”بىكارچىلىق“تا“بىكار“خىياللار

ۋاقتى: 2011-08-01 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 104 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

”بىكارچىلىق“تا“بىكار“خىياللار

 

يېقىندىن بۇيانقى خىزمەت ئالدىراشلىقى مېنى خېلى چارچىتىپ قويدى.بەزىدە ئۆزەمچە قاقشاپمۇ كەتتىم.يەنە تۇرۇپ“بىكار ئىشخانىدا ئولتۇرغاندىن ئالدىراش بولغانمۇ ياخشىكەن“دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم.ئادەم قانچە بىكار بولغانسىرى مەيلى روھى،مەيلى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن ئارقىغا چېكىنىپ ماڭىدىكەن. بىكارچىلىقتا سۈرگەن خىياللارمۇ قالايمىقان،تاسادىبىي قىلىپ سالغان ئىشلارمۇ ئوڭغا تارتىپ كەتمەيدىكەن.

بۇ يەردە ”بىكارچىلىق“دېگەن گەپ چىقىپ قالدى.بىكارچىلىقنى ئۆزۈمچە“خىزمەت ئارلىقىدىكى بىكارچىلىق“ۋە“24سائەت بىكارچىلىق“دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىپ باقتىم.خىزمەت ئارلىقىدىكى بىكارچىلىق ئوخشىمىغان خىزمەتلەرنىڭ خاراكتىرىگە قاراپ بوش قالىدىغان ۋاقىت ئوخشاش بولمايدىكەن.بەزىدە ھەر خىل كەسىپتىكى دوستلار بىر يەرگە جەم بولغاندا خىزمەتنىڭ گېپىنى قىلمايمىز دەپ تۇرۇپ يەنە شۇ خىزمەت ھەققىدىكى پاراڭلارنى سېلىشقا چۈشۈپ كېتىدىكەنمىز.مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا دېققەت قىلىپ باقسام،بىر قىسىم مەمۇرى ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان دوستلىرىمنىڭ خىزمەت ئارلىقىدىكى بىكارچىلىقلىرى ھەقىقەتەن كۆپكەن.بەزىدە بىكارچىلىقتىن نېمە قىلارىنى بىلمەيمۇ قالىدىكەن.گېزىت كۆرۈپ باقىدىكەن.كومپىيوتىردا ئويۇن ئوينايدىغان،باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىدىغان،كىنو كۆرىدىغانغا ئوخشاش ئىشلارنى قىپمۇ باقىدىكەن.يەنىلا شۇ بىكارچىلىقنىڭ سۈرىتىنى تىزلەشتۈرەلمەي،كۈننى كەچ قىلالماي جىلى بولۇپ كېتىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئاخىردا ئۆز-ئارا چىقىشىدىغان بىر نەچچىسى ئۈلپەتداش بولۇپ بىرەر خالىي جاينى تېپىپ يا ئىچىشىپ كېتىدىكەن،يا ئاز-ئازدىن تىكىشىپ قىمارغا چۈشۈپ كېتىدىكەن.ئۈزۈمنى ئويلاپ باقسام خىزمەت ئارىلىقىدا بىكار بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلار يوق دىيەرلىك.مەكتەپ دېگەندە قاچانلا بولمىسۇن ئىش دېگەن چىقىپ تۇرىدىكەن.بەزىدە كەسىپداشلار ئارا“بىز ئوقۇتقۇچىلار ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ھەق ئالىكەنمىز“دېيىشىپمۇ كېتىدىكەنمىز.بىزدىكى تۈگىمەس ئۇششاق ئىشلار گەرچە بىزنى ئالدىرتىپ،پۇت-قوللىرىمىزنى تېنىتىپ يۈرۋاتسىمۇ،ئويلاپ باقسام بۇ بىزنى نۇرغۇن بىكارچىلىقتىن بولىدىغان ناچار ئىشلاردىن توسۇپ قالالايدىكەن.ئادەم بىكارچىلىقتا بىكار خىياللارنى كۆپ سۈرىدىكەن.بىكار خىياللار ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەخلاقى ئۆلچەملىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئۈندەيدىكەن.ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاشىنى ئېلىپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قارايدىغان بولساق،ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ناچار يوللارغا مېڭىپ قېلىشى دەل مۇشۇ بىكارچىلىقتىن بولىدىكەن.

بىز خىزمەت ئارلىقىدىكى“بىكارچىلىق“نى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،“24سائەت بىكارچىلىق“قا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق،ئۇنىڭ ئىلمىي ئاتالغۇسىنىڭ“ئىشسىزلىق“ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.بۇ ئاتالغۇدىن بىكارچىلىقتا قالغان ياشلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا بۆك تىكىپ كىيدۈرسەكلا“ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياش“دېگەن چىرايلىق ئاتالغۇغا ئېرىشىمىز.

 بەزىلىرىمىز ئەسلىدە بىكار ئەمەس،لىكىن بىكارچىلىقنى خالايدىكەنمىز؛بەزىلىرىمىز ھەقىقەتەن بىكار،لىكىن بىكار يۈرۈشنى خالىمايدىكەنمىز.ئىمكانىيەت يار بەرسە بىرەر ئىشنى تېپىپ قىلغۇمىز كېلىپلا تۇرىدىكەن.مېنىڭچە بۇ مەلۇم نەرسىگە ئاللىقاچان ئېرىشكەنلەر بىلەن،ئېرىشىشكە ئىنتىلگۈچىلەر ئوتتۇرسىدىكى تەتۈر تاناسىپلىق تەرەققىيات.بۇ تەرەققىيات يوقاتقۇچىلار بىلەن ئېرىشكۈچىلەر ئوتتۇرسىدا مانا مۇشۇنداق تەتۈر يۆلىنىشتە داۋام قىلىدىكەن.ئېرىشكەنلەر ئېرىشكەنلىرىنى ئۆزىگە نىسبەتەن ئانچە قىممىتى قالمىدى دەپ قارىسا،ئېرىشمىگەنلەر شۇ نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز نى ئارمانلارنى قىپ چىقىدىكەن.بۇ خىل تۇيغۇ يەنە بىر جەھەتتىن چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئارزۇسىدا يۈرگەن كىشىلىرىمىزنىڭ قارشى قۇتۇپلاردا تۇرۇپ بىر-بىرىگە تەلپۈنىشىگە ئوخشاپمۇ قالىدىكەن.قايسى بىر كۈنى توردا چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ،شۇ يەردىكى مەلۇم داڭلىق ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن قارىغاندا بۇ يۇرتنى قەۋەتلا سىغىنقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.مەن ئۇنىڭغا ”ئۆيۈمدىن چىقساملا بىر ئىشلەمچى بازىرى بار،كەچ ۋاقتى بۇ يەردە ئالامەت بازار بولۇپ كېتىدۇ.بۇ بازاردىكى كىشىلەر گەرچە تەر پۇراپ تۇرغان،چىرايىنى توپا باسقان كۈندىلىك ئىشلەپ جېنىنى باقىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ مەن كۈندە كەچتە ئۇ بازارنى بىر ئايلىنىپ چىقىمەن“دېسەم ئۇ مەن بىلەن ئۆزى تۇرىۋاتقان جاي ۋە ئىشلەۋاتقان خىزمەت ئورنىنى تېگىشمەكچى بولدى.“ھېچ بولمىسا بىر مەزگىل بولسىمۇ تېگىشىپ تۇرايلى،مەن شۇ يەردىكى كىشىلەرگە بىر قېنىۋالاي ”دەپ كەتتى.ئۇنىڭ گېپى مېنىڭچە ھەقىقەتەن چىن يۈرىكىدىن چىققان سۆز ئىدى.

دېمەك،مەن ئۆزۈمنى ئويلاپ باقسام،بىرەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتىمەن.لىكىن بۇ ئارزۇيۇمنىڭ قاچان ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.چەتئەل مەن ئۈچۈن ئېرىشمەكچى بولغان ئولجا.لىكىن باياقى چەتئەلدە تۇرىۋاتقان قېرىندىشىمىزغا نىسبەتەن چەتئەل ئاللىقاچان ئېرىشىش تىزىملىكىدىن چىقىرۋىتىلىپ،ئەسلىدە نورمال ئىش ھېساپلانغان ئۆز يۇرتىغا كېلىش ۋە ئۆز خەلقى ئارىسىدا ياشاش ئۇ ئېرىشمەكچى بولغان ۋە يەتمەكچى بولغان ئالىي نىشاندۇر.

ئەمدى مۇشۇ ئارزۇغا تەلپۈنگۈچىلەر بىلەن يەتكۈچىلەر نوقتىسىدىن ”ئىشسىزلىق“ھالىتىدە تۇرىۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ روھى ھالىتگە نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىش تېپىپ ئىشلەش ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى.ھازىر نۇرغۇن خىزمىتى بار لىكىن شۇ خىزمەتنىڭ قەدىرىنى بىلمەيۋاتقان،بىكارچىلىقنى ئەلا بىلىدىغان كىشىلىرىمىزگە نىسبەتەن ئامال بار بىكارچىكلىقنى قوغلىشىش،بولسا ھېچ ئىش قىلماي،بىكار پۇل ئېلىپ،يەپ-ئىچىپ ئويناش خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىزنىڭ ياشاش مىزانى.بۇنداق كىشىلىرىمىز تېخى ”ئىشسىزلىق“غېمىدە تولغىنىۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىنى تېتىپ باقمىدى.بۇ ھەقتە گەپ بولغاندا“ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن بەندە،ئۇ پەقەت ئۆزى قەدىرلىمەيۋاتقان مەلۇم بىر نەرسىدىن مەھرۇم بولغان چاغدىلا ئاندى ئۇنىڭ قەدىرىگە يېتىدۇ“دېگەن خۇلاسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.مېنىڭچە بولغاندا يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئوڭ يولىنىشنى بويلاپ ئايلانسىمۇ،لىكىن نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ قىسمىتى تەتۈر يۆلىنىشكە قاراپ ئىلگىرلىشى مومكىن.شۇڭىلاشقا بىز مۇشۇ تەتۈر قىسمەتلەردىن كېلىپ چىققان تەقدىرلىرىمىزنى“رەھىمسىز دۇنيا،تەتۈر دۇنيا“دېگەندەك قاڭسىق ئاغىرنىشلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزۈپ بارىمىز.

بەزىدە دۇنيانىڭ ھەقىقەتەن تارازىنى ھەق تۇتمايدىغان جازانىخور ئىكەنلىكىگە چىنپۈتۈپمۇ قالىمەن.تەقدىر ئەسلىدە ”تەلەي ياكى ئامەت“دېگەندەك ناتوغرا ئۇقۇملارنى كەشىپ قىلىپ،ئۆز بەندىلىرىگە تەڭسىزلىك قىلىچىنى پۇلاڭلاتمىسا بولاتتى.“تەڭسىزلىك“ھەر قانداق ۋاقىتتا تېنچلىققا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.نۇرغۇن ناچار قىلمىشلار،قەبىھ جىنايەتلەر ئىنسانلارنىڭ تەڭسىزلىكنى تۈگىتىپ،مەيلى توغرا يولدىكى ياكى خاتا يولدىكى بولسۇن باراۋرلىككە يېتىش ئۈچۈن بولىدۇ.يانچۇقچىلار نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يانچۇقىنى كولايدۇ،بەزىلەر نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنى بۇلايدۇ؟دېھقانلىرىمىز نېمە ئۈچۈن تومۇز ئىسسىقنىڭ كۆيدۈرۈشلىرىگە پەرۋا قىلماستىن تىنىم-تاپماي ئىشلەيدۇ؛مايلامچى بالىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بىر يۇەن پۇل تېپىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئاددى ئورۇندۇقلىرىغا توختىماي تەكلىپ قىلىپ تۇرىدۇ؟….مېنىڭچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجابىي ياكى سەلبىي جەھەتتىن بولسۇن باراۋەرلىكنى قوغلاشقانلىقتىن بولىدۇ.يەنى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز باراۋەرلىك چۈشەنچىسى بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىدىن بولىدۇ.بىزنىڭ باراۋەرلىك ھەققىدىكى تەلپۈنۈشلىرىمىز مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.ھېچ ئىش قىلماي بىكار يۈرگەن كىشىلەرمۇ،بىر ئۆمۈر خىزمەت ياكى مەلۇم بىر ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن كىشىلەرمۇ ئەنە شۇ ”باراۋەرلىك“ئۈچۈن ئىنتىلىپ ياشايدۇ.

دۇنيا مانا مۇشۇنداق ئىنساندىن ئىبارەت مەڭگۈ قانائەت قىلىپ ئۆتمەيدىغان مەخلۇقنى ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا قاتىرىتىپ،مەلۇم بىر نوقتىدا توختاتماستىن يۈگۈرتۈپ،ئاخىردا ھالسىرىتىپ جېنىنى ئالىدىغان ئۆزى چۆرگىلەتكەن بۇ تەقدىرنىڭ يامان تەرەپلىرىنى شەيتانلارغا دۆڭگەپ قويۇپلا غايىپ بولىدىغان“شەيتانلارنىڭ بوۋىسى“ئىكەن.يەنە شۇنداق تۇرسىمى ئىنسانلار بۇ دۇنياغا قانماي ئۆتۈپ كېتىدىكەن.

بىز ئۆزىمىزنى ھازىرقى رىقابەت موھىتى ئىچىگە قويۇپ كۈزىتىدىغان بولساق،بىزدە خىزمەت قىلىشنى  ياكى ئۆزى خالايدىغان بىرەر كەسىپنى راۋاجلاندۇرشنى خالايدىغانلارمۇ،قولىدا خىزمەت تۇرۇپ،بىكار يۈرۈشنى خالايدىغانلارمۇ ھەم پەقەت بىكارلا يۈرۈپ بىكارچىلىقتىن باراۋەرلىك ئىزدەيدىغانلارمۇ بار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.بىزدە ئىشسىزلار ھەقىقەتەن كۆپمۇ؟جاۋابىمىز شۇكى،خېلى كۆپ؛بىزدە خىزمىتى بارلارچۇ؟جاۋابىمىز شۇكى،ئۇلارمۇ ھەم كۆپ.بۇلارنىڭ نىسبىتى زادى قانچىلىك؟مېنىڭچە يەنىلا خىزمىتى بار تۇرۇپ بىكارچىلىقنى خالايدىغانلىرى بىر قەدەر كۆپمىكىن دەپ ئويلايمەن.مېنىڭچە مانامۇشۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ“بىكار يۈرگەندىن بىكار ئىشلە“دېگەن ھېكمىتىنى دائىم ئەسلەپ تۇرىشىمىز،“بىر بىكار مىڭىنى بىكار قىلار“دېگەندەك نەسىھەتلىرىنى تەكرارلاپ تۇرىشىمىز كېرەك.قارايدىغان بولساق،بىزنىڭ زامانىۋى جەمىيىتىمىزدىكى“بىر بىكار“ئۆز بىكارچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەخسۇس سورۇن ھازىرلاپ“مىڭنى بىكار قىلىش“بەدىلىگە ئۆز بىكارچىلىقىنىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇشنى ئىزدەيدىكەن.مانا بۇ ھەققى ئارقىغا چېكىنىشنىڭ بەلگىسىدۇر.نۇرمال ئادەمگەرچىلىكتىن ھالقىغان ئادىمىگەرچىلىك،ئارام ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشنى باھانە قىلغان چېكىدىن ئاشقان ئارامخۇمارلىق قاتارلىقلار بىكارچىلارنىڭ بىكارچىلار ئۈچۈن كەشىپ قىلغان كەشپىياتى خالاس.

بىز بىكارچىلىققا بەك كۆنۈپ كەتتۇقمۇ قانداق؟نۇرغۇندوستلىرىم بىلەن تېلىفۇندا پاراڭلاشقان ياكى دەرقەمتە بولغان چاغلاردا ”يېقىندىن بۇيان نېمە قىلىۋاتىسەن؟“دېگەن سۇئالىمغا كۆپىنچىسىنىڭ بەرگەن جاۋابى“ھېچ ئىش يوق،بىكار“بولۇپ چىقتى.مۇشۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، بۇ بىزنىڭ بىكارچىلىقنى قەۋەت ياخشى كۆرىدىغان پىسخىكىمىزنىڭ،بىكارچىلىققا ئامراق بولۇش ئارزۇيىمىزنىڭ كۈچلۈكلىكىنىڭ ئىنكاسىدۇر.خېلى يىللار بۇرۇن ھېسام ئاكام“ھېسام سەن مەكتەپتىكى قاسى ۋاقىتنى ئەڭ ياخشى كۆرىسەن؟“دېگەن سۇئالغا“تەنەپۇسنى“دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن.ئەمدى ئويلاپ باقسام،ھېسامكام بىزدىكى بىكارچىلىقنى خالايدىغان ئاشۇ خىل روھى ھالەتنى ئۇستىلىق بىلەن قامچىلاپتىكەن.بىز بولساق بۇنى ئۇقماي،ھېسامكامنى مازاق قىلىپ يۈرۈپتىكەنمىز.

ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە ھەرگىز چېكىدىن ئاشقان خىزمەت“تەلۋىلىكى“نى بازارغا سالماقچى ئەمەس.بەلكى نورمال شارائىت ئاستىدىكى قىممىتى يوق بىكارچىلىقتىن ساقلىنايلى.تۇرمۇش بېسىمىمىزنى يېنىكلىتىشنى ”بىكارچىلىق“بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇۋالمايلى.“ئىشلىگەن چىشلەيدۇ“دېگەن مىزان بويىچە باشقىلار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇش،ھەقىقى مەنىدىكى باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشايلى دېمەكچى.

 

2009-يىلى 6-ئاينىڭ10-كۈنى

 

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif