كروران گۈزىلىنىڭ سىرى

 

كروران گۈزىلىنىڭ سىرى

 

1980  -يىلى4-ئايدا شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى“يىپەك يولى“فىلىم ئىشلەش گۇرپىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن،“كروران ئارخىلوگىيە ئەتىرىتى“تەشكىللەپ،كىروران رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە پروفىسور مۇ شۈنپېڭ باشچىلىقىدىكى ئارخىلوگىيە ئەتىرىتى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالى چېتىدىن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى“铁板河(خەنزۇچە مۇشۇنداق بىر دەريانىڭ نامىنى دەپتىكەن.لىكىن بۇنىڭ قايسى دەريا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم،شۇڭا بىۋاستە خنزۇچىسىنىلا يېزىپ قويدۇم.بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسەڭلار كىين ئۆرگەرتىپ قويىمەن)“نىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئىلگىركى كرورانلىقلارنىڭ قەبرىسىنى بايقىدى.ھەمدە پۈتۈنلەي مۇككەممەل ساقلانغان كروران ئادىمىنىڭ قۇرۇغان جەسىتىنى قېزىپ چىقتى.بۇ قەبرە“铁板河“نىڭ كونا دەريا ئىقىنىنىڭ شەرقىدىكى يەر يۈزىدىن7-8مېتىر ئىگىز تۆپىلىكتىكى يالغۇز قەبرە بولۇپ،ئۇزۇن تۆت چاسا تىك قۇدۇق شەكىلدىكى قەبرىدۇر.شەرقتىن غەرپكە چوڭقۇرلۇقى1مىتىز،ئۇزۇنلىقى1.74مىتىر،كەڭلىكى بولسا0.7مىتىر؛قەبرىنىڭ ئىگىسى بولسا 40ياش ئەتىراپىدىكى بىر ئايال بولۇپ سىرتقى شەكلى مۇككەممەل ساقلانغان.ئۇنىڭ يۈزى ئورۇق،بۇرنى ئىگىز ھەم ئۇچلۇق،كۆزلىرى ئورا،چاچ،تېرە،تىرناقلىرى ساپمۇساق،ھەتتا ئۇزۇن كىرپىكلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.چېچى قۇيۇق سېرىق قوڭۇر رەڭدە،چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20-25سانتىمىتىر بولۇپ مۇرە قىسمىدا ئەركىن تاشلىنىپ تۇرىدۇ.تېرىسى كۈلرەڭگە مايىل زەيتۇن رەڭدە،ساغرا قىسمىنىڭ تېرىسىنىڭ تېخچە ئىلاستىكىلىقى يوقالمىغان.

 جەسەت قېزىلغاندا يۈز قىسمىغا ئەخلەت ئالغۇچ شەكىلدىكى ئۇزۇن ياپىلاق سېۋەت يېپىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ تۆۋەنكى ئۇچى كۆكرەك قىسمىغىچە سوزۇلغان.سېۋەتنىڭ ئۈستىگە30سانتېمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇرۇق دەرەخ شاخلىرى يېپىلغان.دەرەخ شاخچىلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنە10سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇمۇشنى بېسىپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قېلىنلىقى10سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئىنچىكە دەرەخ شاخلىرىنى تاشلىغان.ئۈستىنى قۇم توپىلار بىلەن بېسىۋەتكەن.جەسەت يالىڭاچ ھالەتتە بولۇپ،بەلدىن يۇقىرى قىسمى قېلىن يۇڭ رەخت بىلەن ئورالغان.يۇڭ رەخت كۆكرەك قىسمىدىكى تۇتاشقان جايدىن ئۇچلانغان دەرەخ شاخلىرى بىلەن چېتىپ قويۇلغان.بەلدىن تۆۋەن قىسمى بىر پارچە ئاشلانغان قوي تېرىسى بىلەن ئورالغان.بېشىغا كىگىز قالپاق كىيگەن.پۇتىغا ئۆرۈلگەن تېرىدىن ئاياق كىيدۈرۈلگەن.ئاياقنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قىسمى قوي يۇڭىدىن ئىشىلگەن قېلىن يىپتا تىكىلگەن.پايپاق كىيگۈزۈلمىگەن.

قەبرىدىكى ھەمدەپنە بويۇملىرى ناھايىتى ئاددى بولۇپ،كىيىمدىن باشقا،پەقەت باش قىسمىنىڭ سول تەرپىگە يىكەن بىلەن چىغدىن توقۇلغان كىچىك سېۋەت قويۇلۇپ،ئۇنىڭ ئىچىنى توپا بىلەن توشقۇزۇپ قويغان.بىلىكىنىڭ يېنىدىن يەنە بىر دانە ياغاچ تارغاق بايقالغان.تاغاقنىڭ چىشلىرى ئۇچلۇق يۇمۇلاق قىلىنىپ،بىردىن بىردىن تاغاق غولىغا كىرگۈزۈلگەن.تاغاق غولى قېلىن تېرە بىلەن چىڭ باغلىنىپ،ئارىسىغا شىلىم قۇيۇلۇپ ياسالغان.قەبرىنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىن ساپالدىن ياسالغان ھېچقانداق بويۇم تېپىلمىغان.

بۇ قەدىمكى جەسسەتنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتىش ئۈچۈن1981-يىلى3-ئايدا شىنجاڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى جەسەتنىڭ بەدىنىگە ئورالغان قوي تېرىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ،جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنىغا كاربۇن14 ئانالىزى قىلىشقا ئەۋەتكەن.ئۆلچەش ئارقىلىق جەسەتنىڭ يىل دەۋرىنىڭ 3800يىل ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.بۇ كىيىنكىلەر تەرپىدىن ”كىرورەن گۈزىلى“دەپ ئاتالغان جەسەتتۇر.

بۇ ھازىرغا كەلگۈچە مەملىكىتىمىزدىن تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى جەسەت ھېساپلىنىدۇ.ئىلگىرى شاڭخەي،ياپۇنيە قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمە قىلىنغان.ئۇنىڭ بايقىلىشى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان.تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ،لىكىن يەنىلا نۇرغۇن تۈگۈنلەر تېخىچە سىر پېتى تۇرماقتا.

بۇ قەدىمكى جەسەت ئىنسانلارنىڭ قايسى تىپىغا تەۋە؟مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر بۇ جەھەتتە ئىنچىكە تەقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ،يەنىلا ئۇنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىدى.ھازىر پەقەت تومتاق ھالدىلا ئۇ قەدىمكى ياۋرۇپا ئېرقىغا ياكى قەدىمكى لوپلۇقلارغا تەۋە دېيىلمەكتە.قەبرە ئىگىسى ھايات ۋاقتىدا نەدە تۇرغان؟ئارخىلوگلار قەبرە ئەتىراپىنى خېلى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ،ھازىرغىچە بۇ ئەتىراپتىن ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئىزىنى تاپالمىدى.مۇتەخەسىسلەر لوپنۇر كۆلى رايۇنىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەۋرىنى ئون مىڭ يىلدىن ئىككى مىڭ يىلغىچە دەپ قارىماقتا.قەدىمكى جەسەتنىڭ قېزىلىشى لوپنۇر كۆلى رايۇنىدا قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تۆت مىڭ يىل بۇرۇنلا تاش ۋە ياغاچ قوراللارنى،ھەتتا ئوقيالارنى ئىشلىتىپ،كېمە ياساپ،ئۆي سېلىپ ياشىغانلىقى،ئىپتىدائىي گۈزەللىك قارىشىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى،بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.ئۇلار ئاللىقاچان ئولتۇراقلاشقان،ئەمما فار-فۇر بويۇملارنى ياساشنى بىلمىگەن.كىيىم تىكىشنى بىلمىگەن.بۇ قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايىنى تېپىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

جەسەتنىڭ ئۆپكە قىسمىنى سىپىكتىر ئارقىلىق تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئۆپكىسىدە تۆمۈر،ئالىيومىن،ماگنىي،تىتان،خروم،بور قاتارلىق ئېلىمىنتلارنىڭ بارلىقى بايقالغان.ھازىرقى جەسەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۇقارقى ئېلىمىنتلارنىڭ مىقدارى خېلى يۇقىرى،ئۇنىڭ ئىچىدە تىتاننىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ.ئەمما ھازىرقى جەسەتلەرنىڭ ئۆپكىسىدە خروم بىلەن بور بايقالمىدى.چېچىدا ئاز مىقداردا تۆمۈر،قوغۇشۇن،ماگنىي،نىكىل بايقالدى.لىكىن مىقدارى يەنىلا ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ.بۇ ھادىسە نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

ئادەم بەدىنىدىكى پارازىت قۇرتلار قانداق قىلىپ جەسەت بىلەن تەڭ تۆت مىڭ يىل ساقلىنىپ قالدى.بۇ قەدىمكى جەسەتنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىئولوگىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرغان بىر بايقاش بولغان.قەدىمكى جەسەتنىڭ چاچ يىلتىز قىسمىدا،كىرپىك،دوۋسۇن تۈكى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن پىت ۋە پىت لىچىنكىلىرى يەنە بىر دانە چۇسا بايقالغان.پىت ۋە پىت لىچىكىلىرىنىڭ شەكلى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ،پىتنىڭ سەزگۈ تۈكچىلىرىدىن تۇتۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.بۇ ھاشارەتشۇناسلىق تارىخىدىمۇ ناھايىتى ئاز كۆرىلىدىغان ئەھۋال.بىز ئادەم بەدىنىدىكى پىتنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى،ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن بەدەننىڭ سوۋۇپ كېتىدىغانلىقىنى،بەدەن سوۋۇپ كەتسىلا پارازىت قۇرتلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.ئەمما بۇ جەسەتتە پىتلار خوجايىنغا ”كۆزى قىيمىغاندەك“بىر جايدا تۆت مىڭ يىل ھەمرا بولۇپ تۇرغان.بۇ ھادىسە ھازىرغا كەلگۈچە بىئولوگىيە ئالىملىرى يىتەلمىگەن سىر.

 

ياڭ شىنسەي يازغان“شىنجاڭنىڭ سىرى“ناملىق كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=28

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-10
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تەرجىمىلىرىم
ئىنكاس: 3دانە
  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لوپنۇرى ئەپەندىم لوگو ئادىرىسىڭىزنى تاپالمىدىم،سۈرەتلىك ئۇلىنىش قىلىپ قۇياي دىگەن ئىدىم.

    • مېنىڭ تېخى لوگو ئادىرىسىم يوق،لوگو ياساشنى بىلمەيمەن.بۇرۇن بىرسى بار ئىدى،قايسى جايغا قويۇشنى بىلەلمىدىم.بۇرۇن بلوگباسقا ياسىغان لوگونى ۋوردپرەستە ئىشلەتكىلى بولارمۇ؟

  2. ئاپلا مەنمۇ بىلمەيتىم، ماڭا ئەلشات ياساپ ھەم قۇيۇپ بەرگەنتى،ئۇنداقتا مەن سىزنى ھازىرچە خەتلىك ئۇلىنىش قىلىپ تۇراي،لوگورىڭىز پۈتكەندە ئۆزگەرتىۋالارمەن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: