپ يېزىلغان ،شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمەھالى››قاتارلىق تەرجىمە ئۇيغۇرچە ئەسەردە سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ئۇيغۇرچە نوپ دەپ خاتىرىلىگەن،ماركوپولوLOPدەپ خاتىرىلىگەن.چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى كلاسسىك ئەسەرلەردىمۇلوب دەپ يېزىلغان بولۇپ،چاقىلىق تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر ھېلىھەم لوپ دەپ قوللىنىدۇ،مەسىلەن:لوپ لەڭگەر،لوپلۇق، لوپنىڭ قېقىرى،لوپ مەھەللىسى…لوپنۇر ئاتالمىسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ لوپ دېگەن تۈپ يەر نامىغا موڭغۇل–مانجۇ تىللىرىدىكى كۆل مەنىسىدىكىnoorنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان.كۆنچى1945–يىلىدىن باشلاپ كۆنچى ۋە لوپنۇر دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان،1958–يىلى يەر ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا لوپنۇر نامى بېكىتىلگەن بولۇپ شۇنىڭدىن باشلاپ كۆنچى نامى ئەمەلدىن قېلىپ لوپنۇر نامى قوللىنىلغان.مەن بۇ ماقالىدە لوپ رايونىنىڭ لوپنۇر ناھىيىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن چاقىلىق ناھىيىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ئەڭ قەدىمىي جاي نامى لوپ رايون نامى سۈپىتىدە قوللاندىم .

ئىزاھاتلار:

[1] موللا مۇسا سايرامىي  تارىخى ھەمىدىي  مىللەتلەر نەشرىياتى 1986–يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 703 ~ 706– بەتلەرگە قاراڭ

[2] گاۋشىجې ئۇيغۇر تىلى دېئالېكىتلىرى ۋە دېئلېكىت تەكشۈرۈش مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى نەشرىياتى 1994–يىلى خەنزۇچە نەشرى 63-،79–بەتلەر

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif