بىرلىكتە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئۆگىنەيلى!(2)

 

Ⅱسوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى

1.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملادا ئىپادىلىنىشى

 

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئۇلارغا قوشۇلغان قوشۇمچىلاردىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىشىدۇر.

ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى ئاساسەن تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىققا قارىتىلغان.ئۇيغۇر تىلىغا خاس بولغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە تامامەن بوي سۇنىدۇ.ئەمما چەت تىللاردىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر بۇ قائىدىگە ئانچە بوي سۇنۇپ كەتمەيدۇ.

         1)سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىقى

       تۇرغۇن سۆز (پېئىلدىن باشقا سۆزلەر) ۋە پېئىللارغا قوشۇمچە قوشۇلغاندا،ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولىشىغا قاراپ قوشۇمچىلارنىڭ شۇنىڭغا ماس بولغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.

A.تۇرغۇن سۆزلەردە:

(1)تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن  تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:

بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى،كۆپلۈك قوشۇمچىسى،تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى“ _ڭ،-ىڭ،-ۇڭ“ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز،ىڭىز،ۇڭىز“دىن كىيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا،سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلىشىدۇ.مەسىلەن:

باغ_ باغدا،باغقا،باغلار،بېغىڭ،بېغىڭىز،بېغىڭلار،بېغىڭىزلار

 

قوي_ قويدا،قويغا،قويلار،قويۇڭ،قويۇڭلار،قويۇڭىز،قويۇڭىزلار

 

كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى،كۆپلۈك قوشۇمچىسى،تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”_ڭ،_ىڭ،_ۇڭ“ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى“ –ڭىز،_ىڭىز،_ۇڭىز“دىن كىيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا،ئالدىنقى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،سۆز ئاخىردىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.مەسىلەن:

 

دەزمال_ دەزمالدا،دەزمالغا،دەزماللار،دەزمىلىڭ،دەزمىلىڭلار،دەزمىلىڭىز،دەزمىلىڭىزلار

 

پەيتۇن_پەيتۇندا،پەيتۇنغا،پەيتۇنلار،پەيتۇنۇڭ،پەيتۇنۇڭلار پەيتۇنىڭىز،پەيتۇنىڭىزلار

 

(2)تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە:

بىر بوغۇملۇق سۆزلەردە:

تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى،كۆپلۈك قوشۇمچىسى،تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى“ _ڭ،-ىڭ،-ۇڭ“ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى ”-ڭىز،ىڭىز ”دىن كىيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا،ئۆزەكتىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلىشىدۇ.

مەسىلەن:

بەت_ بەتتە،بەتكە،بەتلەر،بېتىڭ،بېتىڭلەر،بېتىڭىز،بېتىڭىزلەر

 

گۈل_ گۈلدە،گۈلگە،گۈللەر،گۈلۈڭ،گۈلۈڭلەر،گۈلۈڭىز،گۈلىڭىزلەر

 

يۈك_ يۈكتە،يۈككە،يۈكلەر،يۈكۈڭ،يۈكۈڭلەر،يۈكىڭىز،يۈكىڭىزلەر

 

سۈت_ سۈت،سۈتتە،سۈتكە،سۈتلەر،سۈتۈڭ،سۈتۈڭلەر،سۈتىڭىز،سۈتىڭىزلەر

 

كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە:

تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە كېلىش قوشۇمچىلىرى،كۆپلۈك قوشۇمچىسى،تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرى قوشۇمچىسى ”_ڭ،_ىڭ،_ۇڭ“ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى قوشۇمچىسى“ –ڭىز،_ىڭىز ”دىن كىيىن يەنە كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا،ئالدىنقى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،سۆز ئاخىردىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.مەسىلەن:

 

ئورەك_ ئورەكتە، ئورەككە، ئورەكلەر، ئورىكىڭ، ئورىكىڭلەر، ئورىكىڭىز، ئورىكىڭىزلەر

 

لۇغەت_ لۇغەتتە، لۇغەتكە، لۇغەتلەر، لۇغىتىڭ، لۇغىتىڭلەر، لۇغىتىڭىز، لۇغىتىڭىزلەر

 

پېچەت_ پېچەتتە، پېچەتكە، پېچەتلەر، پېچىتىڭ، پېچىتىڭلەر، پېچىتىڭىز، پېچىتىڭىزلەر

 

ئەتىرگۈل_ئەتىرگۈلدە،ئەتىرگۈلگە،ئەتىرگۈللەر،ئەتىرگۈلۈڭ،ئەتىرگۈلۈڭلەر، ئەتىرگۈلىڭىز، ئەتىرگۈلىڭىزلەر

مەشق

1.تۆۋەندىكى تۇرغۇن سۆزلەرگە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى بويىچە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى قوشۇڭ.

(1)پۇل          (2)يۈز   (3)ئادەم  (4)مەيدان

2.تۆۋەندىكى جۈملىلەردىكى قوشۇمچىلار خاتا قوشۇلغان سۆزلەرنى تېپىڭلار.

(1) سىلەرنىڭ ئۆگىنىش يۈكۈڭلار بەك ئېغىر.

(2)بالىلار،پېچىتىڭلارنى بۇزماي ئولتۇرۇڭلە.

(3)ھوي،گۈلۈڭلار بەك چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىپتىغۇ!

    B .پېئىللاردا:

(1)تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن پېئىللاردا:

تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى،خالاش رايى،ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى ۋە شەرت رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،يىلتىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

باق_ بېقىڭ،بېقىڭلار؛بېقىڭىز،بېقىڭىزلار؛باقتىڭ،باقتىڭلار؛باقتىڭىز ،باقتىڭىزلار؛باقسىلا؛باقاي،باققايلا؛باقساڭ،باقساڭلار؛باقسىڭىز، باقسىڭىزلار…

 

يات_يېتىڭ،يېتىڭلار،يېتىڭىز،يېتىڭىزلار؛ياتتىڭ،ياتتىڭلار؛ياتتىڭىز،ياتتىڭىزلار؛ياتسىلا؛ياتقايلا؛ ياتساڭ،ياتساڭلار؛ياتسىڭىز،ياتسىڭىزلار

 

ساقلا_ ساقلاڭ، ساقلاڭلار؛ ساقلىڭىز، ساقلىڭىزلار؛ ساقلىدىڭ، ساقلىدىڭلار؛ ساقلىدىڭىز, ساقلىدىڭىزلار؛ ساقلىسىلا؛ ساقلىغاي، ساقلىغايلا؛ ساقلىساڭ، ساقلىساڭلار؛ ساقلىسىڭىز، ساقلىسىڭىزلار….

 

ئوڭلا_ ئوڭلاڭ، ئوڭلاڭلار؛ ئوڭلىدىڭ، ئوڭلىدىڭلار؛ ئوڭلىدىڭىز، ئوڭلىدىڭىزلار؛ ئوڭلىسىلا، ئوڭلىغاي، ئوڭلىغايلا؛ ئوڭلىساڭ، ئوڭلىساڭلار، ئوڭلىسىڭىز، ئوڭلىسىڭىزلار…..

 

(2)تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللار ۋە ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى،خالاش رايى،شەرت رايى،ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى بىرىنچى شەخس كۆپلۈك تۈرى(مەسىلەن:ئەت_ ئەتتۇق<ئەتتۈك ئەمەس>،كەل-كەلدۇق<كەلدۈك ئەمەس>،كۈزەت-كۈزەتتۇق<كۈزەتتۈك ئەمەس>…)بىلەن بۇيرۇق-تەلەپ رايى ئۈچىنچى شەخس  (مەسىلەن: ئەت-ئەتسۇن<ئەتسۈن ئەمەس>،كەل-كەلسۇن <كەلسۈن ئەمەس>، كۈزەت- كۈزەتسۇن<كۈزەتسۈن ئەمەس>…)تىن باشقىلىرىدا،سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.مەسىلەن:

 

ئەت_ئېتىڭ،ئېتىڭلەر؛ئېتىڭىز،ئېتىڭىزلەر؛ئەتتىڭ،ئەتتىڭلەر؛ئەتتىڭىز،ئەتتىڭىزلەر؛ئەتتۇق؛ئەتسىلە؛ئەتكەيلە؛ئەتسۇن؛ئەتسەڭ،ئەتسەڭلەر،ئەتسىڭىزلەر…

 

كۈل_ كۈلۈڭ، كۈلۈڭلەر؛ كۈلىڭىز، كۈلىڭىزلەر؛ كۈلدۈڭ، كۈلدۈڭلەر؛ كۈلدىڭىز، كۈلدىڭىزلەر؛ كۈلدۇق؛ كۈلسىلە؛ كۈلگەيلە؛ كۈلسۇن، كۈلسەڭ، كۈلسەڭلەر؛ كۈلسىڭىز، كۈلسىڭىزلەر،….

 

ئىشلە_ئىشلەڭ،ئىشلەڭلەر،ئىشلىڭىز،ئىشلىڭىزلەر؛ئىشلىدىڭىز،ئىشلىدىڭلەر؛ ئىشلىدىڭىز،ئىشلىدىڭىزلەر؛ئىشلىدۇق؛ئىشلىسىلە؛ئىشلىگەي،ئىشلىگەيلە؛ئىشلىسۇن، ئىشلىسەڭ، ئىشلىسەڭلەر؛ئىشلىسىڭىز،ئىشلىسىڭىزلەر….

 

يۈكلە_ يۈكلەڭ، يۈكلەڭلەر؛ يۈكلىڭىز، يۈكلىڭىزلەر؛ يۈكلىدىڭ، يۈكلىدىڭلەر؛ يۈكلىدىڭىز، يۈكلىدىڭىزلەر؛ يۈكلىدۇق؛ يۈكلىسىلە؛ يۈكلىگەي، يۈكلىگەيلە؛ يۈكلىسۇن؛ يۈكلىسەڭ، يۈكلىسەڭلەر، يۈكلىسىڭىز، يۈكلىسىڭىزلەر….

 

ئەسكەرتىش:تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق پېئىللار ۋە ئاخىرقى بوغۇمى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا بۇيرۇق-تەلەپ رايى،خالاش رايى،شەرت رايى،ئۆتكەن زامان خەۋەر رايى قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،بۇيرۇق-تەلەپ رايى ئىككىنچى شەخس ئاددىي تۈرىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”-ڭلەر،-ىڭلەر،-ۈڭلەر“،سىپايە تۈرىنىڭ كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئۈچۈن“-ڭىزلەر،-ىڭىزلەر“ ۋە خالاش رايى ھۆرمەت تۈرىنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى  ئۈچۈن“-كەي/گەي+لە=كەيلە/گەيلە“قوللىنىلىپ،يىلتىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن قوشۇمچىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزئارا ماسلىشىدۇ.

مەشق

1.تۆۋەندىكى سۆزلەر ئىچىدىن قوشۇمچىلىرى توغرا ئۇلانغان سۆزلەرنى تېپىڭ.

(1) كەت

ئا:كېتىڭلار                      ب:كېتىڭلەر               س:كەتكەيلا

(2)ياق

ئا:ياقسىڭىزلار                  ب:ياقسىڭىزلەر         س:ياققايلە

(3)ئۈتلە

ئا:ئۈتلەڭلار                    ب:ئۈتلىگەيلا             س:ئۈتلەڭلەر

 

      2 )ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى

ئارا سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا قوشۇمچىلار تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە ئۇلىنىدۇ:

(1)بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە“خ،غ،ق“تاۋۇشلىرى بولسا،ئۇلارنىڭ تەركىبدىكى ”ئې“ ، ”ئى“ تاۋۇشلىرى تىل ئارقىغا مايىل بولغانلىقتىن،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكلى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

 

 خىش_ خىشتا،خىشقا،خىشلار،خىشلىق…..

 

بىخ_ بىخقا،بىختا،بىخلار……

 

خىزىر_خىزىردا،خىزىرغا،خىزىرلىق……..

 

پىخسىق_پىخسىقتا،پىخسىققا،پىخسىقلىق….

 

خىل_ خىللا،خىلغا،خىلدا،خىللىق….

 

تىغ_ تىغدا،تىغقا،تىغلىق…..

 

قىغ_ قىغدا،قىغقا،قىغلار،قىغلىق…..

 

زىغىر_ زىغىردا،زىغىرغا،زىغىرلار،زىغىرلىق..

 

چىغرىق_ چىغرىقتا،چىغرىققا،چىغرىقلار،چىغرىقلىق….

.

غېرىچ_غېرىچلا،غېرىچقا،غېرىچتا،غېرىچلىق…

..

قىر_ قىردا،قىرغا،قىرلار،قىرلىق……..

 

قىش_ قىشتا،قىشقا،قىشلار،قىشلىق…….

 

قىلىچ_ قىلىچتا،قىلىچقا،قىلىچلار،قىلىچلىق…….

 

ئىسسىق_ ئىسسىقتا،ئىسسىققا،ئىسسىقلىق….

 

قىس_ قىستۇر،قىسقان،قىسسا،قىسسۇن،قىسىڭلار…..

 

قىل_ قىلدۇر،قىلغان،قىلسا،قىلسۇن،قىلىڭلار…..

 

(2)بۇ سۆزلەرنىڭ تەركىبدە ”ك،گ“تاۋۇشلىرى بولسا،ئۇلارنىڭ تەركىبدىكى ”ئې“ ، ”ئى“ تاۋۇشلىرى ئاساسەن تىل ئالدىغا مايىل بولغانلىقتىن،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن: 

 

كىر_ كىرگە،كىرلەر،كىرلىك……

 

كىم_ كىمدە،كىملەر،كىمگە،كىملىك…..

 

كىيىم _ كىيىمدە،كىيىمگە،كىيىملەر،كىيىملىك

 

كىرپىك_كىرپىكتە،كىرپىككە،كىرپىكلەر،كىرپىكلىك…..

 

كىيى_ كىيدۈر،كىيگەن،كىيسە،كىيسۇن،كىيىڭلار….

 

كىچىكلە_ كىچىكلىگەن،كىچىكلىسە،كىچىكلىسۇن،كىچىكلەڭ….

 

ئېگىر_ ئېگىردە،ئېگىرگە،ئېگىرلەر،ئېگىرلىك…..

 

ئېگىز_ئېگىزگە،ئېگىزدە،ئېگىزلەر،ئېگىزلىك…..

 

ئېگىزلە_ ئېگىزلىگەن،ئېگىزلىسە،ئېگىزلەڭ،ئېگىزلەڭلەر…..

 

ئەسكەرتىش:تەركىبدە ”ك،گ“ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بولغان بىر قىسىم چەتتىن كىرگەن سۆزلەر يۇقىردىكى قائىدىلەرگە بويسۇنمايدۇ.ئۇلارغا قوشۇمچە قوشۇشقا توغرا كەلگەندە،تىل ئارقا ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

كېلۋىن_ كېلۋىنلىق،   كېدىر_ كېدىرلىق، گېپىس_گېپىسقا،گېپىستا، گېرتىس-گېرتىسلىق

 

(3) تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە“ك،گ“ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بولمىسىمۇ،بۇ سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بۇلاردىكى ”ئې“،“ئى“ سوزۇق تاۋۇشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشقا مايىل بولغاچقا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

 

   بىز_ بىزدە،بىزگە،بىزلەر…

 

سىز_ سىزگە،سىزدە،سىزلەر….

 

بىر –بىردە،بىرگە،بىرلەر…..

 

ھىم_ھىملىمەك

 

تېز_ تىزلەشمەك

 

بىل_ بىلدۈر،بىلگەن،بىلسە،بىلىڭلەر….

 

مىن_ مىندۈر،مىنگەن،مىنسە،مىنىڭلەر….

 

سىڭ_ سىڭدۈر،سىڭسە،سىڭگەن،

 

ئىچ_ئىچكۈز،ئىچكەن،ئىچسە،ئىچىڭلەر

 

ئىلىم_ ئىلىمدە،ئىلىمگە،ئىلىملەر،ئىلىملىك

 

بىلىم_ بىلىمدە،بىلىمگە،بىلىملەر،بىلىملىك…

 

جىددىي_ جىددىيلەشمەك،جىددىيلىك

 

نىسپىي_نىسپىيلەشتۈرۈش،نىسپىيلىك

 

ئىۋى_ ئىۋىدى، ئىۋىگەن، ئىۋىت، ئىۋىتكەن، ئىۋىتسە، ئىۋىتسۇن، ئىۋىتكىلى، ئىۋىتىڭلەر

 

يىمىر_ يىمىرگۈز،يىمىرگەن،يىمىرسە،يىمىرسۇن،يىمىرىڭلەر….

 

ئىنتىل_ ئىنتىلدۈر،ئىنتىلگەن،ئىنتىلسە،ئىنتىلسۇن،ئىنتىلىڭلەر…..

 

چىرى_ چىرىدى، چىرىگەن، چىرىسۇن، چىرىت، چىرىتكەن، چىرىتسە، چىرتسۇن،  چىرىتكىلى، چىرىتىڭلەر……

 

بىھى_ بىھىدە،بىھىگە،بىھىلەر،بىھىلىك…

 

سېھىر_ سېھىردە،سىھىرگە،سىھىرلىك

 

ئېڭىش_ ئېڭىشتۈر،ئېڭىشكەن،ئېڭىشسە،ئېڭىشسۇن،ئېڭىشىڭلەر……..

 

(4)سوزۇق تاۋۇش ”ئى“ بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق“چىش،ئىز،ئىش“سۆزلىرى ئەگەر ئىسىم ھالىتىدە گىرامماتىكىلىق تۈرلىنىشكە كىرسە،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتىنى تەلەپ قىلىدۇ.ئەگەر بۇ سۆزلەردىن پېئىل ياسىلىپ،پېئىل ھالىتىدە تۈرلەنسە،ئۇ ھالدا قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

ئىسىم ھالىتىدە:

 

چىش_ چىشتا،چىشقا،چىشلار،چىشلىق….

 

پېئىل ھالىتىدە:

 

چىشلە_چىشلىگەن،چىشلىسە،چىشلىدۇق،چىشلەڭ،چىشلەڭلەر،چىشلىگەي،چىشلىگىلى..

 

ئىسىم ھالىتىدە:

 

ئىز:ئىزدا،ئىزغا،ئىزلار…….

 

پېئىل ھالىتىدە:

 

ئىزلە_ئىزلىگەن،ئىزلىسە،ئىزلىسۇن،ئىزلىدۇق،ئىزلەڭ،ئىزلەڭلەر،ئىزلىگەي،ئىزلىگىلى…

ئىسىم ھالىتىدە:

 

ئىش_ئىشتا،ئىشقا،ئىشلار…

 

پېئىل ھالىتىدە:

 

ئىشلە_ ئىشلىگەن، ئىشلىسە، ئىشلىسۇن، ئىشلىدۇق، ئىشلەڭ، ئىشلەڭلەر، ئىشلىگەي، ئىشلىگىلى…

 

(5)“ئى“بىلەن تۈزۈلگەن تۆۋەندىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللار تۈرلەنگەندە ياكى ئۇلاردىن ئىسىم ياسالغاندا ئەھۋال باشقىچىرەك بولۇپ،بۇ پېئىللاردىن ياسالغان سۆزلەرنىڭ خاراكتىرىغا قاراپ،تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

   ئىل_ئىلمەك(ئىسىم)،ئىلماق(پېئىل)،ئىلغۇر،ئىلغان،ئىلسا….

 

تىز_ تىزىق(ئىسىم)،تىزىم،تىزىملىك(ئىسىم)،تىزماق(پېئىل)،تىزغان،تىزسا….

 

(6)ئاخىرقى بوغۇمىدا ئارا سوزۇق تاۋۇش ”ئې،ئى“بولغان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆز ۋە پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،مەزكۇر ئارا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدىكى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئالدى ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

 

ئانسامبىل_ئانسامبىلدا،ئانسامبىلغا،ئانسامبىللىق؛ئانسامبىلىڭ،ئانسامبىلىڭلار؛ ئانسامبىلىڭىز،ئانسامبىلىڭىزلار…..

 

سەلبىي_سەلبىيلەشمەك،سەلبىيلىك

 

تەقدىر_تەقدىردە،تەقدىرگە:تەقدىرلەر،تەقدىرىڭ،تەقدىرىڭلەر،تەقدىرىڭىز، تەقدىرىڭىزلەر…..

 

قەبىھ _ قەبىھلىك،قەبىھلەشمەك….

 

مۇئەللىم_مۇئەللىمدە،مۇئەللىمگە،مۇئەللىملەر،مۇئەللىملىك؛مۇئەللىمىڭ، مۇئەللىمىڭلەر، مۇئەللىمىڭىز،مۇئەللىمىڭىزلەر….

 

سۈلھى_ سۈلھىدە، سۈلھىگە، سۈلھىلەر، سۈلھىلىك: سۈلھىڭ، سۈلھىڭلەر، سۈلھىڭىز، سۈلھىڭىزلەر…

 

ئىسسى_ ئىسسىق، ئىسسىقلىق؛ ئىسسىڭ، ئىسسىڭلار؛ ئىسسىدىڭ، ئىسسىدىڭلار،  ئىسسىدىڭىز؛ ئىسسىدىڭىزلار؛ ئىسسىسۇن؛ ئىسسىدۇق، ئىسسىسىلا؛ ئىسسىغاي، ئىسسىغايلا؛ ئىسسىساڭ، ئىسسىساڭلار، ئىسسىسىڭىز، ئىسسىسىڭىزلار….

 

قىدىر_قىدىرىڭ،قىدىرىڭلار؛قىدىردىڭىز،قىدىردىڭىزلار؛قىدىردىڭ،قىدىردىڭلار؛ قىدىردىڭىز، قىدىردىڭىزلار؛ قىدىرسۇن؛ قىدىردۇق: قىدىرسىلا؛ قىدىرغاي، قىدىرغايلا؛ قىدىرساڭ، قىدىرساڭلار؛قىدىرسىڭىز،قىدىرسىڭىزلار…

 

سىلجىڭ_سىلجىڭ،سىلجىڭلار؛سىلجىڭىز،سىلجىڭىزلار؛سىلجىدىڭ،سىلجىدىڭلار؛ سىلجىدىڭىز، سىلجىدىڭىزلار؛ سىلجىسۇن؛ سىلجىدۇق؛ سىلجىسىلا؛ سىلجىغاي، سىلجىغايلا؛ سىلجىساڭ، سىلجىساڭلار؛ سىلجىسىڭىز، سىلجىسىڭىزلار…..

 

بېكى_بېكىڭ،بېكىڭلەر؛بېكىڭىز،بېكىڭىزلەر؛بېكىدىڭ،بېكىدىڭلەر؛بېكىدىڭىز، بېكىدىڭىزلەر؛ بېكىسۇن؛ بېكىدۇق؛ بېكىسىلە؛ بېكىگەي، بېكىگەيلە؛ بېكىسەڭ، بېكىسەڭلەر؛بېكىسىڭىز، بېكىسىڭىزلەر…..

 

ئىنتىل_ ئىنتىلمە؛ئىنتىلدىڭ،ئىنتىلىڭلەر،ئىنتىلىڭىز،ئىنتىلىڭىزلەر،ئىنتىلدىڭ، ئىنتىلدىڭلەر؛ئىنتىلدىڭىز،ئىنتىلدىڭىزلەر؛ئىنتىلسۇن؛ئىنتىلدۇق؛ئىنتىلسە؛ئىنتىلگەي، ئىنتىلگەيلە؛ ئىنتىلسەڭ، ئىنتىلسەڭلەر؛ ئىنتىلسىڭىز، ئىنتىلسىڭىزلەر…..

 

 ئېڭىش_ ئېڭىشىڭ، ئېڭىشىڭلەر؛ ئىڭىشىڭىز، ئېڭىشىڭىزلەر؛ ئېڭىشىدىڭ، ئېڭىشىدىڭلەر؛ ئېڭىشىدىڭىز، ئېڭىشىدىڭىزلەر؛ ئېڭىشسۇن؛ ئېڭىشتۇق؛ ئېڭىشسىلە؛ ئېڭىشكەي؛ ئېڭىشكەيلە؛ ئېڭىشسەڭ، ئېڭىشسەڭلەر، ئېڭىشىڭىزلەر……..

 

(7)تەركىبىدە ئارا سوزۇق تاۋۇش بولغان تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدا“ق،غ“ تاۋۇشلىرى كەلسە، ”-لىق،-لىك“قوشۇمچىلىرىنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتى بولغان“لىق“ شەكلى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

 

ھەقىقىي+لىق=ھەقىقىيلىق،مۇستەقىل+لىق=مۇستەقىللىق

 

ئەقىل+لىق=ئەقىللىق، مەنتىق+لىق=مەنتىقلىق

 

تىغ+لىق=تىغلىق     

(8)تەركىبىدە ئارا سوزۇق تاۋۇش بولغان، ”غ،ق“بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

ئىرغى_ ئىرغىغان، ئىرغىسا، ئىرغىسۇن، ئىرغىڭ، ئىرغىڭلار، ئىرغىڭىز، ئىرغىڭىزلار،ئىرغىغاي، ئىرغىغايلا،ئىرغىدىڭ،ئىرغىدىڭلار…..

 

سىرغى_ سىرغىغان، سىرغىسا، سىرغىسۇن، سىرغىڭ، سىرغىڭلار، سىرغىڭىز، سىرغىڭىزلار، سىرغىغاي، سىرغىغايلا،سىرغىدىڭ،سىرغىدىڭلار…..

 

يىقىل_ يىقىلغان، يىقىلسا، يىقىلسۇن، يىقىلدۇق، يىقىلىڭ، يىقىلىڭلار؛ يىقىلىڭىز،يىقىلىڭىزلار؛ يىقىلغاي،يىقىلغايلا،يىقىلدىڭ،يىقىلدىڭلار……

 

مىشقىر_ مىشقىرغان، مىشقىرسا، مىشقىرسۇن، مىشقىردۇق، مىشقىرىڭلار، مىشقىرىڭىز،  مىشقىرىڭىزلار، مىشقىرغاي، مىشقىرغايلا، مىشقىردىڭ، مىشقىردىڭلار……

 

(9)باش بوغۇمدىكى“ئا“ ياكى“ئە“تاۋۇشلىرى تىل تەرەققىياتى جەريانىدا فونتېكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ،“ئې“غا نۆۋەتلىشىش نەتىجىسىدە،تارىخىي جەھەتتىن تۇراقلىشىپ كەتكەن سۆزلەرنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئاساس قىلىنىپ(ئەسلىي سۆزنىڭ باش بوغۇمى ”ئا“ ياكى ”ئە“بولغانلىقىغا قاراپ)تۇرۇپ،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ياكى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

سېسىق(سارسىق)_ سېسىقتا،سېسىققا،سېسىقلىق…

 

يېقىن (ياقىن)_ يېقىندا،يېقىنغا،يېقىنلىق…

 

قېلىن(قالىن)_ قېلىنغا،قېلندا،قېلىنلىق

 

ئېغىر(ئاغىر)_ ئېغىرلىق،ئېغىردا،ئېغىرغا

 

بېلىق(بالىق)_ بېلىقتا،بېلىققا،بېلىقلار….

 

قېنىق(قانىق)قېنىقلىق….

 

ئېنىق(ئانىق)-ئېنىقلىق

 

سېرىق(سارىغ)_سېرىقتا،سېرىققا،سېرىقلىق…

 

ئېتىز(ئاتىز)_ئېتىزدا،ئېتىزغا،ئېتىزلار….

 

سېغىز(ساغىز) سېغىزدا،سېغىزغا،سېغىزلار….

 

ھېكىم(ھەكىم) _ ھېكىمدە،ھېكىمگە،ھېكىملەر،ھېكىملىك..

 

كېپىش(كەپىش)_كېپىشتە،كېپىشكە،كېپىشلەر،كېپىشلىك….

 

شېھىت(شەھىت)_شىھىتلەر،شىھىتكە،شىھىتلىك…

 

يېمىش(يەمىش)_يېمىشتە،يېمىشكە،يېمىشلەر،يېمىشلىك…..

 

ئەمما،“پېقىر،تېۋىپ،دېڭىز،سېمىز،مېيىپ،ئېجىل،يېلىم“قاتارلىق سۆزلەرنىڭ باش بوغۇمىدىكى ”ئە“تاۋۇشى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ”ئې“غا ئايلانغان بولسىمۇ،ھازىرقى ئىستىمالىمىزدا بۇ سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

 

پېقىر_پېقىردا،پېقىرغا،پېقىرلىق

 

تېۋىپ_تېۋىپتا،تېۋىپقا،تېۋىپلار،تېۋىپلىق…

.

دېڭىز_ دېڭىزدا،دېڭىزغا،دېڭىزلار…

 

خېمىر_خېمىردا،خېمىرغا،خېمىرلار،خېمىرلىق….

 

زېمىن_زېمىندا،زېمىنغا،زېمىنلار،زېمىنلىق….

 

سېمىز_سېمىزغا،سېمىزدا،سېمىزلار،سېمىزلىق……

 

يېلىم_يېلىمدا،يېلىمغا،يېلىملار،يېلىملىق….

 

ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتىگە زىت ئەھۋاللار كۆرۈلسە،ئادەتلەنگىنىمىز بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز.

(10) تەركىبىدە ”ئا“ ياكى“ئە“ بولغان بىر بوغۇملۇق پېئىللاردىن ياسالغان تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا،ئەسلىي پېئىل ھالىتىنى ئاساس قىلىپ قوشۇلىدۇ.يەنى،تۈپ پېئىل تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن بولسا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا ۋارىيانتى،تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش“ئە“بىلەن تۈزۈلگەن بولسا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.مەسىلەن:

 

ئېقىن(ئاق)_ئېقىندا،ئېقىنغا،ئېقىنلار،ئېقىنلىق…..

 

يېغىن(ياغ)_ يېغىندا،يېغىنغا،يېغىنلار،يېغىنلىق….

 

بېسىم(باس)_ بېسىمدا،بېسىمغا،بېسىملار،بېسىملىق……

 

كېسىم(كەس)_ كېسىمدە،كېسىمگە،كېسىملەر،كېسىملىك…..

 

تېپىن(تەپ)_تېپىندە،تېپىنگە…

 

كېچىك(كەچ)_ كېچىكتە،كېچىككە،كېچىكلەر،كېچىكلىك…

 

كېلىن(كەل)_كېلىندە،كېلىنگە،كېلىنلەر،كېلىنلىك….

مەشق

1.تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدىن قوشۇمچىلىرى توغرا ئۇلانمىغان سۆزلەرنى تېپىڭلار.

(1)تاپشۇرۇقنى ھازىرلا ئىشلەڭلار.

(2)قېنى،چاي ئىچىڭلار.

(3)مۇئەللىمىڭلار قەيەرگە كەتتى؟

(4)دائىم يۇقىرغا ئىنتىلسەڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟

(5)ئېسىڭلاردا بولسۇن،تەقدىرىڭلار مېنىڭ قولۇمدا.

2.تۆۋەندىكىلەر ئىچىدىن ئىملاسى خاتا سۆزلەرنى تېپىپ چىقىڭلار.

(1)سېمىز

ئا:سېمىزدە              ب:سېمىزدا                   س:سېمىزغا

(2)دېڭىز

ئا:دېڭىزلار              ب:دېڭىزغا              س:دېڭىزلەر

(3)شېھىت

ئا:شېھىتلەر                ب:شېھىتلار               س:شېھىتلىك

(4)يېمىش

ئا:يېمىشقا                       ب:يېمىشكە         س:يېمىشلىك

(5)ئىزلە

ئا:ئىزلەڭ                       ب:ئىزلىگەيلە        س:ئىزلىگەيلا

 

     3 ) ”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

”-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق تۈرلىنىشكە كىرىدىغانلىرىنىڭ ئىملاسى تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە يېزىلىدۇ:

(1)“-چە“ بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە كېلىش،كۆپلۈك ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،“-چە“نىڭ ئالدىدىكى بوغۇم ئاساس قىلىنىدۇ.يەنى، ”-چە“نىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش بولسا،قوشۇمچىنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى،تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولسا،تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

تۈرۈكچە_ تۈرۈكچىدە، تۈرۈكچىگە، تۈرۈكچىلەپ، تۈرۈكچەڭ، تۈرۈكچەڭلەر، تۈرۈكچىڭىز،  تۈرۈكچىڭىزلەر

 

تەكچە_تەكچىدە،تەكچىگە،تەكچىلەر،تەكچەڭ،تەكچەڭلەر،تەكچىڭىز،تەكچىڭىزلەر

 

ئۈنچە_ ئۈنچىدە،ئۈنچىگە،ئۈنچىلەر،ئۈنچەڭ،ئۈنچەڭلەر،ئۈنچىڭىز، ئۈنچىڭىزلەر

 

پارچە_ پارچىدا،پارچىغا،پارچىلار،پارچىڭىز،پارچىڭىزلار،پارچىلا….

 

تامچە_ تامچىدا،تامچىغا،تامچىلار،تامچىلاپ….

 

غۇنچە_ غۇنچىدا، غۇنچىغا، غۇنچىلار، غۇنچەڭ، غۇنچەڭلەر، غۇنچىڭىز، غۇنچىڭىزلەر، غۇنچىلا….

 

(2)“-چە“نىڭ ئالدىدىكى بوغۇمدا ئارا سوزۇق تاۋۇش“ئې،ئى“لار بولغان سۆزلەرگە كېلىش،كۆپلۈك ۋە تەۋەلىك ئىككىنچى شەخس كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئەگەر ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ”خ،غ،ق“تاۋۇشلىرى بولسا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتى،“خ،غ،ق“تاۋۇشلىرىدىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار بولسا،قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق شەكلى ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:

 

زىخچە_ زىخچىدا، زىخچىغا، زىخچىلار، زىخچەڭ، زىخچەڭلەر، زىخچىڭىز، زىخچىڭىزلار

 

قىزغىزچە_ قىزغىزچىدا،قىرغىزچىغا،قىرغىزچىلاپ،قىرغىزچەڭ،قىرغىزچەڭلار، قىرغىزچىڭىز، قىزغىزچىڭىزلار

 

تىزىقچە_ تىزىقچىدا، تىزىقچىغا، تىزىقچىلار، تىزىقچەڭ، تىزىقچەڭلار، تىزىقچىڭىز،  تىزىقچىڭىزلار

 

ئىنگىلىزچە_ ئىنگىلىزچىدە، ئىنگىلىزچىگە، ئىنگىلىزچىلەپ، ئىنگىلىزچەڭ، ئىنگىلىزچەڭلار،  ئىنگىلىزچىڭىز، ئىنگىلىزچىڭىزلار

 

نېمىسچە_ نېمىسچىدە، نېمىسچىگە، نېمىسچىلەپ، نېمىسچەڭ، نېمىسچەڭلەر، نېمىسچىڭىز، نېمىسچىڭىزلەر

 

مەشق

1.تۆۋەندىكى ”چە“بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى قوشۇڭ.

(1) باغاقچە     (2) ئۇيغۇرچە  (3)باغچە     (4)سۆيۈنچە  (5)يېزىقچە


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=518

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-09-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تىل-يېزىق
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: