بۈركۈت دېسەم سا چىقتى،ئالتۇن دېسەم جا چىقتى
بۈركۈت دېسەم سا چىقتى،ئالتۇن دېسەم جا چىقتى
ھازىر كىشىلەرگە ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم.بولۇپمۇ،باشقىلار بىلەن ئىقتىسادى مۇئامىلە قىلغاندا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك ئىكەن.تېخى بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ قويمىچىغا قويۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ،قانداق ئادەم قولىدىكى تەييار پۇلنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويىدىغاندۇ؟دەپ ھەيران قاپتىكەنمەن.
”كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس“،“كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ“،“كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ“دېگەندەك بۇ كۈن مېنىڭ بېشىمغىمۇ كەلدى.شۇ چاغدىلا دادامنىڭ“ھازىر قەرز ئالغان ئادەم،قەرز بەرگۈچىدىن نوچى،باشقىلارغا ئالدىراپ قەرز بەرگۈچى بولما“دېگەن گەپلىرىنىڭ تېگىگە يەتتىم.مانا مەن ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ ساناپ كېلىۋاتقان بىرى ئالاھەزەل بىر يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەنلىكىنى بىر ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈنۈپ تېلېفۇن قىپتۇ.ئەسلىدە ئۆيدە بار پۇلنى يېڭى سېتىۋالغان ئۆيگە ئالدىن تۆلىۋەتكەن ئىدىم.ئۆزۈمنىڭ باشقىلارغا قەرز بېرىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىنىمۇ بىلەتتىم.لىكىن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىچارىلەرچە يالۋۇرۇشلىرىغا،“بىر ھەپتە ئىچىدە قايتۇرۇپ بېرىمەن“دېگەن ۋەدىلىرىگە يۈز كېلەلمەي يېقىن بىر تۇققىنىمدىن ئاز بولىسىمۇ ئىشلىتىپ تۇرغىن دەپ بەش مىڭ يۇەن پۇلنى قوش قوللاپ ئاپرىپ بېرىپتىمەن.شۇنىڭ بىلەن“دوستۇمنى دەپ،بويۇمدا قالدى“دېگەن تەمسىل ئۆزىنىڭ توغرلىقىنى ئسپاتلىدى.
بىر يىل توشقىچە تالاي ھەپتىلەر،تالاي ئەتىلەر ئۆتتى.ھەتتا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يېلىندىم.لىكىن“قويمىچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس“دېگەندەك ئۇ مېنى ئەتىگە ۋە قۇرۇق ۋەدىگە تويغۇزدى.گەرچە ئۇ تۇققىنىمىز“پۇلنى بەر“دەپ ھەر كۈنى ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىۋالمىغان بولسىمۇ،بىز بىر مەھەلىدە بولغاچقا،ھەر بىر قېتىم ئۇچىرىسا خۇددى مۈشۈككە يولۇققان چاشقاندەك بولۇپ كېتىمەن.ئۇنىڭ بىلەن نېمە دەپ ئەھۋاللىشىش ۋە قانداق تېمىدا سۆزلىشىشنىمۇ تاپالماي قالىمەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ئامال قىلىپ،مەن بولساممۇ گېپىمدە تۇرۇپ،باشقىلاردىن ئۆتنە يېرىم قىلىپ بولسىمۇ توققىنىمىزنىڭ پۇلىنى بېرىۋىتەي دېگەن مەقسەتتە،بىر قانچە تۇققان ۋە ئەڭ يېقىن دوستلارنى ئىزدەپ باردىم.ھەممىسىدىن چىققان جاۋاپ ئوخشاش بولدى.“بالدۇراق دېسىڭىز بوپتىكەن،پۇلنى….غا ئشلىتىۋىتىپتىمىز“.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ“مەن زاماننىڭ كەينىدە قاپتىمەن.بۇ گەپنى نېمىشقىمۇ بالدۇراق ئاڭلىمىغاندىمەن“دەپ قاتتىق پۇشايمان قىلدىم.
”بەلكىم بەش مىڭ يۇەننى تۆلىيەلمەيدىغان نېمەڭگە باشقىلارغا قەرز بېرىمەن“دەپ يۈرگەنكى ئوبدان بولدى.دېيىشىڭلار مومكىن.كۆڭۈلچەكلىك بولمامدۇ.“كۆڭۈلچەڭنىڭ كۆتى ئوچۇق“بولىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز ئەمەسمۇ؟بىز ئىككى مۇئاشلىق،بىر مۇئاش ئۇدۇل بانكا قەرزىگە ماڭىدۇ.يەنە بىر مۇئاشنىڭ 500 كويى بالا باققۇچىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ.قالغان پۇل بولسا بىز ئۈچ ئادەمنىڭ تۇرمۇش پۇلى.بۇنداق ھالدا تۇرۇپ.قانداقمۇ ئۆيدە ئاتۇق پۇل ساقلىغىلى بولسۇن.مانا ئەمدى“ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك“دېگەندەك بۇ بەش مىڭ يۇەن شىللەمگە مىندى.
دوستۇمنىڭ ئەھۋالىنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسام،ئۇ يالغۇز مېنىڭدىنلا ئەمەس،يەنە خېلى كۆپ كىشىلەردىن قەرز ئاپتۇ.مېنىڭ تېخى ئەڭ كىچىكىمىش.بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر چېلەك سۇنى قۇيغاندەك شۈركۈنۈپ كەتتىم.ئىچىمدە“بۇ پۇلنى ئېلىپ بولغان ئوخشايمەن“ دەپ ئويلىدىم.“پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە بىر ئۇچى يۈرەكتە“دېگەندەك بۇ گەرچە ئانچە كۆپ پۇل بولمىسىمۇ،ماڭا ھەر ھالدا ئاز-تولا روھى داۋالغۇش ئېلىپ كەلدى. گەپ يالغۇز پۇلدىلا ئەمەس، ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ يۈرگەن دوستۇمنىڭ مېنى مۇشۇنداق ئالداپ، دوپپامغا جىگدە سېلىشى پۇلغا قارىغاندا كۆڭلۈمنى بەكرەك غەش قىلدى. بۇ ئىشنى ئويلىساملا بىرى،ئۆزىنى مېنىڭ يېقىن دوستۇم قاتارىدا كۆرسىتىپ ئەخمەق قىلىۋاتقان بۇ“ئەركەك“كە غەزىپىمۇ كەلدى. تۇرۇپ ئۇمۇ بەلكىم مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان بولسا، ئامالسىزلىقتىن شۇنداق قىلغان بولۇشى مومكىن، ۋاقىت ئۆتسە، ياخشى بولۇپ كېتەر، بۇ ئىش تۈپەيلى ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق چۈشمىسۇن دەپ ئۆزۈمگە زور تەسەللىي بەرگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. لېكىن ئۇنىڭ ماڭا قايتا-قايتا يالغانچىلىق قىلىشى، مېنى ئۇچىرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ قويۇپ، بەلگىلەنگەن جايغا بېرىپ ساقلىسام، تېلېفۇننى ئېتىۋېلىپ نامەردلىك قىلىشلىرى، باشقا دوستلىرىمغا مەن ھەققىدە ناچار ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يۈرۈشلىرى، مەندىن ئاغرىنىپ دادلاشلىرى، باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرسەم ئۇنىڭ بىر نەچچىمىزدىن ئالغان پۇللارنى توغرا يولغا ئىشلەتمەي، ئىلكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقتا ئوينىلىدىغان قىمارغا دو تىكىدىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئاخىرى سەۋىر قاچامنى چېقىپ تاشلىدى. يەنە بىرى،دادامنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمىغىنىمغا“بىر چوڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا،بىر كىچىكنىڭ“دېگەن ھېكمەتنى ئەستىن چىقارغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم.
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بالىلىرىغا بىرەر ئىشنى قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قالدۇردۇ،ھەمدە بالىلارنىڭ بۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلىشىنى،ئېسىدىن چىقارماسلىقىنى،بولمىسا پالاكەتكە ئۇچىرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.لىكىن بالىلارچۇ،ئاتا-ئانىسى كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ.ھەمدە قىلما دېگەننى بىر قىلىپ كۆرگۈسى كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە ھاللاردا پالاكەتكە يولىقىدۇ.ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ياشلىرىمىز ئارىسىدا كۆرىلىۋاتقان ھەر خىل پاجىئەلەرنىڭ ھەممىسى دەل چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.بىز بىر ئىش قىلغاندا دائىم دېگۈدەك چوڭلارنىڭ گېپىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز.پالاكەتكە يولۇقۇپ،پۇشايمان ياشلىرى تۆكۈلگەندىلا ئاندىن ئۇ نەسىھەتلەرنىڭ تېگىگە يېتىدىكەنمىز.بەلكىم بۇ بىزنىڭ چۆچەكلىرىمىزدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تويۇق يولغا ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆسۈش تارىخىنىڭ داۋامى بولسا كېرەك.
بۇ يازمىنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،ئۆز ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان بەزى خىسلەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.كاللامدا نۇرغۇن زىدىيەتلىك خىياللار تۇغۇلدى.باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىش بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئېسىل ئەخلاق چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ بىرى.لىكىن ھازىر باشقىلارغا ياردەم قىلسىڭىز زادى قايسى يول بىلەن قىلسىڭىز ئەڭ ياخشى.قانداق قىلغاندا كاۋاپمۇ،زىخمۇ كۆيمەيدىغان ياردەمنى قىلغىلى بولىدۇ؟بۇنىڭغا ھازىرقى كەيپىياتىمدا ئېنىق جاۋاپ تاپالمىدىم.چۈنكى“ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ“دېگەندەك مەن ئەڭ ئىشەنگەن ئادەم مېنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
مېنىڭ بۇ يازمىدا بايان قىلغان دەرتلىرىم بەلكىم مۇشۇنداق قىسمەتكە ئۇچىراپ چوڭ سورۇقچىلىقلارنى تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭكىگە قارىغاندا ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ.مېنىڭچە ھازىرقى كىشىلەرنىڭ زىيادە گۇمانخور بولۇپ كېتىشى،ئۆز-ئارا ئىشەنچنى يوقىتىشى مانا مۇشۇنداق قويمىچىلارنىڭ كاساپىتىدىن بولغان.ئاخىردا كۆپچىللىككە شۇنى دەيدىغىنىم“ئۆزۈڭدە يوق ئالەمدە يوق“دېگەن ھېكمەت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايلى.كۆز ئالدىمىزدا“ئالغاندا موساجان،بەرگەندە موسا تاز“دەيدىغانلار خېلى ئاۋۇپ قاپتۇ.“بېرىپ يامان بولغاندىن،بەرمەيمەي يامان بولغان“ياخشىكەن.بۇ مېنىڭ ئازغىنە ئوڭۇشسىزلىقىمدىن ئالغان تەجىرىبەم.
2011/08/25 12:53:26
مۇشۇنداق ئادەملەر دەستىدىن بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ياردەم قىلماس بۇلۋالدى-دە،ئاللاھ پۇلىڭىزنىڭ ساق- سالامەت قۇلىڭىزغا قايتىپ كىلىشىگە نىسىپ قىلسۇن.
2011/08/25 15:55:20
ئىلاھىم،دېگىنىڭىز كەلسۇن!