بىر قىز بىلەن مۇشائىرىگە چۈشتۈم(داۋامى)
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(7)
بەرق ئۇرغان گۈللەر ئىچىدە،
ئىزدەپ يۈردۈم مەيىن شامالنى.
كېپىنەكلەر كەتكەن يول تامان ،
تاشلىۋەتتىم قول ياغلىقىمنى.
ساڭگىلىغان قارا بۇلۇتتا،
رومىلىمنىڭ قالدى پارچىسى.
تىزراق كەلگىن ئەركەك شامىلىم،
ھەسەن-ھۈسەن كۆزۈمنى چاقتى.
تۈڭلۈكى يوق ئۆيدە بولساممۇ،
شامال دەيمەن ئويغانماي تۇرۇپ.
ياقىسى يوق چاپان كىيسەڭمۇ،
يامغۇر دېگىن يۈرەككە ئۇيۇپ.
مېنىڭ سەككىزىنچى پارچە مۇشائىرەم
تاشلىۋەتكەن قولياغلىقىڭنى،
ئاستاغىنا ئالدىم قولۇمغا.
جىمجىتقىنە كەتتىڭغۇ يوقاپ،
تەلمۈرۈتۈپ مېنى يولۇڭغا.
پۇراپ كەتتىم قايتا ۋە قايتا،
پارچىسىنى روماللىرىڭنىڭ.
ئوقۇمىدىم بىرەر بابىنى،
قەلبىڭ يازغان رومانلىرىڭنىڭ.
يۈرۈكۈمگە ئۆزۈڭ بىر قوللۇق،
شۇ ئىسمىڭنى ئويغان ئەمەسمۇ؟
تۇڭلىكى يوق ئۆيگە كىرگىنىڭ،
ماڭا سۇنغان ھىجران ئەمەسمۇ؟
مەن ئىزدىدىم سېنى توختىماي،
كېپىنەكلەر كەتكەن يول تامان.
كۆردۈم بۈگۈن يېرىم دىدارنى،
ئاھ،ئامرىقىم تۇردۇڭمۇ ئامان؟
شامال دەپسەن ئويغانماي تۇرۇپ،
چۈشلىرىڭدە مېنى نەچچە رەت.
ياقام ئەمەس يۈرىكىم چۇل-چۇل،
ئەجەپ قىلدىڭ مېنى بىتاقەت.
ھەسەن بىلەن ھۇسەنگە تىكىپ،
ئاغرىتىپسەن ئاھۇ كۆزۈڭنى.
داۋا قىلاي دەردلىرىڭگە مەن،
شاماللارغا تۇتقىن يۈزۈڭنى.
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(8)
تىپىۋاپسەن قول ياغلىقىمنى،
ئىلىپ كەتكىن ھىدىمنى يىراق.
يامغۇر ،شامال ۋىسالسىز تۇرۇپ،
ئايرىلىش يوق ئۇلاردا بىراق.
سەن ئەگىگەن كونا يول بىلەن،
ئۆزۈم يالغۇز ماڭدىم بەك ئۇزاق.
يامغۇر بىلەن شامال ناخشىسى،
يەنە سالدى دىلىمغا پىراق.
بۇلاقلاردا يۇيۇپ يۈزۈمنى،
مەجنونتالغا قالدىم يۆلىنىپ.
يىشىۋەتتىم ئۆرىگەن چېچىمنى،
خىيالمىدا ساڭا ئىلىنىپ.
تالنىڭ چېچى چۈشۈپتۇ كۆلگە،
كۆلنىڭ سۈيى قىلار ھاياجان.
يامغۇر بۇلۇپ چۈشتۈم يولۇڭغا،
شامال بولۇپ كىلەرسەن قاچان؟
مېنىڭ توققۇزىنچى پارچە مۇشائىرەم
بۇ دۇنيادا ياشاش قىيىنكەن،
مەشۇق تۇرۇپ يەتمەي ۋىسالغا.
سەن بىلمىسەڭ دەردىمنى مېنىڭ،
ئىچ ئاغرىتار كىملەر شامالغا.
يېشىۋەتكەن سۇمبۇل چېچىڭنى،
قايرىۋالسام قوللىرىم بىلەن.
كۆرۈپ ئاشۇ ئايدەك يۈزۈڭنى،
ئۇچۇپ كەتسەم يوللىرىم بىلەن.
مانا شۇنىڭ ئۆزى زور بەخت،
بىر بېقىشىڭ مىڭ دىدارغا تەڭ.
يۈرۈكۈمگە تامچىغىن بىر رەت،
بىر كۈلۈشۈڭ مىڭ باھارغا تەڭ.
مەن ئەگىگەن يولدا ماڭغاندا،
قۇچىقىڭنى كەڭ ئېچىپ يۈرگىن.
يۈرۈكۈمنى ئىلىپ خىيالغا،
كېچىلەردە قانغۇچە سۈرگىن.
ئۆزۈم سالغان ئاشۇ دەدلەرنى،
قاچىلاپمەن لىپ-لىق تۇلۇمغا.
ئېلىپ كېتەي يېنىڭدىن پاكىز،
سەن چۈشكىچە مېنىڭ يولۇمغا.
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(9)
ئاسمان بەكلا ئېغىر سۈكۈتتە،
بۇلۇتلارغا قالدىم باغلىنىپ.
قىياس قىلدىم يۆنىلىشىمنى،
ئەتراپىڭدا غەمكىن ئايلىنىپ.
چۈشۈپ باقاي دېدىم ئىچىدە،
مەغرىپ تامان شامال ئۆيىگە.
تۇتۇپ باقتىم قۇلاقلىرىمنى،
مەيىن ئۆتتىڭ چۇقۇم شەرىقتە.
يامغۇرىڭمەن سېنىڭكى جېنىم ،
سىم-سىم ،كۈتتۈم سېنى سۈزىلىپ.
تىك-تىك ،چەكمەي كەلگىن شامىلىم .
ئۇدۇل كەلگىن ، باغرىمنى يېرىپ.
مېنىڭ ئونىنچى پارچە مۇشائىرەم
كەلسەڭ جېنىم تېزراق كەلگىن،
ئېچىۋەتتىم باغرىمنى چەكسىز.
قوشۇلىمەن تىنىقلىرىڭغا،
ئىشىگىمدىن كىرگەندە شەكسىز.
مېنى كۈتۈپ يېرىلغان باغرىڭ،
شۇ چاغدىلا تاپقۇسى داۋا.
بىز ھىجراندا قىينالدۇق ئۇزاق،
بۇنى بىلىپ تۇردى ھەم خۇدا.
شامىلىڭمەن مەڭگۈ سېنىڭكى،
يۈرۈيدىغان ئۈمىدلىك ئەگىپ.
قۇچۇپ ئۆتسەم ئارمانلىرىڭنى،
قالار بەلكىم يۈرىكىڭ سەگىپ.
بارسام ئەگەر يېنىڭغا جېنىم،
چاچلىرىڭنى سىلايمەن مەيىن.
بۇلۇتلارغا باغلانغان جىسمىڭ،
لەۋلىرىمدە تاپىدۇ ئەمىن.
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(10)
ئۆگزە ئەمەس ،مەن تۇرغان ئاسمان،
سېغىنىشنى تۈنەتتىم كېچە.
يېشىل ياپراققا ئاستىم سەھەرنى،
ئۇششاق،ئۇششاق پارقىراق ئۈنچە.
قۇرقىتمىغىن دەرەخنى چايقاپ،
تىۋىشسىزلا يىنىدا ئۈنۈپ.
مەغرورلاندىم چاقماق ئالدىدا،
كەتكەچ بۇلۇت ئاستا سۈرۈلۈپ.
شامال ،يامغۇر ئۇچرىشار يولغا،
كىم سىزغاندۇ پارالىل سىزىق.
ۋىسالى يوق ،ئەمما ئايرىلماس،
يامغۇر ،شامال ھەممىدىن قىزىق.
مېنىڭ ئون بىرىنچى پارچە مۇشائىرەم
بىردىن-بىردىن تېرىمەن جېنىم،
يېشىل ياپراققا ئاسقان ئۈنچەڭنى.
ئاپئاق نۇرغا پۇركەيمەن چوقۇم،
سېغىنىش تۈنەتكەن ئاشۇ كېچەڭنى.
دەرەخلەرنى چايقاپ قويغۇنۇم،
ساڭا مەندىن بارغان بىشارەت.
سېنى بىر كۈن قوغلاپ يېتىشكە،
باردۇر مەندە غەيرەت-جاسارەت.
ئوخشاتمىغىن ئۇچىرىشار جاينى،
پارالىل قىپ سىزغان سىزىققا.
پارالىللار مەڭگۈ بوي سۇنار،
”ھىجران“ دېگەن مۇدھىش يارلىققا.
ئوخشىتىمەن ئۇچۇرىشار جاينى،
بىر-بىرىنى كەسكەن قوشۇشقا.
چۈنكى،بىر كۈن كېلەر يامغۇرمۇ،
شامال ئۈنگەن ئاشۇ دوقمۇشقا.
2011-يىلى10-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(11)
شامال ئۈنگەن ھېلىقى دوقمۇش،
بۇلۇتلارنى كەتتى ئۇچۇرۇپ.
سايە قىلىپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم،
كۈن سانىدىم قولۇمنى پۈكۈپ.
يۈگرەپ چىقتىم يوللارغا ھەر چاغ،
ئېرىمەكتە سىمىنوت يوللار.
يامغۇر،يامغۇر دېگەن ئاۋازدىن،
چوغ سورايدۇ سۈيۈملۈك قوللار.
دۇنيا بىزنى ئۇنۇتسۇن بىردەم،
بىز ئۇچرىشار بولغان قوشۇشتا.
گۇگۇم بىلەن كەلگىن ئەي شامال،
چۈش كۆرەيلى بىللە ئۇپۇقتا.
مېنىڭ ئون ئىككىنچى مۇشائىرەم
چوغ سورىغان ئاشۇ قولۇڭغا،
يۈرۈكۈمنى تۇتتۇم قوش قوللاپ.
تامچەڭ بىلەن سەگىتكىن ئۇنى،
قايناپ كەتتى دەرتتە پۇرۇقلاپ.
كۈن ساناپسەن قولۇڭنى پۈكۈپ،
مەن سانايمەن دەقىقە ئەمما.
ئېرىگەندە سەن ماڭغان يوللار،
مەنمۇ بىھۇش بولىمەن تەڭلا.
يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ كۈن-تۈن،
ئىشىپ كەتتى كۆزلىرىم ھۇرەك.
سەن قۇيۇلغان دەريا-ئېقىندىن،
ئوت سورايدۇ چاڭقىغان يۈرەك.
شامال ئۈنگەن دوقمۇشقا كەلگىن،
كۆيدۈرۈپ كۈل قىلساڭمۇ مەيلى.
ھىجىران بىلەن چىقىشالمىدىم،
سەن بېغىمغا ئۈنگەچكە لەيلى.
دۇنيا بىزنى ئۇنتۇپ قالغىچە،
بىز دۇنيانى ئۇنتۇپ تۇرايلى.
بىر-بىرىنى كەسكەن قوشۇشتا،
سۆيگۈمىزگە قەسىر قۇرايلى.
2011-يىلى10-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(12)
ئاشىق شامال كەتكەن يول بىلەن،
مىڭىپ باقتىم چۈشۈمدەك يىنىك.
قىزىل گۈلنىڭ مۇڭلانغان ھىدى،
يۈرىكىمدىن ئاچماقتا ئىشىك.
قوشۇش بىلەن رەڭلەنگەن يوللار،
توسىۋالدى ئالدىمنى ئۇدۇل.
ئېيتتى دەرەخ كۆزۈمگە قاراپ ،
يالغۇز كەپسەن قىلمايمىز قوبۇل.
پىنھان چۈشتەك ئەتراپتا مانان،
سىم-سىم يامغۇر كەتتى سۈزۈلۈپ.
غەمكىن بولۇپ قارىدىم يەرگە ،
ئىچ –ئىچىمدىن تەنھا ئۆرتىنىپ.
مېنىڭ ئون ئۈچىنچى مۇشائىرەم
مەن ئۆتكۈزدۈم تۈنلەرنى بىدار،
ھەسرىتىمگە ھىدڭنى تېڭىپ.
يۈرىكىڭدىن ئاچقان ئىشىكتىن،
بېشىم بىلەن كىرسەمكەن مېڭىپ.
سىم-سىمىڭنىڭ خۇشپۇراق ھىدى،
چۈشلىرىمدە قىلماقتا پەرۋاز.
قان رەڭگىدە تۆكتۈم دەردىمنى،
يۈرۈكۈمنى قىلمىدىم پەرداز.
توسۇۋالغان ئالدىڭنى ئۇدۇل،
شۇ يوللارغا ئۇرۇلدۇم قاتتىق.
باش-كۆزلىرىم يېرىلسىمۇ گەر،
بۇ ئازاپلار بىلىندى تاتلىق.
مەيۈسكىنە تىكىلگەن يەرنىڭ،
توپىسىنى سۈرتتۈم كۆزۈمگە.
ئىچ-ئىچىڭدىن ئۆرتەنگىنىڭدە،
نەپرەتلىنىپ كەتتىم ئۆزۈمگە.
يالغۇز كەلگەن دەرەخ تۈۋىنى،
قۇيۇن كەبى پىقىردىم ئۇزاق.
چىدالماستىن پىغانلىرىمغا،
جىمجىتقىنە سويۇلدى قوۋزاق.
سۈمۈرگەنتىم نەمخۇش ھاۋانى،
كىرىپ كەلدى چۈشۈمگە مانان.
ئولتۇرۇپ ئاق بۇلۇتلىرىڭغا،
كۆز ئالدىمغا ئۈنگىنە جانان.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئايزىتنىڭ جاۋاپ مۇشائىرسى(13)
تۇرۇپ قالدىم ئەينەككە قاراپ،
تۇتۇق ھىسيات بۈدرە چىچىمدا.
قارچۇغۇمدا يەنىلا ئۆزۈم،
سۆرەت تارتتى كۆزۈم ئارقىدا.
كۈتۈپ شامال يولدا ئولتۇرۇپ،
چۆكۈپ باقتىم تەنھالىقىمغا.
ئاسمان جىمجىت تۇرار يېيىلىپ،
سىم-سىم،شىۋىر-شىۋىر قىيناقتا.
پارچە –پارچە خىياللار بىلەن،
قىياس قىلدىم شامالنى ئۇزاق.
يامغۇرنى تىللاپ بىر كۈنلۈكسىز،
قاچىدۇ ئۆزىدىن بەك يىراق.
يامغۇر ،شامال ھېكايىسىدە،
چۈشتەك پىنھان ھەممە رېئاللىق.
شېئىر يازدىم يەنە بىر شېئىر،
بولغاچ تۇيغۇ ھەممىدىن تاتلىق.
مېنىڭ ئون تۆتىنچى مۇشائىرەم
ئوغۇرلۇقچە قاچتىم ئۆزۈمدىن،
تۇيغۇمغا لىق يامغۇر قاچىلاپ.
سەن ئەينەكگە باققاندا غەمكىن،
يېتىپ كەلدىم ئۆستەڭ ياقىلاپ.
خىيالىڭنى ئۇششاق پارچىلاپ،
كېتىپ قاپسەن قىياس ئىچىدە.
تۇيغۇلىرىڭ بىلىنگەچ تاتلىق،
چۈش كۆرۈپسەن گۈزەل كېچىدە.
مەن ئىلىنىپ بۈدۈر چېچىڭغا،
تاڭ ئاتقىچە چىقتىم سۆرۈلۈپ.
بىر دەقىقە كۆزۈم يۇمماستىن،
ئۇيان-بۇيان چىقتىم ئۆرۈلۈپ.
مەن يامغۇرنى تىللىغىنىم يوق،
لىكىن ئۇنى تىلىگىنىم بار.
يىتەلمەستىن شىرىن ۋىسالغا،
بۇ يۈرەكنى قىينىغىنىم بار.
مەكتۈپ يازدىم ئۈمىد ئىچىدە،
قەلىمىمنى قېنىمغا چىلاپ.
توختىماستىن يىغلىدى سىياھ،
تاڭ سۈزۈلدى خورازمۇ چىللاپ.
ئاسمان جىمجىت تۇرماقتا ئەنە،
بېرەلمىگەچ سەندىن بىشارەت.
كۆڭلىدىكى يارىنى تىلەپ،
شامال قىلار يىغلاپ ئىبادەت.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى
كىيىنكى يازما: لوپنۇر «ساياھەت خاتىرە بويۇملىرى مۇسابىقىسى»(سۈرەتلىك)
2011/10/20 13:57:47
كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز بولسا تارتىنماي دەۋىرىڭ،يازما سىزنىڭ باھا يوللىشىڭىزنى كۈتۈپلا قالدى…