مەرھابا نورۇز ، سەن باھار ئەلچىسىسەن

ۋاقتى: 2012-03-20 / تۈرى: ئەدەبىيات / كۆرۈلۈشى: 456 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

مەرھابا نورۇز ، سەن باھار ئەلچىسىسەن

 

مۇھەممەتجان جېلىل لوپنۇر

 

 ـــ ئاھ، نورۇز بايرىمى ! سەن تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغ بايرىمى!زىمىن قىشلىق ئۇيقىسىدىن ئويغۇنۇپ توققۇز مەرىكە مۇراسىمى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.زىمىستان ئۈستىدىن غالىپ كېلىۋاتىدۇ…نورۇز بوۋاينىڭ خىتاپ قىلىشى بىلەن، دىيارىم كىشىلىرى ئۆزلىرىنڭ بايراملىق كىيملىرىنى كىيىپ زوق – شوخ بىلەن نورۇزدىن ياخشى كۈنىنى باشلاپ كاتتا بايرام بەزمىسى قىلىۋاتىدۇ… بارچە قەلىبلەر ئىپتىخارلىق ھېسىياتىدا قۇتلۇق نورۇز بايرىمىنىڭ-يېڭى يىل بايرىمىنىڭ پەيزىنى دىللىرى سۆيۈنگەن ھالدا سۈرىۋاتىدۇ…

           قارلىغاچلار، گۈل بارھارغا مەدھىيە ئوقۇپ كۆكلەم ھوزورىدا زوق-شوق بىلەن ۋېچىرلاۋاتىدۇ…بۇلبۇللار باھار ئىشقىدا خەندان ئۇرىۋاتىدۇ … بارلىق تەبىئەت كۆكلەم جىلىۋىسدە گۈزەللىككە تولۇپ، شادىمان كۈلىۋاتىدۇ… كۈلىۋاتىدۇ. دىيارىمدىكى سۇلغۇن چىرايلار باھارئاپتىپى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ گويا گۈل – گىياھ نوتىلىرىدەك بېخلىنۋاتىدۇ،چېھرىيىدەكۈلكە جىلۋە قىلىۋاتىدۇ…

        ناغرا-سۇنايلارنىڭ ياڭراق ساداسى، دۇمباقلارنىڭ گۆلدۈرلەشلىرى، ئۇيقۇدىن يېڭى ئويغانغان تەبىئەت ئانا قەلبىنى ھاياجاندىن لەرزىگە سېلىۋاتىدۇ … ئوت يۈرەك شائىرلىرىمىز نورۇز شەنىگە، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەت ئانىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك نەزمىلىرنى ئوقۇپ، نورۇز ئەھلى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرۈپ ،ئۇلۇق تىلەكلەرنى تىلەۋاتىدۇ…باھادىر چەۋاندازلار ئات بەيگىسىگە چۈشۈپ،نۇرۇز مەشرىپىى ئۈچۈن ھاياتى كۈچ ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلاق تارتىشش،توخۇ،ئىت،قوشقار سوقۇشتۇرغۇچىلار سۈرەن – چوقانلار سېلىۋاتىدۇ،بەيگىدە يەڭگەنلەر بولسا غەلبە مارشىنى ياڭرىتىپ، زېمىننى لەرزىگە سېلىۋاتىدۇ…باتۇر ئەزىمەتلەر بەل تۇتۇشۇپ، ئۆزىدە كۈچ قۇۋۋەتنىڭ تېخى كەتمىگەنلىكىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ…

        ئۆز ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلالايدىغان داۋازچىلىرىمىز كۆكتە ماھارەت كۆرسىتىپ، قانلارنى سۇيۇلدۇرۇپ، دىللارنى سۆيۈندۈرۈپ، نورۇز ئەھلىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۈپ نۇرۇز مەشرىپىنى ئەۋجىگە چىقارماقتا… تەبىئەت ئانا ،كۈن بىلەن تۈننىڭ باراۋەرلىك ئوردىسىدا ،پەسىلەرنىڭ شاھى باھار بىلەن ئاللىقانداق ئارزۇ-ئارمانلار توغرىسىدا مۇڭدىشىۋاتىدۇ. يېقىملىق باھار شاماللىرى، نورۇز ئەھلىنىڭ لەۋلىرىگە ئوماققىنە سۆيۈپ، قارا قىش ئازاپلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىۋاتىدۇ، ئۇنتۇلدۇرىۋاتىدۇ…

     دوستۇم، قارا، نورۇز ئەلچىسى باھار خاسىيتىدە غېرىبلىق بېسىپ چۆلدەرەپ كەتكەن ئېتىز – ئېرىقلاردا كۈمۈشتەك سۇلار ئېقىپ، دېھقان ئاكىلار قەلبىنى چەكسىز ھاياجانغا سېلىۋاتىدۇ. بىز بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈننى خاتىرلەۋاتقان بەختلىك مىنۇتلاردا، دېلىمىز بىلەن تىلىمىزنى بىر قىلىپ، ئۆملۈك تۇغىىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇتلۇق كۈنلەرنى تەنتەنە قىلىشنى تاشلاندۇق قىلماي، ئۆز – ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنى، ۋىجداني بۇرچىمىز قىلالىساقلا، ئەڭ سۆيۈملۈك ھەم ئۇلۇغ ئادەم بولالايمىز. مەۋجۇتلۇق ئادەمنىڭ ئەڭ زور بايلىقىدۇر، يېڭىلىق، ئىجادچانلىق ئۇنىڭ مەنبەسىدۇر. دوستۇم، كۆرىۋاتامسەن؟ دېھقان ئاكىلارنىڭ مېزىلىك نورۇز ئېشىنى ئىچىپ، ماغدۇرغا كېلىپ، مېھنەت گۈل چېچەكلىرى بىلەن بېزەلگەن خاسىيەتلىك نورۇز بەزمىسىدە:مەھمۇد بوۋام بىلەن يۈسۈپ بوۋام ۋە ئۇنىڭ ئۈممەتلرى تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ئىچىدە ساماغا چۈشۈپ، نورۇز ئەھلىگە بەخت- تەلەي ۋە ئاسايىشلىق تىلەۋاتىدۇ…

        شوخ ناخشا، يېقىملىق ساز،جاراڭلىق كۈلكە، ھۇرا توۋلىغان خىتابلار، ھەر ياندا جۇش ئۇرۇپ، ياڭراۋاتقان شادلىق سادالىرى ئىچىدىن ئەتىمىزنى قانداق قۇرۇشنى ئۈگنىۋالايلى !! ئاھ، قۇتلۇق كۈن، يېڭىلىق ئەلچىسى نورۇز ! سەن ئەسىرلەردىن بۇيان ئەجدادتتىن- ئەۋلادقا مىراس بولۇپ، مۆتىۋەر مەدەنىيەت سەھىپىسىنى يارىتىپ، ھاياتبەخىش ۋە ئىلھامبەخىش بېغىشلايدىغان سەنئەت بۆشۈكىسىەن !! سەن –شېئرىيەت مۇنبىرى، دوستلۇق بەلبىغى، ئۈمىدۋارلىق مەشئىلىسەن! سەن ـــ تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغ ھەم خاسىيەتلىك بايرىمىسەن!! مەن نورۇز ناۋاسىدىن ئالەمنىڭ مەغرۇر كۈلكىسىنى ئاڭلاۋاتىمەن. يەتتە ئىقلىمنىڭ بايرام سەلتەنەتلىرىدە باھار ئىلھامىدا شادلىنىۋاتقانلىىقىمىزنى كۆرىۋاتىمەن…

        دوستۇم، مەن باھارغا ئاشىقمەن، چۈنكى ئۇ قەلىبلەرگە ئۈمىد چىرىغى يېقىپ، ئالەمنى گۈزەل كۆرسىتەلەيدۇ، يازنىڭ مەدىتىدە كۈزنىڭ مول – ھوسۇل ۋېسالىغا يېتىشكە ئۈندەيدۇ … ئېھ، دوستلىرىم،بۈگۈنكىدەك ئۆملۈك ئىچىدە نورۇز بايرىمىنى كۈتىۋىلىش نەقەدەر كۆڭۈللۈك ــ ھە ؟! بىز شۇتاپتا، ۋاقىت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، بىخ روھىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلىپ،ئۆزىمىزنىڭ ھەربىر ئشىنى يىڭى باشتىن باشلاپ ، غەيرەت تۇلپارىغا مېنىپ ۋاقىت دۇلدۇلى بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشكە ھەر ۋاقىت جۈرئەت قىلالىساقلا، بەخت نىشانلىرىدىكى ئوۋلانغان تىلسىمات ئوردىسىدىكى رېسقىلىرىمىزنىڭ تەمىنى ھامىنى تېتىشقا مۇۋەپپەق بولالايمىز!! شۇنداقمۇ؟ قېنى دوستلار نورۇز ئىلھامى ، باھار ئاتا قىلغان كۈچ ماغدۇر بىلەن ئەتىمىز ئۈچۈن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئالغا، ئالغاسېرى ئىلگىرلەيلى! پەقەت شۇندىلا مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئابىدىلىرىنى تىكلىيەلەيمىز. ئاھ ،مەرھابا نورۇز ، سەن باھارئەلچىسىسەن! قەلبىلەرنىڭ شادلىق بۈلىقىسەن !! بارچە دىللارنىڭ مەنىۋى ئوزۇقىسەن!!…

مەنبە: مۇھەممەتجان جېلىل لوپنۇرنىڭ“ھايات ھەقىقەتلىرى“ ناملىق ھېكايە-نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئاپتۇر:بايىنغولىن ئوبلاستلىق پىداگوگكا مەكتىپنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئەدەبىيات ئالىي لېكتۇرى.

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. torbajin
    2012/03/21 20:19:57

    ھەممىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.

  2. تىلەك
    2012/03/20 14:48:13

    ئىسل يازما بوپتۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif