«چالا تەرجىمانلارنىڭ كارامەتلىرى»

      بىر مىللەت تىلىنىڭ تەرەققىياتى شۇ تىلنى قوللانغۇچى خەلقنىڭ ئۆز تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقلار خېلىلا كۆپىيىپ قالدى. ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ۋە تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر تىلىنى توغرا قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. لېكىن، بىر قىسىم مەمۇرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشى بىلەن سىرتلاردىكى ئېلان-ۋېۋىسكىلاردا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىككى خىل تىلنى ئورتاق ئىشلىتىش جەريانىدا بىر قىسىم ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلماسلىق ئەھۋالىرى يۈز بەردى. بۇ ئەھۋاللار بىر تۇرۇپ كۈلكىمىزنى قىستىسا، بىر تۇرۇپ نەپرىتىمىزنى قوزغايدۇ.بۇلارنىڭ بەزىلىرى قارغۇلارچە تەرجىمە قىلىشتىن، بەزىلىرى سۆزلەرنى توغرا يازماستىن كېلىپ چىققان. بىزدە ”چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتىرەر ؟“دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. قارىغاندا، ئارىمىزدا ”ئادەم ئۆلتۈرۈش“ قەستىدە يۈرىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ھېلھەم مەۋجۈت ئوخشايدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەلۇم بىر دىراممىدا، بىر تەرجىمان خەنزۇ ئەمەلدارنىڭ ”شىما شىما“ دېگەن گىپىنى قارشى تەرەپ ”نېمە دەۋاتىدۇ“دېسە، ”تولا غىڭشىما“دەيدۇ، دەپ تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ئىدى. مانا بۇنداق تەرجىمانلار ”ئادەم ئۆلتۈردىغان“تەرجىمانلاردۇر. يېقىندا مىكرو بلوگلاردا تارقىلىپ يۈرگەن مۇشۇنداق تەرجىمىلەرگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم. بۇلارنى يىغىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. ئەلۋەتتە ئارىدىكى بىر ئىككى سۈرەتتىكىسى تەرجىمىدىكى خاتالىق بولماستىن، ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقتۇر. شۇنداق بولسىمۇ، بىخەستەلىك قىلىنغىنى ئۈچۈن باشقا سۈرەتلەر بىلەن بىرلىكتە يوللاپ قويدۇم. مەقسىدىم، مۇمكىن بولسا ئەتىراپىمىزدىكى مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، پاش قىلىپ تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە مەلۇم قىلساق. ئانا تىلنى توغرا ئىشلتىش ۋە قوللىنىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىدۇر. ناۋادا، ئۆزىمىزدە مۇشۇ خىل ئەھۋاللار بولسا تۈزەتسەك ھەم دېققەت قىلساق. ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قويىدىغان ئىشلاردىن ئامال بار ساقلانساق.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى:ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

 

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2389

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-11
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تىل-يېزىق
ئىنكاس: 6دانە
  1. تۇران تېكىن

    ھەممىدىن ئاۋۇ «جاڭشۇ قىلىمىز» دېگەن خەتنىڭ خەنزۇچىسى قىزىق تۇيۇلدى.

  2. ئالدىراش

    ساپلا كالا دېسە پاقالچاق دېگەندەك تەرجىمە قىپتۇ. ئىشەكلەر……

  3. بىزنىڭ تەرجىمانلىرىمىز………….

  4. تورباجىن

    تۆۋە !نىمە دىگەن مەسئۇليەتسىز كىشىلەر .يېزىقىمىزنى مۇشۇنداق خارلىسا بۇلامدۇ؟

  5. تەڭرىقۇت

    دەۋاگەر سۇس بولغاندىكىن قازى مۇتەھەم بولدۇ!

  6. سەرگەردان

    سۇنىڭ چوڭقۇرلىقى 45 سانتېمىتىر ؟

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: