ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئېچىنىشلىق بىر كارتىنا

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئېچىنىشلىق بىر كارتىنا

 

1943-يىلىدىن باشلاپ ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئۈچۈنچى باسقۇچلۇق دەۋرى باشلاندى.شىڭ شىسەينىڭ خائىنلىق ئەپتى-بەشىرسى ئاشكارلىنىپ لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلاپچىلار ئارقا-ئارقىدىن قاماققا ئىلىندى.پۈتۈن مائارىپ ساھەسى باشقا ساھەگە ئوخشاش گومىنداڭ دائىرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى.

مۇشۇ مەزگىلدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،قوشۇمچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرلىغىنى گو چىڭخۇا تاپشۇرۋالدى.شۇنىڭ بىلەن بىللە دەل مۇشۇ مەزگىلدە بۇ مەكتەپكە ئاتاغلىق مۇئارىپچى ئابدۇللا روزى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار توپلانغان ئىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي گومىنداڭ دائىرلىرى ئىلغار كىتاپلارنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى.ئىلغار دەرسلىكلەر ئوقۇتۇش پروگراممىسىدىن چىقىرىپ تاشلاندى.ئۇنىڭ ئورنىغا“سەنمىنجۇيى“،“قانۇن ساۋادى“،“مۇختارىيات“،“بوتانىكا قاتارلىق ئاتالمىش“يېڭى دەرسلەر“كىرگۈزۈلدى.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتى تۆۋەنلەپ كەتتى.بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرى جىددىي خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئوقۇتقۇچىلار خار ۋە چۈشكۈن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.مانا بۇ مائارىپنىڭ“زاۋانلىق دەۋرى“ئىدى.

مۇشۇ زاۋانلىق يىللىرىنىڭ ھارپىسىدا ل.مۇتەللىپ سۈرگۈن بولۇپ ئاقسۇغا يىتىپ كەلدى.ئۇ ئابدۇللا روزى بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ قەلەم كۈچىنى ئىشقا سېلىپ مائارىپنى قوغداش،قۇتۇلدۇرۇش يولىدا جەڭگە ئاتلاندى.لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ“جەنۇپ شامىلى“دا ياش ئۆسمۈرلەرنى مەرىپەتكە دالالەت قىلىپ تۆۋەندىكى مەرىپەت لېرىكىسىنى ئېلان قىلدى:

 

تۇغدى ئاناڭ سېنى چوڭ قىلدى،

تەربىيلىدى ئوڭ قىلدى؛

لىكىن سەن يەنە تىرىش،

-ئوبدان ئادەم بول،

ئۇنىڭ ئۈچۈن

ئىككىنچى مەرىپەت ئانىسىدىن تۇغۇل!….

لۇتۇپۇللا مۇتەللىپنىڭ بۇ شېئىرىدا پۈتۈن بىر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ مەزمۇنى يۇغۇرۇلغان ئىدى.

گومىنداڭ دائىرلىرى كۈندىن-كۈنگە چېرىكلىشىپ ۋە پارخورلىشىپ مائارىپ بىلەن چاتىغى بولمىغانلىقى ئۈچۈن،مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىمۇ بولمايتتى.ئەقەللىسى تىل دەرسلىگىمۇ يوق ئىدى.ل.مۇتەللىپ بىلەن ئابدۇللا روزى بىرلىكتە1944-يىلى چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىيات دەرسلىكى تۈزۈپ چىقىپ.دارىلمۇئەللىمىندە لىكسىيە ئوقىدى.ئۇلار بارلىق ئىجدىھاتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرەتتى.

بىر كۈنى يېڭى بىنا مەيدانىدا بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرەپكە كېلىۋاتقان لۇتۇپۇللا مۇتەللىپنى قىزغىن ئورىۋىلىشتى-دە،بىر ئوقۇغۇچى شائىرغا:

-لۇتۇپۇللا ئاكا،بىزگە رەسساملىق ماھارىتىڭىزنى كۆرسىتىپ،بىر بارچە رەسىم سىزىپ بەرسىڭىز،مالال كۆرمىسىڭىز؟دەپ يېقىملىق تەلەپپۇزدا مۇراجەت قىلدى.

-بولىدۇ،ئۇكىلار-دىدى شائىر جاۋابەن-يۈرۈڭلار،سىنىپقا كىرەيلى.

لۇتۇپۇللا بىلەن بالىلار“ئا“سىنىپ ئىچىگە كىرگەن ھامان شائىر دەرھال يانچۇقىدىن ئايرىمايدىغان رەڭلىك قېرىندىشى بىلەن بىر قەغەزگە مۇنداق بىر تەسۋىرى سۈرەتنى سىزىپ چىقتى:

ئوڭ تەرەپتە بىر پەرى سۈپەت قىز،بىر بۇرجەكتە كۈتۈپخانا،قىزنىڭ ئۇدۇلىدا قىزىرىپ پىشقان ئالما،ھېلىقى قىز ئوڭ قولىدا كۈتۈپخانىنى،سول قولىدا ئالمىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.شائىر سۈرەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىدى:

-مانا بۇ قىزنىڭ ئىسمى-ئىلىم،سەنئەت پەرى-“مۇزىيۇس“،ئۇ:-ئوقىغان ئادەم مىۋىسىنى كۆرىدۇ“دەۋاتىدۇ…

شائىرنىڭ بۇ تەشۋىقاتى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە تاشتىن مۆھۈر باسقاندەك مەھكەم ئورناپ كەتكەن ئىدى.

ئىلغار زىيالىلار بىلەن گومىنداڭ دائىرلىرى ئوتتۇرسىدا خەلىقنى ئاقارتىش بىلەن جاھالەتتە تۇتۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە جىددى كۆرەش ئېلىپ بېرىلدى.گومىنداڭ دائىرلىرى تېخىمۇ بېشەملىك قىلىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى خەنزۇچىغا ئۆزگەرتىپ،ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسىم-فامىلىسىنى ئاتاشقا يول قويمايدىغان قاباھەتلىك سىياسەتنى يۈرگۈزدى.بۇنىڭغا قارىشى تۇرغان زىيالىلار،ئوقۇتقۇچىلار قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىناتتى.

مۇشۇ خىلدىكى زىيالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار پات-پاتلا ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە يىغىلىپ ئابدۇللا روزى ۋە لۇتۇپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىنقىلاۋى ھەركەت ئېلىپ بېرىشقا يۈزلەندى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئاقسۇ بويىچە ئىنقىلاۋى ياشلار ھەركىتىنىڭ مۇھىم ئوچىقى بولۇپ تونۇلغان.

 

ماقالىنىڭ ئاپتۇرى:ئابدۇللا تالىپ

 

ماقالىنىڭ مەنبەسى:ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ 50 يىللىقى(1934-1984)خاتىرلەش ئۈچۈن نەشىر قىلىنغان توپلامدىن ئېلىندى.

 

ماقالىنىڭ ئەسلى تېمىسى:ئاقسۇ مائارىپىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكى

 

 قىسقارتىپ يوللىغۇچى:لوپنۇرى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=93

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-19
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 2دانە
  1. تەڭ بولسۇن،كەلگەن قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: